قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 10- قىسىم

 قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)
2- بۆلۈم  10- قىسىم

www.yazghuqilar.com


   ئولتۇرغانچە تايىرنىڭ كۆڭلىنى ۋەھىمە تېخىمۇ قاپلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭغا يېنىدىلا ئاللىقانداقتۇ نەرسىلەر پاراڭلىشىۋاتقاندەك بىلىندى ، ئۇنىڭ كۈچەپ بىر ۋاقىراپ باققۇسى كەلدى لېكىن ئۇنداق قىلسا ئۇخلاپ ياتقان ھەمىراھلىرىنى قورقۇزىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ ، ئۇ ئاستا تۇرغۇننى چاقىرىپ ئۇيغاتتى .
 - نىمە بولدى؟- سورىدى تۇرغۇن كۆزىنى ئۇۋۇلغاچ بوغۇق ئاۋازدا .
- بۇياققا كىلە !- تايىر ئۇنىڭغا پىچىرلاپ ئۇنى بايا ئولتۇرغان ئورۇنغا ئېلىپ باردى .
- خېلىدىن بېرى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلاۋاتىمەن ، سەنمۇ ئاڭلاپ باقە !
- نىمە دەيدىغانسەن ؟
دوستىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان تۇرغۇننىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلغاندەك بولدى ،- نىمە ئاۋازكەن؟
- تاڭ بىلەلمىدىم ، بىرىنىڭ پىچىرلاپ گەپ قىلغىنىغىلا ئوخشاش ، ئەتىراپقا چىراق سالسام ھېچنىمە يوق ، قورۇققۇم كىلىپ سېنى چاقىرغان !
 ئۇ ئىككىسى بۇ غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلىماق بولۇپ قۇلاقلىرىنى تىككىنىچە جىمجىت ئولتۇرۇشتى ، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن تۇرغۇن سورىدى :
- ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدىمغۇ؟
- ئەمدى يوقاپ كەتتىغۇ ، باياتتىن بېرى توختىمىغان .
 تايىر ھەيران بولغىنىچە ئەتىراپقا قول چىراق سېلىپ باقتى .
- ئەنسىرمە ، بىزنىڭ قولىمىزدا قېلىچ بار ، ئۇنداق نەرسىلەر يېقىن كىلەلەلمەيدۇ ، ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسا بىردەم ئۇخلىۋالغىن ، مەن بىردەم تۇراي !- دىدى تۇرغۇن ئەسنىگەچ .
- ئۇيقۇم كەلمىدى ، سەن يەنە بىردەم ئۇخلىۋالغىن !- تايىر تۇرغۇننىڭ ئۇيقىسى قېيىشۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنى يېتىشقا ئۈندىدى ، تۇرغۇن :
- بوپتۇ ئەمىسە ! ئۇيقۇڭ كەلسە چاقىرۋەت! - دىگىنىچە بېرىپ دۈم چۈشتى  .
 زۇلىمەت قاراڭغۇ ،تايىر ئەتىراپقا قۇلاق تىككەچ خىيال سۈرگەچ ئولتۇردى « مەن خاتا قارار چىقارمىغاندىمەن ھە !» دەپ ئويلايتتى ،« شۇنداق ياخشى دوسىتلىرىم بار ، ئۇلار ماڭا ئىشىنىپ بۇ چۆل - جەزىرىگە كەلدى ، ئەنە! قاراڭغۇ كىچىدە داق يەردە يېتىشىپتۇ ، مەن يەنە قاراملىق قىلىپ ئۇلارنى باشلاپ نەدىكى چۈشلىرىمدە كۆرگەن ئالىقانداق بىر بۇۋاينىڭ يېنىغا بارىمىز دەپ، بۇ قۇملۇقتا ئادىشىپ بىرەر خەتەر يىتىپ قالسا …… خۇدايىم ساقلىسۇن !» دەۋەتتى ئۇ. ئۇ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنىلا ئەمەس شۇنداق خىيالنى قىلىشتىنمۇ قورقۇپ ئەندىكىپ كەتتى ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە شۇنداق رېتىملىق ، زىل سائەت سىتىرىلكىسىنىڭ ماڭغان ئاۋازىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى ،« كىمنىڭ سائىتىنىڭ ئاۋازى بولغىيتى بۇ؟» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغاچ ،« ئەجەپ رېتىملىق مېڭىپ كەتتى دىسە …» ئۇ شۇ خىياللار بىلەن سەزمەيلا ئولتۇرغان پېتى ئۇيقۇغا كەتتى .  ئۇ  ئۆزىنىڭ بىر قەدىمى مەھەللىدە تۇرغىنىنى كۆردى ، ئۈستى شاخ - شۇمبا بىلەن يېپىلغان ئاددى كىسەك ئۆيلەر ، توپا قايناپ تۇرىدىغان مەھەللە يولى ، يول ياقىسىدا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپ - سۈزۈك سۇ ، قاياقتىندۇ بىر توپ قوينى ھەيدەپ كەلگەن يۈز كۆزى توپا - چاڭغا تولغان بىر نەچچە بالا ، تايىر ھەيرانۇ ھەۋەس بىلەن ئەتىراپقا قارىغاچ كىتىپ باراتتى ، ئىگىز -پەس سېلىنغان پاكار ئۆيلەردىن چوڭ - كىچىك ، ئەر - ئاياللار چىقىشقا باشلىدى ، ئاددى ھەم قوپال رەخىتلەر بىلەن تىكىلگەن كىيىم - كىچەكلەر ئىچىدە   ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن چىرايلار خۇددى ،ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان غەلىتە بىر نەرسىنى   كۆرۈپ قالغاندەك ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا تىكىلمەكتە ئىدى . ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ قەدىمىي مەھەللىگە ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ ناتونۇش چىرايلارغا قورۇنغاچ قاراپ تۇرۇپ قالدى . شۇ چاغدا بېشىغا ئۇزۇن ،ئۇچى ئۇچلۇق ، قارا رەڭلىك ، چىرايلىق گۈل كەچتىلەنگەن تۇماق كەيگەن ، ئۇزۇن قارا  چاچلىرى ئۇششاق ئۆرۈلگەن ، بويى ئىگىز ، زىلۋا ، شۇ زىلۋا بويىغا ماس ھالدا گۈل كەشتىلىرى بىلەن كەچتىلەنگەن قارا رەڭلىك سىپتا كۆينەك كەيگەن ، بىلىگە ئۇزۇن قامچىنى ئوراپ سېپىنى يېنىغا چىقىرۋالغان ، چىرايىدىن گۈزەللىگى ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇدەك بىر قىز ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى -دە ئىشارەت قىلغاچ « مەن بىلەن مېڭىڭ » دەپلا مەھەللە ئىچىگە قاراپ ماڭدى .تايىر ئىككىلىنىپ تۇرمايلا قىزغا ئەگەشتى .
 قىز ئەگىرى - بۈگىرى مەھەللە يوللىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ مەھەللە سىرتىغا چىققاندىن كىيىن ، بىر ئۆستەڭنى بويلاپ ، ئۈستى ئاقتىرەك ، كۆكتىرەك ، جىگدە ، ياۋا ئالما ، ياۋا ئۈرۈك قاپلاپ تۇرغان بىر دۆڭلۈككە قاراپ ماڭدى ، تايىر كىتىۋېتىپ قىزغا يىتىشۋالماقچى بولۇپ شۇنچە تىرىشتى ، ھەتتا يۈگۈرۈپمۇ باقتى غەلىتە يىرى ئۇ قانچىلىك كۈچىگەنسېرى قىز بىلەن ئارلىغى شۇ پېتى كىتىپ باراتتى .ئۇ قىزنى چاقىرماقچى بولدى لېكىن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى ، ئۇ قىزغا ئەگىشىپ مېڭىش ئۇنىڭغا خۇددى مەجبورىيەتتەكلا تۇيغۇ بىرەتتى .
 ئۇلار قويۇق دەرەخلەر ئارسىدىكى چىغىر يولنى بېسىپ بىر كونا مازار يېنىدىكى تاملىرى تاشتىن قوپۇرۇلغان ، ئالدىغا يۇغان سۈپە ياسالغان بىر كەپىنىڭ ئالدىدا توختاشتى .
 قىز تايىرنى ئۆيگە كىرىشكە ئىشارەت قىلدى ، تايىر قىزغا بىر قارىۋېتىپ كەپىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ،قىز كەپە سىرتىدا قالدى ، كەپە ئىچى ئۇنچىلىك قاراڭغۇ ئەمەس بولۇپ ، كەپە تۆرىسىدە كونا گىلەم سېلىنغان سۈپە ، سۈپىدە سالاپەتلىك بىر بۇۋاي جازىغا قويۇلغان يۇغان كىتاپنى كۆرگەچ تەسۋىي سىرىپ ئولتۇراتتى .
 تايىر بۇۋاينى كۆرۈپلا خوشاللىقتىن ۋاقىرۋەتتى :
- بۇۋاا ! بۇ سىلىكەنلىغۇ ؟ سىلىنى ئاخىرى تاپتىم !!!
 بۇۋاي كۆزىنى كىتاپتىن ئاغدۇرۇپ تايىرغا قارىغاچ سالام قىلدى :
- ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بالام ، خوش كەلدىڭ !
تايىر ھاياجاندا ئارانلا سالام قايتۇردى :
- ۋەئەلەيكوم ئەسسالام !-ئۇ سالام قايتۇرۇپ بولۇپ ئۆزىنىڭ ھاياجانلىنىپ كىتىپ بۇۋايغا ھۈرمەتسىزلىك قىلغىنىنى يادىغا ئالدى ھەمدە ئوڭايسىزلانغىنىچە سالام قىلدى ، بۇۋاي سالامنى ئىلىك ئېلىپ ئۇنى سۈپىگە تەكلىپ قىلدى .
- بۇۋاا سىلىنى ئىزدەپ ئاخىرى تاپتىم !- گېپىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى تايىر سۈپىگە ئورۇنلاشقاچ .
- ياق بالام سەن تېخى مېنى تاپالمىدىڭ ، مەن سېنىڭ گۇمانىي ھېسىڭنى يۇيىۋەتكىلى ، يولىڭنى چىڭىتقىلى ، غەيرىتىڭنى ھەسسىلىگىلى چاقىرتتىم ، ساڭا دەسلەپتە دىگەن سۆزلىرىمنى ئۇنۇتما ، مەن يولىڭلارغا قاراپ سىلەرنى كۈتىۋاتىمەن ،ئالدىمىزدا قىيامەتنى قايىم قىلغۇدەك ئاپەت بار ، بۇ ئاپەت يەجۈج - مەجۈج بىشارىتىدىن قېلىشمايدۇ . ئاستىمدا بۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر تۈركۈم سىرلىق ئاھالىسى بولغان جىن - ئالۋاستى ، سەرسان ، قارغىش ئەرۋاھلار ، دىيۋە - پەرىلەر چەكلىمىنى بۇزۇپ ،ئىنسانلار بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرسىدىكى قائىدىلەرنى كۆزگە ئىلماي ، بىرىنجىدىن سىرلىق كىتاپ ھەم شۇ چاغدا ھالاك بولغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىش ، ئىككىنجىدىن پۈتۈن ئالەمگە غوجا بولۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتىدۇ ، بۇ قوشۇننى  ھازىر مەن ھەم بۇ يەردىكى قېرىنداشلارلا توساپ تۇرۋاتىمىز .بىز قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيمىز بىلمەيمەن ، بەلكىم بىز پۈتۈنلەي ھالاك بولىشىمىزمۇ مۇمكىن ، لېكىن بۇ بىزنىڭ موشۇ يۇرتنىڭ ۋەزىيپىسى ، بۇرچى ، بىز موشۇ بۇرۇچ ئۈچۈنلا پۈتۈن دۇنيادىن خالىي ، يەككە - يىگانە ھالدا بۇ قۇملۇقتا ياشاپ كەلمەكتىمىز ، بىزنى سەل چاغلىما ، بىز ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەمەس ، بىز پەقەت جىن - ئالۋاستىلار جامائەسىدىن ئىنسانلارنى قوغداش ئۈچۈنلا مەۋجۇتلىغىمىزنى ساقلاپ كىلىۋاتقان ئالاھىدە قەۋىم،بىز موشۇنداق قەۋىم بولساقمۇ ھازىرقى ھالەتتە ئۇلارنى توساش ھەقىقەتەن تەس ،تەس بولسىمۇ نەسلىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى توساشقا بىردىن - بىر ئامال ، ئالەمدىكى قانونىيەت پەردىسىنى قوزغۇتۇش ، ئۇ پەردىنى ئالۋاستىلار كونتۇرول قىلىپ پىچەتلىۋالدى ، ئۇنى قوزغۇتۇشنىڭ ئاچقۇچى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى بەش قېلىچ ، ھەم سىلەرنىڭ قېنىڭلار ، بۇ ئاپەتنى يوقۇتۇشقا سىلەر تاللانغان ،بۇ تاللاش سىلەر سىرلىق كىتاپنى يوقاتقان چاغدىلا بېكىتىلگەن .
تايىر ھەيران بولۇپ سورىدى :
- بىزنى كىم تاللىغان ، نىمىشقا بىزنى تاللايدۇ ؟
- بۇنى ئالدىرماي بىلىپ قالىسىلەر ! - دىدى بۇۋاي ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ،- سىلەرنى تاللىشىدىكى سەۋەپ سىلەر شۇنداق كۈچلۈك سىھىرگە ئىگە ئالۋاستى كىتاپنى يوقاتقىنىڭلاردىندۇ بەلكىم .
- ئۇ قانونىيەت پەردىسى دىگەن نىمە، ئۇنىڭ ئورنى قەيەردە ؟
- ياخشى سورىدىڭ بالام !- دىدى بۇۋاي ، قانونىيەت پەردىسى ئىنسانلار بىلەن جىن - ئالۋاستىلار جامائەسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىلغان قائىدە ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا زىمىن دائىرسى بار ، بىزنىڭمۇ شۇنداق ، بىز ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا كىرمەيمىز ، ئۇلارمۇ بىزنىڭ دۇنيايىمىزغا كىرمەيدۇ ، بۇنى چەكلىيەلەيدىغان بىردىن بىر نەرسە قانونىيەت پەردىسى ، ئۇ پەردە بولمىسا بىزنىڭ دۇنيانىڭ ئىشكىلىرى ئېچىلىپ كىتىدۇ ،كۆزلىرىمىز ئۇلارنى كۆرىدۇ ،  بۇ دىگىنىم ئۇلارنىڭ ئەپتى - بەشىرسى ئاشكارە ھالەتكە قايتىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئۇ قورقۇنۇچلۇق ھالىتىنى بىز ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يۈرۈگى كۆتىرەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە سىھىرلىرى كۈچلىنىدۇ ، چەكلىمىلەردىن بوشايدۇ ،قىلىمەن دىگەننى خالىغانچە قىلىپ ، ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۇلار ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىشلا بولۇپ قالىدۇ خالاس . سەن ھەم ھەمىراھلىرىڭ بۇ جامائەنىڭ ئاز بىر تۈركىمىنىلا كۆرۈپ باقتىڭلار ، ئۇلارنىڭ كۆپلىگى تەكلىماكاننىڭ قۇمىدەك كۆپ ، ۋەھشىلىگى ، بەتبەشىرىلىگى سىلەرنىڭمۇ يۈرۈگىڭلارنى يېرىشى مۇمكىن ، مەن موشۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەيمەن ، ئۇنىڭ ئورنى بولسا ئالۋاستى ھوكۇمىرانىنىڭ يۈرىگى بىلەن ئۇنىڭ تەخىت ئاستىدىكى ئالۋاستى شاھلىرى سىرلىق قەبىرسىنىڭ قىرىقىنجى ئۆيدە، بۇنى سەن كەلگەندە دەپ بىرىمەن .
تايىر بۇۋاينىڭ دىگەنلىرىنى چۈشەندى لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا قاراڭغۇ يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ بار ئىدى .
- ئۇلار قىساس ئالسا نىمىشقا بىزنى ئۆلتۈرۈپ قېلىچلارنى بۇلاپ كەتمەيدۇ؟
- بۇ سۇئالنى ناھايتى ياخشى قويدۇڭ بالام ،- دىدى بۇۋاي چۈشەندۈرۈپ ،- ئۇلار سىرلىق كىتاپ يوقالغاندا ھەقىقەتەن زور زەربە يىدى ، ئۇلارنىڭمۇ سىلەرنى ھالاك قىلىپ قېلىچلارنى بۇلاپ كەتكۈسى بار ، لېكىن ئىسىڭدە بولسۇن ، بىرىنجىدىن سىلەر تاللانغان ، ئۇلار سىلەرنى باشقا ئۇسۇلدا ھالاك قىلىشى مۇمكىنكى ئۆزلىرى قول سالالمايدۇ ، ئىككىنجىدىن ئۇ قېلىچلارنى ئۇلارنىڭ شۈنچىلىك تارتىۋالغۇسى بولسىمۇ قېلىچلاردا كۈچلۈك سىھىر بولغاچ قول سۇنالمايدۇ .
تايىر بۇۋاينىڭ چۈشەندۈرىشىدىن خاتىرجەم بولغاندەك بولدى ، ئۇ بىردىنلا ھېلقى خەرتىنى ئىسىگە ئالدى :
- ھە راسىت بۇۋا ! ئۆتكەندە سېنى چۈشۈمدە كۆرۈپ ئۇيغانسام قولۇمدا خەرىتە تۇرىدۇ ، ئۇ خەرىتە قانداقلارچە قولۇمدا بولۇپ قالدى ، ئۇمۇ جىنلارنىڭ ھىيلىسىمۇ؟
- ياق بالام ،- دىدى بۇۋاي كۈلۈمسىرەپ ،- ئۇ خەرىتىنى مەن بەرگەن ، ئۇ خەرىتە جىنلار شاھىنىڭ تىرىسىگە سىزىلغان خەرىتە ، مەن ساڭا دىگەن بىز ئادەتتىكى قەۋىم ئەمەس !
تايىر ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقىنىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقاندەك قىلاتتى ، ئۇ بۇۋاينىڭ  خەرىتىنى «جىن شاھىنىڭ تىرىسىگە سىزلغان » دىگەن سۆزىدىن ئەندىكىپ، خەرىتىنى يەنە بىر كۆرمەكچى بولدى ، يېنىدا يۈك - تاقىلىرى كۆرۈنمەيتتى ، ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ ھامان ھەمىراھلىرى كەلدى ، « مېنىڭ ھەمىراھلىرىم قەيەردە قالغاندۇ؟» ئۇ شۇ ئوي بىلەن كەينىگە قارىۋىدى ،كەپىنىڭ ئىشىك سىرتى زۇلىمەت قاراڭغۇلۇقتا قالغانتى ، ئالدىغا ، بۇۋايغا قارىۋىدى بۇۋاي يوق ،كەپىنىڭ بۇ تەرپىدە بەتبەشىرە جىن - ئالۋاستىلارنىڭ چىقىراشقىنىچە قېچىۋاتقان ئاياللار ، بالىلارنى تۇتۇپ يەۋاتقان ، بەستلىك ئەرلەرنى پارچىلاپ توپلاۋاتقان ، پۈتۈن ئالەم ئوت يالقۇنى ، ئىس - تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالغان ئېچىنىشلىق ، ۋەھىمىگە تولغان كۆرىنىشى كۆرەندى ، ئۇ بۇ دەھشەت مەنزىرىگە قاراشتىن قورقۇپ ۋاقىرۋەتتى ، بۇ چاغ تۇرغۇن ئۇنى نوقۇپ ئۇيغۇتىۋاتقان ۋاقىت ئىدى.

ئاخىرى بار…
     





1783 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-14 3:58:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-30 3:10:30 گۇلنەزەر
رەھمەت سلەرگە بەك ياخشى يىزىلپتۇ جاپا چەكتڭلار 🌷🌷
2017-3-16 8:45:34 مەردان.
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.لېكىن ئەسەرنىڭ چىقىش ۋاقتى بەك ئاستا ئى ىكەن.
2017-3-16 3:25:48 zohra
rahmat silarga
2017-3-15 7:19:17 ئەمەرجان ئېلى
بۇنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم ئەپسۇس ناھايىتى تېزلا ئوقۇپ بولدۇم ئەمدى قىزىقىش باشلاي دىگەندە تۈگەپ كەتتى ئاخىرى يەنە بىرەر ئايدا چىقىدۇ ھەرقاچان لىكىن ئەسەر ھەقىقەتەن قالتىسكەن
2017-3-14 7:41:21 تۇرسۇنتاي
داۋامى بەك ئاستا چىقىۋاتىدۇ . تېزراق چىققان بولسىچۇ
2017-3-14 7:20:15 ئارزۇگۈل
قورقۇنۇچلۇق سرلق رايۇننى ياقتۇرۇپ ئوقويمەن قالغان قىسملرنمۇ تزراق يوللساڭلار
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ