ئوغرى
( ھېكايە)
ئېلشاتجان ئېزىز يىگچى
سۈبھدە چىللىغان خورازنىڭ ئاۋازى بىلەن كىشلەر يەنە يېڭى بىر كۈنى كۈتىۋالىدى . مەھەلىنىڭ تىمتاسلىقى نەلەردىندۇر غايىپ بولغان بولۇپ ، ئۆي - ئۆيلەردە يۇرىغان چىراغ نۇرىدا ئاياللار ئەتگەنلىك ناشتا ئۈچۈن تاماق قىلسا ، ئەرلەر بامدات نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەتكە تەرەددۇت قىلۋاتاتتى ، ئۆي - ئۆيلەردىن چىقۋاتقان قۇيۇق مۇرا ئىسلىرى مەھەللە ئاسمندا بىر قەۋەت بولۇت شەكىلەندۈرگەن بۇلۇپ ، نەلەردىندۇر توۋلىغان ئەرزاننىڭ ئاۋازى بىلەن تاڭمۇ ئاستا - ئاستا سۈزلۈشكە باشلىدى .
ئايشەمخان ئانا بۈگۈنمۇ ئادىتى بويىچە نامىزنى ئوقۇپ بولۇپ ، ئازراق ناشتلىق قىلۋالغاندىن كېيىن ئېغىلغا ماڭدى . 55 ياشلار چامسدىكى بۇ ئايال چاچلىرى ئاقارغان ، پىشانسى ئىرماش - چىرماش سىزىقلارغا ئوخشاش قورۇقلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ ، بىر قاراشتنلا تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن دىشۋارچىلىققا ئۇچىرىغاندەك قىلاتتى . ئۈزۈم باراڭنىڭ ئۈستدىكى قۇشقاچلار چۇرقۇرشۇپ يۇپۇرماقلار ئارسدىن بوينىنى سىڭايان قىلشقىنچە مارىشاتتى ،
ئايشەمخان ئانا ئېغلىنڭ ئىشكىنى ئاچتىدە قويلارنى سىرتقى ئېغلىغا چىقاردى ، ئېچىرقاپ كەتكەن قوي پادسى ئېغىلنىڭ ئىشكى ئېچلىش بىلەنلا ، تەڭ مەرگىنىچە سىرتقى ئېغلىغا چىقىپ شاماللادا ئۇچۇرۇپ كەلگەن غازاڭلارنى زوق بىلەن يېيشكە باشلىدى . ئايشەمخان ئاننىڭ تۆ ، تۆ ، تۆ دىگەن ئاۋازى بىلەن نەلەدىدۇر دان ئىزەپ تۇرىغان توخۇلار پايپاسلىغىنچە كېلىپ چېچلىغان دانلارنى زوق بىلەن يېيشكە باشلىدى ، ئايشەمخان ئانا توخۇلارنىڭ زوق بىلەن دان يېگىنگە قاراپ بىر خىل مەمنۇنلۇق ئىلىكدە ئورنىدىن قوزغالدى ، ھەمدە كونا ساندۇقنىڭ ئۈستگە قۇيۇپ قويغان ئورغاقنى ئالىغنچە باغقا قاراپ ئوت ئورغىلى ماڭدى . شۇ ئەسنا ئۇنىڭ كۆزى توساتتىن ئېغلىدىكى قويلارىغا چۈشتى ، ھەمدە چۆچۈپ كەتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى بورداۋاتقان پاقلىنى كۈرۈنمەيتى ، ئۇ ئىچكى ئېغلىغا قايتا كىرىپ بولۇڭ - پۇشقاقلىغىچە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى ، قويلارنى قايتىدىن ساناپ باقتى ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى بورداۋاتقان پاقلىنى كۆرۈنمەيتى ،،
-ۋاي توۋا !!! ئاخشام ساپمۇ - ساق تۇرىغان قوي نەگىمۇ كەتكەندۇ ؟؟ ئەمدى قانداقمۇ قىلارىمەن ؟...
ئۇ شۇنداق دېگىنچە پىشانسنى چاڭگاللاپ ئاھ ئۇراتتى ، ھەسرەت چىكەتتى ، بىچارە تۇل ئايال ئېردىن ۋاقتسىز ئايىرىلغاندىن بېرى مۇشۇ ئازغىنە مال - چارۋىلارنى ئەگەشتۈرۈپ تۇرمۇشنى قامداپ كەلگەن ئىدى ئەمەسمۇ ؟ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا بىر - بىردىن پەزرەنتى بولغان توراقىز 4 يىلنىڭ ئالدا قوشنا يېزىغا ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ ، ئايدا بىرەر قېتىم كەلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ۋاقىتلاردا كۆپىنچە ئۆزى يالغۇز تۇراتتى، شۇڭلاشقىمكىن مەھەلدىكى كىشلەر بۇ ئاجىز تۇل ئايالىغا بىلەكچلا ھېسداشلىق قىلاتتى . ھېچكىم بۇ تۇل ئايالنى بوزەك قىلمايتى ، نەچچە قېتىم قىزى بىلەن كۈيئوغۇلى ئايشەمخان ئاننى ئۆزنىڭ ئۆيگە ئېلىپ كېتشنى ئېيقاندا ، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ :
- باللىرىم ، رەھمەت سىلەرگە !! ياخشى كۆڭلۈڭلار ماڭا تىگىل بولدى . شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ دىلىڭلىغا ئىنساپ بەرگىنگە " مىڭ مەرتىۋە شۈكىرى " لېكىن باللىرىم ، بۇ ئۆيگە داداڭلار بىلەن ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن يىللىق قان - تەرى سېڭگەن . ئاز بولسىمۇ ئۆزىمىزگە يارىشا قويغان - تۇتقىنىمىز بار . ناۋادا غېرىبلىق تارتىپ قالدىم دەپلا سىلەر بىلەن كەتسەم ، ئۆيدىكى نەرسىلەر توپا بېسىپ قالسا داداڭلار رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇلىدۇ ، باللىرىم . ئۇنىڭ ئۈستگە مەن تېخى كۈچ - مادارىمدىن كەتمىدىم . ئۆزەمنڭ ھالدىن ئۆزەم خەۋەر ئالالايمەن .
- ئانا ، گېپىمىزگە كىرىپ بىز بىلەن كەتسلىچۇ ؟ دەپ ئەركلىدى تۇراقىز يېندىكى ئانسغا قاراپ ، سەن بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىساڭ مەن سەندىن خاتېرجەم بۇلالمايدىكەنمەن ، ئۇنىڭ ئۈستگە تاھىرجانمۇ سېنى قايتۇرۇپ ئەكلۋالايلى دەۋاتسا ؟؟ سەن يەنە نىمگە جاھللىق قىلسەن ؟ بولدى قىلىغىنە ، ئۆزەڭنى بۇنداق قىينىما !! قىزنىڭ سەبىيلەرچە دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تۇرىغان ئايشەمخان قىزىغا قاراپ مىيقدە كۈلۈپ قويدىدە ، يەنە گەپ باشلىدى .
- جېنىم قىزىم ، سەن تېخى ياش ، نۇرغۇن ئىشلارنى سەن تېخى چۈشەنمەيسەن ! ئايال كىشى دىگەن بىر مەزلۇم ، ھازىرىغۇ ھەر ئىككىڭلار ناھايتى ياخشى ئۆتىۋاتسلە . ناۋادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ ، ئۆيىڭلاردا ئۇرۇش جىدەل قىلىپ قالساڭلار ، مەندەك ئانا بولغان ئادەمگە ھار كەلمەمدۇ ؟ ماۋۇ مەھەلىدىكى كىشلەرنىڭ ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ ؟ شۇڭا مېنى ئەمدى گەپكە كۆندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولىمغىن قىزىم . دېدى . تۇراقىزىمۇ ئاپسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ لام - جىم دېمدى ، شۇنىڭدىن ئىتبارەن ئۇلار بۇ ئىش توغرلۇق بىر نەرسە دېيشمدى . ئايشەمخان ئانىمۇ يالغۇزلۇق تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇ بىر قانچە قويلارنى ئەگەشتۈرۈپ 4 مو كېلدىغان قوناقلىق ئېتىزنى باشقۇرۇىغاچ تىرىكچلىق قىلدى . ئەمما تەتۈر پەلەك مۇشۇ تۇل ئايالنى يەنە بىر قېتىم قىينىدى . ئايشەمخان ئانا يوقاپ كەتكەن قوينىڭ دېرىكنى قىلىپ بېقىش ئۈچۈن قوشنسى ساۋۇتكامنڭ ئۆيگە كىردى . ئۆينىڭ ئۇشاق - چۈشەك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ساۋۇتكام ئايشەمخان ئاننىڭ دەرۋازىن كىرگىنى كۆرۈپ يىراقتنلا سالام بەردى .
- ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ ئايشەمخان ئاچا ، سېلىنى بۈگۈن قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى بوياققا ، قېنى ئۆيگە كىرىلى !!
- ھاي ،،، خوتۇن ، بولە تېز !! ئۆيگە ئادەم كەلدى .
- ھەئە مانا ، دېگىنچە ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقان گۈلنساخان مەڭزىنى ئايشەمخان ئاننىڭ مەڭزىگە يېقىپ ئامان ئىسەنلىك سورىدى دە ، ئايشەمخان ئاننى ئۆيگە باشلىدى .
- ئامىن ، ئاللاھۇ - ئەكبەر ، تېشلىق ئوبدان تۇردىلىمۇ ئايشەمخان ئاچا؟؟ تېشلىق ، ئۆزلىرىمۇ ئوبدان تۇردىلىمكىن ؟ ئۆي ئىچى تېشلىقتۇ ساۋۇتاخۇن ؟؟ - ھە ، خۇداغا شۈكرى ئايشەمخچا ، لىكىن مۇشۇ خۇتۇنڭىزە سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس . بىردەم ئۇ يەرىم ئاغىردى دەۋاتقان ، بىردەم بۇ يەرىم ئاغىردى دەۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ ئىشى ماڭغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى دېسلە ، دېدى ساۋۇتكام چاقچاق ئالاشتۇرۇپ.
-ھە...سىلىدىن يادەم سوراپ كىرىۋىدىم ساۋۇتاخۇن ....
- قېنى، مەن ياردەم قىلالغۇدەك ئىش بولسا تارتىنماي دەۋەرىسلە !!! بىز دىگەن ئۇزۇن يىللىق ياخشى قوشنلاردىن تۇرساق ، تارتىنىپ ئولتۇرامىسىلا . دىدى ساۋۇتكام.
-ھە ، قېنى داستخانىغا باقسلا ئايشەمخان ئاچا دېدى گۈلنىساخان پىيالىگە چاي قۇيغاچ ، ئايشەمخان ئانا قىزىق قارا چايدىن بىر قانچە قېتىم ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن سۆزنى داۋام قىلدى .
- سىلەردىن يۇشۇرىمايمەن ئۇكلىرىم ، نەچچە ۋاقتىن بىرى قۇربان ھېيتىقا ئاتاپ بالىلار كېلىپ قالسا دەپ بورداۋاتقان پاقلىنىم بار ئىدى ، ئاخشام ئۆز قولۇم بىلەن بوغۇز بېرىپ قوتانغا سولاپ قويىغان ئىدىم ، لېكىن ئەتگەندە چىقىپ قارىسام ئېغىلىدا يوق تۇرىدۇ . بىلمىدىم كىمنڭ نىيتىنى يامان قىلىپ ، مەندەك بىر تۇل خوتۇننىڭ قويىنى ئوغىرلاپ كەتكىنى ؟؟ شۇڭا سىلەرنى ئاخشامدىن بىرى سىرتتا بىرەر تىۋىش ئاڭلدىمكىن دەپ ، ئاتايىتەن يېنىڭلارىغا كىرىشىم جېنىم ئۇكام ، دېدى ئايشەمخان ئانا بوغۇق ئاۋازدا .
- ۋاي توۋا ، قانداق نېيتى قارىنڭ قىلغان ئىشدۇ بۇ ؟ چوقۇم مۇشۇ مەھەلدىن چىقان ئوغىرنىڭ ئىشى بۇ ، بولمسا باشقا يۇرتىن ناتۇنۇش ئادەم كېلىپ ئۇدۇللا ئايشەمخان ئاچامنىڭ ئۆيگە چۈشەمتى ، دېدى گۈلنساخان ھېسداشلىق قىلغان ھالدا .
- راسىت دەيسەن خوتۇن ، ئالدىنقى قېتىمۇ 4 - مەھەلدىكى يولۋاسكامنڭىمۇ نۇرغۇن توخۇ - كەپتەرلىرى بىر كىچدىلا يۇقاپ كەتكەن ئەمەسمۇ ؟ بۇنداق ئۇشاق - چۈشەك نەرسە ئوغىرلايدىغانلار چوقۇم ئۆز مەھەلمىزدىن چىقان ئوغىرلار ، قارىغاندا ئۇ مۇناپىق بەدبەخلەرنى تۇتىمغىچلىك مەھەلىمىزگە ئارامچلىق بولمىغدەك ، بەك ئەنسىرەپ كەتمسىلە ئايشەمخان ئاچا ، مەن بۇ ئىشنى سىلگە ۋاكالتەن كەنىت كادىرلىرى بىلەن ئالاقىلشىپ يېزىلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلاي ! ھەي ، مەنمۇزە ئاخشام ئىتلارنىڭ ھاۋۇشغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىم . لېكىن ئۇيقۇلۇقتا بۇنىڭغا بەك پەرۋا قىلماپتمەن . مەنمۇزە تازا بىخۇدلۇق قىپتىمەن ، ئەمدى بولغۇلۇق بوپ بوپتۇ ، بۇلارنى دېگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ . سېلى ، خاتىرجەم ئۆيگە چىقىپ ئىشلىرنى قىلۋارسىلە ، مەن بۇ ئىشنى تېزدىن يۇقىرىغا مەلۇم قىلاي . بۇنداق تۇزنى يەپ تۇزلۇقنى چاقدىغان مۇناپىق ، تۇزكور ئوغىرلارنى چوقۇم تۇتۇپ چىقىش كىرەك . - دېدى ساۋۇتكام قەتىيلىك بىلەن :
ساۋۇتكامنىڭ بايامىقى گېپىنى ئاڭلىغان ئايشەمخان ئانىمۇ رازىمەنلىك بىلەن رەخمىتنى بىلدۈرۈپ :
- ئەمسە ، ساۋۇتاخۇن ، بۇ ئىشنى سىزگە ھاۋالە قىلدىم ، كۆردىڭىز ، مەن بىر ئىگى- چاقسىز مەزلۇم ، قولۇمدىن جىق ئىش كەلمەيدۇ .
-ھەي ، ئۇنداق دېمسلە ئايشەمخان ئاچا ، بۇنداق دېگەنلىرى بىزنى يات كۆرگەنلىرى ئەمەسمۇ . مەن دېگەندەك ئۆيگە چىقىپ خاتېرجەم ئىشلىرنى قىلۋەرسىلە ، قالىغىنغا بىز بار ، ئۇلار شۇنداق دېگىنچە خوشلاشتى ، ئايشەمخان ئانىمۇ بارلىق ئۈمىدىنى ساۋۇتكامغا باغلاپ ئۆيگە يېنىپ چىقىتى .
داۋامى بار...
701 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-2 11:03:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-6-28 12:47:59 | ayxam |
ahiri. qikirilmidigu |
2016-5-12 16:55:59 | ئايشەمگۇل |
ئوغرى دىگەن ئەسەرنىڭ داۋامىنى قاچان يوللايسىلەر |
2016-4-13 14:47:17 | بىغۇبارىم |
ئاخىرى قاچان يوللىنىدۇ بۇ ئەسەرنىڭ؟؟ ياخشى يېزىلىپتىكە، تازا قىززىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|