دادا مىنى ئوقىغىلى قويساڭچۇ(ھىكايە) - ئابدۇقەييۇمجان

دادا ، مىنى ئوقىغىلى قويساڭ چۇ ! ! 

ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر ) 


سالام دادا : ياخشى تۇرۋاتامسەن . بەلكىم مىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ  كەتكىنىم ئىغىر كىلىپ  ئاچچىقىڭ بىلەن ئوڭتۇرغانسەن ھە !
 ئاچىقلانما دادا ، مەن ياخشى تۇرۋاتىمەن . لېكىن ئىلگىركى ئىشلار كۆز ئالدىمغا كەلسىلا مىنى يىغا باسىدۇ . ساڭا قاتتىق ئۆچلىكىم كىلىدۇ ، نىمىشقا ؟ مەندىن نىمىشقا دەپ سورا- -ۋاتامسەن ، خەيىر مەن ساڭا دەپ بىرەي .
 بىلەمسەن دادا ، سەن ئانامنىڭ قاتىلى ، دادا ، توغرىدىن توغرا بۇنداق دىگىنىمنى كەچۇر .
لېكىن ئەمەلىيەت شۇنداق . بۇ بىر نەچچە ئاي بىرىنقى ئىشلار بولسىمى پەقەتلا يادىمدىن چىقمايدۇ ، دادا  !
ئۇ ۋاقىتلاردا مان ئانامنىڭ زورى بىلەن مەكتەپكە كىرگەن ئىدىم ، لېكىن سەنبولساڭ مىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىمغا قارشى ئىدىڭ . مىھرىبان ئانام سىنىڭ قارشى رۇرشىڭغا قارىماي مىنى مەكتەپكە بەردى . ھەر كۇنى مىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلەتتى ، كەچتە بولسا مەن بىر كۇن مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىمنى ئانامغا ئۈگىتەتتىم ، ئانام بولسا ئىتائەتمەنلىك بىلەن«  دەرىس »  ئاڭلاتتى. سەن بولساڭ قايسى بىر موللامنىڭ « مەكتەپتە ئوقۇسا يامان بولىدۇ ، مەكتەپ باللارنى دىندىن چىقرىدۇ ... » دىگەنگە ئوخشاش قۇرۇق پەتىۋالىرىغا ئىشىنىپ دائىم مىنى مەكتەپتىن چىقىرۋىلىشقا ئۇرناتتىڭ . شۇ سەۋەپ ئانام بىلەن كۇندە بىر دىگىدەك دائىم سوقۇشاتتىڭ . لېكىن ئانام ، شۇ مىھرىبان ئانام مىنى ، مىنىڭ ئوقۇشۇمنى دەپ شۇ گەپلىرىڭ ھەم ئۇرۇشلىرىڭغا بەرداشلىق بىرەتتى .
 مەن ئانامنىڭ شۇنداق پىداكار روھىدىن تەسىرلەندىممۇ ياكى باشلانغۇچنى ئوقۇماي تۇرۇپلا تولۇقسىزغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم ئۇچۇنمۇ ناھايىتى تىرىشىپ ئۈگۇنەتتىم . كۇندىزى ھىچ قانداق ئىشلار بىلەن مەشقۇل بولماي ئۇگۇنۇش قىلاتتىم ، كەچلىرى سىنىڭ تىللىرىڭدىن  قورقۇپ ئوغۇرلىقچە ئۇگۇنۇش قىلاتتىم ، ھەم ھەر قىتىم مەكتەپتە ئۇچتە ياخشى ، ئەلاچى ئەخلاق پەزىلەتتە ياخشى دىگەندەك شەرەپلىك ناملارنى قولدىن بەرمىدىم . بۇ شەرەپلىرىم ئۇچۇن بىرىلگەن تۇرلۇك گۇۋاھنامە ۋە تەقدىر جازىلىرى كۆپ ئىدى . ئانام بۇ مۇكاپاتلىرىمنى كۆرۇپ كۆزىگە خۇشاللىق يىشى توللاتتى دە ، مىنى سۆيۇپ كىتەتى . ئانام مۇكاپاتلىرىمنى چىرايلىق قىلىپ ياتاق ئۆيۇمگە ئىسىپ بەرگەن ئىدى.لېكىن سەن بۇ تەقدىر نامىلىرىمنى يەنە« ھارام » دىگەن قائىدەڭ بويىنچە « ئۆيگە شۇملۇق ئىلىپ كىلىدۇ » دەپ ئۇنى سۆكۇپ ئىلىپ كۆيدۇرۇپ كۇلگە ئايلاندۇرۋەتتىڭ . ئانام بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي ئۇنداق قىلماسلىقڭنى ئۆتۇنۇپ ، يىلىنىشقا باشلىدى.لېكىن سىنىڭ شۇ دىننىڭ كونا ئەقىدىلىرى تەرپىدىن توڭلاپ مۇردىغا ئايلانغان يۇرىكىڭنى ئۇ يىلىنشلار ، ئۆتۇنىشلەر ئىرىتەلمىدى ، دادا  ! !
ئىسىڭدىمۇ ؟مىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىكىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقىتلىرىم ئىدى بۇ ۋاقىتلاردا يىزىمىزدا تولۇق ئوتتۇرغا كىرىپ ئوقۇيدىغانلار پەقەت ئۇچلا بالا ئىدۇق ، مەن شۇ باللارنىڭ بىرى ئىدىم . شۇڭىلاشقىمۇ يۇرتاشلار بىزنىڭ ئائىلىگە بەكمۇ زوقلىناتتى ، لېكىن سەن بولساڭ يەنىلا جاھىللىق بىلەن مىنى ئوقۇشتىن چىكۇندۇرۇپ چىقىرۋىلىش ئۇچۇن ھەر 

تەرەپكە قاتراپ يۇرەتتىڭ . شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە، ئانام ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى ، ئۇنىڭ ئەھۋالى كۇندىن ، كۇنگە ئىغىرلاشماقتا ئىدى .مەن ساڭا « دادا ،ئانامنى تىزراق دوختۇرخانىغائىلىپ بارايلى، ئۇ بەك قىنىلىپ كەتتى »  دىدىسەم ، سەن زەردىبىلەن « ھەي بالاخور ئۆزىڭنى دىندىن چىقارغىنىڭ ئازدەك يەنە ئاناڭنىمۇ گۇناھقا پاتۇراي دەمسەن ، دوختۇرخانا بىز ئۇچۇن ھارام » دەپ چىقىپ كىتىپ نەلەدىندۇر  بىر قانچە باخشىلارنى چاقىرىپ كىردىڭ . ئۇلار كىرىپلا بىر نىمىلەرنى ئوقۇپ « ئايالىڭىزغا جىن چاپلىشۋاپتۇ ، جىنى قوغلايمىز  » دەپ ئوت يىقىپ ، قىلىچ ئوينۇتۇپ يۇرۇپ سەندىن خىلى كۆپ پۇللارنى ئىلىپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىن ئانامنىڭ كىسىلى شىپا تىپىش ئۇياقتا تۇرسۇن تىخمۇ ئىغىرلاپ كەتمەكتە ئىدى . بىچارە ئانام كىيىن تاماتىن قالدى ، مەن ئانامنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ چىداپ تۇرالماي « جىنىم دادا ! ئانام بەك قىنىلىپ كەتتى ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى » دىشىمگە ئىرىشكەن جاۋابىم سىنىڭ زەردە بىلەن ئۇرغان تەستىكىڭدىن ئىبارەت بولدى .
شۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ ئەجەل تۇمۇشقىدا جان تالىشىشىغا قاراپ تۇرماستىن ئۆزگە ئامالىم بولمىدى ،جىنىم دادا ! !  شۇ كۇنى كەچتە رەھمەتلىك ئانام بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى.
 بۇ ئىشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي سەن مىنى مەكتەپتىن چىقىرۋالدىڭ دە ، مەھەللىمىزدىكى كونا مولدۇز ئۇستام ئابلىز تاغىغا شاگىرلىققا بەردىڭ . شۇ كۇنلەردە مۇئەللىم سىنى كۆپ قىتىم ئىزدەپ كىلىپ مىنى ئوقۇتۇشنى ئۆتۇنگەن بولسىمۇ،  سەن جاھىللىق قىلپ ئۇنىڭ بىلەن        ئۇرۇشتۇڭ دادا  ! ! !
مىنى كەچۇر ، ئابلىز تاغامغۇ ياخشى ، ئاقكۆڭۇل ، سەمىمى ئادەم . لېكىن مىنىڭ بىلىم ئالغىم ھەم دۇنيانى چۇشەنگۇم بار ، ھەرگىزمۇ خۇراپاتلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكىمىم يوق. يىتەر ، ئەمدى يىتەر ، شۇ مىھرىبان ئانامنى ئۇنىڭ رەزىل،ئىپلاس  چاڭگىلىغا تاشلاپ بەرگىنىمىز يىتەر  ! ! !
 دادا ، مىنى كەچۇر سىنى ئانامنىڭ قاتىلى دەپ ئەيىپلىمەسلىكىم ، سىنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقىم كىرەك ئىدى . لېكىن  بىلىم ئىلىشتا بۇنىڭدىن ئۆزگە چارەم يوق . مەندىن ئەنسىرمە ، مەن ھازىر بىر ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتىمەن. ئۇ ناھايىتى ياخشى ئادەم مىنىڭ ئوقۇش پۇللىرىمنى شۇ ئادەم تۆلەپ ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرشىمغا ياردەم قىلۋاتىدۇ  دەم ئىلىش كۇنلىرى ئۇنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ تۇرمىشىمنى قامداۋاتىمەن خەيىر دادا ، مەن يەنە ئۈگۇنىش قىلمىسام بولمايدۇ . كۇندىلىك خىراجىتىمدىن ئاشۇرۇپ ساڭا 600 يۇئەن ئەۋەتتىم. تۇرمىشىڭغا ئىشلىتەرسەن . ساڭا ئامەت تىلەپ :
   - ۋاپاسىز ئوغلۇڭدىن
(مەزكۇر ئەسەر 2015-يىلى 9-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى مائارىپ سىستىمىسى بويىنچە ئۆتكۈزۈلگەن زوراۋانلىقنى تۈگۈتۈش ، دىننىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش تىمىسىدىكى ئىجادىي ئەسەر ئوقۇش مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن )
     





250 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 12:35:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-21 2:01:08 ماھىنۇر
دادا مىنى ئوقۇغىلى قويساڭچۇ دىگەن ئەسەر ئاپتۇرىنى سەمىمى بولسىكەن دەيمەن… ئەسكەرتىشتىكى بىرىلگىنى چىن بولسىكەن دەيمەن…ئوقۇرمەنلەرنى ئالداش بەكلا نومۇسسىزلىق
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ