بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 9 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 9 - قىسىم


     ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرنى كۆرىدىكەن بىر كۈن قېقىقلاپ كۈلسە بىر كۈن يۈركى ئىسەدەپ يىغلاپ قالدىكەن تۆكۈلۋاتقىنى ياش ئەمەس قان تامچىسى بۇلىدىكەن كۈلكىنىڭ سىماسىنى قان بىلەن يۇيىدىكەن .
زۇلپىيە ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ ، گەرچە سىزگە ئېرىشەلمىگەن بۇلساممۇ قەلبىمدە سىزدەك يىگىتنى ياخشى كۆرەلىگىنىمگە چەكسىز شۈكۈر ئېيتىمەن ، سىلەر ئوغۇللار تاللىيالايسىلەن ئېرىشمەن دىگنىڭلارغا ئېرشەلەيسىلەن بىراق بىز قىزلار ھاياتنىڭ قۇربانى بۇلدىكەنمىز ئىېرىشىشنى ئويلايدىكەنمىزيۇ ئەمما ئېرشەلمەيدىكەنمىز .
سىزنى مەندەك چۈشۈنىدىغان يەنە بىر ئادەم با دىسە ئۇ دەل سىزنىڭ ئانىڭىز ، بىلىمەن سىز جېنىڭەزدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ھېلىقى قىزمۇ سىزنى ھېچقانچە چۈشەنمەيدۇ .
بەلكىم سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەندۇ.
ئەگەر پۈتۈن كۆڭلىڭىزنى ماڭا بېرەلىگەن شۇ قىزغا بەرگەن چىن مۇھاببىتىڭىزنى ماڭا بېرەلىگەن بولسىڭىز مەن بارلىقىمدىن كىچىشكىمۇ رازى ئىدىم .
بىلىمەن سىز ئۇنداق قىلالمايسىز ۋىجدانىڭىز كۆتۈرمەيدۇ ھەم مەن كۆڭلىڭىزگە سىغمايمەن .
ھېچقىسى يوق سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىمۇ چۈشۈنىمەن ئۆيدىكىلە بىز تۇققان كەپ قالىمىز ھەم بىزگە يېقىن بۇلىسەن دەپ چىڭ تۇرۇپ بىرىگە بەرمەكچى بۇلۇپ داستىخىننىمۇ ئېلىپ بولدى ماڭىمۇ ئامال بولمىدى.
سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر سۇئالىمنى سورسام بۇلامدۇ؟
مەن ھە سوراڭ نىم سۇئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ چۇقۇم راسىت جاۋابىنى بېرىمەن دەپ جاۋاپ بەردىم.
ئۇ ،-ماڭا ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىڭىز ۋە مىھرىڭىز بارمۇ ؟
بۇ سۇئال مىنى گاڭگىرتىپ ئويغا سېلىپ قويدى يوق دەي دىسەم ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتكىننى بىلىپ ئەنسىرەپ پايپىتتەك بولۇپ كەتتىم بار دەي دىسەم خىياللىرىم سېغىنىشىم پەرىدەنىلا تارتىدۇ  توۋا مەن نىمە بولدۇم ئەمدى؟ نىمە دەپ جاۋاپ يېزىشنى بىلمەي تۇرسام -
نىمە نىمدىيىشنى بىلمەي قالدىڭىز شۇنداقمۇ بۇنىڭدىن مىنى ئازراق بۇلسىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ.
مەن ئۇ قىزنىڭ كۆڭلۈمگە ھۇجۇم قىلغىننى دەرھال سەزدىممۇ -ياق ئۇنداق ئەمەس مەن سىزنى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرەتتىم قېرىندىشىمدەك كۆرۈپ كەلدىم دەپ جاۋاپ يازدىم.
ئۇ -ئۇنداق ئەمەس سىز ماڭا كۆنۈپ قالدىڭىز .شۇنداق دەپتۇ .
مەن-بەلكىم دىسەم  ئۇ- ئەگەر مىنى ئېلىپ يىراققا كىتىڭ دىسەم شۇنداق قىلالامسىز؟
بۇ سۇئال مىنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈردى .
ئەگەر سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرسەممۇ سىز بىلەن توي قىلشىمغا مۇمكىن بولمىسمۇ مەن ئۇنداق قىلالمايتىم چۈنكى رازىلىق بىزگە ئەمەس ئاۋال بىزنى پەرۋىش قىلغان باغۋەنگە مەنسۈپ ئەجىرنىڭ مېھنىتى بولماستىن جاپاسى ئېغىر بولسا پەرۋىشكار قالمايدۇ.مەن شۇنداق دىدىم.
ئۇ-مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم ئەمما يەنە سوراپ باققۇم سىزنىڭ ماقۇل دىگەن جاۋابىڭىزغا تەشنا بولساممۇ ھەتتا ياق دەيدىغىنڭىزنى بىلسەممۇ ئۆزۈمنى پەسلەشتۈرۈپ يەنە سورغۇم كەپ سورىدىم .
مەن -ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ مۇھاببەت ئادەمنى ئىگىزگىمۇ پەسكىمۇ چۈشۈردۇ مەن توغرا چۈشۈنمەن دىدىم .
ئۇ رەھمەت دەپتۇ.
ئۇ مەنمۇ سىزگە بەخىت تىلەيمەن ھېلىقى پەرىدە قىزنى تېزراق تېپىشىڭىزغا ۋىسالىڭلارغا يىتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن سىزگە ئۆمۈرلۈك بەخىت تىلەيمەن ئەگەر پەرىدە قىزنى تاپقىنىڭىزدا ئۇ قىزغا مەن توغۇرلۇق گەپ قىلىپ بىرىڭ مەن مەجنۇن بۇلۇپمۇ ئېرىشەلمىگەن مۇھاببەتكە ئېرىشكەنلىكىنى مەن جاپا بىلەنمۇ  ئېرىشەلمىگەن مۇھاببەتكە ئاسانلا ئېرىشكەنلىكىنى سىزنىڭ چىن مۇھاببىتىڭىزنى قەدىرلىشىنى بولمىسا مەڭڭۈ ئېرىشەي دەپمۇ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ خەيىر ئامان بۇلۇڭ مەن توردىن چۈپ كەتتىم تويۇمغا ئېيىتساممۇ كەلمەيسىز بەلكىم ئۈزىڭىزنى ئاسراڭ خوش دەپلا ئۇ يۇقاپ كەتتى .
مەن كۆڭلۈم يېرىم ھالدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم نىمىشقا بۇنداق بۇلدۇ ئۆزۈمنىڭ ئازابىم ئاز كەلگەندەك يەنە بىر ئادەمنىمۇ بۇ ئازاپ دېڭىزىغا ئەكىرگىنىم نىمىسى دەپ ئۆز ئۆزەمنى ئەيىپلەپ كەتتىم .
شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ پاجىھەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن قىزلارنى كۆرسەم ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان ياردىم قىلغۇدەك ئىش بولسىمۇ تاش يۈرەكلىك بىلەن قارىماستىن ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدۇم .
پەرىدەگە بولغان سېغىنىشىم ئازراقمۇ پەسەيگەندەك ئەمەس ئىدى لەكىن كۈن ئۆتكەنسېرى جەم بۇلۇش كۈنىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە يېقىنلىشۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم ھەمدە ھامان بۇلدىغىنمىزغا شەكسىز ئىشىنەتتىم.
ئاخىرى بار……
     





573 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-3 5:07:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ