قاراڭغۇ ئورمان 4 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 4- قىسىم  ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 ھەممىمىز زوق - شوق بىلەن كىنونى كۆرۈپ بولدۇق ، ھەمدە قايىتماقچى بولۇپ يولغا چىقىشىمىزغا ھېلقى زومىگەرلەر بىر توپ بولۇپ ئالدىمىزنى توسىدى .

- ئوھوي نەدىن كەلگەن ئوماقلار بۇ ؟؟

 ئارىدا بويى ئىگىز ، بەسىتلىك گازىر كۆز ، بىرى قول چىرىغىنى قىزلارغا بىر - بىرلەپ تۇتۇپ ئالدىغا چىقتى .

 - گېپىڭ بارمۇ ؟

بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ ئاچچىغى يامان ، كۈچتۈڭگۈر ئاغىنىمىزدىن بىرى چىقىپ گازىر كۆزنىڭ ئالدىغا باردى.

- مەھەللەڭگە كەلدۇق نوچى ئوخشايسەن، قىزلاردىن قول چىرىغىڭنى تارتىپ مانا بىزنى كۆرىۋال .

 قىزلار بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشىگە چۈشكەنتى، ھەممىسىلا ئوغۇللارغا ئېغىر بولۇپ تېنىچ قايتىشنى ئەسكەرتىشەتتى .

- ھوي گېپىڭ ئەجەپ چوڭغۇ ، مەھەللەمگە كەلسەڭ نىمە بوپتۇ ، ساڭا تېخى گەپ قىلدىم تاياق يىگۈڭ بولمىسا ماۋۇ قىزلىرىڭنى قويۇپ كىتىۋال !!

گازىر كۆز ئەزۋەيلەشكە باشلىغانتى ، دىمىسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىكىلەر بىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپۈيۈپ كەتكەنتى .

 - ئاستا بايىقى توخماقنى تەييارلاپ قويۇڭ ،- دىدىم پەرىدىگە پىچىرلاپ ،- لازىم بولۇپ قالدىغاندەك تۇرىدۇ .

 - قورقىۋاتىمەن ،- دىدى ئۇ .

 - قورۇقماڭ ، تىرىكلا بولسام سىزنى قوغدايمەن .

بۇ چاغدا قاراپ تۇرىشىمىزنىڭ ئورنى قالمىغانتى، شۇڭا ئوغۇللار قىزلارنى قوغداپ دوپپىدە ئالدىغا چىقتۇق .

 - ئۇرۇشقۇڭ بارما ؟ - دىدىم مەن ھۆكۈرەپ ،ئۇرۇشۇش مېنىڭ ئارتۇقچىلىغىم ئىدى، چۈنكى دادام مېنى يالغۇز، بوزەك بولمىسۇن دەپ كىچىگىمدىنلا بوكۇستا تەربىيلىسە ، بۇۋام تەڭتۈشلىرىم بىلەن چېلىشتۇرۇپ چېلىشتا تەربىيلىگەنتى .

 - ئۇرۇشىمەن ، گەپ باما ،- ھۆرپەيدى گازىر كۆز.

 مەن ئۇنىڭدىن سەل پاكار ھەم ئۇنچە بەستلىك بولمىغاچقا ئۇ مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتاتتى .

 - بىرگە بىر ، باشقىلار داجىڭلار ،- دىدىم مەن.

ئاغىنىلىرىم مەندىن ئەنسىرەپ قولۇمدىن تارتىپ پىچىرلاشتى:

- يىنىكلىك قىلما ئاداش ، ئۇ تۇڭگۈزدەك كۈچلۈك ، تاياق ئۆتمەس نىمە ، سەن ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلمەيسەن ،بىز چۈشەيلى .

مەن قوشۇلمىدىم ، چۈنكى سەۋەپسىز بوزەك بولىۋاتقىنىمغا چىدىمىغانتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سولتەكنى مەندىن باشقىسىنىڭ يېڭەلايدىغانلىغىغا كۆزۈم يەتمىگەنتى . شۇنداق قىلىپ مەيداننى بىر ھويلىدىن يولنى يورىتىدىغان چىراقنىڭ ئاستىغا راسلىدۇق ، باشقىلار ئىككى تەرەپ بولۇپ ئەتىراپتا چەمبىرەك بولۇپ تۇراتتى ، مەن ئۇرۇشۇشتىن ئاۋال پەرىدەگە قارىدىم، ئۇنىڭ تۇرقىدىن قاتتىق جىددىيلىشىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى .

- كىلە بايقۇش ،بىر ئۇچۇقداپ قوياي.

 گازىر كۆز شۇنداق دىگىنىچە كەلگەن پېتى مەيدەمنى ئۇدۇللاپ تەپمەكچى بولدى، مەن تىزلىكتە ئۆزەمنى چەتكە ئېلىپ تەپكەن پۇتىنى تۇتۇپ دەسسەپ تۇرغان پۇتىغا تەپتىم ، ئۇ تېيىلىپ «پالاققىدە » چۈشتى، مەن ئۇنى تۇرۋېلىشىغا پۇرسەت بەردىم. ئۇ غەزەپتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېتىلىپ كىلىپ مۇش ئاتتى، ئۇنىڭ بۇ قوپال مۇشلىرىدىن داجىپ ئەجەللىك مۇشتىن بىر نەچچىنى ئاتتىم ، ئۇنىڭ تۇمشۇقى قانغا بويالدى، ئۇ مۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەي مېنى قۇچاقلاپلا تۇتىۋالدى، مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى ياڭپاشقا ئېلىپ يەرگە كۈچەپ ئۇردۇم، دوسىتلىرىم ئويلىمىغان جايدىن كۆرسىتىپ قويغان كارامىتىمدىن ھاياجانلىنىپ ۋاقىرشىپ كەتتى. بايقى گازىر كۆز قاتتىق يىقالغاچقا بىردەم نەپەسمۇ ئالالمىدى، ئۇنىڭ نەپىسى ئەسلىگە كەلگەندە خىرقىراپ ۋاقىردى :

- ئۇرۇڭلار ، ئۆلتۈرۋېتىڭلار !

شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپتە جەڭ باشلاندى، بەزىلەر مۇشلىشىۋاتقان، بەزىلەر چېلىشىۋاتقان ، مەن ئەڭ ئاۋال قىزلارنى قوغداپ شۇلار تەرەپكە كەلگەنلىكى بالىنى ئۇردۇم، لېكىن ئۇلار كۆپ بولغاچقا مېنىڭ يۈز - كۆزۈمگە ، بەدەنلىرىمگىمۇ مۇش ، تىپەكلەر تىگىۋاتاتتى، شۇندىمۇ قىزلار تەرەپكە بىرنىمۇ ئۆتكەزمەيۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز «ۋاق» قىلىپ تەككەن توخماقتىن بېشىم ئايلىنىپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى، بىردەم ئۆزەمنى ئوڭشاپ قارىغانتىم توخماق يەنە كەلدى. تىزدىن بىلىكىم بىلەن توسىدىم، بىر مۇش كىلىپ بوغۇن چاققان كۆزۈمگە تەگدى. ئاغرىققا چىدىماي ئەمدىلا كۆزۈمنى تۇتۇشىمغا يەنە بىر كالتەك پىشانەمگە تەگدى، شۇندىلا قانداق غەزەپكە كىلىپ ئېتىلىنغىنىمنى بىلمەيمەن، ئەتىراپتىكىلەرگە شىددەت بىلەن مۇش ياغدۇرۇشقا باشلىدىم .

- بۇنى ئېلىڭ !

بۇ پەرىدەنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۇ ئىت ئۇرىدىغان كالتەكنى ئېتىپ بەرگەن ئىدى، قولۇمغا كالتەك كىرىشى بىلەن نەچچىسىنى ئۇرۇپ ۋايجىنىنى چىقاردىم، بۇ چاغدا ھەمىراھلىرىمغا قارىدىم ، ئۇلارمۇ بەتتەر ھالغا چۈشكەنتى، ھەممىمىز توپلاشقاندىن كىيىن كالتەكلىرىمىزنى تەييارلىدۇق، ئۇلارمۇ كالتەك تەييارلاشتى. قىزلار قورقۇپ ،غال - غال تىتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ چاغدىكى ئەھۋال ئەڭ خەتەرلىك ھالغا يەتكەن ئىدى، ھەتتا سوقۇش ئەۋجىگە چىقسا ئۈلۈم ئىشىمۇ چىقىدىغاندەك قىلاتتى. دەل شۇ چاغدا ساقچى كەلدى قېچىڭلار دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، باياتتىن قاپقارا قورىشاپ كەتكەنلەر ئەتراپقا قېچىشقا باشلىدى، بىزمۇ ساقچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ساقچىخانىدا ئاۋارە بولۇپ يۈرۈشتىن قورقۇپ قاچتۇق. ھەممىمىز يەنە ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن قىزلارنى ئېلىپ قايتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا كەچمۇ بولۇپ قالغان بولۇپ، قىزلار شىۋېرلاپ دىگۈدەك رەھمەت ئېيتقىنىچە ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا چۈشۈپ قېلىپ يىگىتلەرلا قالدۇق -دە ئۇيقىمىز كەلمەي بىر ئۈستەڭنىڭ بويىدا جەڭ توغۇرلۇق، كىنو ، قىزلار توغۇرلۇق بىر مۇنچە پاراڭ سېلىپ گەپلىرىمىز تۈگىگەندىلا قايتىشتۇق.

ئەتىسى ئەتتىگەندە بۇۋامنىڭ ئاۋازى بىلەن مومامنىڭ ئاۋازى ئۇيقۇمنى بۇزدى، ئۇلار چىرايىمنى كۆرۈپلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى، پىشانەم يېرىلغان ، بىر كۆزۈم كۆك ، كۆڭلەكلىرىم قان ھالدىلا ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن، ئورنىمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا بىر مۇنچە چۈشەنچە بىرىپ تۇرىشىمغا ئادىلەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

- ئەركىنجان بارمۇ ؟

 بۇۋام ، مومام ماڭا قارىدى، مەن خىجىللىقتا تۇرۇپ قالدىم، چۈنكى بۇۋام بىلەن مومامنىڭ ئالدىدا قىز بالىنىڭ ئىزدىشى تۇنجى قېتىم ئىدى.

- با بالام ، با .

 مەن گەپ قىلغۇچە مومام جاۋاپ بىرىپ بولدى، بىز دەرۋازا تەرەپكە بويىندىدۇق، دەرۋازىدىن ئاۋال ئادىلە ، كەينىدىن پەرىدە كىردى، ئۇلارنى كۆرۈپ جىددىيلەشكىنىمدىن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، ھېلىمۇ بۇۋام، موماي سالاملىشىپ ،تەككەللۇپلار بىلەن ئوڭايسىزلىغىمنى يوقاتتى، بۇۋام قىزلارنى ئولتۇرۇشقا زورلاپ قويۇپ باغقا ماڭدى.  مومام چاي قۇيۇپ قويۇپ ئۆيگە ماڭدى. بىز ئۈچىمىزلا قالدۇق .

 - ئاغىرىۋاتامدۇ ؟

 پەرىدە پىشانەمگە قارىۋېتىپ سورىدى، سورىدىيۇ خىجىللىقتىن قىزاردى .

- ياقەي ،-دىدىم مەن كۈلۈمسىرەپ ،- كىچىككىنە جاراھەت ئىككى كۈندىلا ساقىيىپ كىتىدۇ .

- تاڭدۇرماپسىز ، بۇنداق تۇرسا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ ، شۇنىڭدىن ئەنسىرەپ … ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.

قارىماققا ئۇ ھەقىقەتەن تەمتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى.

- بىز تېڭىپ قويايلى .

 مەن رەت قىلدىم :

- شۇنىمۇ تاڭدۇرۇپ يۈرەمدىم، خەق كۆرسىمۇ خىجىل بولمامدىم .

ئادىلە گەپ قوشتى .

 - ۋاييەي ئەجەپ ياخشى كۆڭۈلنى چۈشەنمەيدۇ دىسە بۇ بالا ، تېڭىپ قويمىسا خاتىرجەم بولالمايدۇ خەقلەر .

 ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا پەرىدە خىجىللىقتا ھۈپپىدە قىزىرىپ تىزلىكتە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر قولىدا ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئىتىپ بىر قولىدابىلىكىنى چىمدىدى، ئادىلە كەچۈرۈم سوراپ قۇتۇلدى .

 - مانداق قىلىڭ ، تېڭىپ قوياي ، كۆزىڭىزگىمۇ دورا سۈرۈپ قويسام تىز ساقىيىدۇ .

 شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ كۆڭلى بويىچە جاراھەتلىرىمنى تاڭدۇردۇم . قىز شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق ، شۇنچە مىھرى بىلەن ئىشىنى تۈگەتتى. شۇندىن باشلاپ پەرىدە بىلەن بىر - بىرىمىزنى ئىزدىشىپ تۇرىدىغان، بىر نەچچىمىز بىرلىشىپ بازارلارغا قاچىدىغان، ئاخشاملىرى دوسىتلارنىڭ ئۈيىدە مەشرەپ ، تاماشا ئوينايدىغان بولدۇق، كۈنلەر ئۆتكەنچە بىز بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلغىمىز كەلمىگۈدەك ئاشىق بولۇپ قىلىشقانتۇق. بىز بىللە باغلاردا مۇڭدۇشۇپ كىتىشەتتۇق ، بىللە ئۆستەڭلەردە سۇ سىپىشەتتۇق ، ھەتتا بىر - بىرىمىزنى تىرىكتۈرۈپ ئۇرۇشۇپ، كەينىدىن كۈلۈشۈپمۇ كىتەتتۇق.

 لېكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، تەتىلنىڭ توشاي دىگىنىگە ئون كۈن قالغاندا ماڭا ئالىي مەكتەپ ئوقتۇرشى كەلگەنلىگى، تىزدىن قايتىپ تەييارلىق قىلىشىم توغۇرلۇق ئۆيدىن خەۋەر كەلدى، بۇۋام - موماملار خۇشلىغىدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۈيىدە نەزىر ئۆتكۈزۈپ ماڭا ئاق يول تىللىدى ، مەن قايتىدىغان ئۇ كۈنى مەن ئۇنى ئىزلىدىم ئۇ يوق ئىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئوينىغان جايلارنى ئالا قويماي ئىزلەپ چىقتىم يەنىلا تاپالمىدىم. ئادىلەنىڭ جاۋابىمۇ ئەتتىگەندىلا چىقىپ كەتكىنىچە كەلمىگەنلىگى بولدى. كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم ھالدا يۈك - تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ ، ماڭغۇم كەلمەي ئۇنى تۇنجى كۆرگەن يەرگە بوغۇن ئۇۋۇسى بار جايغا باردىم -دە خوشنا باغقا قاراپ تۇرۇپ قالدىم . تۇيۇقسىز قۇلۇغۇمغا بىرسىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، باغ ئىچىگە دىققەت قىلىۋېتىپ ئۇنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ ئۈزۈم بارانلىغىنىڭ ئاستىدا يىغلاۋاتاتتى ، ئۇنىڭ يىغىسىدىن ئۈزەمنى تۇتالماي باغقا ئاستا چۈشتۈم، ئۇ سەزمىگەنتى، مەن بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتقاندىلا ئۇ چۆچۈپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆپ يىغلاشتىن قىزىرىپ كەتكەنتى، ئۇ مېنى كۆرۈپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى ، مەڭزىدە يېشى تۇراتتى .

- سىزنى بەك ئىزلەپ كەتتىم.

ئۇ ئۈندىمىدى .

- مەن ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم .

- بىلىمەن ، - ئۇ ئاران ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا دىدى .

 - سىز بىلەن خوشلىشىۋالاي دىگەنتىم.

 ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭ يىغلىشىنى پەقەت خالىمايتتىم ، بارماقلىرىم بىلەن ئۇنىڭ مەڭزىدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىپ ، ئوماق يۈزىنى ئالقىنىمدا تۇتۇپ ئۆزەمگە قاراتتىم .

 - مەن سىزنى ئىزلەپ بارىمەن، ئادىرسىمنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، خەت يېزىڭ، مەن بوش ۋاقتىم چىقسىلا سىزگە خەت يازىمەن ، تەتىلدە سىزنى ئىزلەپ تاپىمەن …

 يەنە گەپ قىلىشقا قۇربىتىم يار بەرمەيۋاتاتتى، ئايرىلىش ئازابىنىڭ بۇنداق دەھشەتلىگىنى ئويلاپمۇ باقمىغانتىم .

- سىزنى كۈتىمەن ،- دىدى ئۇ يېشىنى توختىتالماي ،- كۆرگۈم كەلسە قانداق قىلىمەن ،خەت يېزىڭ ، جىق خەت يېزىڭ … ئۇ يەنە ئۆكسۈپ يىغلىدى.

 مەن چىن مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنى باغرىمغا باستىم، شۇ پېتى قانچىلىك تۇرغىنىمىزنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۈزۈمگە قاراپ :

- سىزنى ئۇزۇتۇپ قوياي ، يىغلاپ بولدۇم، ئەمدى كۈلۈپ ئۇزۇتۇپ قوياي ،- دىدى زورىغا كۈلۈمسىرەپ ،- بۇ مېنىڭ سۈرىتىم .

 ئۇ بەرگەن سۈرەتنى ئالدىم، سۈرەتتە ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى .

 - مەن … مەن تۇنجى خېتىمدا سۈرىتىمنى ئەۋەتەي ،-دىدىم ئۇنىڭغا .

 مەن بۇۋام ، مومام ، ئۇ ھەم ئادىلەنىڭ ھەمىرالىغىدا ئاپتۇبۇس بىكىتىگە چىقتىم ، ئۇ پۈتۈن جىسمىمنى كۆزىدە ساقلىۋالماقچى بولغاندەك مېنىڭدىن كۆزىنى ئۆزمەيتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ تويمايتتىم ، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھەمرا قىلىپ قويۇشقا تەييارلاپ قويغان سائىتىمنى باشقىلارغا تۇيدۇرماي ئۇنىڭ قولىغا ئاستا تۇتقۇزدۇم ، ئاپتۇبۇس كەلدى.  بۇۋام ،موماملار بىر تەرەپتە كۆزى ياش ئۇزاتسا، ئۇ بىر تەرەپتە كۆزىدە ياش كۈلگەن پېتى ئۇزۇتۇپ قويدى ، يىراقلاۋاتقان ئاپتۇبۇس ئەينىكىدىن ئۇنىڭ شۇنداق غۇبارسىز ، گۈزەل سىماسى يىراقلاپ شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر گە شاھىت بولغان يۇرتتا قالدى.





3344 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-19 22:21:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-3 20:22:45 زۇلمەت شاھى
بەك ياخشى يىزىپ سىز ھارمىغايسىز
2015-12-20 21:53:05 ماھىر
پاھ مىتروكا قالتىس ئ‍ەسەرلەنى يازىدىغان بۇپ كىتىپسىز جۇمۇ ھەممە ئ‍ەسەرلىرىڭىزنى مەن ياختۇرۇپ كۆرىمەن رەخمەت سىزگە
2015-12-20 21:02:37 ئ‍ەنۋەر
قولىڭىزغا دەت بارمىسۇن.مومكىن بولسا 2 قىسىمدىن يوللىغان بولسىڭىز بۇلامۇ؟
2015-12-20 10:24:31 nur gul
bu a sar bak yah xi yiz lip tu,da wa mini bak mu bi gum bar ,
2015-12-20 1:18:19 🅰
بەك پىچەت يىزىپسىلە ئاخىرنى داۋاملىق يىزىڭلا
2015-12-20 1:16:50 ayxam
bu acarmu qukum yahxi
2015-12-20 1:07:48 ئەكرەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسەرلىرڭىز ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ، رەھمەت سىزگە
2015-12-20 0:25:02 كىچىك تايىر
جىنىم ئ‍اكا يەنەيەنە تۈگەپتۈگەپ كەتتى غو ھەي دائىملا ياخشى يەرىگە كىپ تۈگەپ كىتىدۇ ئ‍ۇزۇنراخ يازسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن 😿😿
2015-12-20 0:22:17 bahtiyar
karangguorman ahri .bamidu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ