مېنىڭ ئىنىم(ھىكايە)
رازىيە
بىزنىڭ يېزىنىڭ ياز كۈز ۋاقىتلىرى ئىتايىن چىرايلىق،ئىنتايىن مىھرى ئىسسىق ئىدى ،مەنمۇ بەك ياقتۇراتتىم . ئىنىم ئىككىمىزنىڭ يېشى جىق پەرقلەنمىگەجكە ،كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق.شۇنداقتىمۇ بىز سىرداش قەلىپداش بىرقېرىنداش ئىدۇق .شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ياتلىق بۇلۇپ چىقىپ كەتتىم .مەن توي قىلىپ تۆت يىلدىن كىيىن ئىنىممۇ توي قىلدى .ئۇكۈن مەن ئۈچۈن شۇنداق خوشاللىق بىركۈن بولدى .چۈنكى قېرىندىشىممۇ چوڭ بۇلۇپ ئۆز بەختىنى تاپتىدە ،كىممۇ خوشال بولمىسۇن !
ئىنتايىن ئەپسۇس بۇنداق خوشال كۈنلەر كۈندىن كۈنگە ئازلاپ مانا بۈگۈنگە كەلگەندە پۈتۈنلەي يوقالدى. ئەسلىدە كىلىن دىگەن ياخشى ئايال ياخشى كىلىن ياخشى ئانا بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشاتتى. بىراق بۇ ئىنىمنىڭ ئايالى بىزلەرنى ئايرىپ زىدىىيەت سېلىپ ئاخىرىدا گەپلەشمەس قىلىۋەتتى. بۇ كىلىن يېڭى كەلگەندە شۇنداق يۇۋاش يۇمشاق كۈرۈنگەن، كۈنلەر ئايلار يىللار ئۆتكەنسىرى، بىزلەرگە سەنلەپ يانىدىغان، گەپ تۇشۇپ زىددىيەتكە سالىدىغان، يامان قىلىقلارنى چىقارغىلى تەگدى. بۇنى ئىنىم كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالدى. بىزلەرمۇ مەيلى بىركۈنلەردە ئوڭشىلار دەپ ئۆتىۋەردۇق.
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئوڭشلىشتىن تۈگۈل، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ئاپامغىمۇ يانغىدەك بوپتۇ. ھەي ئوغۇللار سىلەر نەدە، ئۇنداق قىلماڭلار ئاناڭلا سىلەرنى مىڭ بىر جاپادا تۇغۇپ چوڭ قىلدىغۇ، ئاپئاق سۈت بەردىغۇ، ئانىمىز دۇنيا بىر كېلىدۇ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلايلى كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى. خوتۇن تېپىلىدۇ، ئانا تېپىلمايدۇ! ئوغۇللىرىمىز سىلەر ئويغاقمۇ، ئەتىمىز كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئەركەكتەك ياشاڭلار، ئانىللىرىمىز سىلەرگە مۇھتاج !
269 قېتىم كۆرۈلدى | رازىيە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-1 23:04:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|