سەمىمىيەت
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
مىكرو فىلىم سىنارىيەسى
ئورۇن : مەلۇم بىر باغچا .
ۋاقىت : چۈشكە يىقىن .
قوشۇمچە كۆرۈنۈش : شەھەر ئىقىمىدىكى كۈندىلىك خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش يۈرگەن
كىشىلەرنىڭ كۆرنىشى . ئەتراپتا ھەرخىل تىجارەتچىلەر ، ئاشپەز ، ناۋاي ، شوپۇرلار ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ .
روللاردا : مۇزەپپەر – تىرىشچان ، ئاقكۆڭۈل ئوبراز .
قۇربانجان – ئىغىر بىسىق ، كەمسۆز ئوبراز
قادىر – بىرخىل ھىلگەر ، ئىچى بىلەن تىشى بىردەك ئەمەس ئوبراز .
زۆھرە – مودا كىيىنگەن ، ھاكاۋۇر قىز
بوۋاي – قولىدا ھاسا تۇتقان ، كىيىملىرى كىر ، ئاقكۆڭۈل ئوبراز .
فىلىم مەزمۇنى .
مۇزەپپەر بىر ھەپتىلىك ئوقۇشىنى تۈگۈتۈپ شەمبىلىك ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ باغچىغا بىرىپ ئايلىنىپ كېلىشنى ئويلاپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتى ۋە ، كوچىدا كىتىۋاتقان ئادەم توپى ، ناۋاي ، ئاشپەز ، شوپۇرلارغا قارىغاچ يولنى داۋام قىلدى . ئۇ ئۆزىگە تونۇش بولغان بىر باغچىغا كىرىپ يالغۇز ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى . ئالدى تەرەپتىكى يولدىن ئۇ 100 يۈەنلىك بىر ۋاراق پۇل تىپىۋالدى . ئۇ پۇلنى ئىلىپ ئەتراپقا قاراپ ھىچ كىشىنى كۆرمىگەندىن كېيىن ئالدى تەرەپتە ئايلىنىپ يۈرگەن بىر قانچە ئادەمدىن پۇل يوقۇتۇپ قويغان ياكى قويمىغانلىقىنى سورايدۇ . لېكىن ئۇلارمۇ يوقۇتۇپ قويمىغانلىقىنى ئىيتىدۇ . ئۇ پۇلنى تۇتقىنىچە ئەتراپقا قاراۋاتقاندا بىر قىز ئۇنىڭغا قاراپ كېلىدۇ . قىزنىڭ مودا كىيىنىشلىرى ۋە قۇلىقىغا تاقىۋالغان تىڭشىغۇچلىرىغا قاراپ تۇرۇپ قالغان مۇزەپپەر پۇلنىڭ ئىگىسى مۇشۇ بولۇپ قالمىسۇن دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن سورايدۇ :
مۇزەپپەر : ياخشىمۇسىز سىز ..... . ئۇ گىپىنى تۈگەتمەستىنلا قىز ئۇنىڭ ئۈستىبىشىغا قاراپ بىرخىل ياراتمىغان قىياپەتتە :
قىز : ھە نىمە دىمەكچى ؟
مۇزەپپەر : مەن بايا بۇ يەردىن كېتىۋىتىپ 100 يۈەن پۇل تىپىۋالدىم شۇ پۇلنى سىزنىڭمىكىن دەپ ....
قىز ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلغا قارىۋەتكەندىن كېيىن
قىز : مەنچۇ ، سەندەك سولتەكلەرنى نەچچە كۆرگەن جۇما . دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى . مۇزەپپەر ئۇ قىززنىڭ گىپىدىن كۆڭلى يىرىم بولۇپ يىنىدىكى ئورۇندۇقتا بىرىپ ئولتۇردى . بىردەمدىن كېيىن باغچىغا ئايلانغىلى كىرگەن مۇزەپپەرنىڭ دوستى قادىر بىلەن قۇربان ئۇنى كۆرۈپ يىنىغا كەلدى . مۇزەپپەر ئۇلار بىلەن سوغۇق ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردى . قادىر بىلەن قۇربان ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پىخىلداپ كۈلىۋەتكەندىن كىيىن :
قادىر : بالا ، بولىدىكەنسەن جۇما . پۇلنى تىپىۋىلىپ چىرايلىق قىزلارنىمۇ كەلتۈرەي دەپتىكەنسەن دە .
قۇربان : ھە مۇنداق ھۆنەرلىرىممۇ بار دىگىنە ؟
ئارىدىن بىرئاز كۈلكە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن
قۇربان : ئاداش ، شۇنداق قىلىپ بۇ پۇلنى قانداق قىلماقچى بولۋاتىسەن ؟
مۇزەپپەر : مەنمۇ بىلمەيۋاتىمەن ، قانداق قىلسام بولاركىن تاڭ .
قادىر : قارا ئاداش ، بۇنى ھىچ كىشى كۆرمىگەندىن كېيىن بىرىپ بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ كەلمەمدۇق ؟
شۇ ئەسنادا كىيىملىرى كىرلىشىپ كەتكەن بىر قولىدا ھاسا ، يەنە بىر قولىدا بوتۇلكا قاچىلانغان سىۋەت كۆتۈرگەن بىر بوۋاي ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ :
بوۋاي : بالىلىرىم ، مەن بوتۇلكا يىغىپ جان بىقىۋاتقان ، بايامنىڭزى مۇشۇ ئەتراپتا يۈرۈپ يىنىمدىكى بىر – يوق 100 يۈەن پۇلنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن . سىلەرگە ئۇچىغانمىدۇ دەپ كىلىشىم . دىيىشىگە :
قادىر : كۆرمىدۇق ، بىزمۇ ھازىر كەلگەن تىخى . دەپ قوپاللىق بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ.
بوۋاي : ھە ، مەن يەنە باشقا جايلارنى ئىزدەپ باقاي . دەپ كېتىپ قالىدۇ . شۇ ئەسنادا بۇ ئۈچەيلەن بىر – بىرىگە ئۈنسىز بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن قۇربان مۇزەپپەرنىڭ قولىدا قاتلاقلىق تۇرغان يۈز يۈەن پۇلنى ئىلىپ ، قادىرغا بىرنى ئالىيىپ قارىغاندىن كىيىن ئانچە يىراققا بارمىغان بوۋاي كەينىدىن قوغلاپ كېتىدۇ .
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى .
2017- يىلى 5-ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى
| 158 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-27 16:24:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|