ئويغىنىش - پۇشكىن (普希金) - مەممەتجان باش كارۋان تەرجىمىسى

 ئويغىنىش
پۇشكىن (普希金)
(مەممەتجان باش كارۋان تەرجىمىسى)


ئەي چۈش، گۈزەل چۈش،
شېرىنلىكىڭ قايەردە سېنىڭ؟
كېچىدىكى خۇشھاللىق،
قايەردە سەن؟ قايەردە؟
گۈزەل چۈشنىڭ يوقالدى ئىزى.
مەن يالغۇز، كېچىدە ئويغانغان.
جىمجىت كېچىگە مەنلا تالىق.
مۇھەببەتلىك خىياللار سوۋۇپلا كەتكەندەك،
تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ، ئۇچۇپلا كەتكەندەك.
ئەمما ئارمان يېلىنجايدۇ ئاۋۋالقىدەكلا،
تۇتۇپ قالغان ئۇ چۈشتىكى ئەسلىمىلەرنى.
ئەي مۇھەببەت، مۇھەببەت!
ساڭا ئىلتىماسىم؛ مېنى قايتا،
قايتا ئېلىپ كىر شۇ چۈشكە،
قىلساڭمۇ قايتا يۈرەكنى سونۇق.
كەلگەندە تاڭ، مەن خالايتتىم ئەمما ئۆلسەممۇ،
ئويغانماسلىقنى پەقەت.
     





448 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-20 10:12:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ