بويسۇندۇرغۇچى شەمشەر (​ھىكايە ) 4 - قىسىم

چوڭ تىپتىكى ۋەھىمىلك ئەسەر :بويسۇندۇرغۇچى شەمشەر

ئاپتۇرى :ئەختەمجان ئۆمەر (پوسكام)

ھىكايە  4-قىسىم


يەنە كېلىپ بۇ خەنجەر.ئالۋاستى ۋە جىنلاردىن باشقا نەرسىلەرنى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.بۇ خەنجەردىن يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ئادەمگە باشقا نەرسىلەرنى ئاسانلىقچە زىيان سالالمايدۇ.ئەكسچە ئۇ ئادەم دىن قورقىدۇ.    دەپ گېپىنى تۈگىتىپ ماڭا قاراپ تۇراتتى مەن ئىچىمدە ئويلىنىپ قالدىم ، دېگەن گەپلىرىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بىلمىدىم.مەن ئاۇپەرى جنغا گەپ قلشقاباشلدم ---دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولسا ، ئۇ خەنجەر نى مېنىڭ كۆزۈمگە سۈرۈپ بېقىڭە قېنى.   شۇنداق دېيىشىمگىلا.خەنجىرنى كۆزۈڭگە يېنىك سۈرتتى.كۆزۈم بىردىنلا يورۇقلىشىپ كەتتى.خىيالىمدا كاللامدا ئۆزۈم بىلمەيدىغان 1 خىل تىلدا پەيدا بولدى.ئالدىمغا قارىدىم.ئايپەرى جننڭ يندا ئوماق برقز تۇراتتى مەن ئۇ ئوماق قىزنىڭ ئىشىنى بەش التە ياشلار چامىسى دەپ پەرەز قىلدىم.    ئۇ قىز ئىنتايىن ئوماق بولۇپ ، سەبىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.  مەن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بۇ خەنجەرنى ئېلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇرغان.ئايپەرى جنغا قاراپ گەپ قلشقا باشلدم  قنى دەڭە سزگەقانداق ياردەم  قلمەن   ئنقراى دەپپرڭ   دەپ ئالدمغا قاردم    ئالدمدا تۇرغان ئايپەرىجىن    گەپ قىلىشقا باشلىدى.---ماقۇل ، سىزگە ھەممە ئىشنى تەپسىلىي دەپ بېرەي.ئەسلى مەن سىزگە يالغان گەپ قىلغان ئىدىم.مېنىڭ دادام بولسا 1 پادىشاھ.جنلار نڭ پادىشاھى.مەن ۋە سىڭلىم بولسام خانىش    سىلەر بۇ يەر شارى دەپ ئاتايدىغان پىلانېتا. جنلار پادشاھ لقى ۋە ئالۋاستلار پادشاھ لقى دەپ 2پادشاھلق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.ئىككى ئاي ئىلگىرى.ئالۋاستىللىرى پادىشاھلىقى بىزنىڭ پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلىپ كىردى.ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا قولۇمدا تۇرغان مۇشۇ قىلىشقا ئېرىشىش.ئالدىنقى نەچچە قېتىم بىزنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇمەقسەتكە يېتىلمىگەن ئىدى.بۇ قېتىم بىزنىڭ ئارىمىزدىن خائىن چىقىپ ، بىزگە ساتقىنلىق قىلدى.دادام ماڭا بۇ خېجېنى ياخشى ساقلاش كېرەكلىكىنى،بۇ خەنجەرنىڭ مېنى قوغدايدىغانلىقىنى.ئامال قىلىپ ياردەم قىلغۇدەك ، ئادەم تېپىپئۆزىنى ۋە پادىشاھلىقىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا بىزنىڭ پادىشاھلىق يېڭىلىپ قالدى. دادام ۋە باشقا قېرىنداشلىرمنى   ئالۋاستىلىرى پادىشاھلىقى تۇتقۇن قىلىۋالدى. مەن ئامال قىلىپ مۇشۇ خەنجەرگە تايىنىپئۇلارنى قۇتقۇزمىسام بولمايدۇ.شۇڭا ماڭا ياردەم قىلىپ دادامنى قۇتقۇزۇش بېرىڭ ، بۇ خەنجەرنى سىزگە ھەدىيە قىلاي.ھازىر ئالىماستىنلا شاھى بۇ خەنجەرنى ھەممە يەردىن ئىزدەۋاتىدۇمەن بۇ يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇردۇمچۈنكى ئالۋاستىلار پادىشاھقا بۇ خەنجەردىن ئىنتايىن قورقىدۇ.ئۇ بۇ خەنجەرنى 1 ئامال قىلىپ ، بەند قىلىۋەتمەكچى.   خەنجەر ئادەملەرنىڭ قولىغا ئۆتسە چىنلىرىنىڭكىدىن قاتتىق كۈچلنپ كتدۇ  شۇڭا ، سىز ماڭا ياردەم قىلىپقانۇننى قۇتقۇزۇپ بېرىڭ.  ئايپەرى جېن مۇشۇلارنى دەپ ماڭا قاراپ تۇردى.مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم.توۋا.يەر شارىدا يەنە بىز بىلمەيدىغانئىشلىرى يەنە نۇرغۇن ئىكەندە.  مەن ئايپەرى جېنغا قاراپ گەپ قىلىشقا باشلىدم    ---ماقۇلمەن سىزگە ياردەم قىلايقەلىمىڭىزنى قۇتقۇزۇشۇپ بېرەي.لېكىن ئالۋاستىلار پادىشاھلىقىنى قانداق يوقيوقىتىمىز قەۋمىڭىزنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟   مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟  
---مەن ھازىر ماڭمىسام بولمايدۇ ، چۈنكى تاڭ ئېتىپ قالاي دېدى. سىز 1 نەچچە دوستىڭىزدىن ياردەمگە چاقىرىڭ.قالغان گەپنى ئەتە كەچتە دەپ بېرەي. خوش ، ئامان بولۇڭ ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

دەپلا دېرىزىدىن ئوت شارچىغا ئايلىنىپ چىقىپ كەتتى.  مەن كۆرۈپلا قالدىم     تۇيۇقسىز تېلېفونۇمنىڭ سايرىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم. تېلېفونۇمغا قارىدىم.تېلېفونغا قاراپ ھاڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.چۈنكى تېلېفوننىڭ سائىتى ئالتىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى    بۈگۈن يەنە ئۇيقۇسىز قالغىنىمغا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى.ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.نەچچە كۈندىن كېيىنكى ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەكتەپكە ماڭدىم.ئەمدى سىنىپقا كىرىپ تۇرۇشۇمغا.    ---ئوھۇي ھەي ئاداش ، بار ئىكەنسەن ھەئە.مەن تېخى بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەيمەن تېخى.تۈنۈگۈن بىزنى ئىزدەپمۇ چىقمىدىڭ.يېقىندىن بېرى غەلىتە بولۇپ قالدىڭ ، نېمە ئىش بولدى؟    دەپ گەپ قىلىۋاتاتتى  ئالدىمدا تۇرغانبۇ بويى ئېگىز.ئۆزى قارامتۇل كەلگەن.قاۋۇل بۇ يىگىت مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم.تائر بولدۇ    مەن تاھىر بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن.ھەئە ئاداش ، ئازراق ئىش بولدى . بۇ ئىشلارنى مەن ساڭا كەچتە دەپ بېرەي.دوستلارنى كەچتە چاقىرغىن ، قىلىدىغان ئىش بار.  -- ۋېي ماقۇل ئاداش ، چاتىقى يوققۇ  راسا 1 ئوينىتاي ، دەپسەندە   دەپ قويۇپكېتىپ قالدى.  مەن سىنىپقا كىردىمكۆزۈمدە ئۇيقۇ قايناۋاتاتتى   يېنىمدا ئولتۇرىدىغان قەدىناس پارتىدىشىم.لۇتبۇللاغاقاراپ -ئاداش ، بۈگۈنمۇ يەنە بىر كۈن ئۇخلاپ چىقىدىغان ئوخشايمەن. بۈگۈنمۇ ماڭا ياردەم قىلە! چېچىمنى ئازراق ئىش چىقىپ قالدى.شۇڭا 1 كېچە ئۇيقۇسىز قالدىم دېگىنە.ھە راست ، ئىدىيەڭنى ئازراق تەييارلىق قىلىپ قويغىن ، كەچتە قىلىدىغان ئىش بار.   --دەپ قويۇپ ، جوزىغا بېشىمنى قويۇپلا ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.
1 چاغدا پارتىدىشىم لۇتبۇللانىڭ ئوقۇشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.   --تۇرە ئاداش ، چۈشلۈك تاماق بولدى ، قورسىقى ئاچقاندۇ؟ماڭە ئاداش تاماق يەپ كېلىمىز.  
دەپ مېنى ئويغىتىۋەتتى.مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.دوستۇم بىلەن ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم. مەكتەپ ئىچى ئىنتايىن ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇپ بەزى ساۋاقداشلىرىم ئۆگىنىش قىلىۋاتسا.يەنە بەزى ساۋاقداشلىرىم توپ ئويناۋاتاتتى؟يەنە بەزى ساۋاقداشلىرىمئۆزىنىڭ قىز دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى  ئۇلارغا بىردەم قاراپ ماڭغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كېلىپ قالدۇق   ئاشخانىغا كىردىم. پارتىدىشىمغا گەپ قىلىشقا باشلىدىم.--ھە ، ئاداش ، بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي.سەن بولمىغان بولسا ئۇخلىيالمايتتىم دېگىنە.ماڭە ئاداش ، نېمە تاماق يەيسەن ، مەن ئېلىپ كېلەي. --ھە بولىدۇ ئاداش ، مەن لەغمەن يەي.  
بىز ئاشخانىغا خېلى كېيىن چىققان بولغاچقا.تاماق ئالىدىغان يەردىكى ئۆچىرەتمۇ تۈگەپ ، خىلى بوش بولۇپ قالغان ئىدى.ئەمدى بېرىپلا لەغمەننىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى ئالدىم دەئاشپەز ئۇستام ماڭا تەڭلىدىم     بىزدىكى ئوخشاش 2 تەخسە لەغمەننى دوستۇمنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدۇم.  --ھە ئاداش ، كەچتە نېمە ئىش قىلىمىز؟ --ھازىر سورىمىغىن ، ئاداش ، يەنە باشقا دوستلىرىمنى چاقىرىپ قويدۇم ئۇلار كەلگەندە.ھەممىنى بىلىپ قالىسەن.    ئۇ ماڭا قاراپھە بولىدۇ ، ئەمىسە دەپ قويۇپ ، تامىقى يېيىشكە باشلىدى.   بىردەمدىلا تاماقنىمۇ يەپ بولدۇق. يەنە سىنىپقا كىرىپ كەتتۇق.  دوستۇم ئۆگىنىش قىلىشقا باشلىدى.  مەن يەنە ئۇخلاي دېدىميۇ لېكىنئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالغاچقا ، ئۆزۈمنى سوراپ ، كىتابنى قولۇمغا ئالدىم ۋە ئۆگىنىش قىلىشقا كىرىشتىم.  ئاخىرى كەچمۇ بولدى.  لۇتبۇللا بلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق.  ئۆيدە بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن. باشقا قەدىناس دوستلىرىممۇ كەلدى. ئۇلار بىلەن 1 قۇر كۆرۈشۋەتكەندن كين     ،،،،،،。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
。。。。。。。。。。。





698 قېتىم كۆرۈلدى qnpiyun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-30 14:08:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ