تۆت كۈنلۈك مۇھەببەت (ھىكايە) - ئەكبەر ئەركىن

  تۆت كۈنلۈك مۇھەببەت
     ئەكبەر ئەركىن 


  ھايات مۇشۇنداق بولدىغان ئوخشايدۇ.
 ھاياتىمنىڭ ھەربىركۈنى ماڭا ئۆمۈرنىڭ داۋانلىردىن قانداق ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۇتۇق نىشانىغا مېڭىشنى ئۈگەتمەكتە.
 مۇھەببەت ھەربىر كىشى ھاياتىدا ئەڭ بۈيۈك، ھايات يولىدىكى ئەڭ شېرىن ئەڭ ھېس قىلىپ تېگىگە يەتكىنى بولمايدىغان ھېسيات. مەن ئۈچۈن ئەڭ كەم بولىۋاتقىنىمۇ دەل شۇ مۇھەببەت. كونىلارنىڭ مۇھەببەت ئەڭ شېرىن ئازاپتۇر دېگەن گېپى قەلبىمنى ھەر مېنوت ئازاپلىماقتا.
 كېچىكىمدىن تارتىپ ئاتا مېھرىدىن 12 يىللىق ئايرىلپ ھەر قاتتىق تاياق، تىل ئاھانەتكە چىداپ ئۆز ئېتىقادىمغا مۇخالىپ ئىش قىلىپ باقمىغان مەن ئەمدىلىكتە تونۇشقىنىمىزغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغان سەن ئۈچۈن (شەھىرزات) ئاچچىق ھاراقنى ئوتلاپ، زەھەر دەك تاماكا ئىسى ئارسىدا كۆزلىرىمنى خۇمالاشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ تىمەن.
 2016-يىلى11-ئاينىڭ10-كۈنى مەن ھاياتىمنىڭ بۇرلۇش نۇقتىسى بولغان سېنى مەكتەپ ئىچىدە كۆرۈپ قالدىم. تۇنجى قېتىم سېنى كۆرۈپ سەن تەرەپكە ئۇزاققىچە سەپ سالدىم، كۈز پەسلىنىڭ سەلكىن شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇردىغان چاچلىرىڭ، خۇددى قول بىلەن چىمدىپ ياساپ قويغاندەك بۇرنۇڭ، كېيىڭكىدەك نۇرلۇق كۆزلىرىڭ ئۇزاققىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ھەربىر سائەت دەرىس ۋاقتى سېنىڭ سىمايىڭ دەرىزە سىرتىدا كۆرىنەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن دەرىزە سىرتىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەس بولدۇم.
 11-ئاينىڭ12-كۈنى مەن سەن بىلەن پاراڭلىشىش پۇرستىگە ئېرىشتىم. بۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ تېلېفونۇم قولۇمدىن چۈشمەسلا بولدى. سەن بىلەن پاراڭلاشقانسرى ساڭا بولغان قىززىقىشىم ئېشىپ سېنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ھەر ۋاقىت ئولتۇرسام قوپسام سەن ئېسىمگە كىرەتتىڭ، نېمە ئىش قىلۋاتقىنىڭنى تاماق يېگەن يېمىگىنىڭنى بىلگىم كېلەتتى. كىچىكىمدىن خېجىلچان چوڭ بولغان مېنىڭ، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم شۇ مېجەزىمدىن ئۈستىن كېلىپ مىڭ تەلىكتە ساڭا ئارلىشىش تەكلىپىنى قويدۇم. شۇ چاغدا مېنىڭ قويغان تەكلىپىمنى ئويۇن دېدىڭمۇ ياكى ساڭا بولغان سۆيگۈمگە گۇمان قىلدىڭمۇ بىلمىدىم تەلىپىمگە قوشۇلمىدىڭ. شۇ چاغدىكى ھېسياتىم خۇددى رۇھسىز قالغان تەندەك داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. ئەمدى قانداق قىلاي؟ سەندىن كېچىش ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. داۋاملىق قوغلاشتىم.
 11-ئاينىڭ21-كۈنى سېنى ئۆيۈڭنىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويۇپ كىرىپ كېتىدىغان ۋاقتىڭدا مەن يەنە بىر تەلەپ قويدۇم. كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق مېنى ئۇچۇرۇپ ئاسمانغا ئەپ چىققاندەك  ھېسياتقا ئەپ كەلگەن ئىدى.
11-ئاينىڭ26-كۈنى سېنىڭ ماڭا دېگەن كۈتۈلمىگەن بىر سۆزۈڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان مېنى پەلەكتىن پەسكە قارتىپ ئاتتى. سەن ئايرىلىپ كېتەيلى دېدىڭ. تۆت كۈن ، ئەمدىلا تۆت كۈن بولغان ئېدىغۇ،  مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلۋاتقىنىمغا ئەمدىلا تۆت كۈن بولغان ئېدىغۇ، نېمىشقا مەن ئۈچۈن بۇ مېھىرنى ئۇزاقىراق ئاتاقىلمايسە جېنىم. سەندىن قايتا-قايتا سەۋەبىنى سورىغىنىمدا سىنىپىڭدىكى بىرىنىڭ مەن توغۇرلۇق قىلغان گەپلىرىنىڭ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى سوۋۇتىۋەتكىنىنى دېدىڭ. ئەجەبا سەن ماڭا ئىشەنمىدىڭمۇ، ياكى بەختىمىزگە كۆز قىزارتىۋاتقىنىنى سەزمىدىڭمۇ. يىېنىمغا قايتىپ كەل جىېنىم. بارچە سۆيگۈمنى ساڭا بېغىشلاپ مېھىر، سۆيگۈلەرگە قانغىنى قوي. ھەر ۋاقىت قەلىب دەرۋازام سەن ئۈچۈنلا ئوچۇق.


جىېنىم سەنسىز ھاياتىمدا مەنا يوق،
بەخىتلىك تورمۇش،ھەتتا كۈلكە يوق.
ئەمەسمىدىڭ ئەسلىدە پەخىرىم گۈلۈم،
ناخشامدىن مۇڭلىنار مەجنۇنۇم سەن يوق.

قايان كەتتى سەن بار ھەر مىنوتلار،
قەلبىم پۇچۇلدى دەرت تۆكۈپ زار-زار.
خوش بولغاندۇ بەختىمىزگە چوغ سالغان،
ئاشۇ قارنىيەت قارا قول خۇمسىلار.

2016-يىلى11-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچە 4:04


     





371 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 4:26:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-7 22:52:24 zumrat
Bak taserlekkan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ