شېئىرنىڭ كېلىپ چىقىشى

شېئىرنىڭ كېلىپ چىقىشى


شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ تۇنجى ۋە    ئەڭ تۈپكى ژانىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتى بولغان شېئىر ئەمگەك جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، بىزگەمەلۇمكى، باشلانغۇچ كوممۇنىزم جەمىئيىتىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلغاندا، ئەمگەك ھەرىكىتىگە ماسلىشىش ۋە ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن بىر خىل تەرتىپلىك ئاۋاز چىقىراتتى، كېيىن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر    قابىلىيتى راۋاجلىنىپ تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇنداق ئەمگەك سادالىرىغا مەنىلىك سۆزلەر قوشۇلۇپ ئەمگەك قوشاقلىرى پەيدا بولدى، مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ،كېيىن مۇشۇ ئاساستا تۈرلۈك ئەدەبىيات شەكىللىرى مەيدانغا كەلدى، لۇشۇن بۇ ھەقتەمۇنداق دەيدۇ:«......بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ھېسابلانغان ئىپتىدائىي ئادەملەرئەسلىدە سۆز قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى، ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن ئۆز پىكىرىنىئىپادىلەش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، شۇڭا ئۇلار تەدرىجىي ھالدا مۇرەككەپ ئاۋازلارنىمەشىق قىلىپ چىقتى، ئۇلار ئۆملىشىپ يوغان ياغاچلارنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ياغاچنىڭئېغىرلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ھارغانلىقىنى ئۇقتۇرالمايتتى، ئارىسىدىن بېرى «ھە- ھۇ...ھە...ھۇ» دەپ ۋارقىرايتتى، مانا بۇ ئىجادىيەت بولۇپ، كۆپچىلىكىنىڭئۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋارقىرىغانلىقى نەشر قىلىنغانلىق ئىدى. ئەگەر بۇ قانداقتۇر بىرەربەلگە بىلەن خاتىرلىۋېىلىنغان بولسا ئىدى، شۇنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات بولغانبولاتتى..... »④ لۇشۇننىڭ بۇ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتشەكلى ئەمگەك قوشاقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تۈنجى شېئىرلارتوپلىمى ھېسابلانغان «نەزمىنامە»دە ئەمگەك قوشاقلىرى ئالاھىدە زور سالماقنىئىگەللەيدۇ. كېيىن ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ناخشا - شېئىرلاردىن نەسىرى ئەسەرلەر بۆلۈنۈپچىقتى.  داستان لاردىنھېكايە ، رىۋايەت ۋە  رومان لار بارلىققاكەلدى، ئېيتىشىش ۋە لەپەرلەردىن سەھنە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى، شېئىرنىئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈنجى ۋە ئەڭ تۈپكى شەكلى دەپ ئېيتىشىمىزنىڭسەۋەبى دەل شۇنىڭدىندۇر.

شېئىر دەسلەپ پەيدابولغاندا مۇزىكا، ئۇسسۇل بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا زىچ باغلانغانئىدى، ئىنسانىيەت جەمىئيتىدە تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل ئەمگەكپائالىيەتلىرىنىڭ رىتىمىغا ماس بولغان رىتىملىق سۆزلەر بارلىققا كەلدى،

«كۈي»_ رىتىملىق سۆزلەرنىڭ ئاھاڭىبولۇپ، قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ ئىككىسى بىر نەرسە ئىدى، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرقابىلىيتى ۋە ئىستېتىك تۇيغۇسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجى ھالدامۇشۇنداق رىتىملىق ئاۋازلار بەلگىلىك مەنىگە ئىگە سۆزلەر بىلەن تولۇقلىنىپ شېئىربولۇپ    شەكىللەندى.

يەنە بىر نۇقتىدىنئالغاندا، شېئىرنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇسەنئەتتىكى مەلۇم بىر ئامىلنىلا ئۆز ئچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممەئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ ئامىللاردىن بىرلا ۋاقىتتا    پايدىلىنالايدۇ، مەشھۇر  تەنقىد چىبىلىنىسىيكىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «پوئزىيە، يەنى شېئىرىيەت سەنئەتنىڭ يۇقىرىخىلىدۇر، سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيتىدە ۋاسىتە بولغانماتېرىيال بىلەن ئازدۇر ــ كۆپتۇر چەكلەنگەن بولىدۇ...»①

شېئىرىيەت ئەركىنئىنسان سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ، سۆز بولسا ھەم تاۋۇش ۋە كۆرۈنۈش، ھەم ئېنىق ۋە روشەنئېيتلغان تەسەۋۋۇردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرىيەت باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەممەئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىمرەۋىشتە بېرىلگەن ھەممە ۋاسىتىلاردىن بىردىنلا ۋە تولۇق پايدىلىنىدۇ، شېئىرىيەتسەنئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ، ھەممە شېئىرىيەتتۈرلىرىنى ھەممە تەرەپلىرىنى يىغىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئايرىمىلىقلىرىنى ئوچۇق ۋە روشەنئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... دېمەك، شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈپكى ۋە ئەڭيۇقىرى بىر تۈرىدۇر.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا    شېئىرنىڭ كېلىپچىقىشى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرى قەدىمكىزامانلاردىن تارتىپ ھازىرقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمگەك قوشاقلىرىبولۇپ، بۇ    خىل قوشاقلار ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مۇھىمئورۇن تۇتىدۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزدىن- ئېغىزغا چۈشۈرمەي ئېيتىپ كېلىۋاتقان خامانناخشىسى، ئوما ناخشىسى، خاڭ قوشاقلىرى ۋە باشقىلار. بۈيۈك ئالىمىمىز، ئەدىب مەھمۇدكاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىن بۇنىڭنەمۇنىلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭتۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇن قوليازما، كىتابلاردىن شېئىرىيەتنىڭخەلق ئىچىدىكى ئىجادىيەت ئۇلىنىڭ نەقەدەر پۇختا ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنىبايقىيالايمىز. بۇ ھال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغائوخشاشلا ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا- ئىپتىدائىي جەمئىيەت تۈزۈمى شارائىتىدا مەيدانغاكەلگەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ.






229 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:33:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ