پاھىشەنىڭ قىسمىتى- ئىبرەتلىك ھىكايە

مەن بىر پاھىشە.  ھەممە كىشى بىزنىڭ تۇرقىمىزغا ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا قاراپ بىزدىن نەپرەتلىنىدۇ ، يىرگىنىدۇ. لىكىن ھەر بىر پاھىشەنىڭ شەھۋانىيلىق ئەۋج ئالغان يۈرىگىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆچمەس قارا داغلارنىڭ بارلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. بۇ مېنىڭ پاھىشەلەرنى ئاقلىغىنىم ئەمەس ، مەقسىتىم ، ئۆزۈمنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىمنى بىر قۇر ئەسلەش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى مەندىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىش.

مەن ئاتا ئانامنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىدىم ، ئۇلار مىنى ھاياتىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى ، شۇ ئائىلەمدە مەلىكىدەك چوڭ بولدۇم، ئەپسۇس 14 ياشقا كىرگەن يىلى، ئائىلەمگە كۆز تەگكەن بولسا كېرەك ، دادام خىزمەتكە مېڭىش يولىدا قاتناش ھادىسسىگە ئۇچىراپ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلىمىزدە كۆز يېشى قۇرىمىدى، مەن خۇددى قانىتىدىن ئايرىلغان قۇشقا ئوخشاش يىتىمسىراپ قالدىم، ئاپاممۇ بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. ئاپامنىڭ مۇئاشى ۋە دادامنىڭ ئىدارىسىدىن كەلگەن پۇللار بىلەن ئىقتىسادتىن قىينالمىدۇق، لىكىن روھى جەھەتتىن تۈگىشىپلا كەتتۇق.

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى، ھەش پەش دىگۈچە مانا دادامنىڭ يىلىنىمۇ بېرىپ بولدۇق، بۇ كۈنى ئۆيىمىزدە ئاپامنىڭ دىلرابا ئىسىملىك دوستى قونۇپ قالدى ، مەن كۈندىكىدەك ئۆزۈمنىڭ ھۇجىرسىدا يېتىپ قالدىم، لىكىن ئەمدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا مېڭىشىغا دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. سائەتكە قارىسام 2 بوپتۇ، بىر خىل قورقۇش ئىچىدە ئەتىراپقا قارىدىم ،ھېچكىم يوق . شۇنىڭ بىلەن ئاپاملانىڭ يىنىغا چىقىپ ئۇخلىماقچى بولۇپ ،ياستۇقۇمنى قۇچاقلاپ ئېھتىيات بىلەن ئىشىكتىن چىقتىم ، ئۇلارنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا ئىشىك يىنىغا كەلدىم ، ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى ، ئۆي ئىچىدىن ئاپام بىلەن دوستىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇنچە كەچتە ئۇخلىماي نېمە دىيىشۋاتقىنىغا قىزىقىپ ئىشىككە تىخىمۇ يېقىنلاشتىم، ئۆي ئىچىدىن ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :

- ئاداش سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن قىزىم قانداق قىلىدۇ ، ئۇ مەندىن نەپرەتلەنمەمدۇ . ئۇمۇ چوڭ بولۇپ قالدى.

- ۋاي ئاداش ، شۇنچە مال دۇنيارىڭ تۇرۇپ قىزىڭدىن ئەنسىرەمسەن ، ئۇمۇ قىزىڭغا كۆينىدۇ، ئادەم دىگەن نېمىگە كۆنمەيدۇ دەيسە ، ماقۇل دىگىن بولامدۇ؟

 بۇ سۆھبەتلەردىن مەن بېشىمغا يەنە بىر شۇملۇق كېلىدىغىننى پەملىدىم، ئاخىردا ئاپامنىڭ ماقۇل دىگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم پارە پارە بولۇپ كەتتى. مەن قانداقلارچە قايتىپ كىرىپ ھۇجرامدا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن. ئەتىسى ئەتتىگەندىلا ئاپام دوستى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتتى، مەن يالغۇز قالدىم ، بىر كۈن ھېچنەرسە گېلىمدىن ئۆتمىدى، كېچە سائەت 9 دا ئاپام قايتىپ كەلدى، ئۇ مېنىڭ كىرىسلودا بىچارىلەرچە ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى، لىكىن بۇ ياش ئېلىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى.

 ئاي ئۆتمەيلا ئاپام قارىشلىقلىرىمغا پەرۋا قىلماي قايتىدىن ياتلىق بولدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ دادامنىڭ يىنىغا كەتكۈم كەلدى، لىكىن ئامال بولمىدى. ئۆگەي دادام كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى ، ئۇنىڭ زەھەردەك كۈلۈشلىرى مىنى بىزار قىلاتتى، ئاپام توي قىلغان كۈندىن باشلاپ ماڭا كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قالدى. ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، يېرىم يىلدىن كىيىنلا ئۇ ئۆگەي دادامنىڭ گېپى بىلەن مىنى مەكتەپتىن چىقىرۋالدى. ئەمدى مىنىڭ خۇشاللىقىم پۈتۈنلەيلا يوق بولدى. بارا بارا مەن قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدىم ، ئۆگەي دادام مېنى ئىشقا سالاتتى، ئاپام ياسىنىپلا ئولتۇراتتى، بەزىدە مېنى ئۇراتتى. توۋا ، ئەسلىدە مېنى بەخىتلىك تۇرمۇشلارغا ئىگە قىلغان شۇ رەھمەتلىك دادام ئىكەن ئەمەسمۇ. ئاپامنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىپ قېلىشى مېنى بەكمۇ ئازاپلايتتى، ئەمدى مېنىڭ ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ مېھرىم قالمىدى، مەن ئاخىر بۇ ئۆيدىن قېچىپ كەتمەكچى بولدۇم. بىر كۈنى ئۆيدە يالغۇز قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن يىغقان پۇللىرىمنى ئېلىپ ھۇجرامغا ، دادام ئىشلەتكەن كىتاپلارغا قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن قاراپ ئۆيدىن چىقتىم، ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقىشىمغا ئۆگەي دادام كېلىپ قالدى. ئۇ كېتىمەن دىگەن سۆزۈمنى ئاڭلاپلا مېنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن مېنى كارىۋاتقا باستى، مەن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا بەك تىرىشتىم ، لىكىن قىز بالا بولغاچقا ئاجىز كەلدىم. مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەن بۇلغاندىم ، ئۆزۈمنىڭ ھۇجرىسىدا بۇلغاندىم. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ ھايۋان كىيىملىرنى كىيىپ چىقىپ كەتتى، مەن پىچاقنى قولۇمغا ئالدىم ، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ پىچاقنى گېلىمگە تەڭلىدىم ، لىكىن قىساس ئوتلىرى مېنى ھايات قېلىشقا چاقىردى.

 شۇنىڭ بىلەن مەن قان ياشلىرىمنى ئېقىتىپ باشقا بىر شەھەرگە يول ئالدىم ، دەسلەپتە ئاشخانىدا ئىشلىدىم ، بۇ ئاشخاننىڭ تازلىقىنى ناچار كۆرۈپ چوڭ بىر رىستۇرانغىمۇ يۆتكەلدىم ، ئىشلەش جەريانىدا بۇ شەھەردە ھالال يول بىلەن جان باققىلى بولمايدىغىننى بىلدىم، يۇرتۇمغا قايتىشقا قەتئى رايىم بارمىدى، شۇنىڭ بىلەن رىستۇران دىرىكتورىنىڭ ئاشنىسى بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم،  ھەر بىر كېچە تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ماڭا نۇرغۇن پۇل بېرەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن مىنىڭ پاھىشەلىك ھاياتىم باشلاندى. مانا ھازىر قانچىلىغان ئەرلەرنى يۇقۇملاندۇرغىنىمنى بىلمەيمەن،  ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىمايدۇ ، چۈنكى ئاپامنىڭمۇ ماڭا ئىچى ئاغرىمىغان، ئۆگەي دادامنىڭمۇ ماڭا ئىچى ئاغرىمىغان ، مەن ئۆزۈمنى ئادەم قاتارىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىرۋەتكەن، گەرچە بۇ يىل ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن بولساممۇ ، ئۆمرۈمنىڭ ئاز قالغىنى ماڭا ئايان. مىنىڭ دەيدىغىنىم ، سىلەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقان ئاتا ئاناڭلارنى قەدىرلەڭلار ، ماڭا ئوخشاش قىسمەتلەرگە ھەرگىز يولۇقۇپ قالماڭلار، بۇ بەلكىم سىلەرگە قىلغان ئاخىرقى ياخشىلىقىم بولۇپ قالار، خەير ئامان بولۇڭلار.





4808 قېتىم كۆرۈلدى شەبنەم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-18 17:45:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-6 21:29:07 ئەخلاقىيە
بەك ياخشى ھەم ئىسىل يىزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
2017-4-2 8:01:00 پاتىگۇل
ۋەقەلىگى ئبرەتلىك ھەم تەسىرلىك بوتتۇ ياقتۇردۇم
2017-1-25 7:14:52 مەمەتجان،
بەك،ياخش،تەسىرلىك،يىزلىپتو
2016-12-7 14:36:23 نۇرگۇل
بەك ياخشى يېزلپتۇ،
2016-11-6 10:14:01 مەمەتتۇرسۇن
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، مەنمۇ ياقتۇردۇم
2016-10-5 22:06:32 mirzat
towa
2016-10-2 8:35:29 ئاتۇش ئ‍ۇچۇرى
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ ،ئاياللار ئۆزلىگىدىن پاھىشە بولمايدۇ ،ئەرلەر ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا مەسئۇل بولساق پاھىشەلەرمۇ مەۋجۇت بولمايتتى
2016-7-23 2:04:37 خال
سىزنىڭ بىشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشمۇ ياكى?
2016-4-16 17:13:16 تەنھا
نىمىشقا ھەممە پاھىشىنڭ قىسمىتى ئوخشاش
2016-4-13 9:51:18 خۇشتار
بەك ياخشى ھەم تەسىرلىك يېزېلپتۇ.ياقتۇردۇم
2016-4-6 10:29:55 anargul
rasla bak yahxe qek qekiptu bak taserlandem,__!
2016-2-26 0:08:41 kurbannisa
bak yahixikan yahturdum
2016-2-3 0:38:20 دىلبەر
ياقتۇردۇم
2016-1-25 18:34:46 قۇرباننىسا
بەك ياخشى ھەم تەسىرلىك
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ