قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 21- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

21- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

ئۇلار يەر ئاستى ئۈيىگە ئاستا چۈشتى ، ئۇنىڭ ئىچى قاپ-قاراڭغۇ بولۇپ ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى ، بۇ قاراڭغۇلۇقتا ئۇلارنىڭ يۈرۈگى سىقىلغاندەك بولدى،چۈنكى بۇنداق جايلاردا تۇيۇقسىز ۋەھىمىلىك ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلقى ئايالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىشى بۇ جاي ئادەمنى قورقۇنۇچلۇق ،خەتەرلىك ھېس قىلدۇراتتى. - مەشئەلدەك نەرسە يوقمىدۇ ؟- دىدى تۇرغۇن پەسكە چۈشۈپ ئەتىراپنى سىلاشتۇرۇپ ،- تىلفۇنىڭلارنىڭ چىرىغىنى بولسىمۇ ياندۇرۇڭلارچۇ ؟ - تىلفۇنلارنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى ، بۇ بولسىمۇ بولا ،- سەمەت چاقمىقىنى ياندۇردى ،ئەتىراپ غۇۋا يورىدى . - بۇ جايدا بىر نەرسە بارغۇ ، ئاغامچىمۇ نىمە ،- ئەتىراپتىن مەشئەل ئىزدەۋاتقان تايىر يەردە تۇرغان ئۇزۇن بىر نەرسىنى ئالدى ، ئۇ نەرسە ئۇنىڭ قولىغا سىلىق ، يۇمشاق بىلىندى .ئۇ قىزىقىپ يورۇققا شۇنداقلا ئېلىپ كىلىپ ۋاقىراپلا ئېتىۋەتتى : - يىلان ، يىلان باركەن ،- ئۇ ئۆزىمۇ قورقۇپ باشقىلارنىمۇ قورقۇزىۋەتتى. تۇرغۇن يىلان دەسسىۋالماسلىق ئۈچۈن ئاۋايلاپ دەسسەپ يۈرۈپ تامغا ئورنىتىلغان مەشئەلدىن بىرنى تېپىپ تۇتاشتۇردى ، ئەتىراپ يورىدى ، بۇ يەر ئاستى ئۈيى ئەمىلىيەتتە يەر ئاستى يولى ئىدى ، بۇ غۇۋا يورۇقتا قانچىلىق ئۇزۇنلىغىنى بىلگىلى بولمايتتى ،تۇرغۇن مەشئەل يورۇغى بىلەن ئەتىراپنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ بېقىپ قورقۇپ كەتتى چۈنكى ، يەر يۈزى ئۇ يەر - بۇ يەردە مۆلدۈرلەپ تۇرغان يىلان ، تام - تورۇسلاردا يېپىشىپ ، ئۆمۈلەپ يۈرىگەن چاشقانلار بىلەن تولغان ئىدى. - بۇ يىلانلار سالقىن جايدا ياشىغاچقا ئۇنچىلىك ۋەھشى ئەمەستەك تۇرىدۇ ،مەن قېلىچ بىلەن بىر ياققا سۈرۈپ يو باشلاپ ماڭاي ، باشقىلار ئەگىشىڭلار ! تايىر شۇنداق دەپلا بىر قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، بىر قولىدا قېلىچ بىلەن يىلانلارنى سۈرۈپ ماڭدى ، يىلانلار ئۇ دىگەندەك يۇۋاش ئەمەس ئىدى ،ئۇ يانغا سۈرسە دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېغىز سېلىشقا ،ئېتىنلىشقا ئارانلا تۇراتتى ، كەينىدىكىلەر يىلان چېقىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ چوغ ئۈستىدە ماڭغاندەك مېڭىپ كىلۋاتاتتى . - قاراڭلار! دىلبەرنىڭ كۆرستىشى بىلەن ھەممىسى ئۇدۇللىغا قاراشتى ،ئۇدۇلدا بىر ئىشىك ئوچۇق بولۇپ ئىشىك سىرتىدىن كىرگەن يورۇقلۇقتا ھېلقى ئايال تۇراتتى. - ئۇ ئايال ئۇ يەردە تۇرىدىغۇ ، بىزنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا،- دىدى تۇرغۇن ئايالدىن كۆزىنى ئۈزمەي ،- بېرىپ باقايلىچۇ! ئۇلار ئىھتىيات بىلەن مېڭىپ ئايالغا يېقىنلىۋېدى ئايال يورۇق چۈشكەن جايغا كىرىپ كەتتى ،ئايالنىڭ كەينىدىن ئۇلارمۇ ئۇ جايغا كىردى، كىردىيۇ بۇ جاينىڭ ئۆزگىچىلىگىدىن ھەيران قالدى، ئەمىلىيەتتە بۇ جاي شۇنداق چوڭ سېلىنغان يۇمىلاق شەكىلدە، يەتتە ئىشىكلىك ئۆي بولۇپ ،بۇ ئۆينى يورىتىۋاتقان قاتار تىزىلغان مەشئەللەر ئىدى . - ئۇ ئايال ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ ،- دىدى گۈزەلنۇر ،- ئۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ. راس دىگەندەك ئۇ،ئۇلاردىن ئون نەچچە چامدام يىراقلىقتىكى ئوچۇق تۇرغان بىر ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇلار ئايالغا ئىنچىكىلەپ سەپسالدى ، ئۇ زىلۋا بوي ،قىزىل كۆڭلەك كەيگەن چاچلىرى رەتلىك ، چىرايلىققىنە بىر خەنزو ئايال بولۇپ ،ئۇلارغا كۈلۈمسىرگىنىچە قاراپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ تۇرقىدىن يا بىرەر ۋەھىمە، يا بىرەر غەلىتىلىك كۆرۈنمەيتتى . - ئۇ راستىنلا ئىنسانمۇ نىمە ؟- دەپ پىچىرلىدى تۇرغۇن ،- بېرىپ سوراپ باقايلىمۇ ؟ ئۇلار ئەمدىلا ماڭاي دىۋىدى ئايال ئۇ ئىشكتىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىكى ئىشىك غارىلداپ يېپىلىپ قالدى. - بۇ جايمۇ مەخپىي ئورۇن ئوخشايدۇ ،- دىدى تايىر ئىشىكنى ئىتىرىپ بېقىپ ،- سولۇنۇپ قالمىساقلا بولاتتىغۇ. ئۇلار ئايال كىرىپ كەتكەن ئۆيگە كىرىپ ئىچىدە يەنە بىر ئۆينىڭ تۇرغىنىنى كۆردى ،لېكىن ئايال كۆرۈنمەيتتى . - ئايال كۆرۈنمەيدىغۇ ، مېڭىۋەردۇق ، بۇ يەردە خەتەر يوقتۇ ھە ،- دىدى تايىر ئەنسىرەپ ،- ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆي باركەن . - مېڭىپ باقايلى ، كىردۇقمۇ ،كىردۇق ئەمدى باشقا كەلگەننى كۆرەيلى ،- دىدى تۇرغۇن ، ئۇمۇ ئېغىزدا ئۇنداق دىگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئەنسىرەپ قېلۋاتاتتى . قىزلارمۇ بۇنچۇۋالا ئىچكىرلەپ كىرىپ كىتىشتىن قورۇقتى ،دىلبەر : - قاراملىق قىلىپ ماڭدۇق ، چىقىشنىمۇ ئويلىساق بولاتتى ، ئىنسانمۇ، ئەمەسمۇ بىر غەيرى ئايالنىڭ كەينىدىن قارىسىغىلا مېڭىش سەل چىكىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ - يەنە ئازاراق مېڭىپ باقايلى ، يەنە ئىچكىرلەپ مېڭىش توغىرا كەلسە قايتىپ چىقىپ كىتەيلى،- دەپ ئىپادە بىلدۈردى تايىر ، باشقىلارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇشتى ، ئۇلار كىچىك ئۆيگە كىرگەندە پۈتۈن ئېچىلغان ئىشىكلەر تۇيۇقسىز ئىتىلدى ، قوللىردىكى قېلىچلار تۇيۇقسىز ئۇچۇپ بېرىپ بىر تامغا چاپلاشتى ،بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشتىن ئۇلار چۆچۈشتى . - بۇ نىمە ئىش ؟- ھەممىسى خۇددى خەتەرلىك بىرەر ئىش بولىدىغاندەك ئالاقزادە بولۇپ كىتىشتى ، تايىر بىلەن تۇرغۇن يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ تامغا چاپلاشقان قېلىچلارنى تارتىپ بېقىشتى لېكىن بۇ تام ماگىنىتىن ياسالغان بولغاچقا قېلىچلارنى تارتىپ ئېلىش تۇرماق ،ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۆمۈر ماددىلارنىمۇ تۇتىۋېلىپ بىر مۇنچە ئاۋارە قىلدى.بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئۇلار تۇرغان ئۆي سۇس تەۋرەنگەندەك ھەركەتكە كەلدى. - يەر تەۋرىدىمۇ نىمە؟ - دىدى ئىسكەر تامنى تۇتۇپ ،- بۇ ئۆيلەر گۈمۈرۈلمىگەندۇ ھە؟ - مېنىڭچە ئۆينىڭ ئورنى سۈرۈلگەندەك قىلىدۇ. تۇرغۇن شۇنداق دىگەچ تاملارغا قۇلۇقىنى يېقىپ ئاڭلاپ باقتى ، بىر دەمدىن كىيىن ئۆي سىلكىلىنىشتىن توختاپ بىر ئىشىك ئېچىلدى ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدانۇرغۇن مەشئەللەر يوپ - يورۇق قىلىۋەتكەن بىر ئۆي ، ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا ھېلقى ئايال بىلەن ئۇلار بۇرۇن كۆرگەندەك بىر تاش ساندۇق ئايان بولدى ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە بىرمۇنچە ياغاچ ساندۇقلار تىزىق پېتى تۇراتتى. ئۇلار ئايالدىن بىر ئاز قورقۇپ ئۆي ئىچىگە ئاۋايلاپ كىردى ، ھېلقى ئايال يەنىلا ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى. - كىرىۋېرىڭلار ،- دىدى ئايال ،- مەندىن قورۇقماڭلار ، مەن سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلمايمەن ، مەن بۇ جاينىڭ ھوقوقدارى باش سانغۇن خۇ سانغۇننىڭ كىچىك توقىلى بولىمەن . - نىمە ، بۇ مۇمكىنمۇ ، سىز ئىنسانمۇ، سىز ئۇيغۇرچىنى بىلەمسىز؟- ھەيران بولغان تۇرغۇن ئالدىراپ سورىدى - مەن بۇرۇن ئىنسان ئىدىم ،- ئايالنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە قىپ - قىزىل قان مەڭزىگە سىرغىپ چۈشتى ،- ھازىر ئەمەس ، مەن ھازىر سەرگەردان بىر ئەرۋاھ ، مەن بۇ جايدا ئۇزۇن ياشىغاچقا ئۇيغۇرچىنى بىلىپ بولغانمەن ،تەنھا ئەرۋاھ نىمىنى بىلمىسۇن. ئەرۋاھ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ھەممىسىنىڭ تېنى جۇغۇلداپ كەتتى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر ئەرۋاھ بىلەن يەنە ئۈلۈپ كەتكىلى نەچچە يۈز يىل بولغان بىر ئايالنىڭ ئەرۋاھى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىغىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . - سىلەر چوقۇم ھەيران قېلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن ، شۇنداق مەن بىر ئەرۋاھ لېكىن بۇ جاينى قاپلاپ كەتكەن ئۇ ياۋۇز ، يىرگىنىشلىك ئەرۋاھلارغا ئوخشىمايدىغان ئەرۋاھمەن ،مەن بۇ جايدا يوشۇرنۇپ ، قورقۇپ ياشاۋاتقىلى 354 يىل ئالتە ئاي ئون سەككىز كۈن بولدى . - ئەرۋاھمۇ قورقامدۇ ، ئەرۋاھمۇ يوشۇرنۇپ يۈرەمدۇ ؟ - گۈزەلنۇر ئۇشتۇمتۇت شۇنداق سۇئال سورىۋېتىپ ئۆزىمۇ قورقۇپ كەتتى ، چۈنكى قورقۇنچاق بىر قىزنىڭ ئەرۋاھتىن سۇئال سورىغىنى قاپيۈرەكلىكتەك تۇيۇلغانتى . ئايالنىڭ چىرايىدىن بىر خىل قايغۇنىڭ شولىسى ئەكىس ئەتكەندەك قىلدى ، ئۇ ئۆزىنى بېسىپ ئالدىرماي سۆزلەشكە باشلىدى : - مېنىڭ بۇ تەنھالىقتا ، سەرسان بولۇپ قانچىلىك دەككە - دۈككىدە ، قانچىلىك ئازاپتا ، قانچىلىك قورقۇشتا ئۆتكىنىمنى سىلەر تەسسەۋۇرمۇ قىلىپ بولالمايسىلەر ،بۇنى كۆردىڭلارمۇ ؟- ئۇ بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرنى كۆرسەتتى، ئۇ زەنجىردە چىراقتەك نۇر چېچىۋاتقان بارماقتەك چوڭلۇقتىكى يېشىل قاشتېشى تۇراتتى ،- بۇ مېنى ساقلاپ كىلىۋاتقان خاسىيەتلىك تۇمارىم ، بۇنى بېگىم ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن ۋاقىت ئاجىرتىپ، نۇرغۇن يىشىلگەن ئەپسۇنىلارنى پۈتۈپ ماڭا قىلدۇرۇپ بەرگەن ،سىلەر بىلەن ئۇچۇرشالىغىنىم دەل موشۇنىڭ خاسىيىتىدىن ، بولمىسا مەن ئاللىقاچان ئالۋاستى كىتاپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن باشقا جىن -ئالۋاستىلار تەرپىدىن ھالاك قىلىناتتىم ، موشۇ بولغاچقا ئالۋاستى كىتاپ ماڭا سېھىر كۆرسىتەلمىدى ، جىن - ئالۋاستىلار مېنى كۆرەلمىدى ، مەن يا ئۇ دۇنياغا كىتەلمەي ، يا بۇ دۇنياغا تەۋە بولالماي موشۇ يەردە ئالۋاستى كىتاپنىڭ يوقۇلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم . گەپنىڭ يەنە ئالۋاستى كىتاپقا تاقالغىنىنى ئاڭلاپ تايىر ئورنىدا تۇرالمايلا قالدى . - ئۇ ئالۋاستى كىتاپ راسلا شۇنچىلىك خەتەرلىكمۇ ، ئۇ كىتاپ ھازىر قەيەردە؟ - ئۇ كىتاپ ،- دىدى ئەرۋاھ ،- ھەقىقەتەن بىر ئالۋاستى ، ئۇ ھازىر ئۇيقۇدىن ئۇيغىناي دىدى ، شۇنداق ھالەتتىمۇ بۇ ئەتىراپقا نۇرغۇن جىن - ئالۋاستىلارنى يىغىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۋاتىدۇ ، ئەگەردە ئۇ ئۇيغانسا پۈتۈن جاھان جىن - ئالۋاستىلارنىڭ بولىدۇ ، ئىنسانلار جىن - ئالۋاستىلارنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىپ يەيدىغان ئوزۇقى بولىدۇ ، ئۇ ئالۋاستى كىتاپ ھازىر پىرامىدا مەخپىي ئۆينىڭ ئىچىدە ئىنتايىن قاتتىق ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەرۋاھنىڭ سۆزلىرىدىن ھەممىسىنىڭ تەنلىرى جىغلداپ كەتتى ، ئەگەردە بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا بۇ بىر نەچچىسى تۇرماق، جاھاندىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئالۋاستىلار قولىدا قانداق ھالاك بولىشىنى تەسسەۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايتتى ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ، كائىناتنىڭ قىپ - قىزىل قانغا تولۇپ ئىنسانلارنىڭ تىتما - تىتما بولغان ھالى بىلەن قىيا - چىيا قىلىشقان ئاۋازلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولىدى. تايىر خەتەرنىڭ كىلىشىگە قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىغىنى بىلمەكچى بولۇپ سورىدى: - ئۇ ئالۋاستى كىتاپ قانداق ئۇيغۇنىدۇ ، قاچان ئۇيغۇنىدۇ ؟ - ئۇ ئالۋاستى كىتاپقا لازىملىق نەرسىلەر تەييار بولدى، بۇنىڭ سەۋەپچىسى سىلەر، سىلەر شۇنچە يىللاردىن بۇ جايغا قەدەم باسقان تۇنجى ئىنسانلار ، ئۇ كىتاپقا سىلەرنىڭ قېنىڭلار بىلەن ئىككى كۈندىن كىيىن تولىدىغان ئاينىڭ نۇرى كىرەك . - نىمە ؟ - دىلبەر قورقۇپ ۋاقىرۋەتتى ،- بىزنىڭ قېنىمىز . - شۇنداق ،- دىدى ئەرۋاھ ،- سىلەرنىڭ قېنىڭلار بىلەن ئاراڭلاردىكى بىرىڭلارنىڭ تېنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى كۈندىن كىيىن ئاي تولىدۇ ، ئاي تولغان چاغدا قان تەل بولسا ئۇ ئۇيغۇنىدۇ ، شۇڭا ئالۋاستى كىتاپ سىلەرنى كەتكىلى قويماي ، ھەم ھالاك قىلماي ، تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن سىلەرنى ئېلىپ قالدى ، ھەممىسىنىڭ كۆڭلىگە ئەنسىزلىك قورقۇنىچ چۈشتى ، ئۇلار ئىشەنمەي دىسە ئالدىدا بىر ئەرۋاھ سۆزلەپ تۇراتتى ، ئىشىنەي دىسە بىر كىتاپنىڭ موشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىگى ئەقىلگە سىغمايتتى . - بۇ خارابىلىك ئىچىدە نۇرغۇن جەسسەت كۆردۇق ، قاتتىق ئۇرۇش بوپتۇ ،ئۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ئۇلار ھەممىسى ئۈلۈپ يوقاپتۇ ، سىز قانداقلارچە بۇ يەردە يالغۇز قېلىپ قالدىڭىز،سىز بۇ يەرگە نىمە سەۋەپتىن بىزنى باشلاپ كەلدىڭىز؟- تايىر بۇ سىرلارنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولۇپ ئەرۋاھغا تىكىلدى. … بۇلار ئالۋاستى كىتاپنىڭ قۇربانى بولارمۇ ، يەنە قانداق قىسمەتلەر بۇلارنى كۈتىۋاتىدۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋامىدا بولسۇن .





1740 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:30:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ