يەنىلا ياخشى ئادەم بولايلى (تەرجىمە ئەسەر) - ئامىنە ئابلەق نۇرانى تەرجىمىسى

 يەنىلا ياخشى ئادەم بولايلى
 رىن رۇڭتىڭ
  تەرجىمە قىلغۇچى:ئامىنە ئابلەق نۇرانى


ھازىرقى تور دەۋرى ھەقىقەتەن تەرەققى قىلغان ئىدى، تورداشلار پەقەت توردىكى بىر پارچە رەسىم ۋە  بىر بۆلەك خەتنى كۆرۈپلا ھەق ناھەقنى ئايرىشقا ئۇرۇندى.
                            ئات ئايلىخانغا
ۋاڭ خەنمىن 50 ياشقا كىرىپ قالغان توردىن ئالاقىسىنى ئۆزگەن كىشى بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كۈنلەردە  توردا نام چىقىرىپ كېتىشىنى ھەرگىز ئويلاپ باقمىغانىدى.
ئۇ كۈنى ۋاڭ خەنمىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش يەتتىنچى يول ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا ماڭغانىدى، ئۇ كۆزنى يۇمغىنىچە مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز كەينى ئىشىكتىكى بىر قىز  يۇلۇچى ئوغرى دەپ ۋارقىرىدى. ۋاڭ خەنمىن دەرھال زېھنىنى يىغىپ قاراپ، چاچلىرى ئاقارغان بوۋاي ئاق رەڭلىك پۇل قاپچۇقىنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.پۇل قاپچۇقىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى چاچلىرى مۈرىسىگە يىيىلىپ تۇرغان سۇمباتلىق بىر قىز ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتقۇنچە قويۇپ بەرمەي تۇراتتى.
ۋاڭ خەنمىن ئىچىدە،قىز تېلېفون ئويناۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  پۇل قاپچۇقىنى ئوغرىلاپتۇ- دە دەپ ئويلىدى.ئەتراپىدىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىبىر قانچە پارچە رەسىمگە تارتىۋېلىپ داۋاملىق تېلېفون ئويناپ ئولتۇرۇشى ۋاڭ خەنمىننىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.ئاچچىقى بېشىغا چىققان ۋاڭ خەنمىن دەرھال سەكرەپ دېگۈدەكلا يېتىپ باردى دە، ئوغرىنى بىر تېپىك بىلەن يەر چىشلەتتى.ھېلىقى ئوغرى دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كىچىك پىچاقنى چىقىرىپ:-ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشمىساڭ بولمامدۇ- دەپ ۋارقىرىدى.ۋاڭ خەن مىن بۇ ئوغرىغا سەپسېلىپ قاراپ،نېمىشقا پۇت قولى بۇنچە چاققانكىن دېسەم ئەسلىدە يالغان چاچ كىيىپ ياشانغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ئويلىدى.ۋاڭ خەنمىننىڭ 30 يىللىق بەش خىل مېتال زاۋۇتىدا مۇھاپىزەتچى بولۇش تەجرىبىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇنداق كىچىك ئوغرىنى تۇتۇش تەس ئەمەس ئىدى، بىرنەچچە پەشۋا بىلەن ئوغرىنى يىقىتتى،ئەمما ئوغرى بوي بەرمەستىن پىچاقنى يەردىن تېرىۋېلىپ يەنە ئادەم يارىلاندۇرماقچى بولۇۋېدى، ۋاڭ خەنمىن مۇشتىنى تۇرۇپ راسا ئەدىپىنى بەردى، ھېلىقى ئوغرى گۈپپىدە يەردە تىزلىنىپ:- بولدى ئۇرماڭ ،رەھىم قىلىڭ- دەپ يالۋۇردى.
ئوغرى تېزلىنىشىغا ۋاڭ خەنمىن بىر ئاز بوشىشىپ قالغانىدى، دەل شۇ چاغدا ئاپتوبۇس بېكەتكە كېلىپ توختاپ ئارقا ئىشىكى ئېچىلىش بىلەن تەڭ ئوغرى خۇددى چاشقاندەك ئىشىكتىن  شۇڭغۇپ چىقىپ كەتتى، ئۇزۇن چاچلىق قىزۋاڭ خەنمىنگە رەھمىتىنى بىلدۇردى، ياشقا چوڭراق بىر قانچە كىشى ماختىغان بولدى، ئەمما باشقىلار يەنىلا داۋاملىق بېشىنى ساڭگىلاتقانچە ھېچقانداق ئىش يۇز بەرمىگەندەك تېلېفون ئويناۋاتاتتى.
ئۆزىچە بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتتى دەپ ئويلىغان ۋاڭ خەنمىن، چۈش ۋاقتى بولغاندا بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلدى، خىزمەتداشلار ئۇنى كۆرسىتىپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتتى ، ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ بۆلۈم باشلىقىمۇ ۋاڭ خەنمىننى ئىشخانىغا چاقىرتىپ:-شۇ ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ نېمىشقا بۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنسىز -دەپ ئەيىپلىدى.
خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنى ئەيىبلەشلىرى، ليۇ بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشلىرىغا قەتىي تاقەت قىلالمىغاۋاڭ خەنمىن ئاچچىقى بىلەن:-مەن ئوغرىلىمىدىم، بۇلىمىدىم نېمە ئىش قىلىپتىمەن- دەپ ۋارقىرىۋىدى.ليۇ بۆلۈم باشلىقىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى:-بىلمەس بولۇۋالماڭ بۇ ئىشنى مەن قىلمىدىم دېيەلەمسىز؟.
 ليۇ بۆلۈم باشلىقى تېلېفوننى ۋاڭ خەنىمىنگە سۇنۇپ بەردى.تېلېفوندا،چاچلىرى ئاقارغان ياشانغان كىشىنىڭ تىزلىنىپ تۇرغان ھالىتىدىكى تەسىرلىك رەسىم بولۇپ، ياشانغان كىشىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى دەل ۋاڭ خەنمىن ئىدى.ۋاڭ خەنمىن دەرھال ليۇ بۆلۈم باشلىقىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.ليۇ بۆلۈم باشلىقى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:-بۇ يەردە بىرسى قەستەن چاتاق تېپىۋاتقان ئوخشايدۇ، رەسىم راست بولسىمۇ، ئەمما خەت مەزمۇنىدا دىيىلگەن گەپلەر ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىكەن،بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ئاۋارىچىلىق. يەنە بىرەيلەن تورداشلارغا  بۇ تاغىمىز ئاپتوبۇستا ياشانغان كىشىنى ئۇردى تاكى ياشانغان كىشى تىزلىنىپ يالۋۇرغۇچە ئۇردى دەپ سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ.بۇ ئىش تور ئەھلىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ بۈگۈنكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى -دېدى.
ۋاڭ خەنمىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە:- مەن خاتا ئىش قىلمىدىم، باشقىلار نىمە دېگۈسى كەلسە دەۋەرسۇن،مەن تورغا چىقمايمەن ،كۆزۈم كۆرمەيدۇ، قۇلىقىم ئاڭلىمايدۇ، بىئارام بولۇپمۇ كەتمەيمەن -دېدى.ليۇ بۆلۈم باشلىقى دەرھال بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:-سىز تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىز، توردىكى پىتنە پاسات ئادەم ئۆلتۈرىدۇ جۇمۇ-دېدى.ۋاڭ خەنمىن ليۇ بۆلۈم باشلىقى كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكەندەك ھېس قىلىدى.
توردىكى ئەپقاچتى گەپ سۆزلەر پىچاقنىڭ بىسىدىنمۇ ئىتتىك ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن- دېدى ليۇ بۆلۈم باشلىقى قاپىقىنى تۇرگەن ھالدا،-ئەلۋەتتە سىز تورغا چىقمىغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيسىز -دە دەپ قوشۇپ قويدى.
 بىراق ۋاڭ خەنمىن ناھايىتى تېزلا ليۇ بۆلۈم باشلىقى ئېيتقان ئاۋارىچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلدى، ئىشخانىدىن چىقىشىغا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى ،قارشى تەرەپ مەلۇم بىر گېزىتنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىنى ئۇنى زىيارەت قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى، ۋاڭ خەنمىن دەرھال رەت قىلدى،  قارشى تەرەپ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلىۋالغانلىقىنى ئويلاپ تۇراتتى، ئىككىنچى بىر ناتونۇش ئادەمدىن تېلېفون كەلدى، ئاچچىقلاپ چىچىلغىنىچە ئۇنى راسا تىللىدى.مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئارقا ئارقىدىن تېلېفون كېلىشكە باشلىدى، بەزىلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەزىلىرى ئادەم تىللايدىغانلار.يەنە بىرەيلەن تېخى پۇل خەجلەپ بۇ بەتنامنى يوق قىلىۋېتىشنى خالامسىز دەپ سورىدى.بىردەملىك پاتپاراقچىلىق بىلەن تېلېفوننىڭ توكى ناھايىتى تېزلا تۈگىدى.ۋاڭ خەنمىن چارچىغان ھالدا ناھايىتى تەسلىكتە ئۆيگە بېرىۋالدى.ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سېلىۋىدى ئاچقۇچ قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىگە كىرمىدى.قۇلۇپنىڭ تۆشۈكى باشقىلار تەرىپىدىن ئاچقۇچ سالغىلى بولمايدىغان قىلىپ توساپ قويۇلغانىدى.ۋاڭ خەنمىن ئاچچىقلانغان ھالدا قۇلۇپ ئېچىش شىركىتىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئىزدەۋاتاتتى.ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى قىستۇرۇپ قويۇلغان كىچىك باغاقچىنى كۆرۈپ قالدى.باغاقچىدا:‹‹ئادەم داشقىلى، گۇناھىڭنىڭ جازاسىنى تارتسەن››- دەپ يېزىلغانىدى.
   شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كارىدورنىڭ ئىچى ئاۋاتلىشىپ، كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىۋاتقان ئاياغ تىۋىش ئاڭلاۋاتاتتى.401-نومۇرلۇق ئۆي دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان ۋاڭ خەنمىن دەرھال بەشىنچى قەۋەتكە چىقىۋالدى.ئۇ بىرئاز ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ،  پەلتوسىنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن ،بەشىنچى قەۋەتتە ئولتۇردىغان كىشى قىياپەتتە بىنادىن چۈشتى،ئۆزىنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇخبىر، تورداش بولۇپ 20 نەچچە ئادەم كەلگەنلىكىنى بايقىدى.بەزى مۇخبىرلار نەق مەيداندا تورداشلارنى زىيارەت قىلىپ ماتېرىيال توپلاۋاتاتتى.بىر نەپەر تورداش ئۆزىنى بۇ قېتىم مەخسۇس ئادەم ئۇرغان ئەبلەخنى تەنقىدلەش ئۈچۈن كەلگەن، ‹‹ھەققانىيەت ئىتتىپاقى ››QQ توپىدىن دەپ تونۇشتۇردى.
ۋاڭ خەنمىن ناھايىتى تېزلىكتە بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ ئىشىكتىن چىقىشىغا، كەينى تەرەپتىن  بىر شاپىلاق تېگىۋىدى، قورققىنىدىن پۈتۈن بەدىنى مۇزدەك تەرلەپ كەتتى، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ليۇ بۆلۈم باشلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى.ليۇ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ خەنمىنگە تىكىلىپ تۇرۇپ:-ئەمدىغۇ قورققانسىز، چۈشتىن بۇرۇنقى ھەيۋىڭىز قېنى- دېدى.ھەي، دەرھال قاچايلى، ئۈستىدە تورداشلار بار- دېگىنىچە ۋاڭ خەنمىن ليۇ بۆلۈم باشلىقىنى تارتىپ ماڭدى.
 ليۇ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ خەنمىنگە قاراپ جىددىي تەلەپپۇزدا:-بۇ ئىشنىڭ چوڭ بىر ئاخبارات خەۋىرىگە ئايلانغانلىقىنى ،ئۇ يەنە زاۋۇت نامىدىن  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ قويغانلىقىنى،بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى -ئۇقتۇردى.
ۋاڭ خەنمىن لېۋىنى چىشلىگىنىچە:-بۇ بىر توپ نائەھلىلەر،ئوغرى تۇتقان ۋاقىتتا نېمىشقا نەق مەيداندىكى ئەھۋالنى كۆرمەيدۇ -دېدى 

 ئارقىدىنلا :-بۆلۈم باشلىقى بۇ ئىشلارغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ، ئۇلار قانداق قىلىپ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى بىلىۋالغاندۇ ھەئە- دەپ سورىدى.
  ليۇ بۆلۈم باشلىقى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :-شۇڭا دەيمەن سىزچۇ دەۋرىگە ئەگىشىڭ،‹‹ئادەم گۆشى ئارقىلىق ئىزدەش ››  ئاڭلاپ باققانمۇ؟،ھازىر سىزنىڭ پۈتۈن ئارخۋىڭىز توردا ئاشكارىلىنىپ كەتتى، بەلكىم كەچ بولغىچە، پۇت بارماقلىرىڭىزدا قانچە تال تۈك بارلىقىنىمۇ بىلىپ بولۇشى مۇمكىن -دېدى.
ۋاڭ خەنمىن بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:-سىز ماڭا مىكرو بېلۇگتا ئۇچۇر ئەۋەتىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، مەن توردا ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي- دېۋىدى.ليۇ بۆلۈم باشلىقى ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا:-توردا بەزىلەر قارىغۇلارچە ھۆكۈم قىلماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.جامائەت پىكرىنى ئۇنداق ئاسان ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دە-دىدى.ۋاڭ خەنمىن  روھى چۇشكەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ: -ئەمىسە مەن ‹‹دوئېنىڭ ئۇۋاللىققا قېلىشى››غا ئوخشاپ قاپتىمەندە- دېدى.
لىيۇ بۇلۇم باشلىقى ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ:-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بۇ ئىشنى چوقۇم ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بىر ئامال قىلىپ پىتنە پاسات تارقاتقۇچىنى تاپايلى، ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ رەددىيە بەرسۇن.
 -بولىدۇ، لېكىن بۇ ، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا ئىش بولغۇدەك -دېدى ۋاڭ خەن مىن، ئۇھسىنغان ھالدا.
ۋاڭ خەنمىن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بۇ ئىشنىڭ تېزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلدى، بىر قانچە كۈندىن كېيىن توردا تېخىمۇ غەۋغا كۆتۈرۈلۈپ  ئەسەبىيلەشىپ كەتتى، ھەتتا سۇيىقەست مۇنازىرلىرىچىلىرىمۇ پەيدا بولدى.بەزىلەر ئۇنى تېخى مەلۇم بىر كارخانىنىڭ رەھبىرى، شەھىرىمىزدىكى ۋاڭ فامىلىلىك باشلىقنىڭ يېقىن تۇغقىنى دېيىشتى، ۋاڭ خەنمىن ياشانغان كىشىنى ئۇرغان لۈكچەكتىن، ھوقۇق ۋە زوراۋانلىققا تايىنىدىغان قېرى ئەبلەخكە ئايلىنىپ قالىدى.
  ليۇ بۆلۈم باشلىقى مەخسۇس بىر ئاپپارات ئەكىلىپ ،پىتنە پاسات تارقاتقۇچنى تېپىپ چىقتى.ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى‹‹ تۇتىقۇش ›› ئىكەن.ئۇلار ئۇنىڭغا مەخپىي خەت ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ۋاڭ خەنمىن بىلەن كۆرۈشكە قوشۇلدى.
               ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن باپلاش
ئىككىنچى كۈنى ،ۋاڭ خەنمىن قەھۋەخانىدا توتىقۇشنى كۆرۈپلا غەزىپىنى باسالماي قالدى.ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاپتوبۇستا تاماشا كۆرگەن يولۇچىلارنىڭ بىرسى ئىكەن.30 ياشلار چامىسىدا بولۇپ،ئۆزىنى ئاقلاپ:-مەن مىكرو بىلوگ نومۇرى سېتىشقا مەسۇل خادىم بۇلىمەن،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ  مىكرو بىلوگنى قۇشتۇرۋىلىشنى مەقسەت قىلىپ،يالغاندىن قىزىق گەپ تېمىسىنى ياساپ،ۋىدىئودىكى كىشىگە ئەڭ خاتا تۇيغۇ بېرىدىغان بىر پارچە رەسىمنى مىكروبىلوگتا تارقاتقانلىقىنى -چۈشەندۈردى.
  ۋاڭ خەنمىن چۈشىنەلمەي:-نېمىشقا قەستەن ھەقىقەتنى بۇرمىلايسەن- دەپ سورىدى.
   ليۇ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ خەنمىننىسوغۇققان بولۇشقا ئىشارەت قىلىپ:-ئىنېم سەن سەۋەبلىك بۇ ئىش كېلىپ چىقتى،بۇ توپتا پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىشىڭ كېرەكقۇ، توغرىمۇ-دەپ سورىدى.
تۇتىقۇشئازراق ئوينىۋالغاندىن كېيىن:-دېيىشكە ئاسان،سىلەر ماڭا 5000 يۈئەن يۇيىۋېتىش ھەققى بېرىشىڭلار كېرەك- دېدى.
   ليۇ بۆلۈم باشلىقى ئاچچىقلىنىپ:- بەك يۈزسىز ئىكەنسەن،بۇ بىزنى قاراپ تۇرۇپ قاقتى سوقتى قىلغانلىق ،سەن ۋىدىئونى بەرمىسەڭمۇ، ساقچىلار  ئېنىقلاپ چىقالايدۇ -دېدى.
  ساقچىلار تەكشۈرۈپقو تاپالايدۇ ،ئەمما ئۇلار قاچان تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بولغىچە بۇ ئىشنىڭ ھېچ نېمىسى قالمايدۇ- دېدى تۇتىقۇش كۆرەڭلىگەن ھالدا.
  ليۇ بۆلۈم باشلىقى ئاغزىنى بولۇپ تىللىماقچى بولۇپ تۇراتتى، ۋاڭ خەنمىن :- بولىدۇ، 5000 يۈەن بولسۇن، مەن پۇلغا پاكلىقنى سېتىۋالغان بۇلاي ، ھازىرچە مەندە ئۇنچە كۆپ پۇل يوق، ئەتە چۈشتە مۇشۇ يەردە پۇلنى ساڭا بېرەي -دىدى ئاچچىق كەلگەن قىياپەتتە.ئۇ ۋاڭ خەنمىنگە 5000 يۇەن پولنى  مىمۇرىمال قىلىپ بەرگىن دىۋىدى ،ۋاڭ خەنمىن  جوزىنى پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ:- مەن ساڭا پەقەت نەق پۇل بېرىمەن، ئالامسەن ياكى ئالمامسەن- دېدى.تۇتقۇچ يەنە سۆزلەشكە پېتىنالمىغانلىقتىن، ئەتە چۈشتە كېلىپ پۇلنى ئېلىشقا ماقۇل بولدى.
   تۇتىقۇش  كەتكەندىن كېيىن، ليۇ بۆلۈم باشلىقى يۈزلىرى قارىداپ كەتكەن ھالدا : - لاۋۋاڭ بۇ پۇلنى قەتىي بېرىشكە بولمايدۇ  -  دېدى.ۋاڭ خەنمىن خىرىلداپ كۈلۈپ تۇرۇپ : -  خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنى بابلايمىز-  دېدى.
  ليۇ بۆلۈم باشلىقى ھەيران بولغان ھالدا: - بۇ نېمە دېگىنىڭىز -  دەپ سورىدى.ۋاڭ خەنمىن ليۇ بۆلۈم باشلىقىنىڭ قولىغا پىچىرلاپ چۈشەندۈرۈپ قويىۋىدى ،ليۇ بۆلۈم باشلىقى تىزىغا شاپىلاقلاپ : -  بۇلىدۇ، شۇنداق قىلايلى - دەپ مەمنۇن بولدى.   ئىككىنچى كۈنى تۇتىقۇش دېيىشكەن بويىچە دەل ۋاقتىدا كەلدى.ۋاڭ خەن مىڭ بەش مىڭ يۈئەن پۇلنى جوزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىتتىرىپ قويدى.ئۇ خۇشاللىقىدىن قولىنى سۇنۇپ پۇلنى ئالماقچى بولۇۋېدى، ۋاڭ خەنمىن ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى.تۇتقۇچ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.ۋاڭ خەنمىن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ پۇلنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى.تۇتىقۇش ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ :- بولىدۇ ، مېنى ئەخمەق قىلماقچى شۇنداقمۇ  ئەمىسە توردىكى كىشىلەرنىڭ سېنى يەۋەتمىگىنى كۆرەي- دەپلا كېتىپ قالدى. ۋاڭ خەنمىن ئۇنىڭ كەينىدىن : - ھەي ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلغىن - دەپ ۋارقىرىدى.
  تۇتىقۇش ئەمدىلا كېتىۋىدى كەينىدىنلا ليۇ بۆلۈم باشلىقى يېتىپ كەلدى، ئەسلىدە باياتىن بېرى ليۇ بۆلۈم باشلىقى چەتتىكى بىر بۇلۇڭدا يوشۇرۇنچە رەسىمگە تارتىۋاتقان بولۇپ ،بۇ تۈنۈگۈنكى ۋاڭ خەنمىننىڭ كۆرسەتكەن ئەقلى ئىدى.ليۇ بۆلۈم باشلىقى ئەنسىرىگەن ھالدا : -  بۇ رەسىمنى ئەۋەتسەك تور ئەھلى ئىشىنەرمۇ -دېدى.ۋاڭ خەنمىن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: - مېنىڭ ئامالىم بار، بۇ سولتەك يەنە كېلىپ مېنى ئىزدەيدىغىننى بىلىپ قالىسەن- دېدى.
  بىر كۈندىن كېيىن، ليۇ بۆلۈم باشلىقى، ئالدىراش ۋاڭ خەن مېنى ئىزدەپ كىلىپ جىددىيلەشكەن ھالدا : -  لاۋۋاڭ سىزنىڭ ئادەم ئىزدەش ئېلانىڭىزدا مەسىلە بارمۇ قانداق؟.ماڭا خەنمىن تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى : -  ھېچقانداق مەسىلە يوق.ليۇ بۆلۈم باشلىقى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ : -   ئەمىسە سىزنىڭ كاللىڭىزدا مەسىلە بار ئىكەن، نېمىشقا كۆپچىلىككە توتىقۇشنىڭ بىر ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ئېيتماستىن، ئەكسىچە ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ بۇ سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان دەيسىز؟ .
  ۋاڭ خەنمىن كۈلۈپ قويۇپ: - مەن ئاۋۋال ئۆگىنىپ ئاندىن ساتىمەن، تور ئەھلى راست گەپنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ ،يالغان گەپنى تارقىتىشقا قىزىقىدۇ، مەن يالغان گەپنى ئويدۇرۇپ ئۇلارغا تارقىتىپ قويدۇم شۇ -دېدى.ۋاڭخەنمىننىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا تېلېفوننى سايراپ كەتتى، دەل توتىقۇش ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشنى تەلەپ قىلپ تېلېفون ئۇرغان ئىدى.ئەسلىدە،  ۋاڭ خەنمىننىڭ بۇ بىر مەيدان ئويۇنى ئارقىلىق ،تور ئەھلى ئۆزلىرىنى باشقىلار مايمۇن ئويۇنى ئويناپ ئەخمەق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، تېغ ئۇچىنى توتىقۇشقا قاراتقان ئىكەن.
  تۇتىقۇشنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۇ بەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ،ۋاڭ خەنمىن ئەمدىلا ئولتۇرىشىغا توتىقۇش يىغلامسىرىغان ھالدا : -  تاغا سىز بەك زەھەرخەندە ئىكەنسىز، مەن ئەسلىدىكى ۋىدىئونى ئەۋەتىپ، ئۇ كۈندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرەي- دېدى.
ۋاڭ خەنمىن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ : -  سېنىڭچە ئىككىمىزنىڭ گەپلىرىگە باشقىلار ئىشىنەرمۇ؟سەن نېمىلا ئەۋەتكىنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممىسىنى يالغان دەپ ئويلايدۇ،سەن بەك كېچىكتىڭ- دېدى.
 تۇتىقۇش تىكىلىپ قاراپ: -  ئەمىسە قانداق قىلىمىز مەن ئۇلارنىڭ توختىماستىن تېلېفون ئۇرۇپ ئاۋارە قىلىشىغا تاقەت قىلالمىدىم .
  ۋاڭ خەنمىن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: - مەن بىلەن بىللە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇلارغا چۈشەندۈرگىن.

    بىر ھەپتىدىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھېلىقى ئوغرىنى تۇتتى.تۇتىقۇشمۇ قولىدىكى، ۋىدىئۇنىڭ مۇكەممەل قىسمىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.ۋاڭ خەنمىن ساختا ئېلان تارقاتقان ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى.ساقچى تەرەپ ناھايىتى تېزلا توردا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېلان قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان تور ۋەقەسى ئاياغلاشتى.
ساقچى تەرەپ ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق قىزنى تېپىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورنىغا  بېرىپ ئىسپات بېرىشكە چاقىردى.ھەمدە ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەپ: -  قىزچاق، سىز دەسلىپىدىلا بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىشىڭىز كېرەك ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ خەنمىن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ياردەم قىلمىغان بولسا، زىيان تارتىدىغان ئادەم كىم بولاتتى ؟ -دىۋىدى،قىزنىڭ يۇزلىرى خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى  ھەمدە ئىسپات بىرىشكە ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى.
 ۋاڭ خەنمىن شۇنى چۇشىنەلمىگەندەك :-  شۇنچە كۆپ ئادەم قولىغا تېلېفون ئېلىپ رەسىمگە تارتتى،ئەمما نېمە ئۈچۈن تۇتىقۇشنىڭ يالغان گېپى شۇنچە تېز تارقىلىپ كېتىدۇ.ساقچى ئۇنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: -  دۇنيادا ياخشى ئادەملەر كۆپ، شۇڭا ئەسكى ئادەملەر ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ .ۋاڭ خەنمىن ھەم چۈشەنگەندەك ھەم چۈشەنمىگەندەك قىياپەتتە قاقاقلاپ كۈلگەن ھالدا : -  بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا ياخشى ئادەم بولسام بولغۇدەك - دېدى.

故事会2017年2月上





570 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-23 5:22:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ