گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 8- قىسىم

گۇناھكار قەلىب 

(پوۋىسىت) 8- قىسىم


   شۇ كۈندىن باشلاپ تاھىر بىلەن خالنۇر پات پاتلا ھېلىقى ئارچا دەرىخى ئاستىدىكى ئۇرۇندۇقتا بىللە دەرس تەكرار قەلىدىغان بولدى ، خالنۇر ئاستا ئاستا تاھىردىن ئايرىلالماس بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى ، سىنىپقا چىقىپ تۇنجى بۇلۇپ قىلىدىغان ئىشى تاھىرنىڭ پارتىسىغا قاراش بولاتتى ، چۈشلۈك ئارامدا تاھىرنىڭ قاياققا ماڭغىنىغا دىققەت قىلاتتى ، ئەجىبا ئۇ تاھىرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ ؟ ئەركىن بولسا خالنۇرنى كۆزىتەتتى ، ئۇنىڭ دائىم تاھىر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە كۆڭلى يېرىم بولاتتى ، چۈنكى ئۇ خالنۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى ، كېچىسى خالنۇرنى ئويلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالاتتى ، خالنۇر قېرىشقاندەك ئەركىندىن ئەھۋال سوراپمۇ قويمايتى ، قاچانلا قارىسا باشقىلاردىن تاھىرنى سورايتى ، باشقا بالىلارمۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق خالنۇر تاھىر بولمىسا ياشىيالمايدۇ دەپ مەسخىرە قىلاتتى ، ئۇلار دائىم بىللە يۈرەتتى ، ئەركىن بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندە تاھىرغا ئۆچمەنلىكى قوزغىلاتتى . ئەركىن بىر قارارغا كەلدى ۋە تاھىر بىلان كۆرۈشمەكچى بولدى ,ئۇ تاھىر بىلەن كۆرۈشكەندە تاھىرغا مۇنداق دېدى .
- سېنىڭ خالنۇر بىلەن نېمە مۇناسۋىتىڭ بار ؟
-مېنىڭ ھېچقانداق مۇناسۋىتىم يوق ، نېمىلەرنى دەۋاتىسەن ؟
-ئەمسە كۈندە خالنۇر بىلەن بىللە يۈرۈيسەن ؟
-ھە مۇشۇ گەپمىتى ؟ ئۇمېنىڭ دەرستىكى رىقابەتچىم شۇ ، باشقا ئىش يوق بىللە تەكرار قىلىمىز شۇ ، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتڭ ؟
- سەن خالنۇرنى ياخشى كۆرەمسەن ؟
- بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن ؟
-گەپنى ئېپ قاچما ، ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن يوق ؟
-ياق ،مەن ئۇنداق نىيەتتە بولمىدىم ، ئۇ ياخشى قىز بىراق مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن ، مېنىڭ نەزىرىمدە بىز تېخى بالا ، بۇ ئىشلار كەلگۈسىدە بۇلۇشى كېرەك ، مەن كەلگۈسىدىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن .
تاھىر بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا قارياغاچ ئارقىسىدا خالنۇر ئېنىق ئاڭلاپ قالدى ، ئۇ توختىماي ئىچ ئىچىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى .ئۇنىڭ كۆزياشلىرى چىم ئۈستىگە تامچىدى ، بىراق ئۇ ئەركىننىڭ مۇنۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .
-ئۇنداقتا ياخشى ، خالنۇر ماڭا تەۋە قىز ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەگەر سەن مېنىڭ ھەقىقى دوستۇم بولساڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇر.
خالنۇر ئىچىدە مۇنداق ئويلىدى :«ئەركىن نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ؟ مەن قاچاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا تەۋە بۇلۇپ كەتتىم ؟ توۋا ئۇ نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ ؟»شۇ كۈنى كېچىسى خالنۇر تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمىدى ، ئەركىنمۇ شۇنداق ، بىراق تاھىر ناھايتى بەخىرامان ئۇخلاۋاتاتتى .
تاڭ سەھەر قۇياش كۆتۈرلۈپ مەكتەپ ئىچى قاينام تاشقىنلىققا تولدى ، دەرس باشلىنىپ ھەش پەش دېگۈچە كۈن چۈش بولدى، خالنۇر تاھىرنىڭ دەرس تەكرارلايدىغان جايىغا كەلدى ، تاھىر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا خالنۇر ئۇنىڭغا گەپ قىلدى .
- ئۇنداق قىلماڭ ؟ تاھىر تۈنۈگۈن ئەركىن ئىككىڭلانىڭ دېيىشكەن گەپلىرىڭلانى تولۇق ئاڭلىدىم ، راس دەيسىز ھازىر بىزنىڭ بالا ۋاقتىمىز ، مېنى دەپ دوسلۇقىڭلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۋاتامسىىز ؟ بىراق مەن سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن ئەركىننى ياخشى كۆرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس ، سىزنى ئۆمۈر بويى ساقلايمەن .
ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەك ئارلاش چىقىۋاتاتتى ، بىراق تاھىر ئۈن تىنسىز ھالەتتە كەتمەكچى بولغاندا خالنۇر تاھىرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ قۇچاقلىۋالدى ، بۇ مەنزىرنى ئەېكىن يىراقتىن كۆرۈپ بارمىقىنى چىشلىدى ۋە ئۆزىنى تۇتالماي قالدى .پەرھات ئەركىننىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى .
-نېمە چىدىماي قالدىڭما ؟ئوغۇل بالا تۇرۇپ مۇشۇنداق بوپكەتتىڭما ؟ يۈرە مەن ساڭا قانداق بۇلۇشنى ئۆگىتىپ قوياي -دېدى ، ئەركىن ئۈن تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتى .
ئەركىن شۇ كۈندىن باشلاپ تاماكا چېكىشنى ، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەندى .ھەتتا كۈنلەپ كۈنلەپ دەرسكىمۇ چىقمايدۇ .تاھىر ئەركىننىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىندىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا نەسھەت قىلسىمۇ قەتئى ئاڭلىمىدى .ئاخىرى ئەركىن پەرھات بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ تاھىرنى يوقىتىشنى پىلانلىدى .

سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، بۇنىڭ قانداق پىلان ئىكەنلىكىنى ، تاھىرنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ، خالنۇرنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى  15292532364
     





549 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 4:37:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ