مېنى يېتىم دېمەڭ (ھېكايە ) ​- ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن

 مېنى يېتىم دېمەڭ (ھېكايە )
 ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن  


ئۈرۈمچىدە قىش پەسلى شۇنچىلىك سوغۇق بولىدۇكى ، ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ كۆنۈپ كەتكەنلەردىن بۆلەك باشقا يۇرىتلاردىن قىش پەسلىگە ئۈلگۈرۈپ چىقىپ قالغانلار بۇ جاينىڭ ھاۋا كىلماتىغا ھەرگىز ماسلىشالمايدۇ . ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتقىلى 10يىلچە بولۇپ  قاپتۇ ، بۇ جاينىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرغىمۇ ئاساسەن كۆنۈپ كەتتىم . بۈگۈنمۇ ھەركۈنكىدەك ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئادەتتىكدەك كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ، ئوتتۇرانچى ئوغلۇم تاھىر يېنىمغا كېلىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ : ---دادا ، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى، دېسەم ئۇنارسەنمۇ ؟؟؟ دېدى .
-قېنى دەپ باققىنە ئوغلۇم ، قوشۇلغىدەك ئشلار بولسا ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن ! دېدىم ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ .
-- شۇ ئەتە بىر ساۋاقدىشىم تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەنتۇق ،، ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىن دوس ئىدىم ... شۇڭا ئازراق پۇل بەرسەڭ، ئۇنىڭغا ياخشىراق سوۋغاتتىن بىرنى ئالاي دېگەن !
-نېمە ؟؟ يەنە تۇغۇلغان كۈنما ؟ نېمانداق تۈگمەيدۇ بالام بۇ دوسلىرىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، تېخى ئۈلۈشكۈن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دېگەندە يۈز يۈۋەن پۇل بەردىمغۇ ؟؟ دېدىم ئۇنىڭغا سەل ئاچچىقلاپ .
--ۋاي ۋۇي دادا  ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ قاخشىمايراق پۇل بېرىپ باقساڭ بولمامدۇ ئادەمگە ، قاچانلا پۇل سورىسام قاخشاپلا تۇرىدىكەنسەن ،، ياكى مەن ئۆگەي بالاڭمۇ سېنىڭ ؟؟؟
ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بوپ كەتتى. ئەمدىلا 16 ياشنىڭ قارىسنى ئالغان بۇ بالىنىڭ  نېمە دېگنى ئەمدى بۇ .توۋا ؟؟ ھېلىمۇ بىر قېتىم ئەمەس بىرنەچچە قېتىم دەپ بولدى ،مەن سېنىڭ ئۆگەي بالاڭ ئوخشايمەن ، ماڭا  بەزىدە ئۆگەي بالاڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىسەن دېگەن گەپنى ھەي..
 قانداق قىلسام بولا بېرەيمۇ بەرمەيمۇ  بوپتلا بېرەي ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ !
يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىشىمغا ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلدى ،، شۇنىڭغا قارغاندا ھازىرقى كىچىك باللىلارمۇ بوش ئەمەسكەن !دېگەنلەرنى ئويلىدىم . ئەللىك يۈۋەنلىك پۇلدىن بىرنى تەڭلىدىم .ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى بىردىنلا تۇتۇلدى ۋە  سۆزلەشكە باشلىدى :
-دادا مەن ھازىر سېنى ئۆز دادام ئەمەستەك ،، ئۆزۈمنى يېتىم بالىدەك ھېس قىلۋاتىمەن ، ھازىر ئەللىك يۈۋەنگە نېمە سېتۋالغىلى بولىدۇ ، ھازىرچۇ ئەللىك يۈۋەننى پۇل دېمەيمىز !
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم ئەمما بۇ گەپلەرنى دەۋاتقان دەل مېنىڭ ئوغلۇم ئىدى .  ئاچچىقىمنى ئاران بېسۋالدىم . ۋە ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىىرىم بىلەن قاراپ تۇراتتىم .
ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ۋە ئۇنىڭغا قولۇمدىكى ئەللىك يۈۋەننى تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتتىم ، بولمىسا بۇ ئاچچىقىمدا ئۆز ئوغلۇمغا قول تەگگۈزۈپ قويىشىم مۇمكىن ئىدى .
ئاچچىقىمدا سىرىتقا چىققان ئىدىم . قار لەپىلدەپ چۈشۋاتاتتى ، چوڭ يولغا چىقتىم ۋە ئاستا قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدىم . تۇيۇقسىز مەندىن ئون مېتىرچە نېرىسىدا ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن ئاپلىسىن سېتۋاتقان 16 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا دىققىتىمنى تارتتى . ئۇنىڭ ئۇچىسدا رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن چوڭلارنىڭ ئۇزۇن قىشلىق چاپىنى ، پۇتىدا كۈزلىكى كىيىشكە ماس كېلىدىغان بىر جۈپ ئاياق تۇراتتى . ئۇنىڭ قوللىرى سوغۇقتا توڭلاپ كەتكەن بولسا كېرەك قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، بېرىشىمغىلا ئۇ :
-كېلىڭە ئاكا ، ئاپلىسىن ئالامسىز ، بۇ ئاپلىسىنلار ھەم ياخشى ھەم بەك ئەرزان ، سىزگە قانچىلىك بېرەي ؟؟
ئۇ سۇلياۋ خالتىدىن بىرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى .
ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، ئۇ نىمىشقا بۇنچە سوغۇقلاردا  ئاپلىسىن ساتدىغاندۇ ،، يەنە كېلىپ كىچىككىنە بالىكەن ،،، بۇ بالىنىڭ يېشدىكى باللا ھازىر كوچىلاردا ئويناپ يۈرسە !  دېگەنلەرنى ئويلىدىم .
-ھەي بالام ، بۈگۈن بەك سوغۇق تۇرسا توڭلىمىدىڭمۇ ؟؟ دېدىم ئۇنىڭغا .
-ياق ئاكا  توڭلۇمدۇم ، توڭلىساممۇ نېمە ئامال دەيسىز ، بۇ ئاپلىسىنلارنى سېتىپ تۈگتىۋەتمىسەم ماڭا زىيان بولىدۇ .
ھە ، داداڭ ساتسا بولمامدۇ ، سەن مەكتەپتە ئوقارسەن ھەقىچان ، تاپشۇرۇقلىرىڭمۇ باردۇ؟؟ نېمىشقا داداڭ چىقمىدى ؟؟
- دادام ... دادام يوق ئاكا ، ئىككى سىڭلىم بار يەنە ئاپام ، شۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ! ئۇنىڭ كۆزلىردە ياش لىغىرلاپ كەتكەن ئىدى .
- ھە مۇنداق دە ، يېتىمكەنسەندە ، ھازىر جەميەتتە سىلەرگە ئوخشاش  يېتىملار بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ .
ھەي مېنىڭ شۇ ئاغزىمنىزە ،، «يېتىم» دېگەن گەپنىڭ چىقىپ كەتتكىننىمۇ تۇيماي قاپتىمەن . ئەمدى ئۇ بالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولارمۇ ؟؟
ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ بالا ھەيرانلىقتا ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى  ، مەن خاتا گەپ قىلىپ قويغىنىمنى ھېس قىلدىم .
كەچۈرگىن ئوغلۇم ، مەن ئەسلى ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ئىدىم . دېدىم ئۇنىڭغا .
ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ دېدى :
- ئاكا ، مەن  ھەقىقەتەن دادىسى يوق بىر يېتىممەن . ئەمما مېنى يېتىم دېيشىڭىزگە ھەرگىز يول قويمايمەن ، چۈنكى مېنىڭ ناھايتى ئىناق بولغان ئىللىق بىر ئائىلەم بار ، گەرچە مەن يىقىلسام مېنى يۆلەيدىغان دادام بولمىسمۇ ئەمما ماڭا مەدەت بېرىپ مېنى دەس تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان مېھرىبان ئانام بار . يەنە تېخى مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان ئىككى سىڭلىم بار ، ئۇلار مەنسىز ياشىيالمايدۇ مەنمۇ ھەم شۇنداق ئۇلار مېنىڭ كۆز قارچۇقۇم . بەلكىم سىلەردەك بايلار بىزنى ، نامرات ، يېتىم دەپ قارشىڭلار مۇمكىن ، ئەمما مېنىڭ ئاق كۆڭۈل دوسلۇرۇم مېنى ھەرگىزمۇ يېتىم دەپ قارمايدۇ . شۇنى بىلىپ قويۇڭكى مەن ۋە ماڭا ئوخشاش دادىسدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ھەرگىزمۇ يېتىم ئەمەس ، ئۇلارنىڭ دادىسى بولمىغان بىلەن ئانىسى ، قېرىنداشلىرى بار ، ئۇلارنىڭمۇ كۈنلىرنى خوشال ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بار مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي ئاكا «مەن يېتىم ئەمەس!!!» .
ئۇ بالىنىڭ سۆزلىرنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقىمدىن گەپمۇ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم . تۇيۇقسىز ئوغلۇم ئېسىمگە كەلدى ، ھەي مەن زادى قانداق دادا ؟ مەن بالامنى قانداق تەربىيلەپ قويدۇم ؟ باللىرىم ئازراق پۇلدىن ئايرىىلىپ قالسىلا ئۆزىنى يېتىم چاغلاپ مېنىڭ بالام بولۇپ قالغىندىن ناھايتى ئەپسۇسلىنىپ كېتەتتى بەزى ۋاقىتلاردا .
شۇنداق ، بالىنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى ، بىزنىڭ دادىسى يوق بالىلارنى يېتىم دېيىشكە ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق ، ئۇلارنى يېتىم دەپ ھاقارەت قىلماستىن بەلكى ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىز ئەركەكلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك  مەجبۇريىتىمىز ئەمەسمۇ !
بالىنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالامىدىم ، كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى.
تۈگدى .
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ . تارقىتىپ قويۇڭ قېرىندىشىم !! ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن.

     





237 قېتىم كۆرۈلدى uqkun013 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 16:10:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ