ناتىۋان ئانا (ھىكايە) - گۈلنىگار

ناتىۋان ئانا (ھىكايە) 

 گۈلنىگار


-ھەي،  مېنىڭ ئوغلۇم نېمە ئىش قىلىدۇ بىلەمسە، ئۇ بىر ساقچى، ھېلىقى كېنولاردىكىدەك چىرايلىق كىيىم كىيىپ ئەسكىلەرنى تۇتىدىغان ساقچى .ھە راسىت سەن كېنۇ كۆرمەيسەن، ئوغلۇم كەلسە ساڭا كۆرسىتىپ قوياي ھە !
       كوچىنىڭ بويىدىكى گۈللەرگە گەپ قىلىۋاتقان بۇ ياشانغان ئايالغا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىشاتتى ، بەزىلەر تېخى توۋا دەپ ياقىلىرىنى چىشلىشەتتى. لىكىن كوچا دوقمۇشىدىكى دۇكاندار قىز گۈلجاماللا بۇ ئايالغا ئۈن تىنسىز قاراپ ئولتۇراتتى، چۈنكى گۈلجامال بۇ دۇكاننى ئاچقان بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئۇ ئايالنى ھەركۈنى بۇ يەردە كۆرەتتى، شۇنداقلا گۈللەرگە دائىم ئوغلىنى ماختاپ بېرىدىغىنىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
   بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق ، بەلكىم قۇياشمۇ بۇ ناتىۋان ئانىنىڭ ھالىنى كۆرۈشكە چىدىماي ئۆزىنى بۇلۇتلار كەينىگە يوشۇرغاندۇ. لىكىن بۇ ئايال كۈندىكىدەكلا گۈللەرگە ئوغلىنى ماختاپ بېرىۋاتاتتى.
- ئاينىساخان چوڭ ئاپا ، بۈگۈن ھاۋا سەل سوغۇق ، ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتسىلە ، ئاغرىپ قالسىلا ئوغۇللىرى كەلسە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ .
گۈلجامال ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا باردى ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- يۈرسىلە، مەن سىلىنى ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ قوياي، بەك يالاڭ كىيىنىۋاپتىلا.
-ئوغلۇم كېلىپ قالسىچۇ ، ئوغلۇم بۈگۈن كىلەتتى .
- بۈگۈن ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى ، ئەتە كېلىدىغان ئوخشايدۇ.
گۈلجامال شۇنداق دېگىنىچە ئاينىساخان ئانىنى يۆلەپ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى .
- ئۆيگىمۇ كېلىپ قالدۇق ، ئوغلۇمنى ئامراق دەپ خوشاڭ ئەتكەنىدىم ، سەنمۇ كىرىپ ئېغىز تەگكىن ، ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا تاماقمۇ گېلىدىن ئۆتمەيدىكەن.
-مەنمۇ بەك ئامراقتىم .
ئاينىساخان ھەدە گۈلجامالنى ئۆيگە باشلىدى ۋە ئاستىغا كۆرپە سېلىپ چاي قۇيدى . بۇ  ياش  قىزچاق ئۆيگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۇپ چىققاندىن كىيىن گەپ باشلىدى.
- چوڭ ئاپا ئۆيلىرىنى ھەجەپ چىرايلىق تۇتۇپتىلا، قوللىرى  گۈلكە جۇمۇ.
- نېمىسىنى دەيسەن بالام ، سىلەردەك ياش چاغلىرىمدا بۇ  ئۆينى ھەۋەس بىلەن گۈلدەك تۇتقانىدىم، ھازىر پۇت قولدا جان يوق ، ھالىمىز مۇشۇ .
- ھەي ....مەن ئۆيلىرىمنى بۇنچىلىك تۇتالامدىم تېخى .
- قارا ياپياش تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىنى ، سىلەر دېگەن ياش ، تاش يېسەڭلار ئاش بولىدىغان ۋاقىت ، ساڭا نېم قويدى ئۇھسىنىشنى دەيمەن .
گۈلجامال كۈلۈپ كەتتى . ئاينىساخان ئانا تاماقنى ئېلىپ  چىقىش ئۈچۈن  ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . ئۇدۇلدىكى تېلىۋېزۇرنىڭ يېنىدا رامكىغا ئېلىنغان بىر رەسىم تۇراتتى، رەسىمدىكى ساقچى فورمىسى كىيگەن يىگىت بۇ ئايالنىڭ ئوغلى بولسا كېرەك . ئاڭغىچە ئاينىساخان ئانا تاماقنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
- چوڭ ئاپا ئاۋۇ رەسىىمدىكى ئۇغۇللىرى ئوخشىمامدۇ
شۇ زامان بۇ ئانىنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى ۋە ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئوغلىنى ماختاپ كەتتى ،
- جېنىم بالام دادىسىدەكلا چوڭ بولدى ، بەك ۋاپادار بەك ئاق كۆڭۈل ، بۈگۈن ئۇنى كېلىدۇ دەپ يەنە خوشاڭ ئەتكەنتىم ئەسلى . ھەي ..... خىزمىتى ئالدىراش يەنە كېلەلمىدى ، ۋاي ما كاللامنى ، ئوغلۇمغا تاماق ئېلىپ قوياتتىم ئەمەسمۇ.
ئاينىساخان ئانا شۇنداق دېگىنىچە خوشاڭدىن بىر نەچچىنى ئېلىپ ئايرىپ قويدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى قىزغىن پاراڭلار بىلەن تاماق يېيىشكە باشلىدى. ئانا ھەر گېپىدە بىر ئوغلىنى تىلغا ئالاتتى .
- بەك ئوخشاپتۇ چوڭ ئاپا ، قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن ، قاچىلارنى مەن يۇغۇشتۇرۋېتەي .
تاماقتىن كىيىن گۈلجامال قاچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ تەخسىگە ئايرىپ قويغان خوشاڭنى توڭلاتقۇغا سېلىۋېتىش ئۈچۈن توڭلاتقۇنى ئاچتى دە تۇرۇپلا قالدى.
- چوڭ ئاپا ، ئوغۇللىرى قايتىپ كەلمىگىلى قانچىلىك بولدى
- بۈگۈن ساق 36 كۈن بولدى ، 37كۈن بولدىمىيا
توڭلاتقۇنىڭ ئىچى تەخسە تەخسە خوشاڭ بىلەن توشقانىدى . گۈلجامال كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى ۋە ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ سورىدى :
- ئوغۇللىرى نەگە كەتكەنىدى
- بىر كۈنى بىر يەرگە بارىدىغان ۋەزىپە باركەن، بىر ھەپتىدىلا قايتىپ كېلىمەن ئاپا دەپ چىقىپ كەتكەن ، لىكىن بىر ھەپتە ئەمەس ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى كەلمىدى ، بىر كۈنى ئىككى ئادەم كەپتۇ قەيسەردىن  ئايرىلىپ قالدۇق ، ۋەزىپە جەريانىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قۇتقۇزالمىدۇق ، مېيىتنى يۆتكەشكە ئامال بولمىدى دىگەندەك بىر توقاي يالغان گەپلەرنى قىلىپ ، ئۇلارنى قوغلىۋەتتىم ، مېنىڭ ئوغلۇم قايتىپ كېلىمەن دىگەن ، جېنىم بالام چوقۇم كېلىدۇ  مېنى بۇ ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ .
گۈلجامال پەرزەنت ئوتىدا يۈرىكى پۇچىلانغان بۇ ئانىغا قايتىدىن سەپ سالدى . چېچىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاقارغان ،كۆزلىرى  ئولتۇرۇشقان ، لەۋلىرى تىترەۋاتقان ئانا يىغىدىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتىۋېلىپ سۆزلەۋاتاتتى .
- ئوغلۇم ھەر قېتىم باشقا يەرگە خىزمەتكە بارغاندا ماڭا بىر بىلەيزۈك ئالغاچ كېلەتتى ، قارا قىزىم ، چىرايلىقمىكەن
   ئاينىساخان ئانىنىڭ قولىدا بىر قانچە بىلەيزۈك تۇراتتى ، بەلكىم ئوغلى سوۋغا قىلغان ھەممە بىلەيزۈكنى تاقىۋالغان بولىشى مۇنكىن. گۈلجامال كۆز ياشلىرىغا گەپ ئاڭلىتالمىدى ۋە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى .
ئەتىسى ئەتتىگەندىلا گۈلجامال يەنە كىردى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ :
- چوڭ ئاپا ، قارىسىلا ، ئوغۇللىرى كېلىپ بۇنى سىلىگە بېرىپ قويىشىمنى ئيتتى ، سىلى ئۇخلاۋاتقان بولغاچقا ئۇيغاتمايلى دەپ كېتىپ قالدى . يەنە بۇنىڭدىن كىيىن خوشاڭ ئەتسە ماڭا ئېلىپ قويمىسۇن ، ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا ئېتىپ بېرۋاتىدۇ دەيدۇ يەنە ئەمدى گۈللەرگە مېنى ماختاپ بەمىسۇن خىجىل بولىمەنكە دەيدۇ.
گۈلجامال شۇنداق دېگىنىچە ئەكەلگەن بىلەيزۈكنى ئۇ ئايالنىڭ قىلىغا سېلىپ قويدى .
- مېنىڭ ئوغلۇم كەپتۇ ، مېنىڭ قەھرىمانىم قايتىپ كەپتۇ ، جىنىم بالام مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ .
ئانا شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى بىلەيزۈكنى قايتا قايتا سىلاپ كەتتى .
-چوڭ ئاپا ، بۇنىڭدىن كىيىن سىلىگە مەن ھەمراھ بولىمەن ، ئوغوللىرىغا شۇنداق ۋەدە بەردىم . ھە راست ، بۈگۈن مەن كۆينەك ئالماقچىتىم ، مەن بىلەن بىللە بازارغا بېرىشىپ بەرسىلە
- ۋاي بالام ، بۇ يېشىمدا بازارغا بېرىشنى نېم قويۇپتۇ ماڭا
- كوچىغا چىقساق سېلىنى مېنىڭ ھەدەم دەپ ئۇيلاپ قالىدۇ تېخى ، بىللە بارسىلىچۇ، يۈرسىلە  ....
 شۇنداق قىلىپ بۇ ئاغزى تاتلىق قىز ئاينىساخان ئانىنى قولتۇقلىغىنىچە يولىغا راۋان بولدى . بۈگۈن قۇياش كۈلۈمسىرىگىنىچە بۇلۇتلار كەينىدىن چىقتى ، ھەممە شۇنچىلىك گۈزەل شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى .





526 قېتىم كۆرۈلدى gulnigar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-7 4:39:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ