قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 17- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 17- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)


بۇلارغا قاراپلا دىلبەرلا ئەمەس تايىر بىلەن سەمەتنىڭمۇ بەدەنلىرى غۇژۇلداپ مۇزدەك تەر چىقىپ كەتتى، پۇتلىرىدا ماغدۇر قېچىپ يۇمشاپلا قالدى .

- كەينىمىزگە يانايلى ،- دىدى تايىر پەس ئاۋازدا.

ئۇلار ئاستا كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىۋېتىپ قۇرۇققىنىدىن كەينىگە قاراشتى لېكىن باشسىز ئايال بىلەن ئۇ قىز يوق تۇراتتى .

- يوققۇ ،- دىدى سەمەت ، - بىردەمدىلا يوق .

ئالدىدا كىتىۋاتقان دىلبەر يەنە ئەنسىز ۋاقىرۋەتتى. چۈنكى بايىلا كەينىدە قالدۇرۇپ قويغان باشسىز ئايال بىلەن قىزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى .

- پىچاق بارمۇ ؟- دىدى تايىر يېنىغا ئېلېۋالغان قىسقا شەمشەرنى ئاستا چىقىرىپ ،- بىز خەتەردە قالغاندەك تۇرىمىز ، ئۇلار نىمىلا بولمىسۇن پىچاقتىن قورقۇدۇ .

سەمەتمۇ پىچىغىنى چىقاردى، دىلبەر تايىرغا يېقىن كىلىۋالدى. ئۇ شۇنچىلىك قورقىۋاتقان بولۇپ بۇنداق مەنزىرىنى تۈنجى كۆرىشى ئىدى .

- يەنە كەينىمىزگە يانايلى ، نىمە بولسا بولسۇن ھۇجۇم قىلىپلا قالسا جاننى تىكمەي ئامال يوق، ئىگىمىز بەرگەن جاننى ئىگىمىز ساقلايدۇ.

بۇ قېتىم قەتئى نىيەتكە كەلمەي بولمايتتى، شۇڭا تايىر شۇنداق دىگىنىچە ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ كەينىدىن دىلبەر سوڭدۇشۇپ كىتىپ باراتتى ، سەمەت كەينىنى قوغداپ ماڭدى . تۇمان بارغانچە قويۇقلاپ كىتىۋاتاتتى، تايىر ئالدىدىكى نىشاننى كۆرەلمىدى، لېكىن بۇ قەبىرستانلىقتا توختاشقا بولمايتتى. شۇڭا يولنى بويلاپلا قارىسىغىلا مېڭىشقا باشلىدى . تۇيۇقسىز جىمجىت ، تىمتاس قەبىرستانلىق ئىچىنى ئاتنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق كىشنىشى قاپلىدى. بۇ ئاۋازدىن بۇلار چۆچۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى، دىلبەر ئاۋازدىن قورقۇپ دەرھال تايىرنىڭ چاپىنىغا ئېسىلۋالدى. ئۇلار تۇمان ئىچىگە دىققەت بىلەن كۆز يۈگەرتىشتى، بىر چاغدا قەبىرلەر ئارسىدىن تۇمان سۈرۈلۈپ كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان ، يايلىلىرى ئۇزۇن ، تۇم قارا ئاتنى مىنگەن بىرى پەيدا بولدى. ئۇلار ئۈستىدىكى ئادەمگە دىققەت قىلىشتى. ئات ئۈستىدە ئولتۇرغىنى كىيىنىشلىرى مۇڭغۇل چەۋەندازلىرىغا ئوخشايدىغان لېكىن چىرايى ئاللىقاچان چىرىپ ئىسكىلىت بولغان بىرى ئىدى. ئۇنىڭ پۇت - قوللىرىمۇ تىتىلىپ كەتكەن كىيىملەر ئىچىدىن ئىسكىلىت ھالەتتە كۆرىنىپ تۇراتتى ، ئۇ ئەرۋاھ شۇ ئىسكىلىت قولىدا ساپاقلىرى ئۇزۇن، يۇغان بىر پالتىنى تۇتۇپ تۇراتتى.

- قانداق قىلىمىز ؟- دىدى سەمەت ئارانلا ئاۋازىنى چىقىرىپ مەن بەكلا قورقۇپ كىتىۋاتىمەن .

دىلبەر بۇنى كۆرۈپ ھوشىنى يوقاتقىلى تاسلا قالغان ئىدى. ئۇ تايىرنىڭ چاپىنىنى شۇنچىلىك چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىكى تايىرشارتلا قىلىپ قېچىپ كىتىدىغاندەك، ئالۋاستى تۇيۇقسىز ئات چاپتۇرۇپ كىلىدىغاندەك جىددىيلىشىۋاتاتتى .

- مېڭىپ باقايلى ، باشقا كەلگەننى كۆرىمىز،- دىدى تايىر شەمشىرىنى چىڭ سىقىملاپ .

تۇرغۇنلار ئۆي ئىچىدىكى بايلىقلارنىڭ يوقاپ كىتىشىگە ئەقلى يەتمىدى. چۈنكى بۇ خارابىلىكتە ئۇلاردىن باشقا ئادەم بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .

- بۇ ئۆي بايلىق بار ئۆي ئۆزى شۇ، لېكىن بايلىقلار قېنى؟ بىزدىن باشقا بۇ يەردە ئىنسان بولمىسا. ئەمىسە بۇ بايلىقلارنى ئىنسى جىن ئېلىپ كىتەمدۇ ،- دىدى تايىر ساندۇقلار قويۇلغان جايغا سەپسېلىپ قاراپ .

بۇ ئىشنىڭ سىرىگە ئىسكەندەرلەرمۇ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى .

- سەن ئىنسى جىن يوق دەپ قارىما ،- دىدى ئىسكەندەر ،- بەلكىم بۇنىڭدىمۇ بىر سىر بولىشى مۇمكىن. مەن بۇ يەردىمۇ تۇرۇشتىن قورقۇۋاتىمەن. ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقىپ تايىرلارنى ساقلايلى، قالغىنى، شۇلار كەلگەندە بىر گەپ بولار ،- دەپلا مېڭىشقا تەمشەلدى چىقىپ كىتىشكە ئالدىراپ.

گۈزەلنۇرمۇ بۇنداق جايدا ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىۋاتقىنىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولغاچقا بۇ پىكىرگە دەرھال قوشۇلدى . ئۇلار ئاۋال يېتىۋاتقان جايغا چىقىشتى، بىر ئاز سۇ ئىچىپ ئۇسۇزلۇقلىرىنى بېسىشتى، بۇ ئارىدا ئۆيدىكى يورۇقلۇقنىڭ غۇۋالىشىشىدىن ئەجەپلەنگەن گۈزەلنۇر دەرىزىنى ئېچىپ چۆچۈپلا كەتتى. تۇمان يەر يۈزىنى شۇنچىلىك قاپلىغان ئىدىكى، ئەتراپتا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بۇ مەنزىرە ئادەمنى خۇددى پۈتۈن خارابىلىق ئىس -تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالغاندەك ھېسىياتقا ئېلىپ كىلەتتى.

- قاراڭلار ، تىز كىلىپ قاراڭلار بۇ نىمە ئىش ؟- دىدى گۈزەلنۇر ئىككىسىنى چاقىرىپ.

ئىككىسى دەرىزە ئالدىغا كىلىپ تۇرۇپلا قېلىشتى .

- بۇنداق ھاۋا قۇرغاق جايدىمۇ تۇمان بولىدىكەن دىسە ، بۇ غەلىتىلىكمۇ قانداق ،- دىدى ئىسكەندەر ئىشەنگۈسى كەلمەي .

- بۇ يەرنى قاچانلاردا تۇمان بېسىپ كەتتى، ئەجەپ بىلمەپتىمىزغۇ ، تايىرلار يولنى تېپىپ بارالىغاندىمۇ ؟- دىدى تۇرغۇن ئەنسىرەپ ،- بۇ تۇماندا يول مېڭىش مۇمكىن ئەمەس جۇمۇ .

ئۇلار پاراڭلاشقاچ پەسكە قارىۋېدى بولكىۋاي ماشىنا ساراي ئالدىدا توختىدى، گۈزەلنۇر خوشاللىغىدا ۋاقىرۋەتتى.

- ئۇلار كەلدى، تىز پەسكە چۈشەيلى!

تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەرمۇ بۇلارنىڭ ساق - سالامەت، يولنى پەرىق ئىتىپ كەلگىنىدىن خوشال بولۇشتى. ئۇلار يۈك - تاقلىرىنىمۇ ئالماي ئىتتىك پەسكە چۈشۈپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قېلىشتى، چۈنكى بايىلا ئېنىق كۆرگەن ماشىنا ھېچ يەردە كۆرەنمەيتتى.

- ماشىنا قېن ، ئۇلار قېنى؟ ھازىرلا تېخى ئېنىق كۆرگەن تۇرسام ،- دىدى گۈزەلنۇر ئەتىراپنى ئىزدىگىنىچە.

تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەر بۇ ئىشتىن چۆچۈدى ، ھەقىقەتەن ماشىنىنىڭ كىلىپ توختىغىنىنى ئۇ ئىككىسىمۇ كۆرگىنى ئېنىق ئىدى .

- سارايغا قايتايلى ، بۇ ئىش باشقىچە تۇرىدۇ ،- دىدى تۇرغۇن ،- قولىمىزغا قوغدانغۇدەك نەرسە ئالايلى، ئاندىن تايىرلارنى ئىزدەپ باقايلى، بۇ ئەھۋال ماڭا بىرخەتەر باردەك بىلىنىۋاتىدۇ.

باشقىلارمۇ ئەنسىزچىلىككە چۈشتى ھەمدە تۇرغۇننىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلىپ سارايغا ئىتتىك كىرىپ كىتىشتى.

تايىر دىلبەرنىڭ قولىنى تۇتۇپلا بېشىنى يەردىن كۆتەرمەي ماڭدى. سەمەت ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ئۇلار ئاتلىق بۇ ئەرۋاھقا يىقىنلاشقانچە پۇتلىرى سىزىمىنى يوقاتقاندەك بىلىنشكە باشلىدى. ھەمىمسى ئىچىدە ئاددى سۈرىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى، پۇتىدىن تارتىپ پىشانىسىگە تەر چىپىلداپ چىقىشقا باشلىدى. « قارىمايچۇ ، قارىمايمەن ، نىمىلا بولسا بولسۇن قارىمايمەن »دەپ ئويلايتتى تايىر. دىلبەرنىڭ قورۇققىنىدىن كۆزىدە ياشلىرى لىغىرلاپ ھازىرلا يىغلاپ تاشلايدىغاندەك تۇراتتى ، نىمىشقىمۇ كەلگەندىمەن دەپ ئويلايتتى ئۇ .

تايىر ئاتلىق ئەرۋاھقا يېقىن قالغاندا ئۇ ئەرۋاھ تۇرغان يول بىلەن ئۆزلىرى مېڭىۋاتقان يولنىڭ تۇتاش ئىكەنلىگىنى بىلدى -دە يەنە مېڭىشتىن قورۇقتى. ئۇ ئەرۋاھقا قارىدى، ئەرۋاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارقىنىچە غادىيىپ تۇراتتى. ئاتنىڭ بوي - بەستى شۇنچىلىك يۇغان ، ئىگىز بولۇپ، ئادەمنى بىر چەيلەپلا پارە - پارە قىلۋەتكۈدەك ھالەتتە تۇراتتى. ئۇ كۈچەپ پۇرقۇرايتتى ،ئۇنىڭ بۇرنىدىن شامال ئەمەس قويۇق ئىس -تۈتەك چىقىپ تۇراتتى. كۆزلىرىدىن بولسا كۆيىۋاتقاندەك قىپ - قىزىل چوغدەك ئوت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تايىر قورقۇشتىن ئۆز كونتۇرۇللىغىنى يوقاتقاندەك بولدى، ئۇ قارىماسلىققا شۇنداق تىرىشىۋاتسىمۇ كۆزلىرى ئىختىيارسىز ئۈستىدىكى ئەرۋاھقا تىكىلدى. ئەرۋاھ ئاتنىڭ بوي - بەستىگە لايىق ھالدا شۇنداق يۇغان ئىدىكى، ئۇ ئات ئۈستىدە تۇرۇپمۇ قولىنى شۇنداق سوزسسا تايىرنىڭ بوينىنى تۇتالىغۇدەكلا كۆرىنەتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ ئاتنىڭكىدەك قىزىل ئوت بولۇپ، ئېغىز - بۇرنىدىن ئىس پۈركەيتتى، بېشىدا مۇڭغۇل دۇبۇلغىسى ئۇزۇن پۆپۈكى بىلەن ئۇنى تېخىمۇ يۇغان قىلىپ كۆرستەتتى. ئۇ ئاستا پالتىنى كۆتەردى ، ئەمدىلىكتە ئات كۈچكە كىرىپ شۇنداق قاتتىق پۇرقىرىدى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇرۇن ، ئېغىزىدىن ئىس ئەمەس ئوت چاچىرىدى.

تايىر ئاستا كەينىگە قارىدى، بۇ ئۇنىڭ ھەمىرالىرى بىلەن ۋىدالىشىشىمۇ ياكى مەسلىھەت سورىغىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل مەنىدە قارىدى، ئۇ دىلبەرنىڭ كۆزىنى يۇمغىنىچە ئۆزىگە چىڭ ئېسىلۋالغىنىنى، سەمەتنىڭ تىتىرگىنىچە ئەرۋاھقا قاراپ قېتىپ قالغىنىنى كۆردى. ئەرۋاھ ئاتنىڭ تىزگىنىنى بىر سىلكىدى، ئات چاپچىپ ئالدى ئىككى پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تىكلەنگىچە قاتتىق كىشنىدى. ئەرۋاھ پالتىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ چېپىشقا تەييارلاندى، بۇ چاغدا تايىر ئەمدى تۈگەشتۇق دەپ ئويلىدى. لېكىن ئەرۋاھ ئاتنى بۇراپلا تاراسلىتىپ چاپقىنىچە تۇمان ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

ئۇلار ئەمدى ئۈلىدىغان بولدۇق دەپ تۇرغاندا ئەرۋاھنىڭ كىتىشىدىن ئەجەپلىنىپ ئەمدىلا مېڭىشىغا گۈزەلنۇرنىڭ «دىلبەر!!!» دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاۋاز يېقىنلا جايدىن كىلىۋاتقان بولۇپ، تۇماندا گۈزەلنۇر كۆرۈنمەيتتى، دىلبەر ئاۋازنى ئاڭلاپلا جاۋاپ قايتۇردى. ھەقىقەتەن گۈزەلنۇر ئۇلارنى كۆرۈپ ئالدىغا خوشال كىلىۋاتاتتى .

- سىلەرنى ئەجەپمۇ تەستە تاپتىم ،- دىدى ئۇ ،- تۇمان قويۇق بولغاچقا ئىزدىمىگەن يىرىم قالمىدى .

- ھەئە شۇ تۇمان بەك قويۇق ئېزىپ يۈردۇق ،- دىدى دىلبەرمۇ گۈزەلنۇرنى كۆرگىنىدىن خوشال بولۇپ ،- ئەجەپ يالغۇز كەپسەنغۇ تۇرغۇنلار قېنى ؟

- ئۇلارمۇ سىلەرنى ئىزدەپ كەتكەن ، بىز بۆلۈنۈپ ئىزدىگەن ،- دىدى گۈزەلنۇر گەپ قىلغاچ بۇلارغا يېقىنلاپ.

دىلبەرنىڭ قورقۇنىچلىرى بىردىنلا بېسىلىپ گۈزەلنۇرنى بىر قۇچاقلىۋالغۇسى كەلدى، چۈنكى بايقى قورقۇنچلۇق ئىشتىن كىيىن ئۇ بىرسىنىڭ ئۆزىگە مەدەت، تەسەللىي بىرىشىگە مۇھتاج بولغانتى.

- ئۇف ،- دىدى گۈزەلنۇر ،- ھېلىمۇ تەلىيىم باركەن، بۇنداق تۇماندا بىرسىنى تاپماق ئوڭاي ئەمەس ھە؟

دىلبەر گۈزەلنۇرنى قۇچاقلاشقا ماڭغاندا تايىر ئۇنى تۇتىۋېلىپ چەبدەسلىك بىلەن شەمشەرنى گۈزەلنۇرغا توغۇرلىدى .

- توختا !، سەن زادى كىم ؟ بىر قەدەم ماڭساڭ شەمشەرنى تىقىۋېتىمەن .

دىلبەر ھاڭ - تاڭ قالدى ، سەمەتمۇ تايىرغا نىمە بولغىنىنى بىلەلمەيلا قالدى .

- ساراڭ بولدىڭىزمۇ تايىر ، ماڭا شەمشەر تەڭلەيسىزغۇ، مەن گۈزەلنۇر تونىمايۋاتامسىز؟

دىلبەر تايىرغا ئېسىلدى ، - كۆزىڭىز كورمۇ سىزنىڭ ، ئۇ گۈزەلنۇرغۇ ، تونىمايۋاتامسىز ؟

تايىر دىلبەرنى ئاستا كەينىگە تارتىۋېتىپ تېخىمۇ كەسكىنلىك بىلەن ۋاقىردى : - سەن زادى كىم ؟ مېنى ئالدايمەن دىمە، سەن ھەرگىزمۇ گۈزەلنۇر ئەمەس، بىز چېغىمىزدا ئېزىپ يول تاپالمايۋاتساق، گۈزەلنۇر مۇشۇ تۇماندا تېخى يالغۇز بىزنى شۇنداق ئاسان تاپالامدۇ ؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ دىلبەر بىلەن سەمەت سەگەكلەشكەندەك بولدى. گۈزەلنۇر كەلگەن يىرىدە ئولتۇرۇپ يىغلامسىراپ:

- شۇنچە جاپادا تاپتىم سىلەرنى ، نىمە قىلغىنىڭلار بۇ ، مېنىمۇ تونىمىساڭلار يە ،- دەپلا ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسىغا قاراپ دىلبەر بىلەن سەمەت چىدىيالمىدى ، دىلبەر:

- قارىڭە ، ئۇنى قورقىتىۋەتتىڭىز ، بولدى شەمشەرنى يىغشتۇرۇڭ ،- دىگىنىچە گۈزەلنۇرنى يۆلىگىلى ماڭدى ، تايىر دەرھال دىلبەرنى توسىۋېلىپ شەمشەرنى توغۇرلىغىنىچە گۈزەلنۇرغا قاراپ ئاستا ماڭدى، كۆڭلىدە «گۈزەلنۇر بولسا قاچمايدۇ ، مېنىڭچە ئۇ ئەمەس ، بۇ چوقۇم قاچىدۇ » دىگەنلەرنى ئويلاۋاتاتتى. …

تايىرغا نىمە بولغاندۇ ؟ بۇلار بۇ خارابىلىكتە يەنە قانداق ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزەر؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋامىدا بولسۇن .






1400 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:46:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-11 16:51:59 kulag ga
nim digan yahxi yizil gan kino kip ixlisa bog dak
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ