گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 7- قىسىم

گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 7- قىسىم


   ئەركىن بىلەن تاھىر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىىقتى ، ئۇلار مەكتەپتىن ئانچە يىراقتا بولمىغان بىر تار كوچىغا كىردى. ئۇلار تار كوچىدا ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا بىرئۆينىڭ ئالدىدا توختىدى.ئەركىن دەرۋازىنى قېقىشقا تەمشەلگەندە تاھىر ئۇنىڭدىن سورىدى.«ئاداش بۇ قەيەر؟ مېنى نېمىشقا بۇ يەرگە ئەكەلدىڭ؟ خالنۇر مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈۋاتامدۇ؟»دېدى، ئەركىن دەرۋازىنى قېقىشتىن توختاپ قالدى.ۋە تاھىرغا مۇنداق دېدى.« بۇ يەردە خالنۇر يوق.خالنۇر ئەزەلدىن مەكتەپ سىرتىغا چىقمايدۇ.سېنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىشكە مەن مەجبۇر بولۇپ قالدىم. ئىچىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتىينەزەر مېنى كەچۈرۈۋەتكىن مېنىڭ ئەسلى ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى. بىراق مەندىمۇ ئامال يوق.» دېدى دە دەرۋازىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. تاھىر ئەركىنگە :«بۇ سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ؟ گەپنى ئوچۇق قىل بۇ زادى قەيەر؟ سەن نېمىگە مەجبۇر بولۇپ قالدىڭ؟ يولدا كەلگۈچە ماڭانېىشقا دېمەيسەن؟»دەپ ۋارقىرىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇرۇق ئېگىز كەلگەن بىرسى دەرۋازنى ئاچتى .پەرھات سەت ھىجايغىنىچە، سۆزلەشكە باشلىدى.« بىز سىلەرنى ساقلاۋاتقىلى نە ۋاق؟ ئەمدى كەپسىلەرغۇ؟»دېدى. تاھىر ھەممىنى چۈشەندى.تاھىر گەپ سۆز قىلمايلا كەتمەكچى بولغاندا پەرھاتنىڭ قول چوماقچىلىرى ئۇنى سۆرەپ ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئەركىن بىر چەتتە قاراپ تۇراتتى.پەرھاتنىڭ قولچۇماقچىلىرى، تاھىرنى مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى ، پەرھات، ئاستا تاھىرنىڭ  ئالدىغا كەلدى. ۋە ئۇنىڭغا:« سېنى بۇ يەرگە نېمىشقا ئەكەلگەننى  بىلەمسەن؟ مەن بۇ يەرگە سېنى ئۆچۈمنى ئالغىلى ئەپكەلدىم.سەن نېمەڭگە كۆرەڭلەيسەن ؟ سەن كىمتىڭ؟ مېنى كۆزگە ئىلماي مەكتەپتە تەنبىھ بېرىپ كەتكەنلىرىڭنى نېمە دەيمىز؟ سەن مېنىڭ داداممىتىڭ؟ مەن بۈگۈن ساڭا خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالسا قانداق بولىدىغانلىقىدىن بىر ساۋاق بېرىپ قوياي.» دېدى دە مۇشتىنى تۈگۈپ تاھىرنىڭ يۈزىگەبىر مۇش سالدى. تاھىرنىڭ بۇرنىدىن قان ئاقتى. پەرھات ئۇنى يەنە بىر مۇشت سالغىلى تەمشەلگەندە ئەركىن پەرھاتنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالدى. پەرھاتنىڭ قول چوماقچىلىرى ئەركىننى يەنە بىرئۆيگە سۆرەپ ئەكىرىپ كەتتى. پەرھات تاھىرنى توختىماي ئۇراتتى. بۇ مەنزىرىنى ئەركىن كۆرۈپ تۇردى. ئۆزىنى كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدەك ، تاھىرغا مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسسىياتتا بولاتتى. تاھىرنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، بۇرنىدىن چىپىلداپ قان ئېقىۋاتقان ئىدى. تاھىرنىڭ پۇت قوللىرى بوشىشىپ كەتتى. پەرھاتمۇ ھاسىراپ قالغان ئىدى. پەرھات ئۇرۇشتىن توختىدى . پەرھات تاھىرنى  قويۇۋېتىشنى بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار تاھىرنى قويىۋەتكەندە تاھىر يەرگە يىقىلىپ چۈشتى . پەرھات ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتقىنىچە بېشىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىردى .« سەن ئۆزۈڭنى شۇنچە بىلمەي قالغان ئىدىڭ ، ئەمدى ياخشى بولدى. مانا بۇ ساڭا بېرىلگەن بىر سائەتلىك دەرس.» پەرھات ئادەملەرنى باشلاپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى. ئەركىن يۈگۈرۈپ چىققىنچە  تاھىرنى قۇچۇقىغائالدى. تاھىر ھوشىدىن كەتكەن بۇلۇپ كۆزىنى خىرە يۇمۇپ ياتاتتى. ئەركىن تاھىرنىڭ يۈزىگە سەپسالدى. ئۇنىڭ يۈزى بىردەمدىلائىششىغان بۇلۇپ ، بۇرنىدىن ئاققدن قانلار قېتىپ قالغان ، ئاغزىنىڭ جاۋغىيى يېرىلغان ئىدى ، ئۇ ئىنتايىن بوش ئىڭراۋاتاتتى «دادا مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ » ئەركىن ئېسىگە كېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى . دوختۇرلار چوڭ ئىش يوقلىقىنى ئېيتىپ ئەركىننى خاتىرجەم قىلدى . ئەركىن كۈندە مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق ئېلىپ تاھىرنىڭ ھالبدىن خەۋەر ئالدى ، خالنۇر تاھىرنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكىنىدىن گۇمان قىلدى ، ئەركىندىن قايتا قايتا سورىغان بولسىمۇ ئەركىن «ئۇقمايمەن » دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى .ئاخىرى خالنۇر ئەركىننىڭ كۈندە تاماق ئېلىپ ماڭغىنىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتى ، ئۇ ئەركىنگە ئەگىشىپ دوختۇرخانىغا كەلدى ، ۋە كېسەل كارۋىتىدىكى تاھىرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى . ئەركىن تاھىرغا دېدى :« ئاداش ئۇ كۈندىكى ئىشتىن مەن بەك خىجىل ، مېنى كەچۈر » دېدى ، تاھىر ئۇنىڭغا :« بولدى ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەت ، ماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتقان بولساڭ ھەرگىز ئۇيەرگە بارمايتىم ، سەن خالنۇرنى مېنىڭ قىز دوستۇم دېگىنىڭدە مەن شۇنداق خوشال بولغان ، مۇشۇنداق ياخشى قىز تاپقىنىڭدىن سۆيۈنگەن ئىدىم ، سەن ماڭا خالنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى دەپ مېنى ئالدىدىڭ ، بىلىمەن سەنمۇ مەجبۇرلانغۇچى ، بولدى بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەت ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز تىلغا ئالغۇچى بولما » دېدى ، بۇ گەپلەرنى خالنۇر سىرىتتا تۇرۇپ ئاڭلىدى ،ۋە ھېلىقى كۈنى تاھىر ئۇنىڭغا دېگەن «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن »دېگەن گەپنىڭ چاقچاق ئەمەسلىكىنى بىلدى . ئۇ ئۈن تىنسىز قايتىپ كەتتى . ۋە ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشتى . ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاھىر دائىم ئۆگىنىش قىلدىغان جايدا كۆرۈشتى ،خالنۇر ئەركىندىن سورىدى ،
- تاھىر نەگە كەتتى ؟
- نېمە ھەجەپ ئۇنى سوراپ كەتتىڭىزغۇ ؟ ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالمىغانسىز ؟
- مەن ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدىم بولدىمۇ ؟ گەپنى يورغىلاتماي تېزدەڭ ئۇ نەگە كەتتى ؟
-مەن ئۇقمايمەن.
- مەن ئۇقتۇم ، ئۇ دوختۇرخانىدا ، چۈشتە سىزگە ئەگىشىپ بارغان ئىدىم ، ھەممە گېپىڭلانى ئاڭلىدىم . مەن قاچاندىن باشلاپ قىز دوستىڭىز بوپ قالدىم ؟ قاچان تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئورۇنلاشتۇردۇم ؟ ئۇنىڭغا نېمىش بولدى ؟ ھەممىنى ماڭا چۈشەندۈرۈڭ .
ئەركىن گەپ سۆز قىلالمىدى ، ۋە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى . خالنۇر ئەركىنگە :
-سىزنىمۇ دوس دېگىلى بولامدۇ ؟ سىزمۇ ئوغۇلبالىما ؟ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلىپ سىزگە نېمە پايدا ؟
دېدى دە كېتىپ قالدى . ئەركىن ئولتۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك ئولتۇرۇپ قالدى .
خالنۇر تاھىرنى يوقلاپ بارغاندا تاھىر بۆلەكچىلا خوش بولدى ۋە ئەركننى سورىدى .
- ئەركىن قېنى؟ بىللە كەلمەپسىلەرغۇ ؟
خالنۇر ئۈندىمىدى ۋە بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى .ئەركىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسۋىتىنىڭ يوقلىقىغا تاھىرنى ئىشەندۈردى.
ئۇزۇن ئۆتمەي تاھىر بالنىستىن چىقىپ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدى .

سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، ئەركىن تاھىر خالنۇر ئۈچەيلەننىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ ؟ قىزىقسڭىز نەزىرڭىز داۋامىدا بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





341 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-5 14:04:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ