لەھەتىكى تۇيغۇ
ئاپتۇرى : قاسماق
نەسىر
مۇقەددىمە
بۇ ئەسىرىمنى ئۆزىنىڭ ئىسىللىقى بىلەن مېنى ئۆزىگە ئاشىق قىلغان ، بىرمەھەل دۇنيارىمغا كېرىپ بارلىقىنى بەرگەن ، لېكىن مىنىڭ قاسماقلىقىم تۈپەيلىدىن ئۇنى يىرگەندۈرۈپ مۇھەببەتنىڭ زامىن بولغىچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل قىزغا ئاتاپ يازدىم .
بەلكىم بۇ ئەسىرىم بىر ئۆمۈر توختىماسلىقى ، تىنىقىمنىڭ ئاخىرىدا خاتىمىسىنى يىزىشىم ، ياكى بولمىسا بۇ ئەسىرىمنىڭ بۇ بىر قىسمىمۇ پۈتمەي ئازاپ قەبرىسىدە تۇرۋاتقان مەن جان تەسەددۇق قىلىشىم مومكىن ، بىراق جىنىم تىنىمدىلا بولىدىكەن بۇ ئەسىرىمنى توختىتىپ قويمايمەن . پەقەت تەڭرىدىن تىلەيدىغىنىم ، بۇ ئەسىرىمنىڭ مۆجىزىلەرچە « باھادىرلار » ناملىق رومانغا ئايلىنىشنىلا تىلەيمەن .
- قاسماقتىن
2017- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى ، ئۈرۈمچى
1-قىسىم
جىنىم ، بۇنداق دىيىشكە سالايىتىم توشمايدىغاندۇ ، لېكىن مەن شۇنداق ئاتاشنى ياخشى كۆرىمەن . شۇڭا سەن خاپا بولساڭمۇ مۇشۇ بىر سۆزنى سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ئىشلىتەي .
بۈگۈن مەن قەبرىگە دەپنە قىلىندىم ، باشقىسىنى دېمىسەممۇ مېنىڭ ئۆلىمىم ساڭا ئايان . توغرا مەن ئۆزۈمنىڭ قاتىلى ، ياق مەن ئەمەس قاسماقلىقىم ئۆزۈمنىڭ قاتىلى ، ياق ، مەن نىمىلەرنى دەپ كەتتىم قاسماق ھالىتىم ئۆزۈمنىڭ ، شۇ پاسكىنىلىقىم سېنى يىرگەندۈرۈشكە سەۋەپ بولغان تۇرسا يەنە ئۆزۈمدىن كۆرمەي ....
بىلىمەن ، ئۆلۈكنىڭ قەلىپ قەسىرىدىن ئەمدى مۇھەببەت ئۇچقىنىنىڭ چىقىشى بىر تەڭرىنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ . شۇنچە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئاقىۋەت باشقىلارغا تىزلىنىپ تۇرۇپ تاپقان شۇ ئىككى تۆت تال پۇل سۆيگۈ قەسىرىمىزنى غەپلەتتە قالدۇرۇپ قاسماقلىقىمدىن ئىبارەت بومبىنى ئىلىپ كىردى . ياق بۇ ئەسلىدىن باتتى . ئاقىۋەت قاسماقلىقىم ھەممىدىن جۇدا قىلدى.
بۈگۈن مېنىڭ لەھەتتىكى تۇنجى كۈنۈم . ئەتراپتا قۇرۇت - قوڭغۇزلار ، ئازاپ پۇرىقى ، تىمتاس قاراڭغۇلۇق قوشۇپ مېنى شۇنداق قىيناۋاتىدۇ .لېكىن بۇ قىينىلىشلارغا بەرداشلىق بىرىمەن ، چۈنكى خىيالىمدا سەن مەن بىلەن بىرگە ، بەلكىم بۇنداق دىسەم كۇپۇرلىق بولا ، لېكىن خىيالىمدىكى بىزنى تەڭرىمۇ ئايرىۋىتەلمەيدۇ .
سەن قاچاندىن باشلاپ ماڭا ماقۇل بولدۇڭ شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ساڭا كانىدەك يىپىشۋالدىم ، سەن ماڭا بارلىقىڭنى بەردىڭ لېكىن مەنمۇ كىسىپ ئىيتىمەن مەنمۇ ساڭا سۇجۇدىمنى ئاتىدىم . لېكىن مەندىكى قاسماقلىق قۇرال ، سەندىكى ئىتتىكلىك مىشەك ، ئىشەنمەسلىك ئوق بولۇپ سۆيگۈمىزگە ئىتىلدى .
لېكىن مېنىڭ تىلەيدىغانىم پەقەت سەكراتتا ياتقان شۇ سۆيگۈمىزنىڭ تەڭرىنىڭ قۇدۇرتى ئارقىلىق قۇتقۇزۋىلىنىشى . ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى ئەيھۇھاناس ! مەن بىر ئۆمۈر دىۋانىلىك جەندىسىنى كىيىپ ساڭا بەخت بىرىشكە رازىي ئىدىم ، مەن شۇنداق بىر كۈننى يەنە مۇشۇ لەھەت نىچىدە تۇرۇپ تەڭرىنىڭ ھىكمىتى بىلەن تىرىلىپ قىلىشنى ، ۋىسال مىنۇتلىرىدىن كىيىنكى سۇ قوشقان شوۋىگۈرۈچلەرنى قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ بىرگە ئىتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ......
( بۈگۈن تۇنجى قىسمىنى ئۆزۈم ئويلىغان يەرگىچە مۇۋاپىق يازالىدىم قالدىسى جان تەندە ئامانەت ، ئەتە يەنە يازالامدىم يوق بىلمەيمەن ، ھەم بۇ ئەسىرىمنىڭ قانچىلىك داۋام قىلىدىغىنىنى ئۇقمايمە ، لېكىن بۈگۈن مۇشۇ قىسىمنى باشلاپ ئاخىرلاشتۇردۇم قالغىنى باشقا كەلگەندە باتۇر )
( ئەسىرىمگە باھا بەرمەكچى بولساڭلار ئىنكاس يىزىپ قويساڭلار )
مۇھەرىر : ئابدۇئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈئۈندىدار : 2041420289
| 386 قېتىم كۆرۈلدى | kasmak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-1 2:31:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|