ئەرۋاھ قەبرىستانلىقى (ۋەھىمىلىك ئەسەر) 1 - بۆلۈم 2 - قىسىم

ئەرۋاھ قەبرىستانلىقى
ئاپتورى: ئابدۇرەقىپ ئەلى خوجا
بىرىنچى بۆلۈم ئىككىنچى قىسىم


كىتابنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ئاچتىم.كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا، ئادەم ئىسكىلىتنىڭ قىزىل يەنى قان رەڭگىدە سىزىلغان رەسىم بار بولۇپ ئادەمگە ئادەمنىڭ تېنى شۈركەندۈرەتتى.كېيىنكى بېتىدە بولسا قايسى مىللەتنىڭ يېزىقى ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان غەلىتىلا. يېزىقتا يېزىلغان خەتلەر تۇراتتى.كىتابنى يەنە ۋاراقلىدىم.باشقا بەتلەردىمۇ مۇشۇ، يېزىققا ئوخشاش يېزىلغان ھەرخىل خەتلەر تۇراتتى.يەنە ۋاراقلىدىم.كېيىنكى بېتىدە بولسا مۇنۇلار يېزىلغانىدى: ئۇلۇغ ياراتقۇچى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن تىلىكىمنى ئىجابەت قىلىپ بۇ ئەرۋاھلارنى مەڭگۈ يەر يىگىدە قىلغايسەن. بۇ كىتاپ قولىغا چۈش ىكەن ھەر قانداق بىر ئادەم، ئاگاھ بولۇڭ. بۇ كىتاب ئەرۋاھلارنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىدىكى يولىدۇر.كىتابتىكى ھەربىر يېزىق ھەربىر رەسىم جىن ئەرۋاھلارنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىگە بولۇشىغا يول باشلايدۇ.بۇ كىتابتا ئەرۋاھلارنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ۋە ھالاك قىلىش ئۇسۇللىرى يېزىلغان.سىز قولىڭىزغا بۇ كىتابنى ئالغاندىن باشلاپ مۈشكۈل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىسىز.بۇ كىتابنىڭ ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ قولىغا چۈشمەي مەڭگۈلۈك يوقاپ كېتىشىنى تىلەيمەن.بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن بىر زۇلمەتنىڭ ئىشىكدۇر.ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن كەلگەن ۋاقىتتا.دادامنىڭ قاتتىق توۋلىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم.دادام ئاپاملار ئۆيگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ مېنى ھويلىدا چاقىرىۋاتاتتى.كىتابنى دەرھال جايىغا سېلىۋېتىپ يۈگرەپ ھويلىغا چىقتىم.
     





672 قېتىم كۆرۈلدى Brandy ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 4:37:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-15 23:09:33 ھىدايەت
ئەرۋاھ قەبرىستانلىقى ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .داۋامىنى تاپالمىدىمغۇ؟
2017-4-9 8:21:41 گۈلجامال
ئاخرىنىمۇ ئوقۇپ باقدام دەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ