بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 5 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 5 - قىسىم


    شۇنداق قىلىپ بىر كىچە ئۆتۈپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا تېلفونۇمغا قارىدىم ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلگەنمىدۇ دەپ، بىراق ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلمەپتۇ، مەن ئۇچۇر يازدىم بىراق جاۋاپ كەلمىدى.
چۈش بولغاندا ئۇچۇر قايتۇردى ، مەن كەپ بولدۇم مەندىن ئەنسىرمەڭ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىز شۇنداق تېلفون ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق مۇڭدىشىدىغان سىردىشىدىغان بولدۇق.
ھەپتە بولغاندا مەن ئاغزىمدىن چىقىرالمىغان كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئۇ جۈرئەتلىك ھالدا ماڭا دىدى بۇ ۋاقىت ھەرگىزمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
ئۇ ماڭا تەلەپ قويغان ئىدى 《سىزگە مەن دىمىسەم سىز ئېغىز ئاچمىغۇدەكسىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن 》ئۇ شۇنداق دىگەن ۋاقىتتا مەن نىمە دىيشىم كېرەكلىكىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالغان ئىدىم شۇنچىلىك خۇشاللىق ئىلكىدە تۇرۋاتاتتىم بىراق بۇ خۇشاللىقىم ئۇنى خىجىل قىلىپ قويسا كىرەك ئۇ تېزلا كەچۈرۈڭ مەن يۈرەك سۆزۈمنى كۆڭلۈمنى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم ، دەپتۇ.
مەن تېزلا جاۋاپ قايتۇردۇم ياق ئۇنداق ئەمەس ئەسلى سىزگە بولغان كۆڭلۈمنىڭ بار يوقلىقىغا جەزىم قىلىپ بۇلالمىدىم قەستەن سىزنى خىجىل قىلاي دىگىنىم يوق دەسلەپتە سىزنى دوستۇم ئورنىدا كۆرگەن ئىدىم ئەمما دوسلۇقىمىز ئۆتۈپ سىزنى كۆرگۈم كىلدىغان ئوماق ياڭراق ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم كىلدىغان ، ئۇچۇرلىرڭىزغا تەلمۇرۇپ قالدىغان بۇلۇپ قالدىم بەلكىم مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بۇلشىم مۇمكىن لكىن ئالدىرمايلى بىز بىر -بىرمىزنى تېخى ھېچقانچە چۈشەنمەيمىز بۇنىڭغا ۋاقىت كىتىدۇ دىسەم بۇلىدۇ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا قارايمەن ئەمسە دىدى.
ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەنمۇ مىنى مەسخۇش قىلاتتى ھەر بىر گەپلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق ئىدى ، خۇددى يېزىپ تەييارلىۋالغاندەك سۆزلەيتى ئەركىلەشلىرى مىنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلۋاتقان ئىدى ئۇ ئەركىلسە خۇددى كىچىك بالىنىڭ ئۆزى بۇلۇپ قالاتتى .
ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ پاراڭلىرمىز تۈگمەيتى بىزگە ۋاقىت يىتىشمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.
بىز بىر قانچە ئاي شۇنداق پاراڭلىشىپ يۈرۈپ كىيىن مەن ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم ئۇ مۇشۇ تەلىپىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك جاۋاپ بەردى شۇنىڭ بىلەن بىز يىراقتىكى ئاشىق مەشۇقلاردىن بۇلۇپ قالدۇق مەن ئۇنىڭغا ئىشنەتتىم ئۇ ماڭا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايتى ئەڭ ئىشەنگىنىم ئۇ مىنى سۆيەتتى مىنى قەلبىدىكى شاھزادە دەپ بىلەتتى.
لىكىن بۇ بەختىمىزگە قىش كىلشى بىلەن كۆز تەگدى .
نەۋرە ئىنىم ئىسىڭلاردا بارغۇ دەيمەن ئۇ پەرىدە ئىككىمىزنىڭ مۇھاببىتىگە ھەۋەس قىلىپ كۆز قىزارتىۋاتقان ئىكەنتۇق مەن بىلمەي قاپتىمەن ھەر قېتىم پەرىدە بىلەن قىزغىن پاراڭلىشۋاتقاندا يېنىمدا تۇرۇپ ئاڭلايتى ئۇنىمۇ پەرىدەنىڭ جەلىپ قىلىش تەسىرگە ئۇچۇرسا كىرەك ئۇ نىيتىنى بۇزاي دەپ بۇزالماي تۇرغان ۋاقىتتا پەرىدە ئىككىمىز گەپ تەگىشىپ بىر بىرمىىزگە بۇتناپ قالغان ئىدۇق .
مەنمۇ ئۇنىڭدىن خېلى رەنجىگەن ئىدىم لىكىن بۇ قىيداشنىڭ بىزنىڭ مۇھاببىتىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ ئايرىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قۇيشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھەم مەن ئىشەنمەيدىغان بىر ئايرىلىشنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلمىگەن ئىدىم .
بىز قىيدىشىپ قالغان شۇ كۈنى قايسى ۋاقىتتا پەرىدەنىڭ تېلفونىىنىڭ يۈتكىننى بىلمەيمەن كەچ بولغاندا مەن چىدىماي ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش نىيتىم بىلەن تېلفون قىلسام تېلفونى ئېتىك ئىكەن كۈن كۈنلەپ تېلفون قىلدىم ھەر كۈنى ھەر ۋاقىت تېلفوننى ئاچقانمىدۇ دەپ كۈتتۈم بىراق ئۇ تېلفوننى ئاچمىدى ئارلىقتا 23 كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
بۇ 23 كۈننى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزدۈمكى ھەر بىر كۈنۈم تەلمۈرۈش كۈتۈش ئىلكىدە ئۆتتى.
24-كۈنى نەۋرە ئىنىم مىنىڭ ئۆيۈمگە كەپتۇ ئۇنىڭ دىيىشچە ئۈرۈمچى شەھىرگە بېرىپ كەلگىننى دىدى ، بىراق مەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىك خەۋىرنى مەن بىلمىگەن ئىدىم بەلكىم مەن ئۆيدىن چىقماي تېلفوندىن ئۇنى كۈتۈپ تۇرغاچقا ئىنىمنىڭ خەۋىردىن ھېچ خەۋىرىم يوق ئىدى.ئىنىم ئىشىكتىن كىرىپلا مەن بىلەن تېشلىق سورىشىپ سالاملاشتى مەن ئىنىمنى كۆرۈپ غېرىپ باسقان كۆڭلۈمنىڭ ئانچە مۇنچە تەسەللى تاپقاندەك بولغان ئىدىم .
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام ئۇنىڭ تېلفونىغا ئۇچۇر توختىماي كەلگىلى تۇردى مەن ھە شەھەرلىك بىرەر قىزنى تاپقان ئوخشىمامسەن دەپ سوردىم ئۇ ھە ئە شۇنداق بولدى رەسىمىمنى ئۇنىڭغا ئەۋەتەلمىدىم سەن بىلگەنكىن ئەۋەتىپ بەرگىن دەپ تېلفوننى ماڭا سۇندى .
مەن ئۇنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردىم ئەمما كۆڭلۈم شۇنچىلىك تەشۋىشكە چۈشكەن ئىدى نىم بولغاندىمەن ھەجەپ بۇنداق بۇلۇپ قالدىمغۇ؟ ئۆز ئىچىمدىن بۇ سۇئالنى سوراپ قويدۇم.
رەسىمنى يوللىغاچ تېلفون نۇمۇرغا بىر قاراپ قويدۇم بىراق بۇ نۇمۇرنىڭ ئېسىمدە قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم بىر كۆرۈپ ئېسىمدىن چىقمىغىنغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم .
كەچ بولغاندا نەۋرە ئىنىم ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
بىراق مەن تەشۋىش ئىچىدە قالدىم كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشۋالغان ئىدى نۇرغۇن ئېھتىماللىق بۇلغان ئىشلارنى ئويلىدىم ئەمما بۇ ئويلىرىمنىڭ راس بۇلۇپ چىقىشىغا پەقەت ئىشەنمەيتىم.
تېلفونغا قاراپ قۇياتتىم، بىرى ماڭا ھېلقى نۇمۇر سەن ئاشىق بولغان پەرىنىڭ نۇمۇرى سەن خاتا قىلدىڭ دىگەندەك قىلۋاتقان تۇيغۇ بۇلىۋاتقان ئىدى ئىچىمدە ياق ئىنىم ئۇنداق قىلمايدۇ ماڭا خىيانەت قىلمايدۇ دەپ ئىنىمغا بولغان ئىشەنچىمنى كۈچەيىتمەكچى بولساممۇ بۇ خىيالى تۇيغۇ مىنى ئۇ نۇمۇرغا ئۇچۇر يېزىشنى كىملىكىنى بىلىپ بېقىشقا ئۈندەۋاتقاندەك قىلاتتى.
كىيىن قانداق بولغاندۇ قىزىققان بولسىڭىز كىيىنكى قىسىمغا دىققەت قىلىڭ!
يازغۇچىسى: بۈيۈك ئاشىق  QQ:1840323190تەكلىپ پىكىرڭىز بولسا كىيو كىيورىمغا خەت قالدۇرسىڭىز بۇلدۇ پىكىرڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماڭ ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈرمەن .
     





695 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-16 3:02:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-23 0:14:31 Amina
Bakla yahxi yezlptu ahirini tezrak yezlxini umut klman
2017-1-17 3:36:55 ئارزۇ
بەك تەقەززا بولدۇم ئاخىرىغا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ