مەن ۋە تونۇقلىرىم ​(خەي زى) - ئابدۇجىلىل تەرجىمىسى

 مەن ۋە تونۇقلىرىم
— خەي زى


يۇرتۇمدىكى يۇلتۇزلار، قويلار،
تارام - تارام سۈزۈك ئېرىق سۈيىدەك،
ئېقىپ ئۆتىدۇ،
سەكرەك، تاقلاپ ئۆتىدۇ،
قوغلايدۇ كەينىدىن تۈننىڭ جىلۋىسى.

ئوچۇقچىلىق، كەڭرى دالىدا،
كۆرۈپ قالدىم تۇنجى گىياھنى.
پېتىپ قالغان پۇتى توپىغا،
تارتالمىغان ئەپسۇسكى قايتا،
غېرىبسىنغان ئەشۇ يالغۇز گۈل،
ساقلاپ قاپتۇ باھار لېۋىنى.

ئۆزۈمنى دەپ ئۆتكەن كۈنلەردە،
چوڭقۇر يارا ئىزى قالدى يۈزۈمدە.
چۈنكى يوق ئىدى،
بۇنىڭغا تونۇق بولغۇدەك ھېچكىم.

ئاستىمدا ئۆتمۈش،
يېپىپ تۇرار قاپقارا تۇپراق.
ئالدىمدا كەلمىش،
ئۈنسىز بوشلۇقتا شۇنچىلىك يىراق.

ساتايمىكىن دەيمەن ھەممىنى،
باھا قويسىلا بولاتتى بىرسى.
قولۇمدا قالسا چاقماق يا يېقىم،
ئاندىن سىلەردىن تاياق يەپ،
قانايدىغان يەنە كۈن - كۈنلەپ،
ناتىۋان كۆزۈم.

بىر كۆزۈم قالسۇن،
توزۇش ئالدىدىكى گۈلنى كۆرگىلى.
يەنە بىر كۆزۈم،
چىقالمايدۇ شەھىرىڭلاردىن،
ئۆتەلمەيدۇ پولات تاملاردىن،
چىڭ بېقىپ ياتىدۇ ئۆز ئۇۋىسىنى.

- ئابدۇجىلىل تەرجىمىسى
       





430 قېتىم كۆرۈلدى abdujelil ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-22 20:31:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ