- ئاپا ،ئەتە بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز يوقتۇ ؟
-يوق بالام .
-ئەتە ئۆيگە بىر دوستۇمنى تەكلىپ قىلاي دىگەن ئىدىم .
-بولىدۇ ،تەكلىپ قىلغىن ئوغلۇم .
-بىراق ئاپا ،تەيارلىقنى ئوبدانراق قىلسىڭىز ،ئۇ مىنىڭ بالىق چاغلىرىمدىكى دوستۇم .چوڭ شەھەردىن كەلدى .
-خاتىرجەم بول ئوغلۇم ،مەنمۇ شەھەردە چوڭ بولغان ،مىھماننى قانداق ئۇزۇتۇشنى بىلىمەن. ھە راست ئوغلۇم، ئۇ دوستۇڭنى مەنمۇ تونۇمدۇم ؟
-يادىڭىزدا باردۇ ئاپا ، بۇرۇن مەكتەپنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بۈزەمخان چوڭ ئانىنىڭ تاغ ئارقىسىدىن كەلگەن ،ياسىن ئىسىملىك بىر نەۋرىسى بولىدىغانغۇ ؟ ئىككىمىز دائىم بىللە ئوينايدىغان ؟
-ھەئە ئۇ بالا يادىمدا ، شۇ بالا كەپتىما ؟
-ھەئە ،ئاپا .
-ئۇ بالىنى گۆرمىگىلى ئۇزۇن يىل بوپتۇ . ھازىر نىمىش قىلىۋېتىپتۇ ؟
-ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دوختۇر بوپتۇ .
- نىمە ؟ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ دوختۇر بوپتىما ؟!
-ھەئە ئاپا .
-ۋاي ،ماۋۇ بالىنىڭ يامانلىغىنى قاراڭ !
- ئەتىگەندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدۇق، ئەمسە مەن ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قويۇپ كېلەي .
-ماقۇل بالام ،چاپسانراق قايتىپ كەلگىن ، ماڭا بازاردىن نەرسە كېرەك ئەكىلىپ بىرىسەن . -ئۇختۇم ئاپا . نىساخان مۇئالىم ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن كېيين .ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ قالدى .نۇرغۇن يىللار ئلگىرى ياسىن ئىسىملىك ئۇ بالىغا قىلىپ قويغانلىرى كۆز ئالدىدىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى . ئۇ چاغلاردا يېزىنىڭ يوللىرى توپىلاڭ ئىدى . دىققانلار ئەتىرەتتە دارامەتكە ئىشلەيتى .كەنىت باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر نەچچە ئەپەندىم -خانىملارلا مۇئاش ئالاتى . مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدە مۇئالىملەرنىڭ ھۆكىمەت سېلىپ بەرگەن ئۆيلىرى بۇلۇپ ،كىچىك ئىشىكتىن چىقسىلا بىز بايا تىلغا ئالغان بۈزەمخان چوڭ ئانىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۈسەتى .بۈزەمخان چوڭ ئانىنىڭ ئون بىر بالىسى بولۇپ ،ئۇنىڭ رەخمەتلىك يولدىشى ئىشىگىنىڭ ئالدىغا ناھايىتى چوڭ باغ بەنا قىلغان ئىدى . باغنىڭ ئىچىدە سۇ ئىچىدىغان بىر كۆل بار ئىدى .مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇ كۆلدىن سۇ ئىچەتى .بۈزەمخان چوڭ ئانا باغنى باشقىلاردىن قورىمايتى .شۇڭا مۇئالىملەر مىۋە- چىۋىنى ئاشۇ باغدىن ئېلىپ چىقىپ يەيتى . نىساخان مۇئالىم شۇ چاغدا ئىككىنچى سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئىدى .بىر كۈنى ئىشخانىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇراتى ئىشىك چېكىلدى .نىساخان مۇئالىم : -كىرىڭ ،-دىدى . ئىشىك ئېچىلىپ ئىشخانىغا يېشى سەككىز ياشلار ئەتراپىدا ،ئۇچىسىغا قارا چىپەرتقۇت چاپان، بېشىغا شەپكە كىيىپ ،بوينىغا قىزىل گالاستۇك تاقىۋالغان بىر بالا كىرىپ كەلدى : -تىشلىكمۇ ؟ ئۆزلىرى نىساخان مۇئالىم بولامدىلا ؟ -تىشلىق ،ھەئە مەن نىساخان مۇئالىم بولىمەن .قېنى بۇياققا كەلگىن . -مەن يۇرتۇمدا ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتاتىم ، ،بۇ يەرگە مومامغا ھەمرا بولغىلى كەلدىم .بۇندىن كېيىن مۇشەدە تۇرۇپ ئوقۇيمەن . -ۋاھ ،نىمە دىگەن جانلىق بالا سەن ؟قېنى ئېيتقىنا موماڭ كىم بوفىدۇ ؟ -بۈزەمخان . -ماكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى بۈزەمخاچامنىڭما ؟ -ھەئە . -ياخشى ياخشى .يۇرتۇڭدا ئىككىنچى سىنىپتا ئوقىغانما ؟بالا يانچۇغىدىن بىر پارچە جەتنى ئالدى : -مانە مەكتەپنىڭ ئالاقە خېتى . نىساخان مۇئالىم ئالاقە خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن ياسىن ئىسىملىڭ بۇ بالىنى تىزىملاپ ،سىنىپىغا ئەكىرىپ قويدى . ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەن ئىدى .نىساخان مۇئالىم بىر قانچە ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن ،بۈزەمخان ئانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى تونۇرغا نان يېقىۋاتاتى پىر چاغدا سەينادىن بۈزەمخان ئانا چىقىپ كەلدى .خانىملار بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ،نىساخان مۇئالىمگە : -ئۆزلىرى سايناغا كىزگەن بولسىلا ،بىردەم ئايرىم مۇڭدىشاي دىگەن ئىدىم ،-دىدى . نىساخان مۇئالىم بۈزەمخان ئانا بىلەن ئۇنىڭ تال باراڭلىق ھويلىسىغا كىردى . ئىككەيلەن سۇپىدا ئولتادى . -ئۆزلىرى بىلىدىلا ،بۇ يىل سەكسەن ياشقا كىردىم .-دىدى بۈزەمخان ئانا : -ئون بىر بالامنىڭ بىرسى تاغ ئارقىسىد ا ئۈچى شەدە ،ئىككىسى گۇڭشەدە ،ئالتىسى مۇشەدە . ئايىۋاخۇن ئوغلۇم كەنىتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتسە نەچچە كۈنگىچە ئۆيگە كېلەلمەيدۇ .كېلىنىم ھەپىزەم بىر قولىدا بۈشۈكنى ،يەنە بىر قولىدا كەتمەننى كۆتۈرۈپ، ئەتىگەندە چىقىپ كەتسە ،كەچتە كېلىدۇ .سەينادىكى جاندالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق . دىخان خەق بىز ،جاندا قىلمىساق ئەسلى .يېقىندىكى نەۋرىلەرنى ئەكىلۋالسام ،نەچچە كۈن تۇرۇپلا ،ئۆيىگە بېرىۋالىدۇ .شۇڭا يىراقتىكى نەۋرەمنى ئەكەلتۈرگەنتىم ،بىراق بۇ بالا كېلىپلا مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ تۇرىۋالدى . مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرمىسەك ،ئۆزى سىلىنىڭ سىنىپلىرىگە كىرۋاپتۇ . ئۆزلىرى كۆرۈپ تۇرۈپتىلا شۇ تاپتا جاندالارنىڭ ھەممىسى قوتاندا ئاچ تۇرىۋاتىدۇ . باغدىن ئوت ئورۈپ ئەپچىقىپ بېرەي دىسەم ،كۈچۈم يەتمەيدۇ ،شۇڭا سىلىدىن خوش بولۇپ قالسام ،ئۇ بالىنى چىقىپ، چوڭ ئاناڭنىڭ ئىشىنى قىل دەپ چىقىرۋەتكەن بولسىلا ،-دىدى . نىساخان مۇئالىم بىر مەزلۇمنىڭ گېپىنى يىرالمىدىمۇ ياكى باغدىن مىۋە يىيەلمەسلىك ،كۆلدىن سۇ ئىچەلمەسلىك ،تۇنۇرغا نان ياقالماسلىقتىن ئەنسىردىمۇ، بۇنىسى نەمەلۇم . بۈزەمخان ئانىنىڭ گېپىگە ماقۇل بولدى . نىساخان مۇئالىم ناننى يېقىپ بولۇپ، سىنىپقا كىرىپ ياسىننى سىرىتقا ئېلىپ چىقتى : -ساڭا ئېيتسام ئوغلۇم ،موماڭ سېنى ئوقۇتمايدىكەن ،سەينادىكى جاندالارنى باقىدىكەنسەن .شۇڭا سىنىپقا كىرىپ ،سومكاڭنى ئېلىپ ،موماڭنىڭ ئۆيىگە چىقىپ جاندالارغا ئوت ئورۇپ بەرگىن . -ياق مۇئالىم ،جاندالارغا چوڭلار ئوت ئورۇپ بەرسۇن ،مەن ئوقۇيمەن ! -ھەي نىمانداق گەپ ئاڭلىمايدىغان بالاسەن ؟ موماڭ ياشىنىپ قالغاان تورسا ، قانداق ئوت ئورۇيدۇ ؟ - ئوت ئۇرۇيدىغان ئادەم بولمىسا پادىغا قېتىپ بەرسۇن . شۇ ئەسنادا دەرستىن چۈشۈشكە داڭ ئۇرۇلۇپ قالدى . -بولدى ، دەرىستىن چۈشۈپ ،موماڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكىن ،ئەتىدىن باشلاپ ،دەرىسكە كىرمە ! نىساخان مۇئالىم شۇنداق دەپ ،ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى . ئەتىسى كۈنى نىساخان مۇئالىم سىنىپقا كىرىپ ،ياسىننىڭ يەنە سىنىپتا ئولتۇرغانلىغىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى : -موماڭ سېنى ،مەكتەپكە كىرىپ ئوقى دىدىما ؟ -ئوقىما د ىگەنتى ،ئۆزەم كىردىم . -ھەي سەن قانداق بالا ھە ،سەينادىكى جاندالارنى ئاشۇ قېرى مەزلۇمغا تاشلاپ بېرىپ ،دەرسكە كىردىڭما ؟ مەن تۈنۈگۈن ساڭا نىمە دىدىم ؟ دەرسكە كىرمە دىمىدىممۇ ؟ نىمىشقا گەپ ئاڭلىمايسەن ؟ -توغرا گەپ قىلسىڭىز ئاڭلايمەن !
-ھوي ،قارا ماۋۇ بالىنىڭ داۋاتقان گېپىنى !؟ مەن سېنى بۈزەمخان ئانىنىڭ نەۋرىسىكەن دەپ چىرايلىق گەپ قىلسام ،ماڭا گەپ ياندۇرۋاتامسىنا ؟ چىقە سىنىپتىن ! -سىزنىڭ بۇنداق دەيدىغان ھوقوقىڭىز يوق ! نىساخان مۇئالىمنىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپ ،ياسىننى قولىدىن سۆرىگىنچە سىنىپتىن چىقىرۋەتتى . شۈنىڭدىن كېيىن ياسىن دەرسخانىغا قايتا كىرمىدى .نەچچە كۈندىن كېيىن نىساخان مۇئالىم ياسىننى ئۆستەڭ بۇيىدا كالا سۇغۇرۋاتقان ھالەتتە كۆردى . ئۆزىنى گۇناكاردەك ھىسقىلدى . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە نىساخان مۇئالىم سىنىپتا ئوغلى ئەنىۋەرنىڭ تاپشۇرۇقنى يېنىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاۋىغا قاراپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ : -ئۆزەڭنىڭ كىتاۋى قېنى ؟-دەپ سورىدى . -ياسىنغا بېرىپ تۇردۇم ،ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيالمىغاندىن كېيىن ،دەرسلەرنى ئۆزى ئۈگۈنىۋاتىدۇ ،يۇرتىغا بارغاندا يەنە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن نىساخان مۇئالىم كۆزىنى ئوغلىنىڭ چەكچىيىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قاچۇردى : -بوپتۇ ،ئۇ بالا چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا چۈشەندۈرۈپ قوي . نىساخان مۇئالىم شۈ يىلى مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى .بىراق ئۇ ئۆزىنى بۇ شان -شەرەپكە مۇناسىپ ئەمەستەك ھىس قىلدى . مەنمۇ ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ قالدىممۇ دەپ ئويلايتى. ئۈچ يىل ئۆتۈپ بۈزەمخان چوڭ ئانا قازا قىلدى .ياسىننى ئاتا ئانىسى ئېلىپ كەتتى .مانە بۇ ئىشلارغا نۇرغۇن يىل بولغان بولسىمۇ نىساخان مۇئالىمنى قىيناپ كەلگەن ئىدى .ياسىننىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ دوختۇر بولغانلىغىنى ئاڭلاپ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولدى . -ئاپا ،ئەتە مىھممان كېلىدۇ دىسەم ،خىيال سۈرۈپ ئولتۇراپسىزغۇ ؟ مۇراتنىڭ ئاۋازى نىساخان مۇئالىمنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى .