شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى

شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى


شېئىر باشقا ئەدەبىيئەسەرلەردىن ئۆزىنىڭ ئاھاڭدارلىقى، مۇزىكىلىقلىقى، رىتىم،    تۇراق، قاپىيە،مىسرا، كۇپلېتلارغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، شېئىر    مۇشۇ ئامىللارنىڭتۈرتكىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.شېئىرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك    بولىدۇ. مەزمۇنئېتىبارى بىلەن تۆۋەندە شېئىرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك، روشەن ھالدا كۆزگە چېلىقىدىغانئامىللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

بىرىنچى، رىتىم

مەلۇم ھادىسە، ھەرىكەت ياكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرتىپتەتەكرارلىنىپ تۇرۇشىدۇر. مەسىلەن: دېھقانلارنىڭ كەتمەن چېپىشى، سائەتنىڭچىكىلدىشىدا،    پويىزنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىدا رىتىم بار.    

بىر خىل مىقداردىكىسۆز بىرىكمىلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ ھەر بىر مىسرادا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدەكېلىپ چىققان ئاھاڭ سېستىمىسى _ رىتىم(ۋەزىن) دەپ ئاتىلىدۇ.    مەسىلەن :                                                                                                                                                                                               

دىللاردا شادلىق ،تىللاردا ناخشا،    

باھار پەيزىدىن كۈلدى    گۈل –غۇنچە.         

ئېرىدى مۇزلارجانلاندى زېمىن،  

     ئاقتى شوخ سۇلار چاچرىتىپ ئۈنچە. ⑤

دېمەك، رىتىم (ۋەزىن)شېئىرلاردا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچ – ئېنېرگىيسىدۇر،بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا بوغۇم رىتىم ئۆلچىمى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ، لېكىنئۇنىڭدىكى بوغۇملار دائىم تەڭ بولىۋەرمەيدۇ، رىتىمنىڭ ئەڭ قىسقىسى تۆت بۇغۇم، ئەڭئۇزۇنى 18 بۇغۇمدىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئەل غېمىدە ،                    ئۇرسا مېتىن،                             ياندى گۈلخان،

كۆڭلى كۆلدە.                   چاقناپ چېقىن.                        بولۇپ ھەيران.

ئۆزى چۆلدە،                   كۈلۈپ ئېقىن،                             تاڭدا چولپان

سۇ ئىزدىدى.                   تاغ تۈزلىدى.                               ئۇزسۆزلىدى. ⑥ 

 

يېڭى ئۇسلۇبتىكىشېئىرلار كۆپىنچە بارماق ۋەزىندە، كونا ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار كۆپىنچە ئارۇز ۋەزىندەيېزىلىدۇ، ئۇ مەلۇم ئەندىزىگە سېلىنىپ، مۇقىم قائىدىلەشتۈرۈلگەن شېئىرلاردۇر، بۇئىككىسىنىڭ پەرقى ئاساسەن بوغۇملارغا چۈشىدىغان ئۇرغۇلارغا ئېتىبار بېرىش،بوغۇملار تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن ئۇزارتىپ ياكىقىسقارتىپ ئېيتىش جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا يەنە مىسرالارنىڭ بۆلەكلەر ۋەتۇراقلارغا    بۆلۈنۈشى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.

ئارۇز ۋەزىندىكىشېئىرلاردا چەكلىمە مۇقىمراق، بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا ئەركىنرەك بولىدۇ،

ئىككىنچى، تۇراق.تۇراق

شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىبولۇپ، ئۇ شېئىر ئارىلىقىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاشنى، يەنى شېئىر مىسرالىرىدىكىبوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىشىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

 

ۋەتىنىم كۆردۈممەنئەتەڭنى،

بۈگۈننىڭ ئەڭگۈشتەركۆزىدە.

ئۇ ساڭا راسىتلاپتۇ    پايانداز،

تەبەسسۇم جىلۋىسىيۈزىدە.⑦

توققۇز بۇغۇملۇق بۇشېئىر 3+3+3 بولۇپ گۇرۇپپىلىنىپ تۇراق ھاسىل قىلغان.

دېمەك، رېتىم ھاسىلقىلىش ئۈچۈن مىسرالاردىكى بوغۇملارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش، ھەر بىر گۇرۇپپائوتتۇرىسىدا توختاش، ئاھاڭدارلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئايرىم بۇغۇملارنى يۇقىرىتاۋۇش بىلەن، بەزىلىرىنى پەس تاۋۇش بىلەن ئوقۇش لازىم بولىدۇ. بۇ ھال ھەر بىرمىسرادا مەلۇم دەرىجىدە ئىچكى ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىچە رىتىم ھاسىل قىلىدۇ.

بارماق ۋەزىندە،كۆپىنچە ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆلچەم قىلىش تۇراقنىڭ پرىنسىپى بولۇپ، بىر سۆزياكى سۆز بىرىكمىسى، ئادەتتىكى گەپلىشىشنىڭ تەبىئىي توختاشلىرى بىر چىگرا قىلىنىپتۇراققا ئايرىلسا، ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردا سۆز ۋەزىن ئېتىبارى بىلەنبوغۇملارغا پارچىلىنىپ، تۇراقتا بۇغۇملار پارچىلىنىدۇ، پەقەت ئارۇز ۋەزىندىكىشېئىرلار تاللانغان بەھىرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تۇراققا ئايرىلغاندا، ئاندىن ۋەزىنگەچۈشەلەيدۇ. مەسىلەن:

 

بىر قىلىچ بەرسە خۇداكەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،

ئۈزسە خەلقنىڭبوينىدىن خارلىق كىشەن خەنجىرىنى.

گەر خارابكەنئەل-ۋەتەن، كاللامنى ئۈزسۈن بۇ قىلىچ،

كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزىقۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى. ⑧

(قۇتلۇق شەۋقى )

ئۈچىنچى، قاپىيە

شېئىر مىسرالىرنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى– قاپىيەدەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

ئالدىراقسان كىشىنىڭ،

ساپاسى يوق ئىشىنىڭ.          

ساقايمايدۇ ئاغرىقى،

ئۆمۈرۋايەت بېشىنىڭ. ⑨

قاپىيە بەزى ھاللارداشېئىرنىڭ بېشىدىمۇ كېلىدۇ، قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن،يەنى شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئي شەكىلنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى. قاپىيە سۆزلەردەمۇناسىپ ئاھاڭداشلىق پەيدا قىلىپ، تىلنى تەسىرلىك، جاراڭلىق ۋە مۇزىكىلىقتىنئىبارەت گۈزەللىكە ئىگە قىلىدۇ، شېئىرنىڭ رىتىملىقلىقى ۋە ھېسسىياتچانلىقىنىكۈچەيتىدۇ.

قاپىيە شېئىرىيئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شېىئردا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇشېئىرىي نۇتۇقنى تەسىرلىك ئاھاڭغا ئىگە قىلىدۇ، كۈيلەشكە، دېكلاماتسىيە قىلىشقائاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. قاپىداش سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ئوڭاي بولغانلىقتىن، خەلققىسقا، ھېكمەتلىك سۆزلەردىن قاپىيلىك مىسرالارنى تۈزىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ    خەلق ئېغىزئەدەبىياتىدا شېئىرىي تۈس ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ    خېلى كۆپ قىسمىقاپىيگە ئىگە. مەسىلەن:

ياخشى سۆز ئېرىتەرمۇز بىلەن تاشنى،

توختىتار كۆزۈڭدىنتامچىغان ياشنى.

يامان سۆز ئىنسانغازەرھەردىن ئاچچىق،

بەزى قان چىقارماييارىدۇ باشنى.           ⑩

      (ت.نىياز)

بۇ مىسالدىن كۆرۈشكەبولىدۇكى، تىلدا تەلەپپۇز قىلىش ئورنى ۋە ئۇسسۇلى ئوخشاش بولغان تاۋۇشلاردىنتۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيە بولىدۇ.

تۆتىنچى، مىسرا

بېيىت، كۇپلېت (بەند). شېئىرنىڭ ھەر بىر سەتىرى(قۇرى) مىسرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇشېئىرىدا مەلۇم مەنىنى ئىپىادىلىگەن بىر قۇر سۆزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

ئەلنى ئويغاتماقتىلەك،تاڭدابىر چوقان بىلەن> (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

 

لېكىن بىر قىسىمشېئرلاردا گرامماتىكىلىق قائىدە ۋە مەنتىقىي پىكىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن، گاھىدا بىرپۈتۈن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر جۈملە ئىككى مىسرا قىلىپمۇ تۈزۈلىدۇ.

شېئىرىي ئەسەرلەردەبىر– بىرىگە چىڭ باغلانغان ھالدا بىر پۈتۈن تەپەككۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغانئىككى مىسرانىڭ قوشۇلمىسى- بېيىت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

بارمىكىن ھېچنېمەئالەمدى ھىجراندىن يامان،

ھەر نەكىم ھىجراندىنيامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان.

 

مەككە تىللا ئىچىدەبىر تۈپ قىزىل گۈل،

قىزىلگۈلنىڭ ئىچىدەمەختۇمجان بۇلبۇل.

 

جۈملە قۇرۇلۇشىجەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان بىر ياكى بىر نەچچە تۈگەل پىكىرنى ئىپادىلىگۈچىشېئىر مىسرالىرنىڭ گۇرۇپپىسى_ كۇپلېت (بەند) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيتىدەكۇپلېتلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مىسرادىن ، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە مىسرادىنتەركىپ تاپىدۇ.






236 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:33:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ