يول خىتى - 1- قىسىم - ھىكايە
يول خىتى - 1- قىسىم - ھىكايە
 
يازغۇچىلار تورىدىن ئابدۇرەشىت يازمىسى
 
بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل،شۇنچە ماتانەتلىك ھە،....! بۇ گۈزەللىك ئىنسانلار ھاياتىغا بۈيۈك ئىستەكلەرنى ۋە گۈزەل تۇيغۇ ئارمانلارنى ئاتا قىلىدۇ.
قاسىم ئەنە شۇ ئارمانلار ئىلكىدە ياشاۋاتقان بىردىن-بىر ئىنسانلارنىڭ بىرى ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى دىشۋاچىلىقلار ۋە كېيىنكى ھاياتىدىكى ھەر-خىل توسالغۇلار ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويغان ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ مادارىغا قۇۋەت يېتىشمەي تۇرمۇش يولى ئۇزۇن مۈشكۈنلىككە توغرا كەلگەن ئىدى.ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن بىر ئەخۋالغا چۈشۈپ قالغاندەك ھىس قىلسىمۇ،لىكىن يەنىلا ئۇ روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا،قەلبى پاك،ۋە چۇڭقۇر ئارزۇ-ئارمانلار ئىلكىدە ئۈمۈتۋار ياشاۋاتاتتى ئۇ ھارماي شۇ يولدا ماڭدى.قاسىم بۈگۈن يەنە شۇ «يول خىتى»ئىلىش ــــــ
ئۈچۈن ماڭغان ئىدى،لىكىن ماڭغانسىرى ئۇنىڭ بۇ يولى ھېچ كىسىلمەيتتى ياكى مەنزىلگە يېتەلمەيتتى.ئۇ تىجارەتتە چەتكە يۈزلىنىش ئۈچۈن كۆپ تېرىشتى،لىكىن ئىشلىرى ھىچ-بىر يۈرۈشمەي تەلىيى كاز كىلىۋاتاتتى؛چۈنكى تەخىچە ئۇنىڭ «يولخىتى»يوق ئىدى بۇ يولدا ئۇ كۆپ ماڭدى.شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئوخشاش «يول خىتى»ئالالماي يۈرگەن يەنە بىر ھەمرانىڭ قوشۇلۇشى ئالدىدا تۇراتتى ئۇنىڭمۇ يول خىتى يوق ئىدى. بۇ ئىشلار قاسىمغا تولىمۇ ئىغىر كەلگەن ئىدى،لىكىن يېڭى تۇنۇشقان ھەمراسىدىن كۆپلىگەن ياخشى تەسىراتلار ۋە تەسەللىلەرگە ئىگە بولدى.ھاياتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل رەڭدار ھېكمەتلىرگە ۋە شېرىن تۇيغۇللىرىغا چۆكۈپ،ئۇنىڭدىن سۆيۈندى.ئۇ شۇنداق ئويلايتتى:ھاياتتا ئاجايىپ ئادەملەر بار ،ھەممە ئادەم يامان بۇلىۋەرمەيدۇ،گۈزەل ئىستەككە تويۇنغان كىشىللىرمىزمۇ بار ئەلبەتتە-دەيتتى.ـــ ئۇلارمۇ مۇشۇ زېمىننىڭ بىر مەخلۇقلىرى بولسىمۇ گويا سۇسىز قالغان كۆلچەكتىكى بىلىقتەك ياشاۋاتاتتى.قاسىم يول ئۈستىدە تونىشىپ قالغان ھەمراسىدىن ئۆزىگە كۆپ تەسەللىلەرنى تاپتى.شۇنداقتىمۇ قاسىم بۇ يولدا تولا مىڭىۋىرىپ بارغانسىرى تالغان چىراي بۇلۇپ قالغان ئىدى.كۈندىن-كۈنگە كۆزلىرى غۇۋالىشىپ،تىللىرى كىسىلگەندەك گەپ قىلىشتىن ئەندىكىدىغان،يۈركى ئاغرىپ دەرتلىك سوقىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.چۈنكى بۇ پاسپورت ئىلىش جەريانلىردا بۇلۇپمۇ پۇكەيلەردىكى خادىملارنىڭ كۆپ ئازارچىلىق سىلىشىغا ئۇچۇرىغان ئىدى.ئۇ ئۆزى ياش تۇرۇپلا مۈكچىيىپ قېرىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالغان ئىدى.ئۇ بۈگۈنمۇ شۇ يولدا كېتىۋاتاتتى،ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي ئالدىغا قاراپ كىلىۋاتاتتى.يەنىلا شۇ ئىش،ئەتراپتىن بوستانلىقنىڭ ھېدى كىلىۋاتاتتى.ئەتراپ يېشىللىققا تولغان گۈزەل چاغلار ئىدى.تەبىئەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ بۇ سېرى كۈچى بىلەن ئەتراپنى گۈزەللەشتۇرۇپ،سالقىن شاماللىرى ئارقىلىق ئەكىلىتىپ يۈزلەرنى سېلىق سىپاپ ئۆتەتتى.قاسىم بۇ ساپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالدى.كايىنات ئۆزىنىڭ بۇ سېخىلىقىدىن ھەرگىزمۇ بېخىللىق قىلمايتتى.مانا ئەمدى قاسىمنىڭ ئالدىدىن بىر موماي چېقىپ قالغاندەك بولدى،ئۇ تولىمۇ پاكىز،چىرايلىق ئاياللاردىن ئىدى.ئۇنىڭ قىرو باسقان سۇمبۇل چاچلىرى ياغلىق ئاستىدا پاقىراپ تۇراتتى.ئۇنىڭ نۇرانە رۇخسارىدىن ئالتۇن سۈيى جىلۋىلىنەتتى،ئۇ تۇلىمۇ جەلىپكار سىپايە ۋە ئالى جاناپلىق يىغىپ تۇردىغان ئاياللاردىن ئىدى.ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن مىھرى مۇھەببەت يېغىپ تۇراتتى.ئۇ تولىمۇ لاتاپەتلىك،ۋە نازاكەتلىك ئاياللاردىن ئىدى.ئۇنىڭ سۈتتەك ئاق نۇرانە ئۈمۈتۋارلىققا تولغان چېرايى ئادەمگە ئاجايىپ ئىستىتتك روھ بىغىشلايتتى.
ئۇنىڭ جىسمىدىن قەيسەرلىكنىڭ  ۋە پاكلىقنىڭ ئۇچقۇنى ئۇرغۇپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن سۇزۇنچاق قاڭشارلىق چىرايكىق پاقىراق بۇرنى كىلىشكەن ھۆسنىگە تولىمۇ ياراشقان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ تۇرقى كىشىگە جاسارەت ۋە ئىلھام بىغىشلايتى.ئۇ شۇنداق ئۇلۇغۋار قېياپەت بىلەن كامالەتكە يەتكەن مەجنۇن تالدەك بويىنى سەنەم تاشلاپ كىلىۋاتاتتى.ئىككى ياندىكى يېشىل بەلۋاغلىق كاردۇرلۇق يول ئۇنىڭغا شۇنداق ياراشقان ئىدى،ئۇنىڭدىن تارقىلىۋاتقان خۇش پۇراق ئەتىرنىڭ ھېدى كىشىنىڭ دىماقلىرغا ئۇرلۇپ،ئادەمنىڭ قەلىب گۆھرىنى غېدىقلايتتى.ئۇنىڭدىكى تەڭرى ئاتا قىلغان زىبالىق ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ قامىتىگە ياراشقانىدى.
لىكىن ئۇ تەخە قارماققا ئوتتۇز ياشتىن ئاشمىغان گۈزەل جۇۋان ئىدى،دەت-ئەلەملەر ئۇنىمۇ يېراقتىن قارغان ئادەمگە ئاشۇنداق چوڭ ئاياللاردەك كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.ئۇممۇ مۇشۇ يولدا «يولخىتى» ئىلىش ئۈچۈن مىڭىپ يۈرۈپ ،قاسىم بىلەن تولا دۇقۇرۇشۇپ قالغانلاردىن ئىدى.قاسىممۇ بۇ يولدا تولا قاتىراپ يۈرۈپ،يېرىپ ھالىدىن كەتكەن،چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ قېرى بوۋايلاردەك بۇلۇپ قالغانىدى،قاسممۇ مانا ھازىر ئالغا قاراپ كىلىۋاتاتتى.لىكىن جاناننى قارغاندا ئاچچىق خىياللار چىرمىۋالغاندەك قىلاتتى،شۇڭا ئۇ بىر ئاز مۈكچىيىپ ئېڭىشكەن ھالدا ماڭاتتى.ئەسلىدە قاسىم بۇ جاناننى دەسلىۋىدە كۆرگىنىدە يېراقتىن قېرى مومايمىكىن دەپ قالغان ئىدى.ئەمما ئەمدى ئالدىدا بىر جاناننىڭ تۇرغىنىدىن ھەيران قالدى،ـــ توۋا،قاسىم ئويلاپ قالدى:ئۆزەمنىڭمۇ مۇشۇ كۈنلەردە كۆزۈمنىڭنۇرى يوق،ــ توۋا،ئۆزەمنى ئويلىماي باشقىلارنى باھالاپ يۈرۈپتىمەن دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ يەنە خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئۇممۇ قارغاندا ماڭا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقتا ئوخشايدۇ،ياكى ئىتىۋارلىق كېنىشكىسى بولمىسا كېرەك،ئۇنداق بولمىغاندا ئۇممۇ دەرتلىك ماڭمىغان ۋە مومايلارنىڭ تۇسىنى ئىلىپ قالمىغان بولاتتى دەپ ئويلاپ قالدى.قاسىم بۇ جانان بىلەن بۇ يولدا كۆپ ئۇچۇراشتى.ئۇ يەنە پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ:ــــ خەير يەنە بىر كۈنى بۇ جانان بىلەن كۆرشۈپ ياخشىراق سىردىشىپمۇ ئالارمەن ،شۇ چاغدا ئوپدان مۇڭدۇشۇپ دەردىمىزنى تۆكىشەرمىز ،دەرمەنلەرنىڭ يولى بىر دەيدىغان گەپمۇ بارغۇ دەيتى.ئۇ ئوي خىيالدىن نىرى بولالمىدى،ئۇنىڭ قەلبى ئەمدى ئەندىشلىق سوقىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.جانان بىلەن تولا دۇقۇرۇشۇپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئىچىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
ـــ توۋا، يۈرەك ئەجەپمۇ ئاغدىيا! نىمە بولدۇم مەن،كۆزۈمنىڭ قۇۋىتى بولغان بولسا كاشكى قانچە قىلارىدىم،
ئۇممۇ مەندەك ئويلاۋاسسا كېرەك ئېلاھىم ئۇھ يېرىپ ھالىمدىن كەتتىم ،بەرى-بىر بىز بىر يولدا بولغاندىن كېيىن ھامىنى بىر كۈنى مۇدۇشۇپ ئالارمەن -دىدى قاسىم.ئۇنىڭ قەلبى پاك ،خىيانەتتىن يىراق ئىدى.شۇنداقتىمۇ جانان ئۇنىڭ خىيالىدىن چىقمىدى.كونىلار:«دەرتمەنلەر بىر ئىرىقتا ئاقىدۇ» دەپ بىكار ئېتمىغان،بىزمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئوخشايمىز دەيتى ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە.ـــ توۋا ،كۆپ ئويلاپ كەتتىم قايناقسۇنى كۆپ ئىچىۋىرىپ سوغۇقۇم ئىشىپ قالدىمۇ نىمە؟ ياكى خىيالىم شۇ جانانغا چۈشۈپ قالمىغاندۇ ؟
بۇ مۇمكىن ئەمەس! قاسىم ئۆز-ئۆزىگە يەنە سۆزلىدى ئۇنىڭ ئوي خىياللىرى چىچىلىپلا كەتتى .
قاسىم ئەتىسى يەنىلا شۇ يولدىن كىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭغا يەنىلا يول خىتى كېرەك ئىدى ،ئەپسۇس ئۇ پۈتمەۋاتاتتى.ـــ ھەممە رەسمىتىم تۇلۇق بولسىمۇ لىكىن بۇ ئىشلار نىمىشقا بىزگە قېيىنغا توختايدىغاندۇ ،بۇ ئىشلارنى قاچاندىن بىرى بىلمەي يۈرگەندىمەن ،بۇ نىمەدىگەن ئەخمەقلىق،دەپ قاسىم ئۆزىگە كايىپ كەتتى.ئۇ شۇ خىياللىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتاتتى لىكىن ھىچ ئۇنىڭ يولى ئاۋۇمايتتى،ئۇ يەنە خىيالغا پاتتى ــ تېلىم كىكەچ بولسىمۇ يەنىلا سۆزلىمەي بولمايدۇ ،ھامان ھەقىقەتنى بىلىش كىرەكتە!دەيتى.
ئۇنىڭ پىكىرلىرى كۆپ،خىياللىرى چاتقال بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ،بارغانسېرى چېگىلىشىپ كىتىۋاتاتتى،قاسىم بارغانسىرى ئۆزىدىن كۆپ سوئاللارنى سورايتى لىكىن ئۇنىڭ ئاخىرغا چىقالمايتتى.ئۇ پۈتۈن ئىشقى بىلەن يول خىتى ئىلىشقا يۈزلەندى.ھەر كۈنى دىگىدەك شۇ يولدا يۈردى،ئۇنىڭ كۆپ ۋاختى شۇ يەردە زايا بۇلۇپ كەتتى. قاسىمنىڭ دوستلىرى شۇ ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭ ئىش-پۇشقى تارتىپ يۈرگىنىگە قاراپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرشىپ تۇرشاتتى.بۈگۈنمۇ شۇ يولدا كىلىۋاتاتتى.ـــ ئۇھ،تالدىم دەيتى ئۇ،ـــ يۇلۇم بەركەت تاپماۋاتىدۇ ،ماقماق تەس! يۈرەك ئاغرىۋاتىدۇ دەيتى ئۇ...!
ۋادىرىخا! مانا جانان كۆرۈنگەندەك بولدى،يۈرەك ئويناپ كىتىۋاتاتتى،بۇ نىمە ئىشتۇ؟ئۇنىڭ سىماسى كۆرنىش بىلەن يەنە يۈرەككە قىلدىمۇ يۈرەك ئاغرىقىم يوقاپ كەتتى قاسىم ياشلىقىغا قايتقاندەك بولدى. جانان تال بويلاپ ناز كەرەشمە بىلەن سەنەم تاشلاپ راستىنلا كىلىۋاتاتتى.يېشىل بەلۋاغلىق يولغا مەجنۇن تاللار سايە تاشلاپ تۇراتتى.بۇ گۈزەل بوستانلىق يولغا يېشىل خىش ياتقۇزۇلغان كاردۇرلۇق يول بولغاچقا جاناننىڭ لاتاپەتلىك مىڭىشلىرى ئۇ يولغا تەخىمۇ ھۆسۈن قوشقان ئىدى.جانان سىپايىلىق بىلەن شۇنداق لەۋەن قەدەم تاشلاپ كېلەتتىكى گويا ئۇ بۇ يۇرۇق دۇنياغا تەخىمۇ جۇلا بىرىپ شۇنداق گۈزەل تۇيغىلارغا سالاتتى،ئۇ بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلدى.......
داۋامى بار....




1267 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-13 19:22:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-19 16:26:50 مۇختەر
ياخشىكەن
2015-12-10 0:45:32 玫瑰
我觉得不怎么样。kuruh gap tolidak kolidu bir gapni tola takralap okugan adamga bir hil Irikix his kilduridikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ