بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 6-قسىىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 6-قسىىم

ئاپتۇرى تۇرغۇن سايرامى


تاكسى ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ·مەن شوپور بىلەن بىرلىكتە ئۇ بالىنى ماشىندىن تەسلىكتە چۈشۈردۈم ئۇ بالا ئۈلۈكتەك ئۇخلاۋاتقان ئىدى شوپۇرنىڭ ھەققىنى بېرىۋېتىپ ئۇ بالىنى ئۆيۈمگە ئەكىرىپ كەتتىم ، ئۆيگە كىرىپ ئۇ بالىنى كارۋىتىمغا ياتقۇزۇپ ئايىقىنى سالدۇرۇپ يوتقان يېپىپ قويۇپ ئۆزۈم ئورۇندۇقتا باياتىن بولغان ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇردۇم ھېلىھەممۇ ئۇنىڭ ماڭا نازلىنىپ قىلغان تەبەسسۇمى كۆز ئالدىمدا تۇراتتى قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالدىمكىن قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا ئۇيقىغا كىتىپتىمەن ·بىر ۋاقىتتا بىرسى گەپ قىلغاندەك قىلدى كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئۇ بالا ھەيرانلىقتا ئۆيۈمگە نەزەر سېلىۋاتقان ئىكەن مەن ئورنۇمدىن تۇرماقچى بۇلۇپ مىدىرلىشىمغا بەدەنلىرىمدىن قاراسلىغان ئاۋاز چىقىپ كەتتى بېلىم قاتتىق ئاغىرۋاتقان ئىدى ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم · ئاخشام بەك مەس بۇلۇپ كىتىپتىكەنسىلەر ئۆيگە ئەكىلىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم خېلى ياخشى بوپ قالدىڭلىمۇ دەپ سورىشىمغا ئۇ بالا ماڭا《بۇ سىلىنىڭ ئۆيۈڭلىمۇ نەگە كەپ قالغاندىمەن دەپتىمەن تېخى ، كەچۈرۈڭلا سىلىنى ئاۋارە قىلىپ قۇيۇپتىمەن ، لىكىن شۇنچە ئويلاپ سىلىنى پەقەت ئېسىمگە ئالالمىدىم 》دەپ ماڭا قارىدى ·مەن بىردەم ئويلىنىپ ھە ئاخشام پەرى تېلفون قىپتىكەن بىرسى ئىشىك ئالدىمدا جىدەل قىلۋاتىدۇ دەپ بارسام سىلە ئىكەنسىلە شۇڭا سىلىنى يۆلەپ ئۆيۈمگە ئەكىلۋالغانتىم ئۆيۈڭلىنىڭ ئادىرسىنى سورسام مەسلىكتە بىر ئېغىزمۇ گەپنى ئوڭشاپ قىلالمىدىڭلا شۇڭلاشقا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ ، مەن پەرى بىلەن بىر يۇرتتىن دەپ توختاپ قالدىم·
مەن سىلىنىڭ گىپىڭلىنى ئاڭلىغان ئىسمىڭلا تۇرغۇنغۇ دەيمەن ؟
ھە ئە مەن شۇ ئۇ بالا مىنىڭ ئىسمىم ئابلىكىم قەشقەردىن مىنىڭ گىپىمنىمۇ ئاڭلىغانسىلە مەن پەرىنىڭ ھازىرقى لايىقى بۇلىمەن ئابلىكىم شۇنداق دەپ توختاپ قالدى ·
مەن ھە ئە ئاڭلىغان پەرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالغان ۋاقتىمدا ئۇ سىلىنى بەك ماختاپ كەتكەن ئىدى لىكىن ……گىپىمنىڭ ئاخىرنى دىيەلمەي توختاپ قالدىم·
ئابلىكىم-لىكىن مەن ئۇ دىگەندەك ئەمەسمىكەنمەن، شۇنداق مەن ئۆزگەردىم بىزنىڭ مۇھاببىتىمىز ۋەيران بۇلۇشقا ئازلا قالدى ئەمما سىلىگە ھەۋەس قىلىمەن بىر ئەسىرىڭلانى مەن ئۈلۈشكۈن ئوقۇغان ئىدىم ئۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى نىم بولغۇيتى …دەپ كاللىسنى سىلاپ ئويلىنۋاتقان ئىدى مەن ئەسەر ئىسمى بۈيۈك ئاشىق دىيشىمگە ئابلىكىم -ھە توغرا شۇ ئەسەرنى سىلە يازدىڭلىغۇ دەيمەن ئۇقۇپ مەنمۇ بەك تەسىرلىنىپ قالدىم ئورنۇڭلىدا مەن بولغان بولسام مۇھاببەت ئۈچۈن بۇنچە ۋاقىت سەرىپ قىلمىغان بۇلاتتىم سىلىگە بىر تەرەپتىن قايىل بولسام بىر تەرەپتىن سىلنى ئەخمەقمىكىن دەپ ئويلاپ قالغانتىم لىكىن يەنىلا سىلىگە قول قۇيىمەن تۈنۈگۈن پەرىنى ئىزدەپ بېرىشىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ ئىدى مەن ئويلىنىپ ۋەيران بۇلاي دىگەن بۇ مۇھاببەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سىلىنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزۈپ قۇياي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىمنى دىيىش ئۈچۈن بارغان ئىدىم ئازراق كەيىپ قىلىپ ئاندىن دەي دەپ ئويلاپتىمەن بۇنچە مەس بۇلۇپ كىتىشىمنى ئويلىماپتىمەن ·
مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن بىراق سىلىدەك ئۇنچە بەك ياخشى كۆرۈپ كىتەلمەسلىكىم مۇمكىن چۈنكى مەن بىر ئازغان يىگىت ئۇنىڭ سۆيۈشىگە ئەرزىمەيمەن مەن ئۇنىڭغا لايىق ئەمەس سىلىنىمۇ كۆردۈم ھەقىقەتەن ئۇ دىگەندىكىدەك ئىكەنسىلە دەپ ئۇڭ قۇلىنى ماڭا سۇندى قۇلۇمنى بېرىپ كۆرۈشتۈم ئابلىكىم يەنە سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن تۇيۇڭلار بولغاندا مىنى تويغا تەكلىپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ئۇنىڭغا مەن بېرىپ بۇلالمىغان مېھرنى سىلە ئاشۇرۇپ بېرىڭلار ئۇ بەكمۇ قەيسەر قىز ئۇ ئەمدى بەختىنى تاپىدىغان بولدى دەپ زورىغا كۈلۈپ قويدى·
مەن نىمە دىيشىمنى بىلمەي جىم تۇردۇم ئابلىكىم- بولدى ئەمدى مەن قايتىپ كەتتىم پەرىگە ئۇچۇر يېزىپ قۇيمەن ئەمدى ئۇ سىنىڭ بولدى بەخىتلىك بول دەپ ئىشىكتىن چىقماقچى بولدى ،
مەن ئۈنلۈك ئاۋازدا توختا-دەپ توۋلىشىمغا ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلدى مەن يۈگرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇش ئاتتىم ئۇ نەچچە قەدەم ئارقىغا سىلجىپ توختاپ ھەيرانلىقتا ماڭا قاراپ تۇراتتى مەن 《ئۇ نەرسە كېرەكمۇ ، خالىغانچە باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ، ياكى سىنىڭ سىڭلىڭمۇ، ياكى سىنىڭ ئايالىڭمۇ ، سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ ۋىجدانىڭ نەگە كەتتى ، ئەجىبا ئۇ سەن ئۈچۈن ھېچنىمگە لايىق ئەمەسمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى سەن ئۈچۈن ئويۇنچۇقمۇ ، سىنى ياخشى كۆرىدىكەن  قەلبىدە سەن ئۇنىڭ يۆلەنچۈكى ۋە شەپقەتچىسى ئىكەنسەن مۇشۇنداقلا ئۇنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرەمسەن ؟ مەن ئۇنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى لايىقى بۇ بىر قانچە يىل مەن ئۇنى ياد ئىتىشتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنىم قىلىپ بېرەلمىدىم مەن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ۋاقتىمدا مەن ئۇنىڭ يىنىدا يوق ھەتتا كۆڭلىدىنمۇ چىقىپ كەتتىم ئۇ ئەمدىلا ئۆزى ياختۇردىغان بىر ئادەمنى تاپقاندا يەنە ئازاپ چىكەمدۇ بۇ رىئاللىقنى ئۇ قانداقمۇ قۇبۇل قىلسۇن ، نىمىشقا ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىسەن مەن نىم بۇلاي بۇ بەرىبىر لىكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ مۇھاببەت يالغۇز بىر ئادەمنىڭلا ئەمەستىن ئىككى ئادەمنىڭ ھېسياتىغا ۋەكىللىك قىلغاندا مۇھاببەت شەكىللىندۇ مەن ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم بىلەن ئۇ سىنى ياخشى كۆرىدۇ مەن ياخشى كۆرىمەن دەپ چىڭ تۇرغىنىم بىلەن ئۇنىڭ مۇھاببىتى ماڭا مەنسۈپ بولمايدۇ مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئاللىقاچان چىقىپ بولغان مىنىڭ مۇھاببىتىمنى ئۇ قۇبۇل قىلمايدۇ ئۇنىڭغا ئازار بەرمەي قەددىڭنى رۇسلاپ بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ قەلبىدىكى ۋىجدانلىق يىگىت بۇلۇپ ئۇنى بەخىتلىك قىلغىن ئۆز مۇھاببىتىڭنى ئۆزۈڭ خار قىلما قەدىرلىگىن بەزىدە ئاسانلا ئېرىشكەن بەخىتنى كىيىن بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىپمۇ ئېرشەلمەيسەن كەچۈرگىن ساڭا قول تەككۈزۈپ قويدۇم ·》بۇ گەپنى قانداق قىلغىنىمنى قايسى كۈچنىڭ بۇنداق دىگۈزگىننى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم ئابلىكىم ماڭا قاراپ تۇراتتى ئىككىمىز بىردەم قارشىپ تۇرغاندىن كىيىن ئابلىكىم سىرتقا قاراپ ماڭدى مەن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قالدىم تاكى ئابلىكىمنىڭ قارىسى يۇقىغانغا قەدەر قاراپ تۇردۇم بىردەم تۇرۇپ ئۆزۈمنى سەزگىنىمدە يۈركۈمنىڭ قاتتىق ئاغىرقىنى ھېس قىلدىم ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كارۋاتقا كەپ ئولتۇرشۇمغا ئىشىكتىن بىرى كىرگەندەك قىلدى قارىسام پەرى ئىكەن ·
داۋامى بار……
     





293 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 12:28:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ