ھىجراندا قالغان سۆيگۈ(ھىكايە)
رازىيە تۇرسۇن
مانا بىز تۇنۇشقىلىمۇ بىر يىل بوپ ئاشتى ، ئونىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى ،ئۆيدە قىزىم بىلەن تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇۋىرىپ زىرىكتىم بولغاي تېلفۇننى قۇلامغا ئالدىم ،ھەمدە بىردەم يېرىم ئۈندىداردا دوسلار بىلەن پاراڭلىشىش قارارىغا كەلدىم ،ئەمما بۇمۇ خوش ياقمىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىنى ئىزدىتىپ كۆرۈپ بېقىش خىيالىدا ئىزدىتىشكە باشلىدىم ،نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە سەۋىر ئىسىملىك بىر تورداش جالاڭە پاراڭلىشايلى دىگەن خەتنى ئەۋەتىپ قالدى ،مەنمۇ ھىچ ئىككىلەنمەي شۇ زامات قوشتۇم ،مانا بۇ ھېكايە شۇ كۈندىن باشلاندى ،ھەم شىرىن ھەم ئازاپلىق بىر ھايات باشلاندى ،بىز ئۆز ئارا تۇنۇشلۇق بەردۇق ،ئۇنىڭ ئۆيى x ناھىيەدە ئىدى، ،مىنىڭ ئۆيۈم مەلۇم بىر گۇڭشېدا ئىدى، ،بىز بىر بىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇق ،ئالدىدا ئۇ ئەۋەتىدىغان بولدى ،بىراق شۇ ئارىدا مىنىڭ تۇيۇقسىز ئىشىم چىقىپ قېلىپ نەچچە سائەت تېلفۇننى قۇلامغا ئالالماي قالدىم ،ئىشىمنى تۈگىتىپ ئۈندىدارنى ئاچتىم ،قارىسام شۇنداق كىلىشكەن بىرىنىڭ سۈرىتى كۆز ئالدىمدا تۇراتتى ،ئۇ سۈرىتىنى ئەۋەتكەن ئىدى، بىلمىدىم مىنىڭ كۆزۈمگە شۇنچىلىك يىقىملىق كۆرۈندى ،مەنمۇ سۈرىتىمنى يوللاپ بىرىش مەخسىتىدە بىر پارچە سۈرەتنى يوللىۋەتتىم ،ئەفسۇس ئۇ مىنى ئاللىبۇرۇن يۇيۋەتكەن ئىكەن ،شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى ،چۈنكى شۇ كەمگىچە مىنى بىرەرسى يۇيۇپ باقمىغان ،يۇيۇش توغرا كەلسە مەن يۇيۋىتەتتىم ،شۇڭلاشقا ماڭ بەك ھار كەلدى ،مەن ئاچچىقمدا ئىككى ئېغىز خەت يىزىپ قايتا يوللايدىغان يىرىنى بېسىپ ئەۋەتتىم ،نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ مىنى قايتا قوشتى ،مەن نىمىشقا مىنى يۇيۋەتكەنلىكىنى سورىدىم ،ئۇياق بولسا ئۆزىنى چۈشەندۈردى ،ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ مىنى ساقلاپتۇ مەندىن جاۋاپ كەممىگەندىن كىيىن ئىچى پۇشۇپ يۇيۋەتكەن ئىكەن ،شۇنداق قىلىپ بىز تۇنۇشۇپ قالدۇق ،كۈندە ئاز تولا پاراڭلىشىپ تۇردۇق ،ئارىدىن يېرىم ئاي ئۆتتى ،بىر كۈنى بىز يۈز تۇرانە كۆرۈشمەكچى بولدۇق ھەمدە كۆرۈشتۇق ،ئۇ شۇنچىلىك قىزغىن ئىدى، ،ئەمما مەن بەكلا ئوڭايسىزلىنىپ جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم ،چۈنكى ئۇ ماڭا تولا قاراپ خىجىل قىلىپ قويغان ئىدى ،شۇنداقتىمۇ نەچچە سائەت شۇنداق ياخشى پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق ،بىلمىدىم شۇ كۈنى ئۇنىڭغا قارىتا مەندە بىر خىل سىزىم پەيدا بولغاندەك قىلاتتى ،ئەتىسىدىن باشلاپ مەن ،كۈندە ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلىدىغان ھەمدە ئۈندىداردىمۇ كۆپ پاراڭلارنى قىلىدىغان بوپ قالدىم ،بارا بارا ئۇمۇ ماڭا كۈندە نەچچە رەت تېلفۇن قىلىپ تۇرىدىغان بولدى ،بىز شۇنداق تىز چىقىشىپ قالدۇق ،ئۆزۈممۇ ھەيران تۇنۇشۇپ بىر ئاي ئىچىدە بۇنداق يېقىن سىرداشلاردىن بولغىلى بوممايدۇ ،ئەمما بىز شۇنچىلىك يېقىن سىرداش بولالىدۇق ،كۈنلەر ئۆتمەكتە ،مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسىياتىم كۈندىن كۈنگە ئۇلغايماقتا ئىدى، ،ئۇنىڭغا خەت يازماي ،تېلفۇن قىلماي يېرىم كۈن چىدىمايتىم ،ئوقۇرمەن بەلكىم مىنى مەسخىرە قىلىشىڭىز مۇمكىن ،نەچچە ئاي بوممايلا شۇنداق بوپ كىتەمدۇ دەپ ،ئەمما مەن راس گەپنى دىسەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،بىر گەپ بارغۇ بىر ئۆمۈر ياشاپ بىر چىنە سۇ ئىچكەندەك سۆيۈنمەيدىغان ،بىر كۈن بىللە يۈرۈپ مەڭگۈ ئۇنتاممايدىغان ئادەم بار دەپ ،،ئەنە شۇ ئادەم مەن بوپ قالغان ئوخشايمەن ،ئۇنچە تىز ياخشى كۆرۈپ قالامەن دىمىگەن ئىدىم ،بىراق ئۇ مىنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق بىلمەيتىم ،لىكىن ماڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدى ،مەن ئۇنى ھىس قىلاايتىم ، ئۆتمۈش توغرۇلۇق ئۇنىڭدىن سورىغىنىمدا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ كەتكىنىنى ئىككى پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنىڭ قېشىدا ئىكەنلىكىنى ئېتقان ئىدى، مەنمۇ ئاجراشقان قىزىم يېنىمدا ھەمراھىم ئىدى ، ،بىز پات پات كۆرىشىپ مۇڭدىشىپ تۇراتتۇق ،مىنىڭ دەردىم بولسا ئىچىم پۇشۇپ قالسا ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ ،ئۇنىڭدىن تەسەللى ئىزدەيتىم ،بىراق ئۇ ئۆزى توغرۇلۇق ھىچنېمە دىيىشنى خالىمايتى ،ئاز تولا سوراپ قويسام گەپنى باشقا ياققا بۇراپ دىگىلى ئۇنمايتى ،ئامال بار مەنمۇ سورىمايتىم ،بەلكىم مەن ئايال كىشى بولغىنىم ئۈچۈن ئاجىز بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن تەسەللى ئىزدىگەندىمەن ، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق خېلى دەردى بارلىغى ئېنىق ،ئەمما ھىچنېمە دىمەيتى ،ئۆزىنى ئاجىز كۆسىتىشنى خالىمايتى ، ئۇنىڭ جېنى چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ يالغان گەپ قىلمايدىغان ،قىلاممايدىغان كۆزى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ھەرگىزمۇ يالغاندىن ۋەدە بەرمەيدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىكەنلىكىگە ئىچ ئىچىمدىن كۆيەتتىم ،،ھەقىقى ئەركەك شۇنداق بولسا دەيمەن ،،ھەش پەش دىگۈچە ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتتى ،بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا ئايالىم بىلەن يېنىشىدىغان بولدۇم كەچۈرۈڭ بىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالايلى مەن سىزنىڭ دىگەن يىرىڭىزدىن چىقاممامدىم دىدى ،،تەسەۋۋۇر قىلاممايسىز شۇ چاغدا مەن ئەڭ سۆيىدىغان ئەڭ ئىشىندىغان پۈتۈن دەردىمنى بىلىدىغان ھاياتىم دەپ بىلىدىغان ئەزىزەم دەپ بارلىقىم بىلەن سۆيگەن بىرىنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈمنىڭ قان زەرداپ بولغىنىنى پەقەت ياراتقۇچى بىلىدۇ ،مەن ئۇنى سۆيەتتىمغۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرنىمە قىلىشقا تەييار ئىدىمغۇ ،ئەمدى نىمە بولدى ،ھەممىسى تۈگىدىمۇ ،قان يىغلىدىم ئەمما ئورنىغا كەممىدى يىغلىغان بىلەن ھىچ نەرسە ئوڭشىلىپ قاممىدى ،بىراق يۈرۈگۈمدە ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى ، چۈنكى ئالتە ئاي جەريانىدا ئۇ ماڭا ھىچقاچان تۇرمۇش توغرۇلۇق بىر نەرسە دىمىگەن ھەم ۋەدىمۇ بەرمىگەن تۇرسا قانداقمۇ نەپرەتلىنەي ،پەقەت مەن ئۇنى سۆيىمەن خالاس ،تەقدىر قىسمىتىم شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ،خەيرى دىدىم ئۇنىڭغا ۋۇجۇدۇم بىلەن بەخىت تىلىدىم ،ئۇنىڭ خاتىرجەم بەختىنى كۆرۈشمۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ئىدى، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ ئايالى بىلەن يېنىشتى قايتىدىن تۇرمۇشىنى ئوڭشىدى ،مەن قالدىم ھىجراندا ئازاپلىق سېغىنىش ئىچىدە قالدىم ،مەنمۇ سۆيۈشكە موھتاج ئىدىمغۇ ،مەنمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتۈش ھەققىم بار ئىدىغۇ ،بىراق كاج پەلەك بۇنىڭغا يول قويمىدى ، ئۇ يېنىشىپ بولغاندىن كىيىنمۇ بىز پاراڭلىشىپ تۇردۇق يەنىلا بۇرۇنقىدەك سىرداشلاردىن بۇلۇپ ئۆتتۇق ،ئەسلى مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىممىسام بۇلاتتى ،بىراق مەن قىلاممىدىم ،ئۇنى ئۇنتۇش ئەمەس ئۈندىدارىنى يۇيۋىتىشكىمۇ يۈرۈگۈم چىدىمايدىغان تۇرسا 😩بىزنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرىشىمىز ئۇنىڭ تۇرمىشىغا دەخلى قىلغاندەك قىممايتى ،چۈنكى ئۇ مەسئۇلىيەتچان ئەر ،ھەممە ئىشلارنى ئۆز يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلالايتى ، ،مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ مىنىمۇ خېلى بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ھەم مىنى شۇنچىلىك يېقىن ئادىمى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم سەۋەپ ھەم پەرزەنلىرى سەۋەپلىك ئايالى بىلەن يېنىشقىنىنى ئاز تولا دەپ بەردى ،ھەممە كىچىكتى ،ئەمما مەن ئالەمچە خۇشال ،چۈنكى ئۇ مىنى سۆيىدىغىنىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتتى ،شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ، ھىچ بولمىسا ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلدىم ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىياممىساممۇ مەن يەنىلا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلدىم ، ھازىرمۇ بىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك خۇشال ياخشى سىرداشلاردىن بوپ ئۆتىۋاتىمىز ،يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق خۇشال ئۆتەلەيمىز بۇنى بىلمەيمەن ،ئەمما مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى ساقلاپ قالغىم بار ،مەن بۇ ئۆمرۈمدە بىردىنبىر ئاشىق بولغان ئەر بىلەن مەڭگۈ خاتىرجەم خۇشال ئۆتكۈم بار ،مانا مەن ھېكايەمنى يىزىۋاتىمەن ،مەن سۆيگەن ئەر ماڭا تېلفۇن قىلىۋاتىدۇ ،تېلفۇننى ئالالماي قالدىم ،تېلفۇننى ئالسام يازغان ھېكايەمنىڭ يوق بۇلۇشىدىن قوقتۇم ،،ئىھ مەن ياخشى كۆرگەن كىشى مىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمىغىن مىنىڭ سۆيگۈمنى ئۇنۇتمىغىن ،،،،،،،،،،💏💏💏💏💏 ساڭا چەكسىز بەخىت ئامەت ،خاتىرجەملىك تىلەيمەن !!!!!!!!!!!
408 قېتىم كۆرۈلدى | رازىيە تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-4 19:06:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|