قاراڭغۇ ئورمان
14- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
بۇ غەلىتە ئەھۋالدىن ئىسىمنى يىغىپ سورۇدۇم :
- ئەتىراپتا شەپە بارمۇ ، بىرەر نەرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟
ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىۋېتىپ بېشىنى چايقاشتى .
- بىز ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدۇق، قانداق شەپىنى دەيسەن ؟- دىدى قاھار گېپىمدىن ھەيران بولۇپ.
- مەن ئەتىراپىمىزدا قانداقتۇ يوشۇرۇن نەرسىلەرنىڭ ھەركىتىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن .
-بىز ئاڭلىمىدۇققۇ .
بەلكىم بۇ بايقى بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن بولغان ساختا تۇيغۇدۇ دەپ ئويلاپ مەنمۇ ئۇنچە ئىرەن قىلىپ تۇرمىدىم .
- ماڭايلى ،- دىدىم، بىز مېڭىشقا باشلىدۇق، كىتىۋاتىمىز ،ئەتىراپ يەنىلا جىمجىت ئىدى. تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۈستىگە چىقتۇق ، تەلىيىمىزگە بىرەر پىشكەللىككىمۇ ئۇچۇرمىدۇق.
دىمەك ،بۇۋاي دىگەن ھېلقى غەلىتە قۇرۇلۇشلار بار تۈزلەڭلىككە چىققان ئوخشايمىز دەپ پەرەز قىلدىم، لېكىن پەرىزىمگە ماس ئالدىمىزدا بىرەر بوشلۇق تۇرماق بەلكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان دەرەخزارلىق ، ئورمانلىق ،ئاستىمىز يەنىلا قويۇق ئوت - چۆپ بىر - بىرىگە چىرمىشىپ، قاياققا مېڭىشنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە سوزۇلۇپ تۇراتتى .
- بۇ ئورمانلىق بەكلا چوڭمۇ نىمە؟- دىدى ھارغىنىدىن ھاسىراپ كەتكەن توختاخۇن ئاكا،- قىبلە قايسى تەرەپتە، شىمال قايسى تەرەپتە ، بىلەلمىدىمغۇ؟
ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز دەرەخلەر ئارسىدا بىر شەپە كەلدى، مەن دەرھال كۆرسەتكۈچ بارمىغىم بىلەن ئېغىزىمنى توساپ « ئۈش» دىگىنىمچە ھەممىسىنى دەرھال يېتىشقا بۇيرۇدۇم . دەرەخلىقتىكى شەپە يېقىنلاۋاتاتتى ، ئۇنىڭ يەر دەسسىگەندىكى ئاۋازى ئۇنىڭ خېلى يۇغان بىر نەرسە ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەۋاتاتتى.
دەرەخ شاخلىرى شالدىرلاپ ھەتتا بەزىلىرى غاراسلاپ سۇنىۋاتاتتى، بىز قوراللارنىڭ ئۇچىنى توغۇرلاپ يەرگە چاپلاشقانچە، بۇ ھەيۋەت بىلەن كىلىۋاتقان نەرسىگە پۈتۈن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرگەندۇق، شەپە يېقىنلىدى، يۈرۈگۈم تىز سوقۇشقا باشلىدى ، كاللامدا بولسا «كىلىۋاتقان قانخور مەخلوق شۇمىدۇ ؟ ئۇنىڭغا ئوق تەسىر قىلارمۇ ؟» شۇ خىياللار ئۆتەتتى. ۋاقىتنى ساناپ دىگۈدەك ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋاتاتتىم، شۇ ھالقىلىق پەيىتتە شەپە بىردىنلا يوقاپ جىمجىت بولۇپ قالدى، بىز شۇندىمۇ ئورنىمىزدىن مىدىراشقا جۈرئەت قىلالماي ياتاتتۇق، ئارىدىن بەش مىنۇتتەك ئۆتۈپ كەتتى يەنىلا جىمجىت، ئاستا تۇردۇم-دە ، شەپە چىققان جاينى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ، چوڭ بىر دەرەخنىڭ يېنىغا باردىم ، ھېچنىمە يوق، يەنە بىر دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىپ كەينىگە قارىدىم، يەنە ھېچنىمە يوق. يۈرۈگۈم ئىزىغا چۈشتى ، بەلكىم باشقا نەرسىدۇ؟ شۇلارنى ئويلىغاچ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا باش تەرپىمدىن ئالدىمغا ئېقىپ بىر نەرسە ئېقىپ چۈشكەندەك قىلدى. ئاستا باش تەرپىمگە قارىدىم، دەھشەت بىر نەرسە تۇراتتى، ئۇ بۇۋاي دىگەن ھېلقى مەخلوق، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىتىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ تۇرقى بەكلا قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ،خۇددى دەۋزەختىن چىققان ئالۋاستىغا ئوخشاش بەتبەشىرە گەۋدىسىنى ئىگىپ ، بىر نەرسىنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتقاندەك ئەتراپقا قاراۋاتاتتى، «ئىگەم ئۆزەڭ با دەۋەتتىم» ئىچىمدە، پۈتۈن بەدىنىم قورقۇشتىن بوشاپ قارا تەر چىقىپ كەتتى. مەخلوق بەك يۇغان بولغاچ ئالدىدا تۇرساممۇ مېنى كۆرمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىن داجىماقچى، ھەتتا قورالنى ئۇنىڭ بېشىغا توغۇرلىماقچىمۇ بولدۇم لېكىن ئازىراق شەپە چىقارسام ئۇنىڭ بىر شاپىلىغى ھەتتا بىر دەسسىشىدىنمۇ بۇ كىچىككىنە جېنىمنى سەپ بىرىشىم چوقۇم ئىدى. جىددىيلەشكىنىمدىن يۈرۈگۈم تىز سوقۇپ، نەپىسىم قىسىلۋاتاتتى، ئۇ سىزىپ قالسا ئۆزەمنى چەتكە ئالغۇدەك جاينى كۆزلەپ قويۇپ ئۇنىڭغا يەنە قارىدىم، ئۇ ئۈچ مىتىردىنمۇ ئىگىزدەك قىلاتتى. قويۇق موي قاپلاپ كەتكەن بەدىنى ھەقىقەتەن يۇغان، بىر پۇتىنىڭ ئايلانمىسىلا مەندىن يوغان بولۇپ بويۇم ئاران ئۇنىڭ بىلىگە چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇرنى پۇچۇق ھالەتتە بىر خىل سېسىق ئىستەك بۇس چىقىراتتى، ئېغىزلىرى شۇنداق يۇغان، چىشلىرى كەلپۈكىنىڭ سىرتىدا خەنجەردەك بىر - بىرىگە كىرىشىپ تۇراتتى.
ئۇ ئەتراپقا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن كەينىگە بۇرۇلدى، مەن تىزلىك بىلەن ئۆزەمنى چەتكە ئالدىم، ئۇنىڭ كالاڭپاي گەۋدىسى دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ چۈشەرگىنىچە يوغان قەدەملەر بىلەن كەلگەن تەرەپكە كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ ھەيران قالدىم، غەلىتە يىرى مەخلۇقنىڭ قۇلاقلىرى ئاتنىڭكىدەك بولۇپ ھەتتا بېششىدا ئىككى مۇڭگۇزىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ خۇددى بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس يىرتقۇچ دىيۋېگە ئوخشايتتى.
مەن ئاستا جايىمغا قايتتىم، ئۇلار تېخىچە ئورنىدىن تۇرمىغانتى، مېنى كۆرۈپ تۇرۇغاچ يېنىمغا توپلاشتى .
- بىر نەرسە بارمىكەن ، ئادەمنى ئەنسىرتىپ يوقاپ كەتتىڭ ،- دىدى قاھار چىرايىمغا قاراپ ،- چىرايىڭ نىمانداق تاتىرىپ كەتتى ؟
مەن بىردەم دېمىمنى ئالغاچ جاۋاپ بەردىم :
-ئۇنى كۆردۈم.
ئۇلار كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىۋەتتى .
- نىمە ، نىمىنى كۆردۈڭ ، مەخلوقنىمۇ؟
- ھەئە ، مەخلۇقنى كۆردۈم ، بەك يېقىن ئارلىقتىن، لېكىن ئۇ مېنى كۆرمىدى، دىققەت قىلساق بولغۇدەك بەك يۇغانكەن، ئۇ دەۋزەختىن كەلدىمىكىن دىدىم.
ئۇلار ئېغىزىمغا قاراپلا قېلىشتى. بەلكىم كۆڭلىدە ئەزىرائىلنىڭ يېنىمىزدىلا ھەركەت قىلىۋاتقانلىغىدىن قورقۇش ھېس قىلىۋاتسا كىرەك. ھەتتا ئەتراپقا ئەندىشە بىلەن قاراپمۇ قويۇشتى.
بىز ئىھتىيات بىلەن دەسسەپ يەنە ئىلگىرلىدۇق، ئەتىراپتىن تۇمان كىلىپ كۆرۈش دائىرىمىز كىچىكلەپ كىتىۋاتاتتى، كەينىمدىكىلەر مەن قەيەرنى دەسسىسەم شۇ جاينى دەسسەپ ماڭا يېقىندىن ئەگەشىپ كىلىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز دەرەختىن ئۇزۇن بىر نەرسە سوزۇلۇپ ئالدىمغا چۈشتى.
- يىلان ! - دەۋەتتىم ئۆزەممۇ تۇيماي، باشقىلارمۇ قورۇققىنىدىن دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئېلىشتى، يىلان بەكلا چوڭ بولۇپ، بىز بىلىدىغان باشقا يىلانلارغا ئوخشىمايتتى. رەڭگى قارا، ئېغىزى خۇددى يىرتقۇچ بېلىقلارنىڭ ئېغىزدەك يۇغان ھەم زىچچىدە چىش قاپلىغان، ھەتتا چوققۇسىدا بىر غېرىچتەك ئاچىماق ساپسېرىق مۇڭگۇزىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. توملىغى ئادەمنىڭ چوڭ ئادەملەرنىڭ بىلىكىدەك بولۇپ، ئۇزۇنلىغى ئۈچ مىتىردەك كىلەتتى.
ئۇ يەرگە چۈشۈپلا ماڭا خىرىس قىلىشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ مىدىراشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي قاراپ تۇرۇپ قالدىم، ئارلىقىمىز يېقىن بولغاچ مىدىرلىساملا ئۇنىڭ ئېتىنلىپ كىلىپ ئېغىز سېلىشى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى، قانداق قىلىشىم كىرەك ؟مەن ھەتتا ئويلاشقىمۇ ۋاقىت يوق ، ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەيتتىم، ئۇ ماڭا ئالدىراپ ئېغىز سالماي، بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئەلپاز قىلغاچ يېقىنلاۋاتاتتى، ئارلىق يېقىنلىغانچە ئۇنىڭ بېشى ئىگىزلەپ بويۇم بىلەن تەڭلەشتى، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشقا پېتىنالمىدىم، كۆزلىرىدىن قىزىل ئوت چاقنايتى ھەم بىر خىل ۋەھىمە چىقىراتتى. ئېغىزىدىن «كىش،كىش» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كىسلاتادەك كۆيدۈرگۈچ سۇيۇقلۇق ئاقاتتى. كۆزۈمنىڭ قۇيرۇغىدا قاھارغا قارىدىم، ئۇ قىمىرلىيالمايۋاتقىنىمنى چۈشەندى بولغاي قورالىنى ئۇنىڭ بېشىغا توغۇرلىدى، ئۇنىڭ ھەركىتى يىلاننىڭ دىققىتىنى تارتتى يىلان بىر سىلكىلىنىپلا چاقماق تىزلىكىدە قاھارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، قاھار بۇ ئۇشتۇمتۇت ئەھۋالدىن قاچىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشتى، روشەنگۈلمۇ ۋاقىرغىنىچە قاچالماي يىقىلدى، باشقىلار ئارانلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشتى.
يىلان بارغانچە ۋەھشىلەشتى ئۇنىڭ قىياپىتى ئەمدىلىكتە ئۆزگۈرۈپ باش قىسمى ئوتتەك قىزاردى، قارىماققا ئۇ قاھارغا ئېغىز سالماقچى بولغان بولسا كىرەك، مەن تىزلىكتە ئۇنىڭ بېشىنى قارىغا ئالدىم،
دەل موشۇ چاغدا تۇيۇقسىز زەربىدىن ئۇچۇپ چۈشتۇم، نىمە بولغىنىنى بىلەلمەيلا بېشىمنى كۆتەرگىچە يىلاننىڭ ماڭا ئېتىلغىنىنى كۆردۈم، يىلاننىڭ قۇيرۇقى يېنىمدا تۇراتتى …ئۇ ئېغىزىنى شۇنداق يۇغان ئېچىپ كەلدى، بەلكىم ئۇنىڭ شۇ ئېغىزى بېشىمنى چىشلىسە ئۈزىۋېتىشى چوقۇم ئىدى، نەدىن كەلگەن كۈچكىن چەبدەسلىك بىلەن قورالنى توغۇرسىغا تۇتىشىمغا ئۇنىڭ ئېغىزىغا كەپلەشتى، ئۇ غالجىرلىق بىلەن مىلتىقنى غاجايتتى، بۇ چاغدىكى شۆلگەيلىرى چاچىراپ ئالدىمدىكى ئوت - چۆپلەردىن ئىس قاينىتىۋەتكەنتى.
بۇ چاغدا نىجات بىلەن قاھار ئۇنىڭ قۇيرۇغىدىن كۈچەپ تارتتى. مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يىلاننىڭ كاللىسىغا كەينى - كەينىدىن ئۈچ پاي ئوق ئۈزدۈم، ئوق ئاۋازى ئورماندا يېنىشىپ يىراقلارغىچە تارقىلىپ كەتتى، يىلان ئۆلگەنتى ، لېكىن ئۇنىڭ بېشى تىتىلغان بولسىمۇ كاللەك بولىۋېلىپ تولغىنىۋاتاتتى·
ھەممىمىز جېنىمىزنى ئالغىلى قىل قالغان بۇ ۋەھشىي جانىۋاردىن قۇتۇلۇپ قالغىنىمىزغىمۇ ئىشەنگۈمىز كەلمەي تولغىنىشىغا قاراپ تۇرۇپ قالدۇق.
- بۇ مەخلوقنىڭ مۇڭگۇزى ئالتۇندەك قىلىدۇ ؟ - دىدى توختاخۇن ئاكا ئۇنىڭغا بويلاپ قاراپ.
بۇنداق تۇرۇش ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىدى، بىز ئاتقان ئوق ئاۋازى بەلكىم بارلىق مەخلوقلارغا سىگنال بەرگىنىمىز بولىشى ئېنىق ئىدى.
- بۇ يەردىن تىز كىتەيلى ، كىم بىلىدۇ مەخلۇقلار بىزنى سىزىپ بولدىمۇ تېخى ،- دىدىم كۆڭلۈم دەككە -دۈككە بولۇپ .
شۇ ئارىدا ئورمان ئارسىدا بىر نەرسىنىڭ دەرەخ شاخلىرىنىڭ سۇنغان، بىر نەرسىلەرنىڭ كىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى .
- تىز قاچايلى ، مەخلوقلار كىلىۋاتىدۇ …
…
داۋامى بار............