مەھەللەمدىكى قىز - 1 -قىسىم ھىكايە

مەھەللەمدىكى قىز
1 -قىسىم
ھىكايە      
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا ) 


ئادەتتكى ئائىلىدە تۇغۇلغىنىم بىلەن مىنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى خىلى خىلى كىشلەر قىلالمايتى،ھەر كۇنى مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ ئۆيدە يۇمشاق ناننى قىتتقا چىلاپ  قورسىقىمنى تويغۇزىۋالساملا ھەممە ئىشلىرىم ئۆزلىكىدىن ئورنىغا چۇشەتتى،ئاچ قورساق ئىشلىرىمنى قىلسام شۇنداق ئنچىكىلىك بىلەن قىلساممۇ نەتىجىسىدە خاتالىق يۇز بىرەتتى.
ئادىتىم بويىنچە قورسىقىمنى يامان ئەمەس ئەستەرلىۋىلىپ ئۆزۇمنىڭ ئاتالمىش تەجىرىبە ئۆيۇمگە كىرىۋىلىپ تىرىكلىتىپ ئىشقىلىپ بىر ئىشلارنى قىلاتتىم،ھەممىسى ئىلىكتىرلىك ئادەتتىكى ئەسۋابلار ئىدى، ئۇنىڭ ئىچكى سايمانلىرىنى بۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئۇنىڭدىن ئىلىپ بىرلەشتۇرۇپ خىيالىمدىكى ئويلىغان ئەسۋاپلارنى ياساپ باقاتتىم،كۇنلىرىم شۇنداق ئۆتۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ ئوقۇشقا كىرىپ قالدىم،نەزەر دائىرەمنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئويلايدىغىننىممۇ كۆپ بولدى،ھەر ھەپتىدە ئۆيگە چىققان ۋاقتىمدا يەنە ئاتالمىش تەجىرىبەخانامغا كىرىۋىلىپ ئۇسكىنە ئەسۋاپ ياسايتىم، يىرىم  ئۆتكۇزگۇچتىن پايدىلىپ بخەتەرلىك مۇداپىيە ئۇسكىنىسى،رەڭلىك لامپۇچكىلارنىڭ رەڭلىرنى قايتا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق باشقا رەڭ ھاسىل قىلىنغان ئاساستا يانىدىغان قىلىپ قۇراشتۇراتتىم ،ببرقىتىملىق بىخەستەلىك بىلەن توك سوقىۋىتىش بولدى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆيگە مىنى كىرگۇزمىدى،ئەسۋاپلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىۋەتتى،دادامنىڭ مىنى تەنقىدلىشى،ئاكامنىڭ تەنقىدلىشى مىنى ھەپتە دەمئىلىش ۋاقىتىدا ئۆيگە بارمايدىغان مەكتەپتە ئۆيى يىراق باللارغا ئوخشاش مەكتەپتىكى ياتىقىمدا تۇرىدىغان بولدۇم ،زىرىكىپ قالسام مەيدانغا چىقىپ ئوينايتتىم،ئۆيدىكىدىن قارىغاندا زىرىكىشلىك بولمايتى.
كۇنلىرىم شۇنداق مەكتەپتە بولدىغان بولدى،ئۆيگىمۇ ئايدا بىرقىتىم قايتىپ چىقىدىغان بولدۇم،شۇنداق ۋاقىتلاردا دادام مەكتەپكە مىنى كۆرۇپ كىلىش ئۇچۇن كىرسە مەن بەك پاراڭلىشىپمۇ كەتمەيتىم ،بىرەر ۋاخ تاماقنى بىللە يەپ دادام قايتىپ كىتەتتى،مەنمۇ باللارنىڭ يىنىغا كىتەتتىم ياكى سىنىپنا كىرىپ دەرىسىمنى تەكرارلايتىم.
مىنىڭ پىسخىكامدىن سەل چاتاق چىققانىدى مەن كۆپ گەپ قىلمايتىم،كىتابلا ئوقۇيدىغان ،ئوغۇللارغا جىق گەپ قىلمايدىغان ئىدىم،بۇنداق  بالا قىزلارغا قانداقمۇ گەپ قىلالىسۇن،مەن قىزلاربىلەن بىللە تاماق يىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، چۇشۇنەلمىگەن مەسلىنى سورىيالمايتىم ،شۇنداق بولغاچقا ئوغۇللارمۇ مىنى ئارىغا بەك ئىلىپ كەتمەيتى.
 مەن بىر قىز بالىغا قىززىقىپ قالغانىدىم،ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئوماق قىلىقلىرى ئادەمنى ھەرخىل ئويلارغا چۆكتۇرەتتى،كۆپ ئوغۇللار قوغلىشاتتى،گەپ ئىلىپ بىقىش ئۇچۇن سۆزقىلاتتى مەن بولسام ئۇنداق قىلالمايتىم،ھەرقىتىم گەپلىرىمنى يىزىپ يادىلاپ بارغان بولساممۇ يىنىغا بارساملا ئۇنتۇپ قالاتتىم.
ھايات ئادەمنى ھەرخىل قىسمەتلەر بىلەن تاۋلاپ چىقىدىكەن،مەن چوقۇم ئۇ قىزغا كۆڭلۇمدىكىنى دىيىشىم كىرەك دەپ ئويلاپ يۇرىدىغان بولدۇم باشقا بىرەرسى ئۇنىڭغا يىقىن ماڭسا ياكى بىرەر ئىغىز سۆزقىلىپ سالسا يۇرۇگۇم قاتتىق ئاغرىيتى ،مانا ھە باشقىلار دۇنيادا كۆيۇك ئوتى يامان دىسە ئىشەنمىگەنىدىم ھە مۇشۇ ئوخشايدۇ يامان ئوت ،ئەمدى يا ئۆچىدۇ،يائۇلغۇيدۇ مانا بۇ مىنىڭ ئاشىقىم مەھەللەمدىكى قىز ئىدى،مەن بىلەن تەڭلا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغىلى كەلگەنىدى،ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ گۇزەل كۆزۇمگە چىلىقمىغانىدى،مانا مۇھەببەتنىڭ كۇچى مانا ئىرادە ئاستا باردىم،قولىدا كىتاب ئۇزۇن چاچلىرى مۇرىسىدە يىيىلىپ تۇراتتى،يۇرۇگۇم گۇپۇلدەپ سوقۇۋاتاتتى،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يەردە ئولتۇرسام بولامدۇ؟دىدىم يەڭگىل ئاۋازدا ئاران چىققانىدى،
بولىدۇ قىنى ئولتۇرۇڭ ،سىزنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن،مىنى كەتمە دىمەكچىمۇ؟ئۇ ماڭا يەرتىگىدىن قارىغاچ جاۋاپ كۇتتەتتى،مەن نىمە دىگىنىنى ئاڭقىرالماي ،سىز نىمە دىمەكچى؟ نەگە كىتىسىز؟دىدىم .
مىنىڭ بەكمۇ سىز بىلەن تەڭ ئوقۇغۇم بار ئابلىمىتجان مەن ئۇنداق قىلالمىغۇدەكمەن ئۆيگە قايتىمەن دىدى،مىنىڭ جىمغۇرلىقىم قىزلارغا گەپ قىلالمايدىغان ئەلپازىم يوق ،ئىچ ئاغرىتىش،كەتكۇزمەسلىك يالۋۇرۇش دىگەندەك بىرقاتار ئىشلار ئۆتتى،لىكىن ئامال بولمىدى.
مىنىڭ يۇرۇگۇمنى ئەزگەن،مىنىڭ تىخى ئۇنىڭغا ئىيتىپ بەرسەم زەن قويۇپ  ئاڭلىمىغان ھەم  ئاڭلىيالماي  گۇلمىھرە ئۆيىگە ئوقۇشتىن چىكىنىپ كەتكەنىدى،ئىىتىيارسىز دەرىستە ئويلاپ قالاتتىم،خەستە كۆڭلۇم ئازابلىنىپ دەرسمۇ دەرىس بولمايتى.
بۇرۇنقىدەك بىر ئايدا بىر چىقىدىغان ئادىتىمنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرەپ ھەر ھەپتىدە بىر ئۆيگە چىقىدىغان بولدىغانلىقىمنى كۆرگەن ئاكام ھەيران قىلىپ ئانچە مۇنچە چاخچاق ئارلاشتۇرۇپ گەپ سوراپ قوياتتى،مەن كەچ بولىشى ئۆيدىن چىقىپ گۇلمىھرەنىڭ ئۆيىنى نىشانلاپ ماڭاتتىم.
ھەي ئاشىقلىق نىمىلەرنى قىلدۇرمىغانسەن،نىمىلەرگە ئايلاندۇرمىغانسەن،سىنىڭ سىھرى كۇچىڭ نىمىدىگەن كۇچلۇك ھە!ئۆيىنىڭ ئەتىراپىدا بىر ئىككىنىمۇ ئايلاندۇراتتى ،مۇھەببەتنىڭ ئوتى كىشىنى كونتۇرول قىلىۋالىدۇ دە! ئاھ ياشلىق،تۇن نىسبىگىچە ماراپ ئولتۇرۇپ كۆرۇشەلمەي قايتىپ كىلەتتىم.
ئوقۇش بىسىمىنىڭ ئىغىرلىقى ئۇ سەۋەب بۇ سەۋەب ئىشقىلىپ ئۇششاق ئىشلار تۇپەيلى كۆرۇشەلمەي يۇردۇم،سىنىپتا ئوقۇتقۇچۇمدىنمۇ ،دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرىدىنمۇ تىل دەشناملارنى ئاڭلاپ تۇراتتىم،يەنە ئۆزمەيلىمچە ياشايتىم،ھەقىقەتەنمۇ ھار كىلەتتى،مەن نىمىشقا قىزلاردىن قاچىمەن قىزلارنىڭ ماڭا شۇنداق يىقىنلاشقۇسى بار تۇرسىمۇ مەن ئۇلاردىن قىچىپ يۇرگەندىن كىيىن ئۇلار مەن بىلەن قانداقمۇ بىللە يۇرەلەيدۇ،شۇنى ئويلاپ بۇ كىچىنىمۇ ئۆتكۇزدۇم قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم ،كەيپىياتتىممۇ يامان ئەمەس ئىدى.
ئەتتىگەنلىك ناشتامنى قىلىش ئۇچۇن مەكتەپنىڭ ئىككى قەۋەت قىلىپ سىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئاشىانىسىغا كىردىم،بۇرۇن كىرگەچكىمىكىن تىخى تامىقى چىقىپ بولالمىغانىدى،چاي ئىچكەن ئولتۇرۇشنى ئويلاپ قارىسام چىراق يورىقىدا بىزنىڭ سىنىپنىڭ سىنىپ گۇزىلى دىگەن ساۋاقدىشىم خانزۆھرە كىتاب كۆرۇپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن پىيالىدىن بىرنى ئارتۇق ئىلىپ يىنىغا بىرىپ ئولتۇردۇم.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم خانزۆھرە قانداق ئەھۋالىڭىز ؟يامان تىرىشچان جۇمۇ سىز يالغۇز ئولتۇرۇپ قاپسىزغۇ باشقىلار يوقمۇ؟ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تىشلىق سىزمۇ ياخشىمۇ؟ھە يالغۇز دەپ تۇرىشىغا ئاشپەز ئۇستام خانزۆھرەنى چاقىردى ئۇ بۇيرۇتقان تامىقى چىققانىدى،ئۇ كىتىپ ماڭىمۇ قوشۇپ ئىلىپ كەپتۇ،سىز بۇنىڭغا ئامراقمۇ سورىمايكالا ئىلىپ كەلدىم قىنى تاماق يەيلى .

     





894 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-4 19:26:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-9 0:18:31 tolpar
kandak.asarbu.baxtla.ukup.manisiz.ikanlkni.hs.kldim
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ