قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 27- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 27- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)


ئۇلار ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان توخولارغا قاراپ چۈش كۆرىۋاتقاندەكلا ھېس قىلدى ، توخۇلار ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىنلا تايىر شەمشىرىنى كۆتۈرۈپ ئاستا ئىشىكتىن ئۇ ئۆيگە بويۇنداپ قاراپ ھېچنەرسىنى كۆرمىدى .

- ھېچنىمە يوققۇ ،- دىدى ئۇ.

- يەنە شۇ جىنلار ، بىزنىڭ ئەتىراپىمىزنىلا كىزىپ يۈرەمدۇ بۇلار ، ئەجەپ قوقاتتى ،- دىدى سەمەتمۇ تايىرنىڭ كەينىدىن ئۆي ئىچىگە قاراپ ،- بۈگۈن كىچىنى ئۆتكۈزمىگىمىز تەس كىلەمدۇ - قانداق ؟

- پۇختا تەييارلىق قىلايلى ،- تايىر بىر ئىش يادىغا كەلگەندەك كەينىگە بۇرۇلدى ،- بىزدە جىنلار قورقىدىغان ئەنگۈشتەرلەرمۇ بارغۇ راس ، شۇلاردىن پايدىلىنايلى . - بۇلارمۇ ،- دىدى ئىسكەندەر نەيزىنى كۆرسىتىپ .

- ياق ، ئۇلارلا ئەمەس ، نان ، سىلەر ئاڭلىمىغانمۇ ناننىڭ ئۇلۇغلىغىدىن ئۇنىڭدىن جىنلار قورقۇدۇ ،- دىدى تايىر كۈلۈپ .

- شۇ … شۇ مەنمۇ ئاڭلىغان ،- دىدى سەمەتمۇ ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.

ئۇلار سومكىدىكى نانلارنى ئېلىپ ھەر بىرى بىردىن يانغا تېڭىشتى -دە بىر ئاز كۆڭلى تىنغاندەك بولۇشۇپ شەمشەر ، نەيزىلەرنى قۇچاقلىغىنىچە ئولتۇرۇشتى . ئاي نۇرى ئەتىراپنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇراتتى ، بىر ، ئىككى يەردە ھېلقى ھۇقۇشنىڭ سەت ئاۋازى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئادەمنى بىر خىل سۈر باستۇرۇپ تۇراتتى، تايىرلار ئەتراپتىن قانداق جىن - ئالۋاستى چىقاركىن ، قانداق خەتەرگە دۈچ كىلەرمىز دىگەن خىياللار بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلمەي جىددىيلىشىپ سۈكۈتتە ئولتۇرىشاتتى . گۈزەلنۇر تۇيۇقسىزلا كۈلۈپ كەتتى ، بۇنىڭ سەۋەپسىز كۈلىشىدىن باشقىلار ھەيران بولۇشتى .

- گۈزەلنۇر ، نىمە بولدىڭىز ، نىمىگە كۈلىسىز ؟- سورىدى تۇرغۇن ئۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ قاراپ .

گۈزەلنۇر بىردىنلا جىمىپ ئاستا سورىدى :

- ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟

- نىمىنى ؟

- ياندىكى ئۆيدە بىر مۇنچە ئايال شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتى ، كۈلۈشۈپ تېخى ، بەك كۈلىدىكەن لېكىن شۇنچە دىققەت قىلىپ قۇلاق سالساممۇ ئۇلارنىڭ نىمە دىگىنىنى بىلەلمىدىم .

گۈزەلنۇرنىڭ پەرۋاسىزلارچە دىگەن سۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى جىغغىدە قىلىپ قالدى .

- نىمە دەيسىز ، بىز ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدۇققۇ ،- دىدى تايىر رۇسلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ،- ئادەمنى تولا قورقىتمىڭە ، نىمە ئايالكەن ئۇ جىمجىت تۇرسا .

گۈزەلنۇر شۇندىلا ئىسىگە كەلگەندەك بولدى .

- سىلەر ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ، ھە… ھە چۈشەندىم ،- ئۇ قورقىنىدىن بىردىنلا جىمىپ قالدى .

- يەنە ئاڭلىنىۋاتامدۇ؟- تايىر سورىدى .

- ياق ، جىمىلىپ قالدى .

ئۇلار قورقۇش ئىچىدە يەنە سۈكۈتكە چۆمدى .

- بىر ، ئىككى ، ئۈچ ، تۆت … ئەمدىلىكتە سەمەت پەس ئاۋازدا ساناق ساناشقا باشلىدى .

- نىمە ساناۋاتىسەن سەمەت ،- دىدى تۇرغۇن ئەنسىرەپ .

- قۇڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ ، سائەت قۇڭغىرىغىدەك قىلىدۇ ، يەر ئاستىدىن ئاڭلانغاندەكلا .

- بولدى قىلىڭلارچۇ ،- تۇرغۇن تىرىكتى ،- نىمىلا ئاڭلىساڭلار ئىچىڭلەردە بولسۇن ، ئادەمنى قورقۇتۇپ .

ھەممىسى يەنە ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇشتى ، ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى ، ئۇلارنىڭ خىيالىنى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق ئالۋاستى جىنلارنىڭ سىماسى ئىگەنلىۋالغان ئىدى، ئەگەردە موشۇ تاپتا بىرەرى ۋاقىرىۋەتسە بۇلارنىڭ يۈرىگى بۇ قورقۇنىچقا بەرداشلىق بىرەلمىگۈدەك بولۇپ قالغان ئىدى. ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتىۋاتاتتى … بىردىنلا نەدىن پەيدا بولغىنى نەمەلوم بىر شامال ئۆينىڭ ئىشىك - دەرىزىلىرىنى تاقىراقشىتىپ ئۆتتى، ئۇلار بۇ ئاۋازدىن قۇلاقلىرىنى تىك تۇتۇپ دىققەت بىلەن ئەتىراپقا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى .

- شامال چىقىۋاتىدۇ،- دىدى تايىر ئارىدىكى قورقۇنىچنى يوقاتماق بولۇپ.

باشقىلار ئۈندىمىدى ، ئۇلارغا بۇ شامالمۇ سىرلىق تۇيۇلماقتا ئىدى، بايقى شامالنىڭ كەينىدىن يەنىمۇ كۈچلۈكرەك شامال كەلدى ، شامال تەسىرىدىن ئەتىرپتا ئىشىك - دەرىزىلەرنىڭ غىچىڭلاش ، تاراقشىش ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىشقا باشلىدى ، ئەجەپلىنەرلىگى بۇ ئاۋازلار ئارسىدا بىرسىنىڭ «تاق … تاق» قىلىپ ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭغان ئاياق ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

- بىرى بارمۇ نىمە؟- دىدى سەمەت ئەندىشە ئارلاش .

- مەيلى ، نىمىلا بولسۇن ھېچقايسىمىز ئورنىمىزدىن قىمىرلىماي ، ئاڭلىساقمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ جىم ئولتۇرايلى ،- دىدى تايىر پەس ئاۋازدا.

ئۇزۇن ئۆتمەي شامال توختىدى، لېكىن غىچىڭشىغان ، تاراقلىغان ئاۋازلار توختىمايۋاتاتتى، ئۇلارمۇ بۇ ئاۋازلارنىڭ سەۋەبىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ ئولتۇرىۋېرىشتى. ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى، غىچىڭلىغان ئاۋازنى ئاڭلىۋېرىپ ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز يۇمۇلۇشقا باشلىدى. ھەممىسى دەسلەپتە ئۇخلاپ قالماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ ،جىمجىتلىق ، چارچاشلار قورقۇنىچنى يېڭىپ ئۇلارنى يەنىلا ئۇخلۇتۇپ قويدى .

- گۈزەلنۇر … گۈزەلنۇر …

گۈزەلنۇر ئورنىدىن تۇردى ، ئۇنى دىلبەر چاقىرۋاتاتتى، ئۇ ئاستا دەرىزە ئالدىغا كىلىپ پەسكە قارىدى، پەستە دىلبەر دەرىزىگە قاراپ تۇراتتى، ئۇ ئاي يورىغىدا گۈزەلنۇرنى شۇنداق ئېنىق كۆردى .

- گۈزەلنۇر ،- ۋاقىردى دىلبەر قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە كۈلۈمسىرەپ ،- تىز پەسكە چۈش ، ئۆيگە كىتىمىز !

- ھە ، ماقۇل ، مانا ھازىر . گۈزەلنۇر خوشاللىغىدا دىلبەرگە ۋاقىراپلا ئىشىككە قاراپ ئېتىلىندى .

- گۈزەلنۇر ، ھەي … گۈزەلنۇر ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ! - بۇ تايىرنىڭ ئاۋازى ئىدى ، ئۇ تۇيۇقسىزلا « ھە ماقۇل» دىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ گۈزەلنۇرنىڭ سىرتقا قاراپ يۈگۈرگەن يىرىدىن تۇتىۋالغان ئىدى، بۇ چاغدا ئۇ ئۇيقۇدا بولۇپ تۇرغۇن شۇندىلا ئۇنىڭ جۆيلۈپ ماڭغىنىنى ياكى ئېزىقتۇرۇلۇپ ماڭغىنىنى پەملەپ بولغانتى. گۈزەلنۇر كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ، تايىر تۇتىۋالغان ھالەتتە تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئىسىنى يىغالمايلا :

- دىلبەر پەستىكەن مېنى چاقىرۋاتىدۇ ، مەن چۈشۈپ باقاي ،- دەپ سۆزلەپ كەتتى .

- سىزنى جۆيلۈپ مېڭىپ كىتىپسىز، مەن تۇتىۋالدىم ،- دىدى تايىر چۈشەندۈرۈپ .

شۇندىلا گۈزەلنۇرنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ قورقۇپ تىتىرەشكە باشلىدى.

- رەھمەت سىزگە ،- دىدى ئۇ ئېغىزىغا گەپمۇ كەلمەي ،- ھېلىمۇ مېنى تۇتىۋاپسىز بولمىسا مەن …

ھەممىسى بۇ ئىشتىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈشتى، ھەتتا قانداقلارچە تەڭلا ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىلىشمىدى.

- سەگەك بولايلىچۇ ،- دىدى تۇرغۇن ،- بولۇپمۇ بۈگۈن كىچە.

ئۇلار ئورۇنلىرىنى باشقىدىن تەڭشەپ ئوغۇللار ئىشىك تۈۋىدە گۈزەلنۇر ئىچىدە يۆلۈنۈپ يېتىشتى ، بۇ چاغدا ئىشىكلەرنىڭ ئاۋازلىرىمۇ جىمىغان ئىدى . ۋاقىت يەنىلا ئاستا ئۆتىۋاتاتتى ، ئادەمگە خۇددى توختاپ قالغاندەكلا تۇيغۇ بىرەتتى. گۈزەلنۇر بايقى ۋەھىمىلىك ئىشتىن ئىسىنى يىغالماي بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ دىلبەر يەنىلا چاقىرۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئولتۇراتتى، ئۇ شۇ تاپتا دىلبەرنى بەك سېغىنغانتى. ئاي ئاستا - ئاستا سۈرۈلۈپ كۆك قەرىگە چىقتى ، باشقىلار مۈگىدەپ - مۇگىدەپ ئۇيقۇغا كىتىشتى، تايىر ھەرقانچە ئۇيقۇ باسسىمۇ كۆزىنى ئۇۋۇلاپ، جايىدا ھەركەت قىلغاچ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىزلا بىر ئادەم ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇنىڭ ئالدىدىلا توختىدى. تايىر ئۇ ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز كىرىشىدىن چۆچۈپ كەتتى، غۇژ قىلغان بىر سوغوق سىزىم ئۇنىڭ تاپىنىدىن كىرىپ مىڭىسىگە چىقتى ، ئۇ مىدىراي دىدى مىدىرلىيالمىدى. باشقىلارنى چاقىراي دىدى چاقىرىيالمىدى ، قاققان قوزۇقتەك ئۇ ئادەمگە قاراپ قېتىپ ئولتۇرۇپلا قالدى ، باشقىلار بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى.

- سەن بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىيسەن ،- ئۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاچچىقلىق چىقتى.

تايىر ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قاراپ ھەيرانلىقتا « بۇ ئادەم ئۈلۈپ كەتكەنتىغۇ ، ئۈلۈپ كەتكىلىمۇ خېلى يىللار بولدىغۇ» دىگەن خىياللارنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردى .

- سەن بۇ يەرلەردە يۈرسەڭ ، ئۇخلىساڭ بولمايدۇ ، ئاتا - ئاناڭ سېنى ئىزدىگىلى نەۋاق، ئەجەپ گەپ ئاڭلىمايدىغان ئادەم بوپسەن ،- ئۇ ئادەم ئاچچىقتا شۇلارنى دىگەچ چىرايى تاتىرىپ قورۇقلار كۆپۈيۈپ ، ساقاللىرى ئۆسۈپ بۇۋايغا ئوخشاپ قالدى ، ئۇ تايىرغا قاراپ ئاچچىقتىن قوشۇمىسى تۈرىلىۋاتاتتى ،- سېنى بىر ئادەم قىلىپ قويسام بولغۇدەك.

ئۇ شۇ گەپنى قىلىپلا تايىرغا قاراپ ماڭدى، تايىر قورقۇپ ئەتراپتىكىلەرنى ياردەمگە چاقىرماق بولدى، لېكىن ئۇلار يەنىلا شۇنداق قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى، ئۇ بولمىغاندا جان - جەھلى بىلەن قوپۇشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىدى، دەل موشۇ چاغدا ئۇنىڭ سىلكىنىشىدىن قوينىدىكى نان بوشاپ دۇمىلاپلا ئالدىغا چۈشتى. ئۇ ئادەم ناننى كۆرۈپلا ئورنىدا شىپپىدە توختاپ :

- تىز ئۈيۈڭگە قايىت ، بۇ سەن ياتىدىغان يەر ئەمەس ،- دەپ مۇلايىملىشىشقا باشلىدى- دە شارتىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى.

بۇ چاغدا تايىرنىڭ قارا تەرگە چۆمگەن بەدەنلىرى ھەركەتكە كەلدى. ئۇ جالاقلاپ تىتىرەپ تۇرغۇننى چاقىردى ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چاقىرغاندىن كىيىن تۇرغۇن ئۇيغاندى .

- ھەمىرا بولە ئاداش قورقىۋاتىمەن ،- دىدى ئۇ باشقا ھېچنەرسە دىمەي . ئىككىسى ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇشتى ، ۋاقىت يەنىلا شۇنداق ئاستا ئۆتىۋاتاتتى .

- ھاجەتكە چىقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ ئاداش ،- دىدى تۇرغۇن بىر چاغدا.

- ئەمىسە ئىسكەندەر بىلەن سەمەتنى ئۇيغۇتۇپ قويۇپ مەن ھەمرا بولاي ،- دىدى تايىر ، ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى ئۇيغۇتۇپ قويۇپ سىرتقا چىقىشتى، ئايدىڭدا خارابىلىك بىر نەرسىلەر غادىيىپ تۇرغاندەك كۆرىنىپ تۇراتتى.

- بولدى ئاداش سەن موشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر ، مەن ماۋۇ تامنىڭ كەينىگىلا ئۆتسەم بولدى ،- دىدى تۇرغۇن بىر چولاق تامنىڭ يېنىغا كەلگەندە .

تايىر ماقۇل بولۇپ ساقلاپ قالدى، تۇرغۇن تام كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى، تايىر تۇرېۋېتىپ ئۆزىنىڭمۇ ھاجىتىنىڭ قىستىغانلىغىنى سەزدى - دە ئانچىمۇ يىراق ئەمەس تام كەينىگە ئۆتتى، شۇ چاغدا تۇرغۇننىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ چىقىپ تۇرغۇننىڭ سارايغا قاراپ ماڭغىنىنى كۆردى، تۇرغۇن ماڭغاچ :

- مەن چاقىرمىسام قورقۇپ سىيەلمەي ئىشتىنىڭغا سىيىپ قوياركەنسەن - ھە ،- دەپ چاقچاق قىلىپ كۈلدى.

تايىر ئاغىنىسىنىڭ گېپىدىن تىرىكىپ :

- ھەمىرا بولۇپ چىقسام تېخى مانى ،- دىگىنىچە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ بېشىدىن قۇچاقلاپ چاقچاق قىلدى ، بۇ چاغدا تايىرنىڭ قولتۇقىدىكى تۇرغۇن ئاپپاق نەرسىگە ئايلىنىپ كىچىكلەپ - كىچىكلەپلا بىر مۈشۈكتەك بىر نەرسىگە ئۆزگىرىپ ساراي كەينىگە سەكىرىگىنچە كىتىپ قالدى. بۇ تۇيۇقسىز بولغان ئىشتىن قورقۇپ كەتكەن تايىر جايىدىلا «چاررىدە» چىقىرۋەتتى .

بۇلارنى يەنە قانداق ۋەقە ، قىسمەتلەر ساقلاۋاتىدۇ ، قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ





1599 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:51:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-19 14:07:52 ئەلى
رەخمەت بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ