ھارام ئارلاشقان نىكاھ (ھىكايە)

                                                         ھارام ئارلاشقان نىكاھ


   (ھىكايە)


    خانتۆرەم


       جىگدەئېرىقتا قىزلىرىنى « تۇماق بىلەن ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك» بولار - بولمايلا ياتلىق قىلىۋېتىش ئۇدۇمغا ئايلانغان ئادەت بولسىمۇ، لېكىن گۈلسۈم سۇندۇكنىڭ يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى.ئىككى يىل ئىشلەپ بېرىش بەدىلىگە قىزىنى بېرىش شەرتى بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ھېلەك تازنىڭ گۈلسۈمنى كۆرگەندە بۆلەكچە ئىشچانلىشىپ،شوخلىشىپ كېتىشلىرى،دورداي كالپۇكلىرىنى يالىغىنىچەگۈلسۈمگە يەرنىڭ تېگىدىن مىختەك قادىلىشلىرى،  گۈلسۈمنىڭمۇ ھېلەك تازنىڭ ئالدىدا بۆلەكچە نازلىنىپ نايناقلاشلىرى،ھەتتا قوشنا - قولۇملارنىڭ ھېلەك تاز بىلەن گۈلسۈم توغرىسىدىكى ئاشكارە ياپتا گەپلىرىمۇ دادىسى سەمەت قۇشقاچنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتى.

     تۆت يىلدىن بېرى سەمەت قۇشقاچنىڭ ئۆيىدە ئات- ئېشەك ئورنىدا ھاردۇقىنى ھارام، كۈچىنى ھالال قىلىپ كېلىۋاتقان ھېلەك تازنىڭ چۈشى بىلەن ئوڭى ئوخشاشلا سەمەت قۇشقاچنىڭ بىر ئېغىز ماقۇللىقىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەخلۇق ھېچبىر ئېغىز ئاچاي دىمەيتى.ئانىسى دىگەن  دەللىمۇ ئۇنىڭغا چىراي ئاچمىغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. ئەمما ھېلەكنىڭ سەبىر قاچىسى تولۇپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەمەت قۇشقاچ قزىنىڭ تويى خۇسۇسىدا گەپ ئېچىپ قالدى.

   _ بالام_ دىدى سەمەت قۇشقاچ ھېلەك تازغا مەككارلارچە ھىجىيىپ،_ ئەسلىدەةگۈلسۈم قىزنى ساڭا بېرىپ،داداڭ رەھمىتىنىڭ روھىنى بىر خۇش قىلاي دىگەن ئىدىم ، بىراق سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بار ، زىياۋۇدۇنداموللا ھاجىم تولا ئەلچى كىرگۈزۈپ مېڭەمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. سەنمۇ بىلمەيسەن ئەمەس،ئۇلار دىگەن يۈز- ئابرويلۇق خەق. شۇڭا..

   _ بولدى..بولدى... نىمە قىلغۇلىرى كەلسە شۇنى قىلسىلا،_دىدى ھېلەك تاز سەمەت قۇشقاچنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، مەن سىلىدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى، ئارتۇق خاۋاتىرلەنمىسىلە، بېشىمنى مۇشۇنچىلىك سىيلىغانلىرىمۇ يېتەر ئەمدى...

    ئۇشۇنداق دىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسىلىپ يۇمۇلايلا دەپ قالغان كۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە ئىشەنچكە تولغان مىكىرئىپادىلىرى يوشۇرۇنغاندەكلا قىلاتتى. سەمەت قۇشقاچ ھېلەكنىڭ مۇنداق كەسكىنلىكىنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغاچقىمىكىن ، بىر تۇرۇپ خاۋاتىرلەنسە، يەنە بىر تۇرۇپ يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەكمۇ بولدى. داۋامى بار ...... 





1551 قېتىم كۆرۈلدى hantoram ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-13 19:04:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-15 0:07:08 بۇركۇت
دەۋامنى يوللامسىلەيا 😲😴
2016-8-19 15:32:42 ئاسىيە
ئاخرى قېنى
2016-8-18 17:15:47 مەدىنە
ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تەققەزالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن قاچان چىقار
2016-7-28 0:19:38 رەيھان
ئەسەرلەرنىڭ داۋامى يوق بەكلا ئىچىم پۇشتى
2016-7-27 0:44:09 مەن
داۋامىنى يوللىساڭلا ساقلاڭلا ما تىمىنى بولمىسا يۇيۋىتىڭلا جىما
2016-7-15 9:59:17 hamidnig。
ahiri。yokkan
2016-7-8 0:25:04 تۇرسۇن ئ‍ابلا
ئاخىرى قېنى
2016-7-6 1:29:24 قەلبى
قاچانلا بولسا ئاخىرى يوق
2016-6-23 2:00:07 ئادىلجان
ئاخىرىچۇ
2016-5-28 1:01:54 Angul
Ahrikeni nimda tapalmayman
2016-5-17 22:02:07 تۇنساگۈل
بۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئوقۇپ ھۇزۇرلاندۇق.بولسا داۋامىنى تېزراق يوللىساڭلا دىگەن ئۈمۈتتىمەن……
2016-5-15 10:45:26 سۇلتان
داۋامىنى قاچان ئ‍ەۋەتىسىلەر
2016-4-8 13:53:38 كىتاب
داۋامىنى قاچان ئ‍ەۋەتىسىلەر
2016-4-8 13:53:37 كىتاب
داۋامىنى قاچان ئ‍ەۋەتىسىلەر
2016-4-8 13:53:35 كىتاب
داۋامىنى قاچان ئ‍ەۋەتىسىلەر
2016-4-8 13:53:33 كىتاب
داۋامىنى قاچان ئ‍ەۋەتىسىلەر
2016-3-24 1:46:18 كىتاب
داۋامى قېنى
2016-3-24 1:44:36 كىتاب
داۋامى قېنى
2016-3-21 13:14:15 Zerler
Nimanqa. Uzun yazhan hikaya bu adam zang lik kilgandak
2016-3-15 15:34:38 adila
ahiri kini
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ