چېقىلغان ئەينەك (ھىكايە) - مېھىرنىسا قۇربان

 سۇنغان ئەينەك

مېھىرنىسا قۇربان 


ئىسىمگە كەلسەم ئۆيىمىزدە دادام، ئاپام، مەن ئۈچىمىزدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى.
دادامنىڭ كەسپى شوپۇر بولۇپ مەلۇم شىركەتنىڭ يۈك توشۇش  ئاپتوموبىلىنى ھەيدەيتتى،ئاپام  دادام ئىككىيلەننىڭ ئاش تامىقىنى ئېتىپ ،كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ ئۆيدە ئولتۇراتتى .
دادامنىڭ يىشى گەرچە قىرىق ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا كەيىپ ساپا ،ئويۇن تاماشادىن ئۆزىنى تارتماي ئىشتىن بىكار بولسىلا ئويناپ يۈرەتتى ھەتتا بەزىدە ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلمەيتتى.شۇنداق ۋاقىتلاردا ئاپام دادامدىن :
-كېچىچە نەلەردە يۈردىڭىز؟بىزنى يالغۇز قويۇپ ،-دەپ سورىسا دادام ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا:
-ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرۇشتا ئىچىپ مەست بولۇپ سورۇندا ئۇخلاپ قاپتىمەن،- دەپ جاۋاب بىرەتتى .ئاپام بەكرەك سوراشقا ئۇرۇنسىلا دادام :
- كۆزۈمگە كىرىۋالما،- دەپ ئاپامنى ئۇرۇشقا تەمشىلەتتى.بىچارە ئاپام يەنىلا گەپ قىلماي تۇرۇپ قالاتتى .
ئاپام ئىككىمىزنىڭ قانچە قېتىم كېچىلەردە يالغۇز قالغىنمىزنى بىلمەيمەن.بەزىدە بىر ئۆيدە تۇرۇپمۇ دادام بىلەن ئىككى ئۈچ كۈن كۆرۈشەلمەيتتۇق.
بەزىدە دادام ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ كىلىپ ئاپام بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇيقىنىمۇ ئۇيقۇ قىلماي يەنە تېخى بېچارە ئاپامنى نەچچە قېتىم ئۇرغان كۈنلىرىمۇ بولغان ئىدى. ئاپام مېنىڭ ئوقۇشۇمغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن ،مېنى تىرىك يىتىم بولمىسۇن دەپ دادامنىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا چىداپ لىۋىنى چىشلەپ كۈن ئۆتكۈزەتتى.دادامنىڭ  ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان ئىشلىرى ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى.
بەزىدە ئاپامنىڭ يىغلامسىرىغان چىرايىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالاتتى،بۇنداق چاغدا دەرھال ئاپامدىن :
-يىغلاپسەنغۇ ئاپا ،دىسەم :
-ياق بالام ئۇنداق ئەمەس،- دەپ كۆز ياشلىرىنى مەندىن يۇشۇراتتى.
دادامنىڭ مېنىڭ ئوقۇشۇم بىلەن قىلچە كارى بولمايتتى ،ھەممە ئىشىمغا ئاپام مەسئۇل بولاتتى .دادامنىڭ ئاپام ئىككىمىزنى ئاچ يالىڭاچ قويمىغىنى دادامنىڭ ئەڭ چوڭ قالتىس ئىشى ئىدى .

دادام ھېچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايتتى .بوۋام(يەنى دادامنىڭ دادىسى) تالاي قېتىم تەربىيە قىلغان بولسىمۇ ئاڭلىماي ئۆزىنىڭ بىلگەن يولىدا مېڭىپ يۈرەتتى.
تۇرمۇشىمىز بەك ياخشى بولمىسىمۇ،  مېھرىبان ئاپام بولغاچ ئۆيلەر  پاكىزە ، رەتلىك ئىدى. ئۆي جاھازلىرىمىز ئاددىيلا بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە بۇۋاملاردىن يەنى ئاپامنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن  تەۋەرۈك قالغان بىر كىيىم ئىشكابى بار ئىدى ،ئاپام دائىم بۇ كىيىم ئىشكابىنى پاكىز  سۈرتۈپ ئاسىراپ تۇتاتتى.
كۈنلەر ئۆتۈپ مەنمۇ خىلى چوڭ بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرغا چىقتىم،بەزى ئىشلارنى چۈشەنگۈدەك   بولدۇم.
بىر يەكشەنبە كۈنى ئاپام ئىككىمىز بۇۋامنىڭ ئۆيىگە قونغىلى باردۇق ،مىڭىشنىڭ ئالدىدا ئاپام دادامغا كەچتە ئۆيگە بالدۇرراق كېلىشىنى ئېيتىپ قويدى،دادام ھە،دەپلا جاۋاب بەردى.
بىز بۇۋامنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۆز كۆزىمىزگە ئىشەنمەيلا قالدۇق،ئۆي ئىچى شۇنداق قالايمىقان،دادام تېخىچە يوتقاندا ياتاتتى ،ئۆي ئىچىدىن سېسىق ھاراق ھىدى كېلىپ تۇراتتى ،بۇنىڭدىن دادامنىڭ ئاخشاممۇ يەنە خۇدىنى ئۇقمىغىدەك مەست بولۇپ كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ھىلىقى تەۋەرۈك كىيىم ئىشكابىنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ چۇل-چۇل بولۇپ يەردە ياتاتتى.
-بۇ نىمە ئىش؟- دىدى ئاپام يوتقاندا ياتقان  مەستلىكى يىشىلمىگەن دادامغا قاراپ.
-نىمە بولاتتى ،ئاخشام بەك مەست بولۇپ كېتىپتىمەن،ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزەمنى بىلمەي تىگىپ كەتكەن ئوخشايمەن،-دىدى دادام قىلچە پەرۋا قىلماي.
ئاپام  غەزەپتىن لاغ -لاغ تېتىرەپ كەتكەن بولسىمۇ ھېچ  نىمە دىمەي جىم بولۇپ قالدى.بەلكىم دادامنىڭ ئۆزىدە گۇناھ تۇرۇپمۇ بوينىغا ئالمايدىغىنىغا ،يەنە بىكاردىنلا  تېخىمۇ كۆپ ئازار يەپ قىلىشىغا كۆزى يەتكەن بولسا كىرەك، شۇنداقتىمۇ ئاپامنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈن-تىنسىز ياش قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، ئاپامنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ مېنىڭمۇ قەلبىم پارە-پارەبولدى، شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى : چىقىلغىنى كىيىم ئىشكابىنىڭ ئەينىكى ئەمەس بەلكى ئاپام بىچارىنىڭ قەلبى، كۆڭۈل ئەينىكى چىقىلغان ئىدى……

2016-12-19 غۇلجا شەھىرى





576 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 4:01:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 3:45:11 شەبنەم
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ