قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 10 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايۇن

ۋەھىمىلىك ھىكايە 10-قىسىم

metro

سىرتتا بۇران گۈكىرمەكتە ئىدى، بوراننىڭ كۈچىدە ساراينىڭ ئىشىك ، دەرىزىلىرى بىرى كىرگەندەك تاقىراق - تۇقۇرۇق ئاۋاز چىقارسا، قەيەرلىرىدۇ بىر يەرلىرىدىن غىچىڭشىغان ئەنسىز ئاۋاز كىلەتتى. گۈزەلنۇر ئەزەلدىنلا قورقۇنچاق ، نازۇك قىز بولغاچقا ھېلىغۇ بۇ قورقۇنۇچلۇق خارابىلىك ئەمەس، ئۈيىدە بولسىمۇ بۇنداق بورانلاردا يالغۇز قېلىشتىن بەك قورقاتتى. ئۇ يەر ئاستى ئۈيىگە قاراپ ئىسكەندەر ۋە باشقىلارنىڭ يولىغا تەلمۈرسە، قورۇققىنىدىن بۇ يۇغان ساراينىڭ ئەتراپىغا قورقۇنىچتىن تىز - تىز نەزەر سالاتتى. ئۇ خېلى بىر ھازا ساقلاپ باقتى لېكىن ھېچقايسىدىن سادا يوق ئىدى .

- ئىسكەندەر! - ئۇنى بارغانچە قورقۇنىچ باسقاچ يەر ئاستىغا قاراپ توۋلىدى ،- ئىسكەندەر بارمۇ سىز ؟

يەنىلا جىمجىت، ئۇ يەر ئاستىغا چۈشمەكچى بولۇپ قەدەم ئېلىپ بېقىپ ئىچىدىن قورقۇپ چىكىندى. جايىدا تۇرىۋېرەي دىسە بوراندا ئەتىراپ قاراڭغۇلىشىپ سارايمۇ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرگەن ئىدى. ئۇ تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى، خۇددى ئىشىك ھازىرلا تاقىراقشىپ ئېچىلىپ بېشى يوق ئىسكىلىتلار ئۇنىڭغا قولىنى سوزۇپ كىلىدىغاندەكلا بىلىندى. ئۇ ئىسكەندەرنى يەنە چاقىرماقچى بولدى ، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدى ، چاقىرىپلا قالسا ساراينىڭ قەيەرلىرىگىدۇ يوشۇرنىۋالغان قارا كۆلەڭگىلەر ، بەتبەشىرە جىنلار ، بەدىنىنىڭ يېرىمى كىسىلىپ قان ئېقىۋاتقان جەسەتلەر ئاڭلاپ، ئۆمۈلەپ چىقىدىغاندەك ، ھازىرلا ئۇنى ئارىغا ئېلىپ گۆشلىرىنى پارچىلاپ يەيدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى ، ئۇ قورۇققانچە ئۈستەل ئاستىدا يوشۇرنۇپ چوڭاراق دەم ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي تۈگۈلگىنىچە ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى.

تايىرلار ئۆزلىرى سولۇنۇپ قالغان بۇ كىچىك تاش ئۆينىڭ كۆتۈرلۈپ چىقىپ بىر يەردە توختىغانلىغىنى سەزدى ، بۇ چاغدا ئۆينىڭ بىر تەرپىدىكى تام ئۈستىگە كۆتۈرلۈپ كۆز ئالدىدا يۇغان بىر ئۆي نامايەن بولدى. ئۇلار ئۇ ئۆيگە قىزىقىپ ئاۋايلاپ كىرىشتى، ئۆينىڭ تۆت تەرپىدە يا بىرەر ئىشىك ، يا بىرەر دەرىزە ، يا سىرتتىن كىرگەن بىرەر يورۇقلۇق كۆرۈنمەيتتى، تام پۈتۈنلەي تاش تام بولۇپ تامدىكى قاتار مەشئەللەر ئۆينى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۆي ئىچىدە نۇرغۇن ياغاچ ساندۇقلار بولۇپ ، ئوتتۇرسىدا بىر ئۈستەل ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر تاشتىن ياسالغان كەڭلىگى بىر مىتىر ، ئۇزۇنلىغى بىر مىتىر كەلگۈدەك ساندۇق تۇراتتى.

ئۇلار ئاستا بېرىپ تاش ساندۇقنى كۆرۈپ ئېغىزىنى ئېچىپ باقماقچى بولدى. لېكىن ئۈستىگە قويۇلغان تاش بەك قېلىن ، ھەم ئېغىر بولغاچقا ئۇلار ھەر قانچە كۈچەپمۇ ئاچالمىدى. ئۇلار بېرىپ ياغاچ ساندۇقلارنى ئېچىپ ھاڭ - تاڭ قالدى. چۈنكى ساندۇقتا رەت - رەت تىزىلغان يامبولار كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. خۇشاللىقتا ئاغزى قۇلۇقىغا يەتكەن بۇ تەۋەككۈلچىلەر باشقا ساندۇقلارنىمۇ ئېچىپ بېقىشتى. ساندۇقلارنىڭ ھەممىسىدە چوكا ئالتۇن ، يامبۇلار لىپ - لىق قاچىلانغان ھالەتتە نۇر چاقنىتىپ تۇراتتى.

- نىمانداق كۆپ بايلىق بۇ ،-دىدى كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن تۇرغۇن ھاياجاندا ،- بىز مىلىياردىر بولۇپ كەتتۇق!

ئۇلار ئەس ھوشىنى يوقۇتۇشۇپ ئالتۇن ، يامبولارنى سىلاپ بىردەم تۇرۇشتى، كۆڭلىدە بۇ بايلىقلارنى قانداق خەجلەشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈرۈشتى.

شۇ چاغدا تامدىن بىرى غارىلداپ كۆتۈرلۈپ ئىسكەندەر پەيدا بولدى ، ھەممىسى ھەيران قالدى .

- سىز بۇيەردە نىمە قىلسىز ، گۈزەلنۇر قېنى؟- دىلبەر ئالدىراپ - تىنەپ سورىدى.

ئىسكەندەر ھۇدۇقۇپ چۈشەندۈردى : - سىلەردىن خەۋەر يوق ئەنسىرەپ، ئۇنى ئىشىككە قارىتىپ قويۇپ پەسكە چۈشكەنتىم بىراق سولۇنۇپ قېلىپ موشۇ يەرگە كىلىپ قالدىم .

تايىر خاپا بولۇپ ۋاقىردى :

- سېنىڭ نىمە قىلغىنىڭ بۇ ، بىر قىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ، كەينىمىزدىن ئىزدىمىسەڭمۇ ، ساقلاپ تۇرساڭ بولماسمىدى ، سەن … سەن بۇ يەرنىڭ قانچىلىك خەتەرلىكلىگىنى بىلمەمسەن ؟ ئ

ىسكەندەر گۇناھكاردەك ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمىدى ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلغانلىغىنى ھېس قىلغانتى.

- ئۇ بەك نازۇك ئىدى ، ئۇ يالغۇز … ئۇ قورقۇپ كىتىدۇ … تىز ئۇنىڭ يېنىغا قايتايلى ! - بۇ يەردىن قانداق چىقىمىز ؟ -دىدى سەمەت.

- شۇ نىڭ ئامالىنى قىلىپ تىز بۇ يەردىن چىقىدىغان ئىشىكنى ئىزدەيلى ،-دىدى تايىر ئالدىراپ.

گۈزەلنۇر ئۈن - تىنسىز يىغلاپ ئولتۇرغىنىچە باشقىلارنى خېلى ئۇزۇن ساقلاپ باقتى يەنىلا ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئۇ قورقۇنىچ بىلەن ئەتىراپقا قاراشقا باشلىدى ، « گۈلدۇر» قىلغان ئاۋاز بىلەن ساراينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كەتتى، گۈزەلنۇرنىڭ يۈرۈگى جىغغىدە قىلىپ قالدى ھەم ئۈزىمۇ تۇيالماي «ئاپا !» دەپ ۋاقىرۋەتتى. سىرتتا بۇران گۈكۈرمەكتە ئىدى، ئۇ تىتىرەپ تۇرۇپ ئىشىكتىن سىرتقا ئىنچىكىلەپ قارىدى. بۇراننىڭ كۈچىدە سىرتتىكى ئىسكىلىت باشلىرى دۇمىلاپ يۈرەتتى ، تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىغا بىر قارا كۆلەڭگە كەلدى. ئۇنى كۆرگەن قىزنىڭ ئۆپكىسى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى، قارا كۆلەڭگە ئىشىكتىن كىرمەي ئۇياققا - بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. قىز جىددىيلىشىپ كۆلەڭگىدىن كۆزىنى ئۆزمىدى ، كۆلەڭگە ئاستا سۈرۈلۈپ كىلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختىدى -دە ئاستا - ئاستا ئېنىق كۆرۈنىشكە باشلىدى. قىز ئەمدى ئۇنى ئېنىق كۆردى، ئۇنىڭ كۆرگىنى ئىگىزلىگى ئىككى مىتىر كەلگۈدەك ، قاپ - قارا رەخ بىلەن ئورالغان ، بېشىدا قىپ - قىزىل ئۇزۇن چاچلار يۈزىنى ئىتىپ تۇرغان ، كۆزلىرى قىپ - قىزىل ، يۈزىدە گۆشلىرى چىرىپ تىتىلىپ كەتكەن ،ئېغىزىدا كەلپۈكلىرىمۇ يوق بىر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن گۈزەلنۇر قورقۇپ ۋاقىرۋەتكىلى قىل قالدى. ئۇ ئېغىزىنى چىڭ ئەتكىنىچە ئۆزىنى بېسىپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز ھېلقى گەۋدىنىڭ يېنىدا بىر ئىت پەيدا بولدى ، گۈزەلنۇر ئىنچىكىلەپ قاراپ ئۇنىڭ راسىتنلا ئىت ئىكەنلىگىنى پەرىق ئىتەلمىدى. ئۇ ئىت بوي بەستى ئېيىقتەكلا بولۇپ بولۇپ كۆزلىرى يوقتەكلا قىلاتتى، ئېغىزىدىن تامغان شۆلگەي بولماستىن بەلكى قىپ - قىزىل قان ئىدى. ئۇ شۇنداق خىرقىرايتتىكىن بىرەر نەرسىنى كۆرسە يالماپ ، چايناپ پارە - پارە قىلۋاتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۆي ئىچىگە ئېتىنلىدىغاندەك تۇراتتى. گۈزەلنۇر بۇ جايغا كەلگىنىگە مىڭ بىر پۇشايمان قىلىپ ئۆزىنى تۈگەشتىم دەپ ئويلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ساراي ئىچى بىردىنلا غەلتە بىر خىل سېرىق رەڭدە يورۇشقا باشلىدى. ساراينىڭ دەرىزىلىرى ئۆزلىكسىز ئېچىلىشقا باشلىدى. دۇمىلاپ يۈرگەن باشلار تۇيۇقسىزلا مۈشۈكلەرگە ئۆزگۈرۈپ شۇنداق مۇلايىم ئاۋازدا مىياڭلاشقىنىچە ساراي ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەر - بۇ يەرلەرنى تىمسقىلاشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ قارا گەۋدە ئىشىكتىن ساراي ئىچىگە پۇت سالدى - دە توختاپ قالدى ، يوغان بىر مۈشۈك گۈزەلنۇر مۈكۈۋالغان ئۈستەلگە لىككىدە سەكرەپ چىقىتى. بۇ چاغدا گۈزەلنۇر ھوشىنى يوقۇتۇشقا ئاز قالدى. مۈشۈك ئۆستەل ئۈستىدە ئولتۇرۇپ شۇنداق چىقىراق ئاۋازدا مىياڭلاشقا باشلىدى.

تايىرلار ئۆي ئىچىدىن ئىشىك ئىزدەپ ھېچبىر جايدىن ئىزىنىمۇ تاپالماي تىت- تىت بولۇشتى. بۇ چاغدا تايىرنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى - دە:

- ئەگەردە بۇ تاملاردىن بىرى ئۆينىڭ ئىشىكى بولسا چوقۇم تاش ئارسىدا يۇچۇق بولىدۇ دىگەن گەپ ، ھەرقانداق پۇختا تام يوچىقىدىنمۇ شامال ئۆتىشىدۇ ، شۇڭا مەشئەلنى تامغا يېقىن ئېلىپ كەلسەك يوچۇق تەرەپتىكى ھاۋا ئوتنى سۆمۈرىدۇ ، موشۇ ئامالنى قىلىپ باقايلى، - دەپ چۈشەندۈرگەچ تامدىكى مەشئەلدىن بىرنى ئالدى ، مەشئەل شۇنداق ئېلىنىشىغا ئۈستەل ئۈستىدىكى تاش ساندۇقنىڭ ئېغىزى غارقىراپ ئېچىلدى. بۇنىڭدىن ھەممىسى چۆچۈپ كىتىشتى .

- ھە بىلدىم ،-دىدى تايىر خوشاللىغىدا ،- بۇ جايدىكى مىخانىكىلىك قۇرۇلمىلارنىڭ ئاچقۇچى مەشئەللەرنى ئورۇنلاشتۇرغان تامدىكى مەشئەل ساپىقىنى تىقىپ قويغان كاماركەن. ئۇلار تاش ساندۇققا بەك قىزىققاچقا ، ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشىدىن خۇش بولۇپ ئىتىك بارغىنىچە ئىچىگە قاراشتى. ئۇلار كۆڭلىدە چوقۇم بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە بايلىق بار دەپ ئويلاشقانتى. لېكىن ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ساندۇق ئىچىدە بىر نەچچە مىللەتنىڭ يېزىقىدا يېزىلغان بىر پارچە تىرە چىرايلىق قاتلاپ قويۇلغان. ئۇنىڭ يېنىدا ئەجدەرھا ، سۇمۇرۇغ ، ئىسكىلىت شەكىلىدە ياسالغان ئۈچ دانە كىچىكەرەك ئالتۇن بويۇملار تۇراتتى .

گۈزەلنۇرنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ، ئۇنچە پۇختا ساقلانغان تېرىگە نىمە خاتىرلەنگەندۇ ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1165 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:36:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ