مىنىڭ مۇھەببەت ھىكايەم

مەن ئاجايىپ غەلىتىكەنمەن، شۇنچە تونوش ئۆزۈم بىلىدىغان قىزلارغا پەقەتلا باشقىچە دىققەت قىلمايدىكەنمەن، مەكتەپتىمۇ بىرەر ساۋاقدىشىم بىلەنمۇ مۇھەببەتلەشمىگەن، بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇنى نابۇت قىلىشتىن ۋە ئائىلىدە بولغان قائىدە تۈزۈمدىن ئىدى.قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ تاساددىبى ئايرىلىپ كەتسە ئەر كىشىگە ئانچە گەپ كەلمىگىنى بىلەن قىز بالا توي قىلسا كەينىدىن ھەرتۈرلۈك گەپلەر بولوندۇ دەپ قارايتتم ھەم قىزلار ئەڭ ئازاپ تارتىدىغاندەك.

بولدىلا ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ھەيران قالارلىق ھىكايەمنى باشلاي، ئۈندىدار ئىشلەتكىلىمۇ ئۇزۇن بولدى، بۇ جەرياندا يوللىغان مەزمۇنلىرىمدىن مىنى نۇرغۇن ھازىرقى دوستلىرىم قوشقانمۇ بولدى. شۇ جەرياندا بىر قىزغا دىققەت قىلىپ قالدىم، مەن ئادەتتە قىزلار بىلەن ئۇنچە ئارتۇق پاراڭلاشمايمەن، بۇنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدىغىنى كۆپىنچىمىزگە ئايان، لىكىن ئۇ قىز ماڭا ئۆزگىچە بىلىنەتتى، ئۇنىڭ تور ئىسمىمۇ ھەم ئۆزگىچە ئىدى، پەقەتلا ئۆزگەرتمەيتتى لىكىن باش رەسىمنى كۆپ ئۆزگەرتەتتى، ھەرقېتىم چىقسام دىگۈدەك باشقا بىر غەلىتە رەسىملەر، لىكىن ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، بەزىدە ئۇنىڭ چەمبىرەكتىكى مەزمۇنلىرغا پىكىر قاتناشتۇرۇپ قوياتتىم ئۇمۇ ئۆزگىچە بىر جاۋاپلارنى قالدۇراتتى، كۆپىنچە ھالدا ئۇنىڭ چەتئەل تىلى توغرىسىدا مەزمۇن يوللايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىنلىزچە ئوقوۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلدىم ۋە ئىنلىزچە سۆزلەپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭمۇ بىلدىغانلىقىمنى چاندۇردۇم ئۇمۇ بەزى چۈشەنمىگەن سوئاللارنى سوراپ تۇردى لىكىن بەك ئاز سورىشاتتۇق ھەم بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۈندىدارنى بىكارچىلىقتىن ئەمەس ئۈگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ خۇرسەن بولدوم، بىركۈنى گەپ چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم، سۆز ئورامىدىن قارغاندا ئۇ شاشراق ھەم زىرەك قىزچاقتەك بىلىندى،راستىمنى دىگەندە بىردەملىك پاراڭلىشىشتىن ئۇ ماڭا ياراپ قالغانىدى، پاراڭ ئارلىقىدا ئۇ مەن قاچا قۇچىلارنى يۇيۋىتەي دىدى، شۇنچە مودا قىزمۇ ئۆي ئىشى قىلدىكەندە دىسەم ئۇ بۇ بىز ئاياللارقىلىشقا تىگىشلىك ئىش دىدى، ياۋ! قارغاندا سزنى دادامغا دەپ باقسام بولغۇدەك

ــ ھە مەنمۇ سزنى ئاپامغا دەپ باقاي.

شۇ چاقچاقتىن بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىنى كىم بىلسۇن دەيسز.

نەچچە كۈندىن كىيىن دادامغا چاقچاق ئارلاش قىلىپ بىر ئىككى كوبلىت ئەشئار يازدىم.

كۆردۈم چىمەنلەر ئارا بىر ئۇز گۈلنى،

مەپتۇن قىلاركەن تىل ئاجىز رام قىلدى كۆڭۈلنى.

ئۈزۈپ ئىلىپ تىككۈم بار ئۇنى ھويلامغا،

ئاۋات بوستان قىلار چوقوم دەشتى چۆلنى.

دادام كىچىك ئۆيلەنگەچكە مەندىن كۆپ چوڭ ئەمەس بولغاچقا مۇناسىۋىتىمىز باشقىچە ئىجىل ھەم ئوچوق ئىدى.

بىر كۈن ئويلىشىپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.

ئاتاڭ كۆزلىدى ھەم ساڭا تاشكەنتتە،

ئۆسكەن گۈل ئۇ جانان تەشتەكتە.

ئۇنىڭ سۆزىدىن تاشكەنتتە بىر ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى بارلىقىنى، شۇنى ئىلىپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، دادام سودا ئىشلىرى بىلەن شۇياقلاردا كۆپرەك يۈرەتتى.

ئاتا مەسلىھەتى مەسلىھەت ئەمەس بۇيرۇق،

ئەگىشىمەن ئاتامغا بولوپ قۇيرۇق.

ئازغان چىقىپ قالسىمۇ ئۇ كۆرسەتكەن غۇنچە،

ئوڭايسزلانمايمەن ئەمەسمۇ قىزىرىپ ئۇنچە.

دەپ ئۇنىڭغا رازى بولدىغىنىمنى بىلدۈردۈم.

ــ ھە، مەن ئىلىپ بەرسەم كىيىن بىرەر بوران چىقىپ قالسا ئۆزۈڭ ئىلىپ بەرگەن خوتون مۇشۇ دىمەكچىكەنسزدە بالام.

ياق دادا چىقىشىپ قويدۇم ھى ھى.

شۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردىكى قىزدىن رايىمنى ياندۇرماقچى بولدۇم،چۈنكى ئاتا ئانىنى رازى قىلىش كېرەكتە، تۇرمۇش كىملا بىلەن بولسا ئۆتىۋىرىدۇ. مۇھەببەت ۋە ھاياتنى چوڭقور ۋە مۇرەككەپ چۈشىنىۋالسا ئاسانلا ئازاپ ۋە ھىسياتتىكى قىينچىلىقتا قالىدۇ.

بىراق نەچچە كۈندىن كىيىن دادام يەنە ئىلخەت يوللاپتۇ.

تاشكەنتتە قارا تاش بولوپتۇ قوي كۆزلىرىم،

ئىناۋەتسز بولسۇن ئالدىدىكى سۆزلىرىم.

بۇ چىچىلغاقلىتىن ئۇنىڭ ئۇ قىزدىن رايى قالمىغانلىقىنى، ماڭا خوپ كۆرمىگەنلىكىنى بىلدىم ۋە شىرىكىدىن سۈرۈشتۈردۈم، ئەسلى مۇنداق بوپتۇ، دادام ماڭا مەقستىنى بىلدۈرۈپ نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئائىلىگە بىرىپتۇ، قىز چاي كۆتۈرۈپ كىرىپ «سەلام ئاكىجان» دەپ سالام قىپتۇ، دادامنىڭ بۇنداق چالا بۇلا سالامدىنمۇ ياكى قىزنىڭ ئەرلەر بار مىھمانخانىغا كىرگىنىدىن ئەدەپسز دەپ ھىس قىلدىمۇ ئەيتاۋۇر كۆڭلى بىراقلا سوۋوپتۇ.

نىملا دىگەن بىلەن ئۆز ئىچىمىزدىن تاپقانغا يەتمەيدۇدە، تاشكەنت ئۇيغۇرلىرى ئۆزبەك ئۆزخان ئەمەسمۇ.

شۇنىڭ بىلەن يەنە ھىلىقى قىزنىڭ پىيىدا بولدۇم.

بىر كۈنى ئۇنىڭغا رەسىملىرىمنى ئەۋەتىپ بۇ مەن دىدىم،

قايسى ھىندىستانلىق چولپانكىن دەپتىمە .

ــ ھە شۇنچە قارۋايمىكەنمەن؟

ــ چىچىڭىز نوچىكەن.

ــ شۇندا نوچىغۇ.

ــ ئىشقىلىپ ئوغوللارنىڭ ئاق رەڭلىكىنى ياقتۇرمايمەن.

ھە مەن ھىندىستانلىقتەك قارا شۇ،

ــ بۇغداي ئۆڭكەنسز .

گەپلىردىن قارغاندا ياراپتىمەن، تاشقى قىياپىتىمدىنغۇ ئەنسىرمەيتتىم، ئۇ يەنە « مەن چىرايغا قارمايمەن، پەقەت مېھىر بەرسە ئەر كىشىدەك كەسكىن بولسا، ئىشقىلىپ سزغۇ شۇنداق بىلىنسز يازغان ماقالىلىرڭىز شۇنداق ھىس قىلدۇردۇ»

بۇ گەپلەر تەسر قىلمىدى چۈنكى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق قارايدىغىنىغا ئىشەنچىم يوقتى.

شۇڭا ئۇنى يەنە سىنىمىسام بولمايدۇدە.

بىر كۈنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيلەرنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتتىم، ۋە قايسىسى بولدىكەن دەپ سورىدىم،

ــ ھەممىسى چىرايلىقكەن.

ــ مۇنداق ئويلىشىپ قويمامسز كىيىنلىككە.

مىنىڭ ئۇنداق ھەشەمنى ماددى بايلىقنى ئويلىشىشقا ۋاقتىم چىقماپتۇ. ئويلىساممۇ بەخىتلىك ۋە خاتىرجەملىكنى مەنىۋى بايلىقنى ئويلاپتىمەن.

ــ. بۇ سۆزلىرى راستلا قايىل قىلغۇدەك ئىدى، راستلا ئۇ ھەشەمنى ئويلاشمىغانمىدۇ؟

ئۇنىڭغا بارغانچە قىززىقىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈندىدار ئادرىسىغا قارسام ئالدىدا بىرنەچچە ھەرىپ ئارقىسىدا ئىككىمىڭ ئونئىككى نۆل بەش ئونئالتە دەپ سان يىزىقلىقكەن، بەشىنچى ئاينىڭ ئونئالتىسى نىمە كۈندۇ؟ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىدۇ؟ بۇنى ئۇنىڭدىن سورىمىدىم، بىركۈنى ئۇنىڭغا توينى بەشىنچى ئاينىڭ ئونئالتىسىگە توغورلامدۇق؟ ئۇ بىردەمدىن كىيىن ھەيران قىلىپ كۆزى چىقىپ كەتكەن قونچاقنى يوللىدى، ئۇ توي تەلىپىمدىن ئەمەس ۋاقىتتىن ھەيران قالغانىدى چۈنكى توينىڭ گىپىنى ئارلاپ دەپ قوياتتىم، ئىككىمىزنىڭ پاراڭلاشقان خاتىرىسى كۆپ بولسا ئىككى ۋاراق چىقاتتى، لىكىن مەن چوڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلماقچىدىم. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاران ئىسىمدە تۇتالىدىم. ئىسمى ھەم چىرايلىق ھەم غەلىتىلا ئىدى.

بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا شىرىن شىكەر سۆزلەرنى ئەسلا قىلمىدىم، ھەتتا مەن سزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دىگەن سۆزنىمۇ قىلمىدىم.

ــ ئەلچى كىرگۈزىمەن، ئادرىسىڭىزنى يوللاڭە.

ئۇ كۈلگەن ئىپادە ئەۋەتتى ۋە ـــ تەنتەككەنسز، شۇندا ئاسانما؟

يوللىمامسز باشتا.

ــ ياق

ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى بىلەن تونوشوپ قالغاندىم، بىر كۈنى چەمبىرەكتە ئۇنىڭكىدىمۇ ئۇ ساۋاقدىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ نىمە مۇناسىۋەتتىلىكىنى سورىدىم، پەقەت ساۋاقداشكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ساۋاقدىشىدىن سۈرۈشتۈردۈم . توۋا! ئۇنىڭ بىلەن بىر شەھەردىنكەنمەن.

ئىشلار بەك ئوڭ كېلۋاتاتتى. باشقا يۇرتتا بولوپ قالسا دەپ شۇيەردىكى ئابرۇيلۇق كىشلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقىلشىپ تۇرۋاتاتتىم. بىرىنچى قىتىم ئۈچ كىشىنى ئەۋەتتىم، ئۇلارمۇ شۇ رايۇندىكى نوپوزلوقلىرى ئىدى. ئەپسۇس نەتىجە بولمىدى، سورىسام دادىسى مىنىڭ تىخى توي قىلمىغان لىكىن ئۇنىڭ بىر تۇرمۇشتىن چىققانلىقىدىن ئوڭايسزلانغاندەك ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ. ھە ئەسلى توي قىپتىكەندە، بۇنداق ئاسان بەل قويۋىتىدىغان ئىش يوق.

بۇ قېتىم شەھەردىكى يۇرت كاتتىلىرنى، مەدرىسە مەسچىتىنىڭ ئىمامى قاتارلىقلارنى تۆت ماشىنغا بىسپ ئەۋەتتىم. دادىسى ھەيرانلىقتا قانداق ئۇنىغىنىنىمۇ بىلەلمەي قاپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن توي بەشىنچى ئاينىڭ ئونئالتىسىگە توغورلاندى. داداممۇ ئۈلگۈرۈپ كەلدى. توينىمۇ قىلۋالدىم، ئۇ راستلا چىرايلىق ئىدى، ئۈندىدارىدىكى بىر باش سۈرتىدە يوغان قاپقارا كۆزنى ئۇنىڭمىكىن دەپ پەرەز قىلغىنىمدەك ئۇنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرى شۇنچىلىك يىقىملىق ئىدى. ھەيران قالغاندەك بىرخىل ئۆزگىچە كۈلۈمسىرەپ توۋا، راست بولدى ھە دەپ لىۋىنى چىشلەيتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىدىن بولغان بالىسىمۇ شۇنداق ئوماق يىقىشلىق ئىككىمىز بىردەمدە ئىچەكىشىپ ئاتا بالا بولوپ كەتتۇق. تويمۇ پۈتتى، ئەمدى بىر شىرىن ئاي قىلىپ ساياھەتكە چىقماقچى بولدوق، ئۇنىڭ پاسپورتى يوقكەن شۇنىڭ بىلەن بىجىرمەكچى بولوپ كىملىكنى سورىدىم، توۋا! يەنە بىر توۋا! ئۇ سەكسەن يەتتىنىڭكەن! مەندىن بەش ياش چوڭ، بۇرۇن يىشىنىمۇ سورىمىغان ياكى توي خىتى ئالغاندىمۇ كېنىشكىگە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، قارسا كىچىكلا قىزلاردەك كۆرۈندۇ،بۇرۇنقى بىرگۆدەك ۋاقلىرىمدىكى ئۆزۈمدىن چوڭ ئاچاش ئالىمە دەپ چاقچاق قىلىشلىرىممۇ راستقا ئايلانغانىدى، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تەلەيلىك ھىس قىلدىم،

ئۇ ئەمدى مىنى كىچىك دەپ بوزەك قىلامۇ دەپ ئەنسىرگەنىدىم، لىكىن ئۇ مىنى چوڭ بىلىپ ھۆرمەت قىلىدۇ چۈنكى ئۇ مىنى كەسكىن ئەركەك دەپ بىلدى، پاسپورتىمۇ چىقتى، كۆڭلۈمگە پۈككەن بويىچە ئۇنى دوبەي، رىيادقا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇردۇم چۈنكى ئۇ ئۈندىدارغا كۆپ ھاللاردا شۇتەرەپنىڭ چىرايلىق بىنالىرنىڭ رەسىملىرىنى يوللايتتى. ئۇلاپلا ھەرەمگە باردۇق، چوڭ ئۆيدىن ئىككى يىلدىن كىيىن بۆلىنىپ باشقا يەردە ئولتۇراقلاشتۇق، ھازىر بالىلار ئۈچ بولدى، ئۇ يەنىلا شۇنداق ئۆزگىچە، مۇھەببەت مۇشۇنداق تەۋەككۈل بولسا ھەيران قالارلىق ۋە بەخىتلىك بولىدىكەن.

قەلەمدە: ئىمران مۇراتۇف





1503 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 12:54:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-16 21:43:37 تاش
كولمۇناتسىيە نوقتىسى بەك ئ‍اجىز بۇلۇپ قاپتۇ
2016-3-13 17:37:12 Buhalqam
Yahxi qikptu likn bu ras bolgan .....wakamu yaki
2015-12-14 2:15:23 ئ‍ويغان
ئىشقىلىپ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ،ئ‍ ەمما توقۇلمىمۇ ياكى رىئ‍ اللىقمۇ بىلەلمىدىم
2015-8-24 21:57:51 mihir
jameyatka bakla quxuptu ras bolgan wakamu
2015-8-2 23:02:30 ئاق گۇل
بەك تەسىرلىككەن
2015-8-2 18:28:57 ئەيسا
ياخشى يىزىپسىز
2015-8-2 10:11:37 muhsina
bak yahxi yizliptu
2015-7-29 13:04:09 ھاماقەت
ئ‍ۆزگىچە يىزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ