خوتۇن مىنى كەچۈرۈڭ - ھىكايە 2 - قىسىم

خوتۇن مىنى كەچۈرۈڭ 

 

 ھىكايە 2 - قىسىم

 

ئاپتورى:چەشمە (خانقىز تۇرغۇن)

 

 بىر كىچە ئۇيقۇسز ،ئاچ قورساق ،،،ئۆزۈمگە قاراپ كۈلگۈم كىلەتتى، توۋا مەندەك ئەخمەق ئەر نەدە با-ھە؟؟

 چۈشكە يېقىن پەلەمپەيدىن بىرەيلەننىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، دەل بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە بۇ تىۋىش توختىدى، ئىشىك قۇڭغۇرقى بېسىلدى ، ئارقا-ئارقىدىن بېسلغان قۇڭغۇراقتىن چىقىۋاتقان ئاۋاز پەلەمپەينى بىر ئالدى. شۇ تاپ ماڭا ئۇ ئۆيۈمنىڭ قۇڭغۇرىقنى ئەمەس بەلكى يۈرۈكۈمنىڭ جان تۇمۇرىنى بېسۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، مەن تېخىمۇ ھوشيارلاشتىم ،خۇددى پوستا تۇرغان ئەسكەر دۈشمەن شەپىسنى ئاڭلىغاندەك  تاراققىدە قىلىپ ئۆيىمىزنىڭ ئىشكى ئېچىلدى، ئارقىدىنلا ئايالىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

 -ئەمدى كەپسزدە ،،،قېنى ئۆيگە كىرىڭ ،،،ۋۇي بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كەلگىنىڭىز نىمىسى ، بۇمۇ ئۆز ئۆيىڭىز تۇرسا ، ئەكىلىڭ مەن ئالاي.

 - ماۋۇ خۇتۇننىڭ گىپىنى، ئۆز ئۆيىڭىز دەيدىيا توۋا ،،،خەپ بۈگۈن سەنلەنى قانداق قىلىمەنكىن قاراپ تۇرۇش ،،،ئايالىمنىڭ يېقىملىق مىھىرلىك ئاڭلىندىغان ئاۋازى بۈگۈن قۇلۇقۇمغا باشقا ناتۇنۇش ئايالنىڭ ئاۋازدەك ئاڭلىنۋاتاتتى.

《جاڭ》 قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىشىك يېپىلدى، مەن يۈگرەپ دىگۈدەك ئۈستىدىكى پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختۇدۇم قانداق قىلاي كىرەيمۇ ياكى ،،، شۇ تاپ يەنە ئالدىنقى كۈنىدىكدەك قالايمىقان خىيال كارتىنلىرى مىنى تېخىمۇ قىينىماقتا ئىدى. مەن خۇددى ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشۋاتقىننى ئاڭلىغىلى بۇلىدىغاندەك قۇلۇقۇمنى ئىشىككە يېقىپ باقتىم ، تەخمىنەن يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتتى، مەن ئىشىكنى چەكمەكچى بولدۇم . لىكىن بۇ نىيتىمدىن تېزلا يېنىپ نىمە ئىش بولسا نەق مەيداندىلا تۇتاي دەپ ئاچقۇچنى ئالدىمدە ئىشىكنى ئاچتىم . ئۆينىڭ ئىچى ئوخشىغان مەزىلىك پولونىڭ ھىدىغا تولۇپ كەتكەن ئىدى، ئشكتىن كىرىپلا مېھمانخانىغا كىردىم ، ئايالىم ئاشخانا ئۆيدىن چىقىشقا ئاران ئۈلگۈردى، مەن كىرىپلا ئىشىك تەرەپكە ئارقىسنى قىلپ ئولتۇرغان ئەرنى كۈچەپ بىرنى ئۇراي دەپ قۇلۇمنى كۆتۈرشۈمگە ، ئەر تۇيغاندەكلا كەينىگە قاردى.

- تىچلىقمۇ ئاكا ، قاچان كەگەنتىڭىز ؟ ،دىگىنچە سىڭلىمنىڭ يولدۇشى ئورنىدىن تۇردى، بىرەر ئىش يوقتۇ ئاكا ،دېدى ئۇ ئاسماندا لەيلەپ تۇرغان تۈرۈگلۈك مۇشتۇمۇمغا قاراپ .

مەن بىر دەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم ،ئايالىم ئىتتىك سىلكىپ قۇمنى چۈشۈرۋالدى.

- قاچانراق كەلگەنتىڭىز ،،،كەلگەن ئادەم تېلفۇن قىلۋەتمەي ،،،،تۇيۇقسزلا كىرىپ قېينئىمىزنى قورقۇتۋەتتىڭىز . مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم ، بۇ ياققا ئۆتۈپ ئولتۇرۇڭ ، گۈزەلنۇرنىڭمۇ كىلدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. سادىق ئولتۇرۇڭ دەۋاتىمەن . مەن توك سۇقىۋەتكەندەك غەلتە سېزىم ئىچىدە تېخىچە ئۆزۈمگە قايتىپ كىلەممەيۋاتاتتىم. ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ كۈيئوغۇلغا تىكمۇ قارىيامماي ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم .

 -ھە ئۇكام ئولتۇرىڭە ئىشلىرىڭىز قانداقراق كىتىپ بارىدۇ ؟

 مەن بۇ گەپلەرنى شۇنداق تەستە دېدىم ، تىلىم ھېچبىر گەپكە كەلمەيتى.

-مەن ئىدارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشقان ، قايسى كۈنى ئۈندىداردا يەڭگەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بەزى ئىشلارنى سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشاي دەپ، كۆرۈشكىلى باراي دىسەم يەڭگەم بۈگۈنكى كۈننى دىگەنتى شۇڭا....

 - ئەسلىدە مۇنداقكەندە ... مەن ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتىم.

 شۇ ئارىدا ئىشىك يىنىك قېقىلدى. ئايالىمنىڭ قېنى كىرىڭ دەپ تەكەللۇپ قىلىشلىردىن كىيىن سىڭىلىم كىرىپ كەلدى. مىنىڭ دۇنيالىقتا مۇشۇ بىرلا سىڭلىم بار ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭغا بەكلا ئامراقلىق قىلاتتىم. بىز تىنچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، بىرلىكتە تاماق يىيىشتۇق. تاماق يىيىش جەريانىدا ھېچقايسىمىز بىر ئېغىز گەپ قىلمىدۇق، پەقەت ئايالىملا پات-پات ئېلىڭلا، ئاش سوۋۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇلارنى تاماققا زورلاپ قوياتتى. مەن ئۆز ئىشىمدىن ئۆزۈم خۇدۇكسىرەپ، ئوت ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك قىينىلۋاتاتتىم، تاماقتىن كىيىن ئايالىم سىڭلىمنى ئايرىم چاقىرىپ ئەكىرىپ كەتتى. كۈيئوغۇل ئىككىمىز تېلۋېزورنى ئېچىپ قۇيۇپ سۆز قىلىشماي ئولتۇراتتۇق. بىردەمدىن كىيىن ئۇلار چىقتى، ئايالىم :

- ئادىلجان ئۇكام، ئەمسە ئۆيگە قايتىپ ياخشى پاراڭلىشڭلار، سىڭلىمىز سزگە ئامانەت جۇمۇ، سىلەر ياخشى ئۆتۈپ كەتسەڭلار بىزمۇ خوش بولىمىز . خاتىرجەم بولىمىز، دېدى.

ئۇلارنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدۇق. ئەمدى ئايالىم بىلەن ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق، ئايالىم بەكلا سەزگۈر ئىدى، ئۇ گەرچە خىيالى تۇرغاندەك بىلەن ، مىنى خېلى ئىنچىكلىك بىلەن كۆزەتكەندەك قىلاتتى. قاچا-قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ماڭا تېلفۇنىنى سۇنۇپ:

-تېلفۇنۇمنى كۆرۈپ باققىڭىز يوقمۇ -دېدى.

مەن: - نىمىگە كۆرەتتىم؟ مىنىڭمۇ تېلفۇنۇم با تۇرسا،-دېدىم .

ئايالىم شۇ گىپىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا:

-مىنى بىلمەيدۇ دەمسز ،،،ئالدىنقى كۈنى كەچتە تېلفۇنۇمنى ئوغۇرلۇقچە ئەچىقىپ كىتۋاتمامتىڭىز، مەن شۇ چاغدىلا بىر ئىش بولغىننى سەزگەن ،مەندىن گۇمانلانغان بولسىڭىز ماڭا گەپنى ئۇچۇق قلسىڭىز بوممامتى ، تېلفۇننىڭ ئېكرانىدا قۇلۇپ بولغاچقا ئاچاممىدىڭىزغۇ دەيمەن. تۆنۈگۈن بىر كېچە سىرتتا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپ قانداقراق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟

ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاينۇر ھەدەم ، كەچلىك تاماقتىن كىيىن تېشغا ئايلانغىلى چىقاي دەپ قارسا بىرسى تۇرغۇدەك ، كىيىن قاراپ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ ، بىزنى بىر نەرسە دىيىشىپ قالغان بولسا شۇڭا سىزنى ھاۋالانغىلى چىقىپتۇ دە دەپ ، ئارقىغا يېنىپ كىرىپ كىتىپتۇ. ئەتتىگەندە قارسا يەنە شۇ يەردە تۇرۇپسز ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا تېلفۇن قىپتىكەن. دەڭە ماڭا كاماندوروپكىغا بارىمەن دەپ قۇيۇپ نىمىشقا……ماڭا شۇنچە ئىشەنمىگۈدەك مەن نىمە قىلدىم ؟- ئايالىم ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ سۆزلەۋاتاتتى.

مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي جىممىدە ئولتۇراتتىم .

-مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان سىز غەلىتىلا بوپ قالدىڭىز، بۇ زادى قانداق ئىش، ئاۋۋال تېلفۇننى كۆرۈڭ بىز ئاندىن پاراڭلىشايلى.

 شۇ تاپتىكى خىجىلچىلقتا ئاسمانغا چىقاي دىسەم ئاسمان يىراق ، يەرگە كىرەي دىسەم يەر قاتتىق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ تەن بەرگۈم كەلمەي ئايالىمنىڭ قۇلىدىن تېلفۇننى ئېلىپ، ئىچىدىكى ھەممە نىمىنى تەكشۈرۈپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلۋەتتىم . ئۈندىداردىكى ھەربىر خەتلىك، ئاۋازلىق ئۇچۇرلىرنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرغىچە كۆرۈپ چىقتىم. ھېلىقى ئۇچۇرلار نەگە كەتكەندۇ؟ قارشى تەرەپ راستىنلا ئادىلجان شۇمىدۇ……مانا ئاخىر تاپتىم ،،،بۇ ئۇچۇرلار مۇنداق باشلانغان ئىدى.

-ھەدە، گۈزەلنۇر بىلەن خاپولىشىىپ قالدىم ، ماڭا ياردەم قىلىپ بىزنى ئەپلەشتۈرۈپ قويسىڭىز، ئويلاپ باقسام مەنمۇ بەك قوپاللىق قىپتىمەن ، خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆيدىن ئايرىلغىلمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولاممىدىم. ھەدە ، بۇ ئىشلارنى ئاكام بىلمىسە بوپتىكەن، مەن ئاكامغا گۈزەلنۇرنىڭ دىلىنى ئاغرىتمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم. بۇ كۈيئوغۇلنىڭ يازغان ئۇچۇرى ئىدى.

-بۇلىدۇ ئۇكام، مەن ئاكىڭىزغا دىمەيمەن، خاتىرجەم بۇلۇڭ ،،،،سىزمۇ بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىڭ ، مەن چۈشلۈك تاماققا قوپاي دەپ تۇرغان ، چۈشتىن كىيىنرەك پاراڭلىشايلى ئۇنتۇپ قامماڭ ھە -ئۇنىڭدىن كىيىنىكىسى مەن ئاڭلىغان ، مىنى بىئارام قىلغان ئاشۇ پاراڭلار شۇ ئىدى.

ئايالىمنىڭ ئۈندىداردا 20گە يېقىن ئادەم بار بۇلۇپ، ھەممىسى بىز بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى با، ھەر ئىككىلىمىز تۇنۇيدىغان كىشلەر ئىدى . ئەمدى بىلدىم ئەسلى مەقسەت بۇ ئىككىسىنى ياراشتۇرۇشكەن ئەمەسمۇ . قىپ يۈرگەن ئىشىمنى قارىمامدىغان، مەن نىمىلەرنى قىلىپ يۈردۈم ؟؟!! ھە ئۆز ئايالىمدىن ، ئۇنىڭ ئاياللىق پەزىلىتىدىن گۇمانلىنىپ نىمە ئىشلارنى قىلىدىم، نىمە خىياللارنى ئويلاپ يۈردۈم. كاماندورۇپمىغا بارىمەن دىيىشلىرىمچۇ تېخى. خەقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر كېچە ئۇخلىماي چىققىنىمنى نىمە دەي، توۋا ،مەن ئايالىمنى باشقا ئاياللارغا سېلىشتۇرۇپ بەكلا ئەخمەقلىق قىپتىمەن. ئايالىم بولسا مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ يۈرۈپتۇ .  نىمىشقىدۇر بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئايالىمغا قارىيالمايۋاتاتتىم ، شۇ دەققىقدە ئايالىمنى نەقەدەر ياخشى كۆردىغانلىقمنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم بۇنچە گۇمانلىنىپ نىمە قىلاتتىم، مەن بېشىمنى يەردى كۆتۈرمەي تۇرۇپ ناھايتى تەسلىكتە؛

 -كەچۈرۈڭ ،خۇتۇن ،،،سىزنى ياخشى كۆرىمەن، دىگەن گەپنى دىيەلىدىم .

ئايالىم ئىڭىكىمنى يىنىك كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتتى :

 -بىلىمەن ، دادىسى ، كىچىچە تازا قىينالغانسز . بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭ،،،ئەمدى مەندىن ئارتۇق گۇمانلانمايدىغانسز ھە؟؟!! ئايالىم شۇنداق دىگەچ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشنى سۈرتكىنچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

بۇ ئىش ئايالىمنىڭ كۆڭلىگە خېلى كەلگەندەك قىلاتتى، ئەگەر ئۇماڭا تاپا-تەنە قىلىپ، ھېچ بولمىسا بىر ئىككى ئېغىز ۋارقىرۋالغان بولسا مەن ئازراق بولسىمۇ يىنىكلەپ قالغان بولاتتىم، بىراق ئايالىم ئۇنداق قىممىدى. چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئايالىم، مەن گۇمانخورلۇق قىلىپ، ھەپتىدىن بۇيان بئارام قىلىپ ، كۆڭلىنى ئاغرىتقان ، تۈزۈك چىراي ئاچماي يۈرىكىنى يىغلاتقان ئايالىم. مىنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلگەندىن كىيىنمۇ رەنجىش ئورنىغا ماڭا قاراپ كۈلگەن ، كۆڭلى-كۆڭسى دەريادەك كەڭرى، مىھرى ئوتلۇق،قەلبى يالقۇنلۇق ئايالىم . مىنى كەچۈرۈڭ ئايالىم، گۇمانخورلۇقۇمنى كەچۈرۈڭ.  تۈگدى .





1924 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-18 20:22:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-3 22:28:37 تۇرسۇن
ئەسەرنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلساق بولامدۇ 1390044626 قىتىڭە
2016-3-26 1:19:24 مەمەت ئ‍ەلى
ئ‍ەر ئ‍ايال بولغاندىكىن تىلفۇن قۇلۇپىنى مەخپى تۇتماسلىق كىرەك ئ‍ايالىم تىلفۇن ئ‍ىشلەتمەيدۇ لىكىن تىلفۇنۇمنىڭ پۇتۇن قۇلۇپىنىڭ شىفىرىنى بىلىدۇ، ئ‍ايال كىشى شىفىرنى ئ‍ەردىن يۇشۇرغاندىكىن بۇخىل گۇمانلىنىش تەبىئى ئ‍ەھۋال
2016-3-13 16:00:29 رۇقېيە
مەن،بۇئەسەرلەرنى،بەك،ياخشىكۇرۇپ،ئۇقۇدۇم،رەخمەتسىزلەرگە،مەنسىزلەردن،شۇنى،ئۇتۇنمەكچى،ئەسىرنى،ئىككى،ۋەئۆچ،قىسمدن،يۇللاپ،بەرسىڭىزلەربۇپتىكەن،چۇنكى،ئاخىرىنى،ئۇقۇپ،بۇلغىچە،بشىنى،ئۇنتۇپ،قالدىكەنمىز؟
2016-3-3 23:29:48 ئابدۇللا
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ