قاراڭغۇ ئورمان 7 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 7- قىسىم  ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

مەخلوق ئېغىزىدىن قانلارنى ئېقىتىپ بۆرىنىڭ گۆشىنى چاينىغاچ بىزگە تىكىلدى، دادام ئىككىمىز قورقۇپ ئەس - ھوشىمىزنى يوقۇتاي دەپ ئولتۇرغاندا، ئۇنىڭ يىرتقۇچلارچە نەزەردە قارىشىدىن تۈگۈلۈپ كىتىشتۇق، مەخلوق بىر سەكرەپلا ئالدىمىزغا چۈشتى، تىپىرلاپ تۇرغان ئىشەك بۇ چاغدا قورقۇشتىن ھاڭغىراپلا قاچتى. دادام ئورنىدىن تىزلىك بىلەن تۇرۇپ مېنى قوغدىماقچى بولدى، مەخلوق ئېڭىشىپ تۇمشۇقىنى سوزۇپ بىزنى پۇراپ باقتى، دادام ئاستا يېنىدىن پىچاقنى چىقاردى، ئۇ دادامنىڭ غەرىزىنى بىلىپ قالدىمۇ قانداق تۇيۇقسىز شۇنداق قاتتىق ھۆكۈردىكىن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سېسىق پۇراقتا دەم ئالالماي، يا ئاۋازىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قۇلىغىمىزنى ئەتكىنىمىزچە يىقىلدۇق. بىر چاغدا بىرى مېنى قاماللىغاندەك قىلدى كۆزۈمنى ئاچسام ئۇنىڭ قولتۇغىدا تۇرىمەن، قورقۇپ «ئاپااا » دەپ ۋاقىرۋېتىپتىمەن. دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،«بالام قورۇقما ، مەن با» ، دادام ئۇنىڭ يەنە بىر قولتۇغىدا تۇراتتى. ئۇ ئىككىمىزنى كىچىك بالىلارنى قولتۇققا قىسقاندەك قىسىپ ئېلىپ كىتىۋاتاتتى. قەيەرگە كىتىۋاتقىنىمىزنى بىلمەي،  ھەركەت قىلىپ باقساقمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئىچىدە قىمىرلىيالماي، تىپىرلىغان پېتى كىتىۋاتاتتۇق.  مەخلوق شۇنداق تىز كىتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ تېنى مۇز بولۇپ ئادەمگە جەسەتنى ئەسلىتەتتى، يۈرۈگۈم شۇنداق ئەنسىز سوقاتتى، كاللامدا « ھالاك بولدۇم ، بۇ مەخلۇققا يەم بولدۇم ، مەنغۇ مەيلى دادام بولسىمۇ قۇتۇلۇپ قالغان بولسا »دىگەن ئويلا بار ئىدى.

 بۇ قىسمىتىمدىن ئازاپلىنىپ، بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە قاپلىشىپ، كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى.  بۇ مەخلۇقتىن قۇتۇلۇشقا چارە ئويلاپ باقتىم ، لېكىن ئۇنىڭ قولتىغىدا شۇنداق چىڭ قىسىلىپ تۇرغاچقا بوشىنىش تۇرماق ، نەپەس ئالماقمۇ تەس بولىۋاتاتتى ، موشۇ تاپتا كۆرگەنلىرىم ھەم بۇ قىسمەتلىرىمنىڭ بىر رىئاللىق ئىكەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ ، چۈش بولىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۆزەمنى چىمداپمۇ باقتىم، لېكىن بۇ ئەمىلىيەت ئىدى.

بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ھەيرانلا قالدىم، ئالدىمدا ئىگىز بىر تاغ كۆرەندى، تاغ ئىچىدىن ۋال - ۋۇل ئوت پارچىلىرى، ئۇياق - بۇياقلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن يالقۇنلار كۆرۈنىشكە باشلىدى ، كۆڭلۈمدە « بىرەر يۇرتقا كىلىپ قاپتىمىز » دىگەن ئوي كەچتى ، مەخلوق بىزنى كۆتەرگىنىچە تاغقا يېقىن كەلگەندىلا بۇ تاغنىڭ ئورمان بىلەن قاپلانغىنىنى، بۇ ئورماننىڭ زىچلىغىدىن ئادەم ئەمەس ، كىچىك ھايۋانلارنىڭمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە ئاسانلىقچە كىرەلمەيدىغانلىغىنى بىلدىم .

 مەخلوق ئورماننى ئايلىنىپ مېڭىپ بىر ئېغىزغا كەلدى، بۇ ئېغىز كىچىكلا بولۇپ قويۇق يېپىنىچە ئۆسۈملۈك ھەم دەرەخلەرنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا چىقىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغاندەك قىلاتتى، ئۇ مەخلوق قوپاللىق بىلەن ئېغىزغا قاراپ ماڭدى، ئەتراپتىن دەرەخ شاخلىرى يۈز - كۆزۈمنى تىلسا ، ھەتتا بەزى تىكەنلەر بەدىنىمدىكى گۆشلەرنى ئىلېۋىلىپ قانلارنى چىقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۈنۈمنى چىقارسام دادامنىڭ بىئارام بولىشىدىن ئەنسىرەپ چىشىمنى چىشلەپ ئۈندىمىدىم، پەرىزىمچە بۇ دەرەخلەرنىڭ قاغا جىگدىسى ، ئازغان ئىكەنلىگىنى جەزۈملەندۈرگەنتىم. بىز بىر ھازا ئېلىپ مېڭىلدۇق ، مەخلوق شۇ قويۇق ئورماندىن يول تېپىپ ئىگىزگە ئۆرلەپ كىتىۋاتاتتى ، غەلىتە يىرى باياتتىن بىز كۆرگەن جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، بىزگە بۇ يەر خۇددى يازنىڭ ئىللىق كۈنلىرىنى ئەسىلىتەتتى، لېكىن بۇ جاي ئىللىق بولغىنى بىلەن شۇنچىلىك قاراڭغۇ ئىدىكى، كۆزىمىزنى بىر نەرسە بىلەن ئىتىۋەتكەندەك ھېچ نەرسىنى پەرىق ئىتەلمىگەن ھالدا شالدۇر - شۇلدۇر ئاۋازنىلا ئاڭلاۋاتاتتۇق .

- دادا !!!

 دادامنىڭ جىمىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ،ھەم ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلىغىمدىن گۇمانلانغاندەك ئاستا چاقىردىم .

- مەن با بالام قورۇقما !

دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر ئاز جايىغا چۈشكەندەك بولدى .

- دادا بۇ نىمە ھايۋان ، بىزنى نەگە ئاپىردۇ؟

دادامنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلىشىنى شۇنداق ئۈمىت قىلاتتىم .

- بىلمەيمەن بالام ، قورۇقما ، ئاللاھ ئىگەم ئاجىز بەندىسىنى ئۆزى ساقلايدۇ .

 دادامنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭمۇ قورقىۋاتقىنىنى بىلىپ يەنە سوراشنى خالىمىدىم . مەخلوق تاغقا يامىشىپ، دەرەخ شاخلىرىدىن غاراس - غۇرۇس ئاۋاز چىقىرىپ دەسسىگىنىچە مېڭىپلاۋاتاتتى . ئۇ بىزنى بىر نەرسە قاتارىدا دەرەخلەرگە ئۇرۇلۇشىمىز ، باشلىرىمىزنىڭ قانداقتۇ بىر جايلارغا تىگىشى بىلەنمۇ كارى يوق ئىدى،  تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر پارچە ئوت كۆرىندى ، بىز ئوت تەرەپكە يېقىنلاۋاتاتتۇق، يېقىنلىغانچە كۆردۈمكى ئوت ئەتراپىدا بۇ مەخلوقتەك، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ يۇغان دىگۈدەك ئوخشاش مەخلوقلار ئولتۇرىشاتتى، ئۇلار بىزنى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئېچىرقاپ كەتكەندەك كۆزلىرىنى پاقىرتىشىپ ھۆكۈرەشتى، بۇ چاغدا ئەمدى تۈگىدۇق دەپ ئويلىغانتىم ، تەلىيىمىزگە بۇ مەخلوق ئۇلارغا قاراپ قاتتىق بىر ھۆكۈرەپ قويۇپ ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي ئورماننىڭ ئىچى تەرپىگە بۇرۇلدى ، لېكىن ھېلقى مەخلوقلار كەينىمىزدىن ئىگىز - پەس توۋلاپ قوغلاشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن تۇتىۋالسا بىزنى پارە - پارە قىلىپ يەپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتى ، مەخلوق ئولجىلىرىنى تاتقۇزۇپ قويۇشتىن قورىققاندەك جېنىنىڭ بېرىچە قېچىشقا باشلىدى .

 بىر چاغدا تۈزەڭلىك ئورمانغا چىققاندەك قىلدۇق، كۆزۈمگە ئەتراپىمدا ئوتلار ، مەخلوقلار ھەتتا ئىشەكتەك چوڭلۇقتىكى بۆرىگە ئوخشاش يىرتقۇچلار ، يەنە ئۆمۈلەپ يۈرىيدىغان غەلتە بىر نەرسىلەر كۆرۈنگەندەك بولدى،  ھەممىسى بىز تەرەپكە يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتاتتى، ھۆكۈرگەن ، چىقىرغان ئاۋازلار ئادەمنىڭ بەدىنىنى جۇغىلدىداتتى، مەخلوق بۇ چاغدا بىزنى بىر بۇۋاقنى ئاتقاندەك بىر ئورەككە تاشلاپ كەلگەن مەخلوقلار بىلەن ئېلىشىپ، بوغىشىپ كەتكەندەك قىلدى، مەن قاتتىق چۈشكەچكە ھۆپكەم قېقىلىپ كىتىپ نەپەس ئالمىغىم بىر مەھەل تەس كەلدى. ئوڭشۇلۇپ دادامنى ئىزلىدىم، دادام بىر چەتتە پۇتىنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپلا قالغانتى .

 - دادا نىمە بولدۇڭ دادا! … دادا بىر نىمە بولدۇڭمۇ ؟

 دادام ئېغىر نەپەس ئېلىپ تەستە گەپ قىلدى :

 - پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى ، تىز بالام ، تىز بۇ جايدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالايلى!

 مەن دەرھال تۇرۇپ دادامنى قولتۇقىدىن يۆلەپ سۆرىگىنىمچە قېچىشقا ئۇرۇندۇم، ھېلقى مەخلۇقلار ھۆكۈرشىپ غالجىرلارچە بىر - بىرىنى يەۋاتقاندەك قىلاتتى . بىز بۇ پۇرسەتتە قاچە - قاچە بىر تاشنىڭ كامىرىغا كىرۋالدۇق،  دەسلەپتە قورقۇشتا دىققەت قىلمىغان ئوخشايمىز ، بىر چاغدا دادام :

 - بالام كاماردا بىر نەرسە باردەك قىلىدۇ ، يىلانمۇ نىمە ؟- دىۋېدى چۆچۈپ كەتتىم ، راس دىگەندەك بەدىنىمىزنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىدە بىر نەرسىلەر سۈرۈلۈپ مېڭىۋاتقاندەك قىلاتتى.

 - دادا قىشتا يىلان نىمە قىلىدۇ؟

- بالام بۇ ئورماندا سوغۇق يوقكەن ، مىدىرلىما ! مىدىرلىساڭلا چاقىدۇ ،- دادام پەس ئاۋازدا شېۋىرلاپ دىدى .

 بىز جىمجىت ئولتۇردۇق ، مەخلۇقلارنىڭ جېڭى سۈرۈلۈپ بىزدىن يىراقلىغاندەك بولدى ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بىر ئاز جايىغا چۈشكەندەك بولغان بولسىمۇ لېكىن يىلان دۆۋىسىدە چوغدا ئولتۇرغاندەك ئولتۇراتتىم ، بىچارە دادام پۇتىنىڭ ئاغرىغىدا ئىنجىقلايتتى، ئۇنىڭ ھەربىر ئىنجىقلىشىدىن يۈرۈگۈم پىچاقتا تىلغاندەك ئازاپلانسىمۇ ياردەم قىلالماي قىينىلاتتىم ، ئەگەردە قولۇمنى سۇنۇپ ، ياكى ئازىراقلا مىدىراپ سالسام بىرەر يىلاننىڭ ئىككىمىزدىن بىرىمىزنى چېقىشى ئېنىق ئىدى.

بىر چاغدا ئەتراپ جىمىدى ، ھېچقانداق تىۋىش يوق ، پەقەت دادامنىڭ ئېغىر ئىنجىقلىشىلا ئاڭلىناتتى .

 - دادا ، ئاستا سىرتقا چىقايلىمۇ ؟- پەس ئاۋازدا سورىدىم ،- پۇتۇڭ بەك ئاغرىۋاتقان بولسا سىرتقا چىقايلى !

 - ياق بالام ، بەدىنىمنى يىلانلار ئورىۋالدى ، مىدىرلىما !

بۇ چاغدا يىنىك سۈركۈلىشلەردىن مېنىڭ بەدىنىمگىمۇ يىلانلار يامىشىپ چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى ، ھەتتا بەزى يىلانلارنىڭ پۇتۇمغا يۆگۈلىنىپ بولغىنىنىمۇ سەزدىم ، ئەمدى بىردىن بىر جاننى ساقلاش ئۇسۇلى قىمىرلىماي تاڭ ئېتىشنى ساقلاش ئىدى .

 

 بۇۋاي روشەنگۈل قۇيۇپ بەرگەن چايدىن بىر ئوتلىۋالدى ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىسىدىن شۇ چاغدا ئېغىر ئازاپ چەككەنلىگى چىقىپ تۇراتتى ، ئۇ يەنە ھىكايىسىنى سۆزلەشكە باشلىدى .

 

- ئۇ كىچە ماڭا بەك ئۇزۇن بىلىندى، يېنىمدا دادامنىڭ ئازاپ چىكىشى ،ئەتراپىمدا ئەجەلنىڭ خىرىس قىلىشى ، بىر چاغدا تاڭمۇ سۈزۈلىشكە باشلىدى، تاڭ يورىغىدا ئەتراپىمغا قارىدىم ، ئاھ خۇدا ! ئەتراپىمىز ، پۈتۈن بەدىنىمىز چوڭ - كىچىك ، ساناقسىز يىلانلارنىڭ ئىچىدە كۆرىنمەيلا دەپ قاپتۇ ، دادام قارا تەرگە چۆمگىنىچە ھالسىزلىنىپ يېتىپتۇ،  مېنىڭمۇ پۈتۈن بەدىنىم ئۇيۇشۇپ ، تاياقتەك قېتىپ قالغانتى، ھەتتا پۇت -قوللىرىمنىڭ سىزىمى يوقاپ بولغانتى .

 - دادا !…دادا!!

 دادام چىڭ يۇمىۋالغان كۆزىنى ئاچتى .

- تاڭ ئېتىپتۇ ھە؟

- دادا ، بۇ يىلانلاردىن قانداق قۇتۇلىمىز ، بەك كۆپكەن ؟ مەن قورقۇمسىراپ سورىدىم ، چۈنكى گەپ قىلغانچە يىلانلار ئۇيغۇنۇپ ھەركەتلىرى تىزلەپ كىتىۋاتاتتى .

 - بالام … ئالدىرما ، بۇ يىلانلارنىڭ زەھىرى بەك كۈچلۈك ، چاقسىلا جاننى ئالىدۇ ، مىدىرما ھە ؟

دادام ماڭا شۇنداق دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپ ئاستا ھەركەتتە قولىدىكى يىلانلار چۈشەردى ، مەن جىددىيلىشىپ ئۇنىڭ ھەركىتىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇردۇم .

ئاخىرى بار ..........





3052 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-24 21:38:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-25 21:32:47 ئابدۇللا
bu asar bak kaltis yiziliptu ahiriha bak kizikip kaldim ahiri kandak bola ha
2015-12-25 20:23:49 alim
metro bu karaggu orman nig ahirsini kaqan yazsiz ahir siga bak kizik watattim qakanrak yaz sigiz bulti
2015-12-25 10:17:25 مەخمۇت
بەك ياخشىياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ،يەنىمۇغەيرەتقىلئداۋاملىشىۋاتىدۇ،يەنىمۇغەيرەتقىلئ ئ‍اكا
2015-12-24 23:40:19 barna
bak yahxi yezilwatidu ahiri kaqan qika birahla qihsa boptikan adamni takazza kilmay
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ