قاراڭغۇ ئورمان 37- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

ۋەھىمىلىك ھىكايە  37- قىسىم

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

بىز بۇ غەلىتە ئەھۋالدىن خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدۇق. ئىككى پەرىدە بىزنى كۆرۈپلا خۇشلىغىدىن بىز تەرەپكە بۇرۇلدى ھەم تەڭلا:

- ئەركىن بەك قورقۇپ كەتتىم ، ئاخىرى كەلدىڭىز ! - دىگىنىچە مەن تەرەپكە يۈگۈردى، قارا كىيىملىك تىزلىك بىلەن قورالىنى چىقىرىپ ئۇلارنى توسىدى.

 - جايىڭدا جىم تۇرۇش، يېققىن كىلىشمە!

 ئۇلار ئورنىدا شىپپىدە توختاشتى. بىز باشقىلار بولساق بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىگىگە ئەقلىمىز يەتمەي قاراپلا تۇراتتۇق. پەرىدىدىن بىرسى قارا كىيىملىكنىڭ بۇ ھەركىتىدىن مەيۈسلىنىپ تۇيۇقسىز «پاڭڭىدە» يىغلىۋەتتى.

 -نىمە ! مېنىمۇ تونىمىدىڭلارمۇ ؟ ئەركىن ، مەن پەرىدە ئەمەسمۇ ، مەن پەرىدە … ، مېنى قۇتقۇزۋېلىڭلار ، بۇ … ،- ئۇ يېنىدىكى پەرىدىگە قولىنى سانجىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بۇ … بۇ مەخلوق مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋالدى، ئۇ سىلەرنىڭ كىلىۋاتقان شەپەڭلەرنى ئاڭلاپلا ئۆزگىرۋالدى.

 يېنىدىكى ئۇ كۆرسەتكەن پەرىدىمۇ تۇيۇقسىزلا يىغلاپ تاشلىدى.

 - بۇ … بۇ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەركىن بۇ مەخلوق بەك قورقۇنۇچلۇقكەن، ئۇ … ئۇ سىلەرنى كۆرۈپلا  قانداق ئۆزگەردىكىن مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋالدى، يەنە تېخى مېنى مەخلوق دەۋالدى، ئەركىن سىز … سىز مېنى بۇ نىجىستىن ئايرىيالايسىزغۇ ھە؟ ئەركىن مېنى قۇتقۇزۋىلىڭ، تىزدىن بۇنىڭ يېنىدىن مېنى ئېلىپ كىتىڭ، مەن قورقۇپ كىتىۋاتىمەن !

 - بۇ ، بۇ نىمە ئىش ئەمدى، دىمەك بىرىڭلار پەرىدە، بىرىڭلار مەخلوقما، توۋا، بۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ! قاھارشۇنداق دىگىنىچە، ئۇلارغا قاراپ چەكچىيىپلا قالدى.

 ئەلۋەتتە قاھارلا ئۇنداق ھېسىياتتا ئەمەس ئىدى، قالغانلىرىمىزمۇ بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي تۇرۇپلا قىلىشقانتۇق. ئۇ ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىدىن دىمەك مەخلوق پەرىدە شەكلىدە نىقاپلىنىپ بىزگە تاقابىل تۇرماقچى بولىۋاتقىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇق. لېكىن ھەممىزنىڭ كاللىسىدا چۈشىنىش بىلەن ئىشىنىش ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ بولىۋاتاتتى، بۇ ئىشلارغا ئىشىنەيلى دىسەك بۇ فانتانزىيە كىنولىرىدىكىدەكلا بىر ئىش، ئىشەنمەيلى دىسەك ، كۆز ئالدىمىزدا بۇ ئىش يۈز بىرىپ بىزنىڭ ئايرىشىمىزنى كۈتىۋاتسا . مەن پەرىدەدىن ئىككىسىگىلا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم . ئۇلارنىڭ ئاۋاز - تەلەپپۇزى، سۇمبۇل چاچلىرى، كۆز - قاشلىرى، بەدەن قۇرۇلىشى، كەيگەن كىيىملىرى، ھەتتا تاقىغان ھالقا، ئۈزۈك،  بىلەيزۈكلىرىگىچە ئوپمۇ - ئوخشاش ئىدى.

 - ئەركىن مېنى راسلا پەرىقلەندۈرەلمەيۋاتامسىز؟

 پەرىدەدىن يەنە بىرىمۇ كەينىدىنلا ئوخشاش سۇئال سورىدى، بۇ سۇئاللار مېنى قىيناپ قويۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ماڭا قارىغاندىكى كۆزىدىن چىقىپ تۇرغان ھېسىياتى، تەلمۈرۈپ بېقىشلىرىدىن ئۇنىڭ قايسىسى ھەقىقى پەرىدە ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيلا قالدىم.

 - ھامۇتئاخۇن ئاكا قايسىسى ھەقىقى پەرىدە ؟- سورۇدۇم بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ تىتىرەپ تۇرغان ھامۇتئاخۇندىن.

 ئۇ ئىككى پەرىدىگە يېنىش - يېنىشلاپ قارىغاندىن كىيىن بېشىنى ئاستا چايقىدى.

- مەن… مەنمۇ … بىلەلمەي… بىلەلمەيلا قالدىم … كۆزۈمنى ئاچ … ئاچسام پەرىدىدىن ئىككىسى تۇرىدۇ.

 بۇ چاغدا قارا كىيىملىك ئىككىيلەنگە تەپسىلى قاراپ چىقتى، ھەتتا ئۇنىڭ قالپىغىدىن بىر خىل قىزىل نۇر چىقىپ دولقۇنسىمان ھالەتتە ئۇلارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرەپمۇ چىقتى، ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن قاتتىق ئاۋازدا پەرىدىلەرگە خىتاپ قىلدى.

- سەن ئىكەنلىگىڭنى ئەمدى بىلدىم ، سەن مەيلى يەر شارى ئادىمىنىڭ شەكلىگە كىرۋال ياكى باشقا مەخلوقلارنىڭ قىياپىتىگە كىر  بەربىر پىلانتىمىزنىڭ ئاسىيسى بولدۇڭ.

بىز ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى چۈشەنمەيلا قالدۇق، پەرىدىلەر بىر - بىرىگە قارىغىنىچە ئاستا ئىككى تەرەپكە داجىشتى.

 - سېنى ئەسلى پىلانتىمىز ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىدۇ، پىلانتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ دىگەن ئۈمۈتتە بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنتۇق. لېكىن سەن بۇ يەرگە كىلىپلا يالغان جەسەت ياساپ بىزنى ئالداپتىكەنسەن، بىز سېنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ قايغۇرۇپ يۈرۈپتىمىز، ئەمدى يەنە نىقاپلىنىپ قاچماقچىمىدىڭ،  مۇناپىق ، ئاسىي … سەن گۇناھكار بولدۇڭ جازالىنىسەن،  ئەگەردە ئازاراق بولسىمۇ ۋېجدانىڭ بولسا ئۆزەڭنى ئاشكارلا بولمىسا قىلچە رەھىم قىلمايمەن.

 بىز قارا كىيىملىكنىڭ كىمگە گەپ قىلۋاتقىنىنى ئېنىق بىلمىسەكمۇ لېكىن كۆڭلىمىزدە نىقاپلانغان مەخلوققا، يالغان پەرىدەگە سۆزلەۋاتقىنىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدۇق.

 - سەن بۇ يەرگە كىلىپلا نىيىتىڭنى بۇزدۇڭ شۇنداقمۇ؟ - ئۇ ۋاقىراپ سورىدى،  لېكىن پەرىدەلەر ئۇنىڭغا قاراپ بىچارىلەرچە تۇراتتى ،- سەن بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭ، جانلىقلىرىمىزنى يىرتقۇچ مەخلوقلارغا ئايلاندۇردۇڭ، ھەتتا ئۇلارنى مۇداپىئە توسىقىدىن چىقىرىپ تاشقى مۇھىتقا كۆندۈردۈڭ ، يەر شارى جانلىقلىرى بىلەن ئىنسانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ،  مەن بۇ ئىشلارنى بىلەلمەي، چۈشۈنەلمەي يۈرەتتىم بۈگۈن ھەممىنى بىلىپ يەتتىم، سەن ئىپلاسنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىڭ نىمە ؟

ئۇ ئىككىسى قارا كىيىملىكە سۆزلىرىدىن ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك قاراپلا تۇرىشاتتى .

 - سەن يەنىلا خۇپسەنلىك قىلىۋاتىسەن ھە ، ئۆزەڭنى ئاشكارلىمايسەن شۇنداقمۇ، سېنىڭ غەرىزىڭ ماڭا ئايان، سەن بەزى يەر شارى ئادەملىرىدىن پايدىلىنىپ ھەم ئۆزەڭمۇ شۇلارنىڭ شەكلىگە كىرىپ بۇ تەتقىقات مەركىزىنى بۇزدۇڭ، مەخلوقلارنى توپلاپ ھەم كۆپەيتىپ يەر شارىغا بالايى - ئاپەت ئېلىپ كىلىش يەر شارىنىڭ خوجايىنى بولۇش چۈشىنى كۆردۈڭ، لېكىن بۇ پىلانلىرىڭ سۇغا چىلاشتى، سەن ئويلىمىغان يەردىن ئەرۋاھ ئايالغا ئۇچۇراپ قالدىڭ، ئۇ مەخلوقلارنى سەندىن تارتىۋالدى، سەن ئۇ يوقىتىلغاندا يەنە پەيدا بولدۇڭ شۇنداقمۇ؟

 ئۇ پەرىدەدىن ئىككىسىگىلا سۆزلەۋاتاتتى، پەردەلەرنىڭ چىرايى ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇرغاندەك تاتىرىپ، ئۇلار بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يىغلاشقا باشلىدى، بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ يىغىسىغا چىدىماي قارا كىيىملىكنىڭ گېپىنى بۇرۇدۇم.

 - سىز قايسىسىغا گەپ قىلۋاتىسىز ؟ قايسى راسىت پەرىدە ، قايسىسى يالغان؟

 قارا كىيىملىك بۇرۇلۇپ كىلىپ نىجات ، قاھار ئۈچۈيلەنگە يېقىن كىلىپ پەس ئاۋازدا :

 - بۇنى مەنمۇ پەرىقلەندۈرەلمىدىم، ئۇلارنىڭ ھەممە تۈزۈلىشى ھەتتا ، قان،DNA لىرىمۇ ئوخشاش چىقىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ مەخلوق نىقاپلىنىشقا شۇنچىلىك ئۇستا بولسىمۇ چانىدۇ، بۇنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان يوشۇرنۇپ يۈرەلىگەننىڭ سىرىنى ئەمدى بىلدىم ئۇ ، مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتىدە يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ، ئەمدى سىز قىزنىڭ بۇنىڭدىن پەرىقلىنىدىغان بىرەر ئالاھىدە يىرىنى تېپىپ چىقىڭ، لېكىن يېقىن بارماڭ، ئۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇلارنى شۇنداق قىلىپ ئايرىمىساق ئۇ مەخلوق ھالاك بولىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئاشكارلىمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

 قارا كىيىملىكنىڭ بۇ تەلەپنى قويۇشى ئۇنىڭمۇ ئامالسىز قالغانلىغىنى بىلدۈرەتتى. مەن ماقۇل بولۇپ پەرىدىلەرگە يۈزلەندىم. ئىككىسىلا مېنىڭ يېقىنلىشىمدىن ھاياجانلانغاندەك چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، كۈلۈمسىرەپ تىكىلدى. مەن ئىككىسىدىن ئوڭ تەرەپتىسىگە قاراپ سورۇدۇم :

- پەرىدە ، بىزنىڭ تۇنجى ئۇچۇراشقان ۋاقتىمىز ئىسىڭىزدىمۇ؟

 ئۇ ھاياجاندىن بېشىنى لېڭشىتتى ، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى .

- شۇنداق ئېنىق ئىسىمدە ، سىز مېنى بوغۇنغا چاقتۇرۋەتكەن ئىدىڭىز .

 مەن موشۇ مېنىڭ پەرىدەم دەي دەپ تۇرۇشۇمغا يەنە بىرىمۇ ئوخشاش ھاياجاندا ماڭا تەلمۈرۈپ ئېغىز ئاچتى:

- سىز مېنى ۋەلسىپىتكە مىندۈرۈپ كىنوغا ئاپارغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟

 بۇ سۇئالدىن ھاڭ - تاڭلا قالدىم، قانداق ئىشتۇ بۇ، بۇ ئىككىسىنىڭلا دىگەنلىرى راسىت چىقىدىغۇ ؟

- مېنى ئاپارسا كىنوغا ، سەن نىمە مېنى ئاپاردى دەيسەنغۇ ؟

 - مېنى بوغۇنغا چاقتۇرۋەتسە مېنى چاقتۇرغان دەيسەنغۇ سەن !

 ئىككىسى تالاشقىلى تۇردى، مەن ئۇلارنى توختاتتىم ، قانداق قىلىشىم كىرەك ، بۇ مەخلوق ئادەمنىڭ سىياقىغىلا كىرىپ قالماي ھەتتا كاللىسىدىكى ھېسىيات،  ئەسلىمە ، ئوي ، تەپەككۈر ھەممىنى ئىگەللەپ بولىدىكىنا ! بۇ ئەھۋالدا، قاھار ، نىجاتلارلا ئەمەس ، قارا كىيىملىكمۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.

 - ئەركىن ،- دىدى پەرىدەدىن بىرى، سىزگە بىر نەرسىنى كۆرسىتەي، بۇ مېنىڭ راسىت - يالغانلىغىمنى مۇشۇ بېكىتىپ بەرسۇن!

 - قېنى ؟ نىمە ئىدى مەن كۆرەي.

 مەن مېڭىشىمغا قارا كىيىملىك ماڭا خەتەر يىتىشىدىن ئەنسىرەپ تەڭلا كەلدى.

 پەرىدە ئاستا يېڭىنى قايرىدى، كۆزۈم بىردىنلا ئۇنىڭ بىلىكىدىكى سائەتكە،  مەن ئەينى يىللاردا ئۇنىڭغا ھەمرا بولسۇن دەپ قالدۇرۇپ قويغان سائەتكە چۈشتى، يۈرۈگۈم ھاياجاندا سوقۇپ كەتتى. مانا بۇ مېنىڭ پەرىدەيىم شۇ ئىدى، مەن ئۆزەمنى تۇتالماي ئۇنى باغرىمغا باستىم، قارا كىيىملىك ئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ قورالىنى يەنە بىر پەرىدىگە توغۇرلىدى. ئۇ پەرىدىنىڭ مەخپىي ساقلىغان سائىتىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا بۇنىڭدا ئويۇن كۆرسىتەلمەي ئاشكارلاندى ھەم بىر سەكىرەپلا دەرىزىدەك بىر تۈشۈكتىن چىقىپ غايىپ بولدى.  بۇ چاغدا بىز پەرىدە بىلەن ھامۇتئاخۇننى تېپىۋالغاچقا، ئۇنى قاچۇرۇپ قويغىنىمىزدىن ئانچە ئۆكۈنۈپمۇ كەتمىدۇق.

 - يارلىنىپسىزدە ؟- دىدى ئۇ ئۈستى- بېشىمغا قاراپ ،- ئاغرىۋاتامدۇ ؟

مەن ئۇنىڭ يۈز - كۆزىدىكى سۈرۈلۈپ كەتكەن يەرلەرنى سىلاپ بېشىمنى چايقىدىم .

 - بايا ئاغرىغان ، ئەمدى ئاغرىمايۋاتىدۇ !

 بىزگە قاراپ تۇرغان قاھار دىققىتىمىزنى بۇزدى.

 - ھەي … ھەي سىلەرنىڭ ئاغرىمىغىنى بىلەن بىزنىڭ ئاغرىۋاتىدۇ ، ھە ھىم … ۋايجان … ۋاييەي…

 بىز ئۇنىڭ ھەييارلىق قىلىۋاتقانلىغىدىن كۈلۈشتۇق ، بۇ چاغدا نىجاتنىڭ سۇئالى بىزنى يەنە جىددىيلەشتۈردى.

 - ھامۇتئاخۇن ئاكا قېنى؟

ئەتراپىمىزدا ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.

 - بۇ ، بۇ … بايىلا بار ئىدىغۇ؟

 - بۇ قېرىنى !- دىدى قاھار ئاچچىقلاپ ،- بۇ بايلىققا تويماس قېرى ئالتۇنىنى ئىزدەپ كەتتىمۇ نىمە؟

- ئەمىسە بىزمۇ تىزدىن بارايلى ! بۇنچە خەتەرلىك تۇرسا جېنىنى بايلىققا تىگەشمىسۇن ،-دىدىم ئەنسىرەپ.

 قارا كىيىملىك كىچىك ئۆيدىكى كۇنوپكىلارنى بېسىپ ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلەرنىڭ ئارسىدىن ئۇزۇنلىغى بىر مىتىر كەڭلىگى قىرىق سانتىمىتىر كەلگۈدەك بىر ساندۇقنى ئالدى. ئۇنىڭدا قانداقتۇ بەلگە ھەم سېگنال چىراقلىرى ئۈچۈپ - يېنىپ تۇراتتى. قارا كىيىملىك ئۇنى كۈچ بىلەن كۆتەردى، بىز ياردەملەشمەكچى بولساقمۇ ھالىمىز خاراپ، ئۆزىمىزنى ئاران ئېلىپ ماڭغۇدەك ئەھۋالدا بولغاچقا ئېغىزمۇ ئاچمىدۇق.

 - موشۇ زاپاس يېقىلغۇ شۇ ،- دىدى ئۇ كىتىۋېتىپ ،- ئەمدى قايتالايدىغان بولدۇق، پىلانتىمىزغا، ئائىلىمىزگە قايتالايدىغان بولدۇق، ئۇ يەرنى بەكمۇ سېغىندىم ،- ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بەك خوشال بولىۋاتقانلىغى،  ھاياجانلىنۋاتقانلىغى چىقىپ تۇراتتى.

 - ئۇ نەرسە ئېغىرمۇ؟ - سوراپ قويدۇم مەن.

 - سىلەرنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمىڭلەردە 500 كىلوگىرام چىقىدۇ.

 بۇنى ئاڭلاپ ئۆز - ئارا بىر - بىرىمىزگە قاراپ قويۇشتۇق. بىز بۇ زالدىن چىققاندا بىر قارا گەۋدە يەردە ئۆمۈلەپ يۈرۈپ بىر نەرسە ئىزدەۋاتاتتى، بۇ يەر پارتىلاشتا بىز يىقىلىپ چۈشكەن يەر ئىدى.

- دىمىدىممۇ بۇ قېرىنى بايلىقلىرىنى ئىزدىگىلى كەتتى دەپ.

 مەن قولتۇقۇمدىن يۆلەپ ئېلىپ مېڭىۋاتقان پەرىدىنى توختىتىپ ۋاقىردىم.

 - بىزگە دەپمۇ قويماي نىمە قىلغانلىرى بۇ ئاكا، جان لازىم ئەمەسمۇ سىلىگە؟ قارا گەۋدە يورۇقراق جايغا كەلگەندە ھامۇتئاخۇن ئېنىق كۆرۈندى.

 - ئەمدى شۇ قايىتساق قۇرۇق قول قايتقۇم كەلمەي ، … قاراڭلار ئالتۇنلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى تاپتىم. ئۇ ، قولىدا بەش - ئالتە پارچە ئالتۇننى پارقىرتىپ كۆتۈرۈپ كەلدى ھەم قارا كىيىملىكنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە تۇيۇقسىزلا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ قۇرسىغىغا كۈچەپ بىر نەرسىنى ئۇردى . بىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگىچە قارا كىيىملىك ساندۇق بىلەن تەڭلا «گۈپپىدە» ئالدىمىزغا يىقىلىپ چۈشتى. ئاخىرى بار…





2662 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-20 0:03:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-10 13:34:44 دىلكەش 1696185982
تىچلىقمۇ ئاكا قەلىمىڭىزگە بارىكاللا قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،،، ئۈندىدارىمدىن سىزنى باشقىلا يۇيىۋىتىپتىكەن خاپا بولماي مىنى قوشىۋىلىڭە مەن قوشاي دىسەم نومۇرىڭىزنى بىلمىدىم1696185982
2016-6-24 15:11:28 gulnur
bak yahxi yiziliptu,bakla kizikip kaldim, ahirini tizrak yolligaisilar
2016-6-24 0:38:52 ئالىم..
ئاخىرىچۇ
2016-6-23 19:30:14 نازىم
داۋامىچۇ😥😥😥
2016-6-23 15:38:57 گېنرال
ئ‍اخىرى قاچان چىقا ،مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغانتىم
2016-6-23 1:14:23 tordax
adamni takaza kilp saklatmay tezrak yolsagla bak bak sakalp kattuk ok
2016-6-22 21:27:03 ئالىمجان
nimda asta yazsila
2016-6-21 16:16:09 نازىم
بەك جىددىيلىشىپ كىتىۋاتىمەن داۋامى قانداق بولار دەپ، تىزىراق ئ‍وقۇساق بولاتتى
2016-6-21 14:26:48 مەجنۇنتال
بەك ياخشى بولدى داۋامى ئاخىر چىقىپتۇ……مىترو ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەنقۇللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،رەھمەت جاپا تاتتىڭىز
2016-6-21 2:26:24 arkam147
ئاخىرى داۋامىنى ئوقۇيالىدىم،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ