كەچۈر جېنىم - ھىكايە

كەچۈر جېنىم - ھىكايە

 

شەبنەم

 

تەغدىر ماڭا ئاجايىپ چاقچاقلارنى قىلدى، بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرنى ئەسلىسەم يۈرەكلىرىم مۇجۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ قىسمەت دەل مۇھەببەت قىسمىتى.

بىز بىر مەھەللىك ئىدۇق، ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغىنىمنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم، ئەمما ئاشكارلاشقا ئامالسىزمەن،  چۈنكى ئۇ بىر قىتىم ئۆيلەنگەن، مەن بولسام تىخى ياتلىق بولمىغان قىز، شۇ سەۋەپ تۈپەيلى ئۇنى ئىزچىل يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈردۈم، ئوتتۇرلۇقتا بىر يىل ئۆتتى ، ئۇ بولسا بۇرۇنقىدەك كۆرسە كۈلۈپ قويۇپ يۈرىۋەردى، لىكىن مېنىڭ پىغانىم ئىچىمگە سىغماي قېلىۋاتاتتى.

 بىر كۈنى مەن ئۇنى ياخشى كۆردىغىنىمنى ئاپامغا دىدىم، لىكىن نەتىجە بىر تەستەك يىيىش بولدى، مەن ئاچچىقىمدا ئۆيدىن يۈگرۈپ چىقىپ كەتتىم، كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ يۈزۈم ۋىلىلداپ ئېچىشۋاتاتتى، مەن ئاخىرى ئادەم بارمىغۇدەك يەرگە بېرىپ راسا يىغلىۋىلىش مەقسىتىدە چوڭ يولغا چىقتىم ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ماشىنىسى يىنىمغا كېلىپ توختىدى.

 - نەگە بارىسىز؟

 -شەھەرگە كىرمەكچىتىم .

-ماشىنغا چىقىڭ ،مىنىڭمۇ كىرىدىغان ئىشىم بار ئىدى.

 ئۇ ماشىننىڭ ئالدى ئىشىكىنى ئىچىپ بەردى، مەن خىيال بىلەن ماشىنىغا چىقتىم، شۇنىڭ بىلەن بىز شەھەرگە يۈرۈپ كەتتۇق، مەن ھاياتىمدىن ئەزىز كۆردىغان بۇ ئىنسانغا تويماي قارايتتىم، ئۇ بولسا توختىماي سۆزلەۋاتاتتى، توساتتىن ئۇ قايرىلىپ يۈزۈمدىكى قىزىلنى كۆرۈپ قالدى.

 - يۈزىڭىزگە نىمە بولدى ،بىرەر ئىش بولدىما.

-ياقەي، شۇ يىقىلىپ چۈشكەن.

ئۇ گېپىمگە ئىشەنمىگەن نەزىرى بىلەن قاراپ يۈزۈمنى تۇتتى، دەل شۇ چاغدا بىر يۈك ماشىنىسى كۆزۈمگە كۆرۈندى، <دىليار> دەپ قاتتىق بىر ۋارقىرغىنىمنى بىلىمەن ئىككى ماشىنا قاتتىق سوقۇلۇپ كەتتى… بېشىمدىن قان ئېقىۋاتاتتى، مەن ئازراق ھوشۇمنى تېپىپ ماشىندىن چۈشتۈم،  كۆز ئالدىمدا دەھشەتلىك بىر مەنزىرە ھاسىل بولدى. ئاق رەڭلىك يۈك ماشىنىسى ياتقۇزۇپ قويۇلغان ئىستۇلبىلارنىڭ ئۈستىدە يانچە تۇراتتى. قانغا بويالغان ئىككى كىشى يەردە ياتاتتى، ئۇنىڭ ماشىنىسنمۇ كاردىن چىققاندەك تۇراتتى، مەن دەلدەڭشىگەن ھالدا ماشىننىڭ يەنە بىر ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنى چۈشۈرمەكچى بولدۇم، لىكىن ئۇ قانغا بويالغان ھالدا رولنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يەرگە يىقىلدىم.

 ئويغانسام بېشىم تېڭىقلىق ھالەتتە دۇختۇرخانىدا ئىكەنمەن، بەدىنىم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى، مەن چىشمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەتىراپىمغا قارىدىم لىكىن ئۇ يوق ئىدى، بىردەمدىلا يىغا زار بىلەن ئائىلەمدىكىلەر كەلدى، ئاپام مەندىن توختىماي كەچۈرۈم سورايتتى.

 ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ دادىسى يىنىمغا كىرىپ ھال ئەھۋال سورىدى، لىكىن بالىسنىڭ گېپىنى قىلمايتتى، مەن مىڭ تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ :

-دىليار قانداقراق دەپ سورىدىم.

 لىكىن دادىسى ئۆكسۈپ يىغلىغان پېتى چىقىپ كەتتى، مەن ئۇ چوقۇم ساق دىگەن بىر جۈملىنى قايتىلىغىنىمچە كارۋاتتىن چۈشتۈم، ھەممەيلەن مېنى توسۇيتتى، لىكىن مىنىڭ نىشانىم ئۇنىڭ يىنىغا بېرىش ئىدى، مەن ئۆمىلەپ دىگۈدەك زالغا چىقتىم ،كۆپچىلىك مېنى يۆلىمەكچى بولدى ، لىكىن مەن بوي بەرمىدىم، 4 مىتىر يىراقلىقتىلا ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەر تۇراتتى. مەن مىڭبىر مۇشەقەتتە ئۇلارنىڭ يىنىغا باردىم، ئۇنىڭ ئاپىسى ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى، شۇ چاغدىلا بىلدىمكى ،ئۇ نەق مەيداندىلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىكەن…

 ئۇلار مىنى ئۇنىڭ يىنىغا ئېلىپ كىردى، ئۇ ئاق يوپۇقنىڭ ئىچىدە مىدىر قىلماي ياتاتتى، مەن ئەس ھوشۇمنى يوقاتتىم . ئەجەلنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى ئىلىپ كەتمىگىنىگە ئېچىىندىم.

مانا بۈگۈن مەن ساقىيىپ دۇختۇرخانىدىن چىقتىم، لىكىن روھىم ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەتتى، ھەربىر تىنىقىمدا ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنەتتىم، سېنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەيمەن توۋا…تىخى ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۈرمىگەنتىمغۇ جېنىم، سەن ئەمدىلا 23 ياشتا ئىدىڭغۇ، مىنى ھىجران ئازاپلىرىدا قالدۇرۇپ كەتتىڭغۇ، مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن ، ھەممىگە مەن سەۋەپچى، ئەمدى مىنىڭ قىلالايدىغىنىم روھىڭغا ئاتاپ دۇئا قىلىش، بېھىش ساڭا يار بولسۇن ، مىنى كەچۈرگىن …





2441 قېتىم كۆرۈلدى شەبنەم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-26 0:56:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-25 23:12:56 قەلبىنۇر
قاراڭغۇ ئورمان ھىكايىسىنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەقەززامەن
2016-3-3 16:46:56 arzu
amaliyatka uygun kalgudak oylimigan yardin qikidigan tasirlik yahxi idiyalik hikaya yok
2016-2-6 16:44:50 قاراڭغۇ ئورمان
mux nug ahiri ni yulap basag la eil timas
2016-2-6 16:44:50 قاراڭغۇ ئورمان
mux nug ahiri ni yulap basag la eil timas
2016-2-5 18:27:20 kal binur
man razi boldum nahayiti yahxi asar larni yol lap tu tihimu kop nar silar ni yol lag lar rah mat japa qak tiglar
2016-1-29 15:20:39 abdulla
kiqikip hes kilgan soygu digan asarnig 2..3 kismini awatip bargan bolsagla
2016-1-29 15:20:30 abdulla
kiqikip hes kilgan soygu digan asarnig 2..3 kismini awatip bargan bolsagla
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ