يىتىمنىڭ كۆز يېشى - 3- ھىكايە

يىتىمنىڭ كۆز يېشى


  3-قىسىم


يۈسۈپ ئەخمەت


    ئاتا بالا ئىككەيلەن قول تۇتۇشقىنىچە غېرىپ ئانىنىڭ قەبرىسىدىن يىراقلاپ كەتتى، ئابدۇللا باشتىن ئاياق كەينىگە قاراپ كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى:

     ـ يەنە كېلىمىز ئوغلۇم! تىزرەك چوڭ بولساڭ ئۆزۈڭ يوقلاپ كېلىسەن، شۇ چاغدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ دۇئا قىل پەرزەنتىنىڭ دۇئاسى ئاناڭنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرىدۇ" دېدى قادىر پالچى ئابدۇللاھنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئابدۇللاھ غەزەپ تولغان چىرايىغا زومىزو كۈلكە يۈگۈرتۈپ قادىر پالچىغا لەپپىدە بىر قارىدى دە يەنە باشقا ياققا قاراپ تۇردى.قادىر پالچى ئابدۇللاھنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدىيۇ يەنە ئاللىقانداقتۇر خىياللارغا غەرىق بولدى.

     مانا ھەش ـ پەش دىگۈچە ئابدۇللاھ ئون بەشكە كىرىپ، يىگىتلىك سىماسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزلىرى شۇنچىلىك ئورۇنلۇق ئىدىكى گېپىدىنلا بىلىملىك ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولاتتى، مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئىچى تار كىشلەر ئۇنىڭغا <يىتىم موللام > دەپ لەقەم قويۇۋالدى بىراق ئابدۇللاھ بۇ گەپلەرگە پىسەنىت قىلماي ئۆزى بىلگەننى قىلاتتى ۋە مەھەللىدىكى ئاتىسى ياكى ئانىسى يوق، ياكى بولمىسا ھەرئىككىلىسى تۈگەپ كىتىپ مومىسى بېقىۋاتقان ھەقىقەتپەرۋەر يىتىم بالىلارغا يار ـ يۆلەكتە بولاتتى ئۇلارنى قوغدايىتتى، ئۇلارمۇ ئابدۇللاھنى ئاتامان دەپ ئاتاپ ئۇنىڭ دېگىننى قىلاتتى ھەم ئۇنىڭ ياردىمىدە ساۋادىنى چىقىرىشقا ھەركەت قىلاتتى. قارىماققا بۇلار كىچىك بىر گوروھتەك كۆرۈنسىمۇ كىچىك باللار بولغاچقا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى، ئابدۇللاھمۇ قانداقتۇر بىر ئىشنى پىلانلاۋاتقاندەك ئۆيگىمۇ كەچ قايتىدىغان بولىۋالدى.

    بىر كۈنى قادىر پالچى ئابدۇللاھنى يېنىغا چاقىرىپ بۇندىن كېيىن كەچ قايتماسلىقنى، بولمىسا ئەنسىرەپ قالدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئابدۇللاھ:

   - بۇندىن كېيىن كەچ قالسىمۇ ئەنسىرمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ دوسلىرى بىلەن كىتاپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئەمدى ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ دادىسىنى بىر ئاز بولسىمۇ خاتىرجەم قىلدى. مانا ئەمدى ئابدۇللاھ ئون سەككىز ياشقا كىرگەن، بۇرتلىرى خەت تارتقان، بەسىتلىك،كۆرگەنلا قىزلارنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك بىر يېگىتكە ئايلاندى. ئۇنىڭ تارالغان چاچلىرى، يۇمىلاق يۈزلىرى، چوڭ كۆزىگە ياراشقان ئۇزۇن كىرپىكى،قۇيۇق قاشلىرى قاڭشارلىق بۇرنى ۋە شېكەر تامىدىغان ئېغىزى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى.

     قادىر پالچىنىڭمۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتۋاتاتتى ۋە توختىماى ئابدۇللاھقا بىر ئىش بولۇپ چۈشىگەچكە گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەس بوپقالدى ۋە ئابدۇللاھقا تىنماي نەسھەت قىلىپ سىرتلارغا چىقماسلىقنى ئەمدى ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆپ نەسھەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ بىراق ئابدۇللاھ ھە دەپ قويۇپلا ئۆزى بىلگەننى قىلىۋېرەتتى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ۋاپادارلىق مۇھىم بىراق خەلىقىگە ۋەتەنگە بولغان ۋاپادارلىق تېخىمۇ مۇھىم ئىدى. ئۇنىڭ يېقىندىن قىلۋاتقان ئىشى شۇ بولدىكى،  ئىلگىرى ئۆزىنى ئاتامان قىلۋالغان باللاردىن ۋەتەن سۆيەرلەرنى تاللاپ ئايرىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ئېلىپ باراتتى ۋە ئۇنىڭغا قادىر پالچى كىچىكىدىن ئۆگەتكەن بويىچە بەزى جەڭ ماھارەتلىرىنى مەشىق قىلدۇراتتى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ قىلۋاتقىنى شىڭشىسەى غالچىلىرىنىڭ گېپى بويىچە بولسا قاراقچىلىق، كەچۈرگىسىز جىنايەت ئىدى.

       بىر كۈنى ئابدۇللاھ كونا ئادىتى بويىچە قادىر پالچىغا ياردەملىشىپ قوي باققىلى چىقتى، ئۇيەردىن يېنىپ كىلىپلا ھەمراھلىرى بىلەن دىيىشىپ قويغان جايغا باردى،ئۇلار ئىشنى شۇنچە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ بۇ يەرگە ئاسانلىقچە ئادەم ئاياق باسمايىتتى ياۋايى ھايۋانلارمۇ كەلمەيتى، ئۇلار تاغنىڭ بىر ئۆڭكۈرىنى بازا قىلغان بولۇپ نەيزە قىلىچ دىگەندەك قوراللار بار ئىدى، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا درەخلەر ۋە ئوت چۆپلەر قۇيۇق ئۆسكەن بولۇپ بىر قاراشقا بۇيەردە ئۆڭكۈر بارلىقى بىلىنمەيتتى. ئۇ ئۆڭكۈرگە كىردى ھەممەيلەن يىغىلىپ بولغانىدى، ئۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرىشتى. ئۇ يېنىدا تۇرغان سىددىقنى سىرتتىكىلەرنى چاقىرىپ كىرىشكە بۇيرىدى،سىددىق ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن بىرەيلەننى ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا پوستتا تۇرۇشقا بۇيرۇدى، ئاندىن ئابدۇللاھ سۆز باشلىدى.

   - بۇرادەرلەر!سەبداشلار! قېرىنداشلار! مانا مەن ئابدۇللاھ دۇنياغا كۆز ئاچقىلى بىرى كەم يىگىرمە يىل بوپتۇ،ئاتا ـ ئانىسىز يىتىملىق دەردىدە كىملەرگە خار بولدۇم نېمىلەرگە زار بولدۇم بۇنى بىر خۇدا بىر ئۆزەم بىلىمەن! سىلەرنىڭمۇ ئۆزەڭلارغۇ چۇشلۇق جاپايىڭلار، يىتىپ ئاشقۇچە دەردىڭلار بار! بۇلارغا كىم سەۋەپچى؟ سىلەرنىڭ مىنىڭ شىنجاڭدىكى يىتىملىق دەردىنى تارتىۋاتقان ھەربىر پەرزەنىتنىڭ بۇ خورلۇقلارنى تارتىشىغا كىم سەۋەپچى؟ ئەنە شۇ زالىم گومىنداڭ ۋە ئۇنىڭ قول چوماقچىلىرى ئەمەسمۇ! بۇرادەرلەر ئەمدىكى گەپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ ئەنە ئاشۇ بىزگە زۇلۇم سېلىۋاتقانلارنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۋېلىشىمىزدا قالدى! قېنى كىم مەن بىلەن ئاخىرقى تىنىققىچە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلالايدۇ؟ كۆپچىلىك بىردەك ئورنىدىن تۇرۇشۇپ قولىنى سۇنۇشتى، ئۇلار قوللىرىنى بىر بىرسىنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قويغاندىن كېين:  

       -بىز ئەڭ ئاخىرقى تىنىققىچە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن ماڭىمىز! زالىملارغا قارشى تۇرىمىز! ھەقنى ياقلايمىز! ئاجىزلارغا ھەمدەم بولىمىز! يىتىملارغا ئاكا بولىمىز! دەپ بىرلىكتە توۋلاشتى، قارىماققا ئۇلار جەڭگە ماڭغاندەك تۇراتتى. ئابدۇللا گېپىنى تۈگىتىپ كۆپچىلىكنى ھەممىسىنى ئۆز جايىغا بېرىشقا بورۇپ قويۇپ ئۆيىگە قايىتتى، بۇ ئۆڭكۈردە ئاتا ئانىسى يوق بالىدىن بەشى تۇراتتى، غىزالىرىنى باشقىلار ئەكىلىپ بېرەتتى، بىر بىرسىگە شۇنچىلىك يېقىن ئىدىكى جانىنى ھەم ئاياشمايتى. شۇنداق قىلپ ئابدۇللا ئۆيگە قايىتتى، يولدا كىتىۋاتقىنىچە قانداقتۇر بىر شۇملۇق ئۇنى ئەندۈكىتىرەتتى، ئۇنىڭ قەدەملىرى تىزلەشتى كۆڭلى بىر يامانلىقنى تۇيغاندەك بولۇپ، قادىر پالچىدىن ئەنسىرەپ قالدى. ئۇ ئۆيگە يېقىن كەلدى بىراق ئۆيدىن چىراق نۇرى كۆرۈنمەيىتتى، ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن دېرىزە تۈۋىگە كىلىپ ئۆي ئىچىگە نەزەر سالدى بىراق قاراڭغۇدا ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەي ئۆيگە كىردى،ئۆيدە بىرسىنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئابدۇللاھ ئىتتىك بېرىپ جىن چىراقنى ياندۇرۋېدى قادىر پالچى قانغا مىلەنگەن ھالدا ئاخىرقى قېتىم ئابدۇللاھنى كۆرىۋالماقچى بولغاندەك قاراپ تۇراتتى.ئابدۇللاھ دادىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سورىدى؟ قادىر پالچى مىڭ تەستە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئەسلى ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق: 

     ئابدۇللاھنىڭ ئىزچىل خەلىقنى تۆمۈر خەلىپە ماڭغان يولدا مېڭىشقا كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى ھەم بىر مەخپى قوشۇن تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بىرسى شىڭشىسەينىڭ قۇمۇل شەھىرىدىكى باش غالچىلىرىغا يەتكۈزىدۇ. شەھەرلىك قىسىم دەرھال ئابدۇللاھنىڭ مەھەللىسىگە يۇقىرى قاتلامدىكى تەربىيەچىلەرنى ۋە ئىماملارنى ئەۋەتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ ۋە شۇلار بىلەن بىللە ئالاھىدە قوراللىق ئەسكەرلەرنىمۇ ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئابدۇللاھنىڭ مەھەللىسىگە كېلىش بىلەنلا ئەھۋالنى ئېگىلەپ تىزدىن ئابدۇللاھنى تۇتماقچى بولۇپ، ساتقىنلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن قادىر پالچىنىڭ ئۈيىگە بارىدۇ. ئۇلار قادىر پالچىدىن ئۈنۈملۈك جاۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئۇنىڭغا بىر پىچاق تىقىدۇ ۋە ئابدۇللاھ بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان باشقا بالىلارنى ئىزدەپ كېتىدۇ، بەخىتكە يارىشا قادىر پالچى ئابدۇللاھ كەلگىچە ھايات قالىدۇ... 





897 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-9 16:03:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-16 17:25:51 2583205348
bu.hekaye neg aher ne yaz medegez mu bak.ukugum.kapkatte
2016-2-12 15:37:02 قەيسەر
بەك ياخشىكەن داۋامىنى تىزراق چىقاسىڭىز
2016-1-5 18:41:02 azmatjan
yahxi yizliptu dawami kaqan qekidu
2015-12-9 1:15:05 نازىم
ياخشى يىزىلىپتۇ ، داۋامىنىمۇ تىزىرەك يىزىۋەتسىڭىز……
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ