قاراڭغۇ ئورمان33- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

33 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (Metro)

 

 مېنى چاقىرغان ئاۋاز پەرىدەنىڭ ئاۋازى ئىدى .

 - مەن با ، مانا مەن ! - خوشلۇغۇمدىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ۋاقىردىم .

 - ئۇ باركەن ، خۇداغا شۈكرى ! - پەرىدەنىڭ خوشال بولۇپ شۇنداق دىگەن ئاۋازىدىن كىيىن قاھارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

 - ساقمۇ سەن ؟ ئادەمنى ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭ ! ھېچ خەۋىرىڭنى ئالالماي مەخلۇقلار تىنجىغاندا ئالدىراپ كەلدۇق.

ئۇلار بىر ئاغامچىنى چۈشەردى، مەن پۇتۇم ئاستىدىكى ئىسكىلىتلارغا قارىدىم،  توغرا ئۇلار بىگۇناھ ، ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ، يۇرتى تۇرۇپ پاتمىغان، جاڭگاللارغا قېچىپ چىقىپمۇ ئىزىلىپ، بوزەك بولۇپ جېنىدىن ئايرىلغان بىر توپ بىچارە قېرىنداشلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى تۇراتتى. خىيالىمغا بايىلا كۆرگەن چۈشۈم كەلدى، شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ قان يىغلاپ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى سۆزلەۋاتقان، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ يېلىنىۋاتقان سىماسى،  كۆرۈنىشى كۆرۈنگەندەك بولدى. مەن ئاغامچىنى بىلىمگە چەگدىم،  ئۈستىدىكىلەر تاتتى.

 شۇنداق قىلىپ ئاجايىپ قىسمەتلەرنىڭ شاھىتى بولغان بۇ قۇدۇقتىن چىقتىم، ئەتىراپ قاپقاراڭغۇ بولۇپ، مېنى قۇتقۇزۇشقا نىجات ، قاھار ، پەرىدە يەنە قارا كىيىملىك چەۋەندازدىن بىرى كەلگەن ئىدى. پەرىدە ئىتىك كىلىپ ئۈستى بېشىمغا تەپسىلى دىگۈدەك قاراپ چىقىپ :

 - خۇداغا مىڭ شۈكرى ھېچنىمە بولماپسىز ، ئەنسىرەپ قىلمىغان خىياللىرىم قالمىدى ، - دىدى ئاستا .

 - بولدى ، بولدى ئۇنىدىن تۇرالغۇمىزغا قايتىقاندا ئالدىرماي ئەھۋال سورىۋالارسىز ، بۇ يەردە تۇرۇشقا بولمايدۇ بەك خەتەرلىك ، ھازىرلا مەخلوقلار سىزىپ قېلىپ كىلىپ قېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا تىزاراق قايتايلى !- دىدى قاھار چاقچاق ئاھاڭىدا بىزگە قاراپ بېقىپ .

 دىمىسىمۇ ئەتراپتىن بىر خىل مۇدىھىش سۈر كىلەتتى ، خۇددى ھەرخىل مەخلوقلار ئەتىراپىمىزدا بىزگە خىرىس قىلىپ قاراپ تۇرغاندەك ، ئېتىلىپ كىلىپلا ئېغىز سالىدىغاندەك تۇيغۇ ھەممىمىزنى چىرماپ تۇراتتى .

 - باشقىلار قېنى ؟- دىدىم مەن بىلىمدىكى ئاغامچىنى يەشكەچ .

 - ئۇلار ئۇچار جىسىمدا ، بىزنىڭ ھەركىتىمىزگە كۆز - قۇلاق بولۇپ بېرىۋاتىدۇ ،- دىدى نىجات ، - شۇ ھامۇتئاخۇنلا يوق ، تاپالمىدۇق .

مەن ئەنسىرەپ سورۇدۇم .

- ئۇ نەگە كەتكەندۇ ، ھېچيەردە يوقما ؟مەخلوقلارغا يەم بولۇپ كەتتىمۇ - يە؟

 ھەممىسى بىلمەيدىغانلىغىنى، ئىكىراندىمۇ ئىزدەپ تاپالمىغانلىغىنى ئېيتىشتى.  ھەيران قالدىم، « ھەرقانداق بىر جانلىقنى ئۇ تاشقى پىلانىتلىقلارنىڭ ئۇچار جىسمىدا تاپقىلى بولاتتىغۇ ؟ ئەجىبا ئۇنى مەخلوقلار چىشلەپ پارچىلاپ يەپ بولغان بولسا يە…» بۇ خىياللارنى قىلىشتىنمۇ قورۇقتۇم، مەيلى ئۇ قانداقلا نىيەتتىكى ئادەم بولسۇن بىزنىڭ ھەمراھىمىز ، قېرىندىشىمىز ئەمەسمۇ ؟

- قايتامدۇق ؟

قاھار شۇنداق دەپلا ئاستا ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىكى يولغا مېڭىۋىدى، مەن ئۇنى چاقىرىپ توختىتىۋالدىم .

 - ئالدىرما ! قايتىشقا ئالدىرمايلى ، بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلمىگىمىز ئاسان ئەمەس .

 ھەممىسى مېنىڭ تۇيۇقسىز قايىتماسلىق نىيىتىگە كىلىپ قالغىنىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدى ھەم ھەيران بولغىنىچە يېنىمغا كىلىپ توپلاشتى .

 - نىمە داۋاتىسەن، ئەجىبا بۇ قاراڭغۇ كىچىدە، مەخلوقلارنىڭ ئېغىزى ئاستىدا ئۆمۈلەپ يۈرۈپ ئۇ ئادەمنى ئىزدەيلى دىمەيۋاتقانسەن ؟

 مەن « ھەئە» دىگەن مەنىدە بېشىمنى لېڭشىتتىم . كۈتۈلمىگەندە ئوتتۇرغا چىققان بۇ تەكلىپىم كىتىشكە، بۇ يەردىكى ئەزىرائىللاردىن يىراقلىشىشقا ئالدىراۋاتقان بۇ ھەمراھلىرىمنى جىددىيلەشتۈردىمۇ قانداق بىردەكلا بۇنىڭغا قارىشى چىقتى.

 - ساراڭمۇ سەن، بۇ دىگەن قانداق جاي، بىر دەۋزەخ ، ئەجىبا ساڭا جان لازىم بولمىغىنى بىلەن بىزگە لازىم.

 نىجاتمۇ مېنىڭ بۇ نىيىتىمدىن يېنىشىمغا دەۋەت قىلدى .

- بۇنداق قىلىشىمىز بەك خەتەرلىك ، ئەمىسە دەڭە قەيەردىن ئىزدەيمىز ، يا ئۇنىڭ قەيەردىلىگىنىنى بىلمىسەك ، بۇنداق ھالەتتە مەخلوقلارغا ئۇچۇراپ قالساق ئۇچۇپمۇ قاچالمايمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقىمىزمۇ ئاز قالدى، ھېلىمۇ سىلەرنى مەخلوقلارنىڭ قورۇشاۋىدىن چىقىرىمىز دەپ تاس قالدۇق ھەممىمىز تۈگەشكىلى! 

 پەرىدەمۇ گەپ قىلماقچى بولدىيۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ بېقىپ نىمە دىيىشنى بىلمىدى. مەن قارا كىيىملىككە قارىدىم، ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن بىلىكىدىكى ئىكراننى ئېچىپ ماڭا كۆرسەتتى، ئىكراندا بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەن، ئۇخلاۋاتقان ۋەھشى، غالجىر مەخلوقلاردىن ئون نەچچىسى تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشەندىم.

 - ئەمىسە مۇنداق قىلايلى ! - دىدىم مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلىپ ،- بىز ھامۇتئاخۇن ئاكىنى ئىزدىگەچ تەتقىقات مەركىزىگە كىرەيلى،  ئويلاپ بېقىڭلار ئۇ جاي بىلەن ئارلىغىمىز يۈز ئەللىك مىتىرمۇ چىقمايدۇ، ھازىر شۇنداق جىمجىت ياخشى پەيىتكەن. ئەگەردە كەتسەك بۇنداق پۇرسەت بارمۇ يوق بىلمەيمىز، ھەقاچان ئۇچار جىسىمنىڭ ئىنىرگىيەسىمۇ ئاز قالدى بولغاي، كەينىگە سۈرىۋەرسەك ئىنىرگىيە تۈگىسە مەخلوقلاردىن بىزنى قوغداپ تۇرىۋاتقان مۇداپىئە چەمبىرىكىمۇ يوقايدۇ ئۇ چاغدا مەخلوقلار توسالغۇسىز بېسىپ كىرسە ھەممىمىز ئەڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈم بىلەن ئۇچۇرشىمىز .

 ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قالدى، راسىت دىمىسىمۇ ۋاقىت ، بىزنى ئەزىرائىل ئالدىغا قىستاۋاتاتتى .

 - ماقۇل ، شۇنداق تەۋەككۈل قىلمايمۇ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ ،- دىدى قاھار پەس ئاۋازدا ، - ئەمىسە سېنىڭ ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ، جەڭگە دۈچ كىلىپ قالساق …

 - خاتىرجەم بول ، مەن ھېچنەرسە بولمىدىم ، چاتاق يوق ، - مەن شۇنداق دىگەن بولساممۇ پۇتۇم ھاشارەتلەر زەربىسىدىن يارلانغاچقا ئىشىپ ئايىغىم ئىچىدە ئۇيۇشۇپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

 - ئەمىسە بۇ يەردە تۇرماي ماڭايلى ،- دىدى نىجاتمۇ دەككە - دۈككە بولغاندەك ئالدىراپ ،- مەخلوقلار سىزىپ قالمىسۇن.

 ئۇلار يەنە مېڭىشقا تەمشىلۋىدى مەن :

- توختاڭلار ، مېنىڭ قورالىم يۈتۈپ كەتتى، ئاۋال شۇنى تاپايلى ،- دىدىم ئۇلارنى يەنە توختۇتۇپ .

- تېپىپ قويدۇق مانا ! - نىجات ئانچە يىراق بولمىغان جايدىن قورالىمنى ئالدى ھەم ماڭا سۇندى ،- بىز كىلىپلا ئاۋال قورالىڭىزنى تاپقانتۇق ، سىزگە ئوقتىن بىرەي.

 مەن قورالىمنى تەكشۈرەپ نىجات بەرگەن ئوقلارنى يانچۇغۇقغا سالدىم، لېكىن كۆڭلۈمدە بىر خىل ئەنسىزلىك مېنى بىئارام قىلىپ تۇراتتى، ئۇ بولسىمۇ پەرىدە ئىدى. ئۇنى بۇ خەتەرلىك جايدا ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈش ئۇنى خەۋىپكە باشلىغاندەكلا بىر ئىش ئىدى .

 - پەرىدە ! - دىدىم مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئاستا تارتىپ ،- سىزنى بىخەتەر رايونغا ئۆتكۈزۈپ قويايلى ، بىز بىلەن ماڭسىڭىز بەك خەتەرلىك !

ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپلا قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى :

 - ياق ، بۇرۇنمۇ سىز مېنى ئۆزىڭىز بىلەن مېڭىشىمغا يول قويمايتتىڭىز ، بۈگۈن ماڭغىنىم ماڭغان، مەن ھەرگىز قايتىمايمەن، سىز نەگە بارسىڭىز مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن ، سىزدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايمەن.

 ئۇ شۇنداق دەپلا مېڭىشقا تەمشەلدى، مەن ئۇنى تارتىپ توختىتىۋالدىم .

- بىلىسىز ئەتراپ خەتەرلىك ، مەن سىزنىڭ بىرەر خەتەرگە ئۇچۇراپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن شۇڭا گەپ ئاڭلاپ … ، -مەن ئۇنى مەجبورى بولسىمۇ قايتۇرۋېتىشىنى ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇ گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقمايلا قولۇمدىن شارتتىدە چىقىپ مەندىن تۆت - بەش قەدەم نېرىغا قېچىپ بېرىپ بىر نەرسىگە سوقۇلۇپلا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدى. بىزگە دىققەت قىلىۋاتقان باشقىلار قولىدىكى قول چىراقنى ئۇ تەرەپكە قاراتتى. ئۇ چىرايى تاتارغان، قورۇققىنىدىن غالىلداپ تىتىرەپ تۇرغان ھالدا كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ بىزگە قاراپ تۇراتتى، يېنىدا بولسا شۇنداق يۇغان بىر مەخلوق ياتاتتى. ھەممىمىز بۇ مەخلوقنىڭ بۇ يەردە ياتقىنىنى بىلمىگەچكە تەمتىرەپلا قالدۇق، بولۇپمۇ ھەممىدىن بەك مەن قورقۇپ كىتىۋاتاتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا پەرىدە مىدىراشقىمۇ پېتىنالماي ياكى يېنىمىزغا كىلەلمەي قېتىپ قالغانتى. بىز قوراللىرىمىزنى ئاۋايلاپ ھەركەت قىلغاچ ئۇنىڭغا توغۇرلىدۇق ئەمدىكى گەپ ئۇنىڭ يېنىدىن پەرىدىنى قايتۇرۇپ كىلىش ئىدى . مەن ئۇنىڭغا قايتىپ كىلىش ئىشارىتى قىلدىم، ئۇ بېشىنى چايقاپ پۇتىنى كۆرسەتتى ، بىز ئاستا ئۇنىڭ پۇتى تەرپىگە چىراق يورۇغىنى توغۇرلاپ ئاندىن سەۋەبىنى چۈشەندۇق، چۈنكى ئۇنىڭ پۇتى مەخلوقنىڭ قولى ئىچىدە تۇراتتى . « ئەجىبا بۇ مەخلوق ئۇنىڭ پۇتىدىن تۇتىۋالغانمىدۇ ، بىز شۇنداق ھەركەت قىلساقمۇ نىمىشقا ئىنكاس بىلدۈرمەي ياتىدۇ ، ئەجىبا بۇ مەخلوق شۇنداق قاتتىق ئۇخلاپ قالغانمىدۇ؟ » مەن شۇ ئويلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىدىم ، باشقىلار جىددى ھالەتتە تۇرۇشتى ، پەرىدە مېنىڭ كەلمەسلىگىمنى ئۈتۈنۈپ ئىشارەت قىلاتتى.

 « بېرىشىم كىرەك ، ئۇيغانماي قالسا ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ كىلەي ، ئۇيغۇنۇپ قالسا باشقا كەلگەننى كۆرەي » مەن بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. مەخلوق يەنىلا جىمجىت ياتاتتى، مەن ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭ قۇرساق قىسمىغا قارىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ نەپەسلىنىۋاتقىنىدىن گۇمان قىلغان ئىدىم ، ئۇنىڭ قۇرسىقىمۇ ھەركەت قىلمايۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا يېقىنلاپ ئۆلگەن مەخلوق ئىكەنلىگىنى دەلىللىگەندىن كىيىن ھەمىراھلىرىمغا بوش ئاۋازدا :

- ئۆلگەنكەن ، ئۈلۈككەن ! - دەپ ئۇچۇر بەردىم، ئۇلار ئۇچۇرۇمنى ئاڭلاپ يۈرىگى توختىغان بولسا كىرەك « ئۇف » دىگىنىچە ئۆزلىرىنى ئوڭشاشتى. مەن ئۇنىڭ سۇنايلىنىپ تۇرغان قولىغا بىلمەي كىرگۈزۋالغان پەرىدەنىڭ پۇتىنى تارتىپ چىقاردىم . بۇ چاغدا ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى ، باياتتىن بىز ئۈلۈك دىگەن مەخلوقنىڭ بىر قولى ھەركەتكە كىلىپ كۆتۈرۈلدى - دە تېنى مىدىراپ كەتتى، پەرىدە بۇ تاساددىپىيلىقتىن قورقۇپ كىتىپ ۋاقىرۋەتتى ، مېنىڭمۇ تاپىنىمدىن كىرگەن بىر خىل جىددى سىزىم كاللامغا چىقتى، مەن ئۆزەمنى ئوڭشاپ ئوقتەك ئېتىنلىغىنمچە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپلا مەخلوقنىڭ ئالدىدىن داجىتتىم ، چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئېغىزىدا تۇرۋاتقان لوق گۆش ئىدۇق .

 - قورۇقماڭلار مەن ، مەن … مەن ھامۇتئاخۇن … ئەمدى ئوق ئۈزەي دىگەندە ھامۇتئاخۇننىڭ ئاۋازى بىزنى توختاشقا ئۈندىدى، بىز ھەيرانلىقتا مەخلوققا چىراق نۇرلىرىنى توغۇرلىدۇق، ئۇ مەخلوقنىڭ جەسىتى ئىچىدىن ئالتۇنلىرىنى شاراقلاتقىنىچە ھامۇتئاخۇن ئۆمۈلەپ چىقىپ كىلۋاتاتتى .

 - سىلى بۇ … بۇ قانداق گەپ ؟ - دىيەلىدىم ئارانلا ، ئۇ ھېجايغىنىچە ھاسىراپ - ھۈمىدەپ يېنىمىزغا كەلدى .

- مەن شۇ ئۆلگەن ھايۋاننىڭ قولتۇقىغا كىرۋېلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۋالغان،  باياتتىن ئۇخلاپ قاپتىمەن ، ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ ئۇيغۇنۇپ تۇرسام راسلا سىلەركەنسىلەر ! - ئۇ ھېجىيىپ تۇراتتى ، قوينىدىكى ئالتۇنلار ئۇنى ئىككى قات ئايالدەك كۆرسۈتۈپ تۇراتتى .

 بىز تۇيۇقسىز يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئىشلاردىن بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە بىر ئاز ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ پىلان بويىچە تەتقىقات مەركىزىگە قاراپ ماڭدۇق، ھامۇت بۇۋاي ئالتۇنلارنى ھازىرچە قويۇپ قويۇپ، كىيىن ئېلىۋېلىشى توغۇرسىدا قىلغان نەسىھەتلىرىمىزگە قەتئى قوشۇلماي كەينىمىزدىن پالاقشىپ ئەگەشتى . …

 داۋامى بار…





2977 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-7 21:51:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-30 12:32:56 Habiba kar yasen hulja dadamtu
bu bu temini bak kizkip okudum kizimmu bak yahxi kurup okidi xu ga yzhuqiha rahmat etimz yana ,daddegzng wapat bolhindn bak kayhurduk alla u dunyalikni barsun amin
2016-6-15 1:39:49 شاۋكەت
رەخمەت بەكپەيزى يىزىپسىلەر قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئاخىرسىنى چارساڭلار بولاتتى 35 36
2016-4-12 1:51:02 ياسنجان
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە مىترو ئەپەندىم .
2016-4-9 23:44:48 ئادىلجان غۇلجا
قاچان چىقا ئ‍اخىرى
2016-4-8 23:40:45 Eziz
Rahmat , koligiz ga dart barmisun , tihimu yahxi asarlarni yollixigiz ni umud kilimiz 
2016-4-8 22:58:28 Marvel
rahmat jumu Metro ka ! bak payzi qikiwatidu
2016-4-8 18:24:36 ……R......
KOP RAK TI RI XIG
2016-4-8 16:41:14 نىلوپەرگۇل
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم @مېترۇ ئەسىرىڭىزنى ئ‍وقۇپ چىقتىم رەخمەت سىزگە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئ‍ەسەرلەر ئارقىلىق بىزنى تەمىنلىشىڭىزنى ئ‍ۈمىت قىلمەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ