ئۆلگەن ئۈمىد

         ئۆلگەن ئۈمىد

       ئويغانغىنىمدا بىلسەم بەزى ئشلار پەقەتلا مىنىڭ چۈشۈم ئىكەن قىزىقارلىق يىرى شۇكى ئۇنىڭ پەقەتلا چۈشۈم ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغىننى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا شۇ چۈشنى كۆرۈپ يۈرۈپتىمەن.  

            تىلفۇنۇمنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مىنى خىيال قوينىدىن ئويغاتتى ،تىلفۇندىن شۇنچىلىك تونۇش شۇنچىلىك يىقىملىق بىر ئاۋاز ياڭراۋاتاتتى،سىز ،سىز كىم بولسىز-، دىيەلىدىم ئارانلا .  مەن ئارۇپ ئاكىڭىز تىچلىقمۇ ساقام ،بىز ئالاقىلاشمىغىلى 5يىل بوپتۇ سىزنى شۇنداق سىغىندىم ،بىز كۆرۈشەيلى بولامدۇ ؟قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ،بولىدۇ خۇددى ئۇنىڭ بۇگەپنى قايتۇرۋىلىشىدىن قورققاندەك ،تىزلا جاۋاپ بەردىم شۇنداق ئەنسرشىم ھەققۇ!سىزنى بىر قىتىم پەقەت بىر قىتىم كۆرۈش ئىستىكى قەلبىمنى چىرمىۋالغىلى توپتۇغرا بەش يىل بولدى ،يۈرۈكۈم بەش يىلدىن بىرى بىر سىز ئۈچۈنلا سوقتى ،ھەر خىيالىمدا سىزنىڭ سىمايىڭىز ،بىزنىڭ ھىكايىمىز،كاللامدا پەقەت سىزنىڭ سايىڭىز ئەگىپلا يۈرەتتى ئاخىر،ئاخىرى سىزنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم ئارۇپ ئاكا،مانا تاتلىق خىياللار قەسرىدە ئۆز -ئۆزۈمگە پىچىرلاپ يۈرۈپ ئىككىمىز ئۇچۇرششقا كىلشكەن مەنزىلگىمۇ يىتىپ كەپتىمەن ،كۆزلىرىم كشلەر توپىدىن سىزنى ئىزدەۋاتاتتى ،يولنىڭ قارىشى تەرىپىدە ئاق كۆينەك كىيگەن ئىگىز بىر گەۋدە ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى ،ئىختىيارسىز سىزگە قاراپ ئۇچقاندەك چاپتىم ،خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان چىرايلىق بىرقىز سىزگە ئسلغانچە نىملەرنىدۇ پىچىرلاۋاتاتتى ،قەدەملىرىم قانداق تىز چاپقان بولسا يەنە شۇنداق تىز توختىدى ،كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىققا ئشىنەلمەي ئۆزۈمنىڭ يولنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا تۇرغىنىمنىمۇ ئۇنتۇپ جايىمدا قاققان قوزۇقتەك قىتىپلا قاپتىمەن ،بىرچاغ كىمدۇر بىرلىرىنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ،بىر نەرسنىڭ بەدىنىمگە قاتتىق تەگكىنى ،قۇتقۇزۇش ماشنىشىنڭ ئەنسز چىقىرشى ئاڭلاندى ،قايسى بىچارە يارلانغاندۇ،كشلەر نىمشقا يارلانغان ئادەمنى قۇتقۇزماي مىنىڭ ئەتراپىمدا ئەگىپ يۈردىغاندۇ،پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ كىتىپ بارىدۇ ،پۇتۇم نىمشقا ھەركەتلەنمەيدىغاندۇ؟ماڭا نىم بولدى
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589


     





200 قېتىم كۆرۈلدى zz ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 11:40:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ