جىن تەككەن قىز

سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كىسەكلىرى كۆرۆنۆپ قالاي دىگەن قاراسۇۋاق ئۆي،ئۆينىڭ ئۇ يەر،بۇ يەرلىرىدە چالا يىيىلگەن مىۋە شۆپەكلىرى،سۆڭەكلەر تاشلاقلىق،ئۇنىڭ ئەتراپىدا چىۋىنلەر غەمسىز گىژىلدىشىپ تۇرغان،ئۆيدىن بىرخىل بەتبۇي پۇراق كىلىپ تۇرىدىغان،بۇ ئۆينى بەلكىم بىر بويتاقنىڭ ئۆيى بولسا كىرەك دەپ پەرەز قىلۋاتقانسىز ھە؟!ئۆينىڭ ئوتتىرىدا چاچلىرى چاڭگىلىشىپ كەتكەن،يۈز-كۆزلىرىنىڭ مەينەتلىكىدىن خۇددى ئۆمرىدە يۇينۇپ باقمىغاندەك كۆرىنىدىغان بىر قىز بەخىرامان ئۇخلاۋاتاتتى،مانا مۇشۇ قىز بۈگۈنكى ھىكايىمىزنىڭ باش پىرسوناژى،بۇ قىزنىڭ ئۆيى مۇشۇ مەلىنىڭ ئەڭ چىتى بولغان قەبرىستانلىقنىڭ يىنىغا جايلاشقان بولوپ «بىر قىز بالا مۇشۇنداق بىر يەردە قانداقمۇ يالغۈز ئولتوردىغاندۇ ،بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇق تۇققىنى يوقمىدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.ئەسلىدە بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىللىق بىر ئائىلىسى بار ئىدى.

‏بۇ قىز تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ساتتار ھاجىمنىڭ قىزى ئىدى،بۇكىشى شۇبچىلىك قولى ئوچوق چىقىشقاق كىشى ئېدى،ئاللاھ بۇلارغا بايلىقنى ئايىمايلا بەرگەن بۇ مەھەللەنىڭلا ئەمەس ،مۇشۇ شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ باي ھىساپلىناتتى ،شۇنداق بولىشىغا قارماي بەكلا كەمتەر،مەرت كېشى ئېدى،ئۇ بۇ شەھەرگە مۇساپىر بولغان بولامدۇ،مۇشۇ شەھەردىكى قىيىنچىلقى بار كىشىلەر بولامدۇ ئايىماي ياردەم قىلاتتى،لىكىن بۇ كىشىنىڭ پەرزەنتتىن تەلىيى كەلمىگەنمۇ،توي قىلىپ ئون نەچچە يىلغىچە بالىلىق بولالمىدى،بۇلارنىڭ بالىنى دەپ قىلمىغىنى قالمىدى،بالىلىق بولوش ئۈچۈن قۇلاق ئاڭلىغان كۆز كۆرگەننىڭ ھەممىنى قىلىپ باقتى لىكىن ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار كەتتى،ئايالىمۇ ئاخىرى ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ يولدىشىنى يەنە بىر ئۆيلۆنۆشكە دەۋەت قىلدى،لىكىن ساتتار ھاجىم قەتئى ئۇنىمىدى ،ئۇ ئايالىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى ئۇنىڭ بالا دەپ پەرۋانە بولوپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەندە يۈركى ئىچىشىپ كىتەتتى،ئۆزىغۇ بالىغا بەكلا ئامراق ئېدى لىكىن سۆيۆملۆك ئايالىنىڭ بالا دەپ تاتقان جاپالىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك ئازاپلىنىپ كىتەتتى،ئۇنى ئاز دەپ چوڭلارنىڭ تاپا-تەنىسىمۇ يەتكۈچە بار ئېدى ،بۇ ناتىۋانغا مۇشۇ بىسىملارمۇ يىتىپ ئاشاتتىغۇ،بىر ئايال ئۈچۈن ئۆز يولدوشىنى قايتا ئۆيلىنىشكە دەۋەت قىلىش،ئۇنى ئۆز قولى بىلەن باشقىلارغا ئىتتىرىپ بىرىش نىمدىگەن ئازاپ ھە؟!

‏ئۇ «مەن ئۆلسەممۇ ئايالىمنى بۇ ئوتنىڭ ئىچىگە تاشلىمايمەن ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ دەرت-ئەلەملىرى ئۆزىگە يىتىپ ئاشىدۇ،بالا بولمىسا نىمە بوپتۇ بىرەر بالا بىقىۋالساق بولمىدىمۇ »دەيتى داۋاملىق،ئايالى مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتايولدىشىدىن ئىچ-ئىچىدىن سۆيۆنۆپ ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق بەخىتنى ئاتا قىلغىنىغا تەشەككۇر ئىيتىپ يىغلاپ كىتەتتى،ئۇنىڭغا نە قىيىن ئانىسىنىڭ تاپا-تەنىسى نە قىيىن سىڭىل قىيىن ھەدىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا زەھىرىنى تىقىپ چىقىۋىلىشلىرى كۆرۆنمەيتى،بۇلار توي قىلىپ 13يىل بولغاندا خۇددى مۆجىزە يۈز بەرگەندەكلابۇۋەجەرخىنىمنىڭ بويىدا قالدى،بۇ خەۋەر بۇ ئۆينىڭ خوشاللىقىغا خوشاللىق قاتتى،ساتتار ھاجىم خوشاللىقىدا مەھەللىگە چوڭ توي بەردى،بۇۋەجەرخىنىمنىڭ ئاي -كۈنى توشوپ ئاي يۈزلۈك بىر قىز تۇغدى،بۇ قىز شۇنچىلىك چىرايلىق ئېدىكى،يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ بۇ دەرىجىدە چىرايلىقلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى ۋە سۆيۆندۆردى،ئۇنىڭ ئىچى زەھەر كىچىك ئاپىلىرى خۇددى ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت قىلىشقاندەك«بۇ قىز چوڭ بولسا «ئاپەتنىڭ يىلتىزى بولغىدەك »دىيىشتى سەت ئېغىزلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ،بۇ گەپ ئانىنىڭيۈرەكلىرىنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئىچىشتۇرىۋەتتى،ۋە قىزىغا كۆز تىگىشتىن قورققاندەك ،ئىچىدە بىر نىمىلەرنى ئوقوپ ھۈرۈپ قويدى،ئۇ غەيۋەتخور خوتونلار بولسا يەڭگىسى خۇددى ئۇلارنى قاغاۋاتقاندەك بىلىنىپ،ئۇنىڭغا ئالىيىپ غوتولدوشۇپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتى،

‏بۇ قىز ئاستا-ئاستا چوڭ بولوشقا باشلىدى،ئۇ چوڭ بولغانسىرى تىخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىپ باراتتى،ئۇ بۇ ئۆينىڭ خوشاللىقى ئېدى،ئۇنىڭ كىچىككىنە قىلىقلىرىمۇ بۇ بالىغا تەشنا ئاتا-ئانىنى بەكمۇ سۆيۆندۇرىۋىتەتتى، بۇلارنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە بىر چوڭ كۆل ،كۆلنىڭ بويىدا نەچچە يىللىق بىر يوغان ئاق ئۈژمە بار ئېدى،بۇ ئۈژۈمە ساتتار ھاجىم ئىسىنى بىلسە مۇشۇ يەردە بار ئىكەنتوق، ئارزۇ(ئۇلار شۇنچىلىك تەستە ئېرىشكەن قىزىغا ئارزۇلاپ ئارزۇ دەپ ئىسىم قويغان ئىدى)تايتاڭلاپ ماڭغىدەك بولغاندا ساتتار ھاجىم قىزىدىن ئەنسىرەپ بۇ كۆلنىڭ ئەتراپىنى قاشالىۋەتكەن ئېدى،ئارزۇ 4ياشقا كىرگەن يىلى بىر كۈنى بۇۋەجەر خىنىم قىزىنى ئۇخلۇتۇپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى، بىر چاغدا خۇددى بىرى تۈرتكەندەك بولوپ چۆچۆپ ئويغىنىپ كەتتى،ۋە يىنىغا قاراپ چۆچۆپ كەتتى چۈنكى يىنىدا ئارزۇ يوق ئىدى،ئۇ ئۆندەرەپ قوپوپ ھەممە يەرنى ئېزدىدى لىكىن قىزىنى تاپالمىدى ئۇ جىددىلىشىپ يىغلىۋەتتى بىر چاغدا ئارقا ھويلا ئېسىگە كىلىپ، شۇ ياققا قاراپ يۈگۈردى دىگەندەك ئۇ قىز كۆل بويىدىكى ھىلىقى ئۈژمە ئاستىدا ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر ئوغول بالا بىلەن ئويناۋاتاتتى،بۇۋەجەر خىنىم بۇ بالىنى تونىماي كىمنىڭ بالىسىدۇ دەپ ‏

ئويلىدى ھەيران بولوپ بالىنىڭ كۆزىدىن تارقالغان بىرخىل مۇدھىش نۇر دىن بۇۋەجەر خىنىمنىڭ پۇتۇن ئەزايىنى سوغوق تەر بىسىپ كەتتى،ئۇ خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن بىرەر مىھماننىڭ بالىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى،‏بۇۋەجەر خىنىم قىزىنى يۆتلەپ ماڭغاچ سورىدى-قىزىم بۇ ئادىشىڭىز كىم بولىدۇ-ئارزۇ چۈچۈك تىللىرى بىلەن جاۋاپ بەردى

‏-بۇ مۇھەممەت ئاپا بىز ئەي-خوتون بولوپ ئوينىدوك،بەك پەيزى ئوينىدوك،

‏-ھە؟كىمنىڭ بالىسى سىز ئوغلوم،

‏-

‏بالا گەپ قىلماي يەرگە قاراپ تۇراتتى،بۇۋەجەر خىنىم ئوشوق گەپ قىلماي ئۇلارنى ئۆيىگە باشلاپ كىردى،ئۆيگە كىرىپ -بالام ئاپىڭىز نەدە؟مەن سىزنى ئاپىڭىزنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ قوياي دىدى ئۇنىڭدىن يەنە سادا چىقمىدى،شۇنىڭ بىلەن بۇۋەجەر خىنىم«بوپتۇ سەل تۇرۇپ خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي ياكى ئۇ ۋاققىچە ئاپىلىرىمۇ ئىزدەپ كىرىپ قالار،ئىسسىقتا ھەجەپمۇ ھىرىپ كەتتىما بالا ئىزدەپ،ھىلىمۇ كۆلگە چۈشۈپ كەتمەپتۇ »دەپ ئويلاپ تۇرشى ئارزۇ بىلەن ئۇ بالا ئىككىسى ئويوققا قاراپ كۈلگىلى تۇردى،ئانا قاتتىق چۆچۆپ كەتتى،ئۇ ئىككىسى شۇنداق قاتتىق كۈلدىكى ئانا ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۇ ئىككىسىنى توختىتالمىدى ،ئانا جىددىيلىشىپ ئويوقتا نىمە باركىن دەپ ئييوقنىڭ پەردىسىنى شۇنداق قارىۋىدى،ئۇ يەر گە ئۇخلاشتىن بۇرۇنلا قويوپ قويغان يىرىم تاۋۇز بىلەن بىر نان پاك-پاكىز يىيىلىپ بولغان ئۇ يەردە پەقەت تاۋۇزنىڭ شاپىقىلا تۇراتتى،ئانا بىرخىل ئەنسىزلىك بىلەن كەينىگە قاراپ قورققىنىدىن قاتتىق چىقىرۋەتتى،ئۆيدە ھىلىقى بالا يوق قىزى بولسا كۆز قارچوقى پولتويوپ چىققان،كۆزنىڭ قارىسى كەينىگە كەتكەن،ئاغىزىدىن بۇژغۇن چاچراتقان ھالدا ياتاتتى،بۇۋەجەر خىنىم بالىنى قانداق ئالغىنىنى كوچىغا قانداق چىققىنىنى بىلمەيلا قالدى،ئۇ ئىسىنى بىلگەندە بولسا،بالىنى كۆتۆرۆپ ،يالىڭاياق يۈرگەنلىكىنى كۆردى قىزى بولسا يەنە شۇ ھالدا ئىدى ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي بار كۈچى بىلەن خوشنىلارنى ياردەمگە چاقىرىشقا باشلىدى،مۇشۇ تاپتا

ئۆزىمۇ يىقىلىپ چۇشەيلا دەپ قالغان ئىدى،

‏ئۇنى بىر كۈچ يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ تۇراتتى ،بەلكىم بۇ ئانىلىق مىھرى بولسا كىرەك،شۇ چاغدا ئۇنىڭ خوشنىسى ئايگۇل،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگرەپ چىقتى ۋە ئۇنى بۇ ھالدا كۆرۆپ ھەيران قالدى ۋە ماشىنا ھەيدەيدىغان ئوغلىنى چاقىرىپ ئۇلارنى دوختورخانغا ئىپ ماڭدى،بۇ چاغدا بۇۋەجەرخان پۇتۇنلەي خۇدىنى يوقاتقان ئېدى،بۈگۈن كەينى-كەينىدىن كەلگەن كىلىشمەسلىكلەر ئۇنى ھالسىرتىپ قويغان ئېدى،ئۇ كۆزىنى ئاچقان ۋاقتىدا يىنىدا يولدىشى ئابدۇساتتار ھاجىم ۋە خوشنىسى ئايگۈل ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى،ئۇ ئويغونوپلا قىزى ئارزونى سورىدى،ئۇلار ئۇنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە ئىكەنلىكىنىدېدى،ۋە نىمىش بولغانلىقىنى سورىدى،بۇۋەجەر خىنىم چۇشتە بولغان ئىشلارنى دەپ بەردى،بۇ چاغدا ئابدۇساتتار ھاجىمنىڭ چىرايلىرى ئۆزگۆرۆپ، قاپاقلىرىتۈرۈلۈپ كەتتى،بۈۋەجەر خىنىم ئۆز ھالى بىلەن يولدىشىنىڭ چېرايىدىكى ئۆزگۆرۆشكە دىققەت قىلمىدى،لىكىن ئۇ بالىنىڭ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتكىنىنى ئويلىغاندا ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇنى كاللىسىدىن ئۆتكۆزەلمەيتى،«ئۇ زادى نەگە يوقاپ كەتكەندۇ،بىر كىچىك بالىنىڭ بۇنچە تىزلا ئۆيدىن چېقىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس،ئۇ تاۋۇزلارنى،كىممۇ يىگەندۇ،بۇ ئۆيدە مەن بىلەن ئارزۇدىن باشقا ئادەم بولمىسا،ھاجىم ئۇ ۋاقتىدا،ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدۇ،ئارزۇنىڭ بويى ئۇ تاۋۇزلارغا يەتمەيدۇ يەتكەن تەقدىردىمۇ ئۆزى يالغۇز ئۇ بىر نەرسىلەرنى قانداق يەپ بولىدۇ،ئەجەبا ئۇ بالا.........»ئۇ ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى،دەل مۇشۇ چاغدا دوختورلار چىقتى ئۇلار دوختوردىن قىزىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشتى،دوختور ئۇنىڭخەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۆپ كەتكەنلىكىنى،ئىسسىق بەك ئىچىگە ئۆتۆپ كەتكەچكە شۇنداق بولغانلىقىنى،ئۇنى ھازىر ئادەتتىكى ياتاققا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئىيتتى ئۇ ۋاققىچە،سىستىرا قىز ئارزۇنى ئىپ چىقتى،بالا بايىقىدىن خىلى ياخشى بوپ قالغان ئېدى،لىكىن ئوت-كاۋاپ ھالەتتە قىزىق ئېدى،ھاجىم دوختورغا ئۇنىڭ قىززىتمىسىنىڭ يانمىغانلىقىنى دېدى،دوختور پەرۋاسىز ھالەتتە

‏-بىز قىززىتما قايتۇردىغان دورا-ئوكول قىلدوق قىزىتمىسى ھىلىغىچە،يىنىپ كىتىدۇ،سىز ھازىر بىرىپ بالنىستتا ياتىدىغان رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ كىلىڭ دېدى،لىكىن ھاجىم بالنستتا ياتقۈزمايدىغانلىقنى ئىيتتى،دوختور ئاچچىقلاپ

‏-قانداق ئادەمسىز بالىنىڭ قىزىتمىسى بۇنداق يۇقىرى تۇرسا بالنىستتا ياتمىسا بولمايدۇ،بالىنى ئۆلۆپ قالسۇن دەۋاتامسىز-يە؟دېدى،بۇنى ئاڭلىغان بۈۋەجەر خىنىم ئۇنىڭغا يىلىنغان تەلەپپۇزدا-ھاجىم ئۇنداق قىلماي بالىنى دوختورخاندا ياتقۇزايلى،قىزىمدىن بۇنداقلا ئايرىلىپ قالغۇم يوق دەپ يىغلاپ كەتتى،ھاجىم بۇ ئامراق ئايالىنىڭگىپىنى يىرالمىدىمۇ ياكى راستىنلا قىزىدىن ئەنسىردىمۇ قىزىنى دوختوردا ياتقۇزۇشقا قوشولدى،لىكىن نىمىدىندۇر ئەندىشە قىلغاندەك بەكلا ئالاقزادە كۆرىنەتتى،دىققىتىنى پەقەتلا بىر يەرگە  يىغالمايۋاتاتتى،قىزىغا بىرخىل ئىچ ئاغرىتقان كەيپىياتتا قارايتى،قىزىنىڭ كىسىلى ساقايماقتا يوق تىخىمۇ ئىغىرلاپ كىتىۋاتاتتى ،تۇرۇپلا جۆيلۆپ،بىر نىمىلەرنى دەپ يىغلاپ ۋاقىراپ بىردەم،كۈلۈپ ياتاقنى بىشىغا كىيەتتى،بىر كۈنى ياشقا چوڭراق بىر دوختور ھاجىمنى ئايرىم چاقىرىپ

‏-ئۇكام بالىنىڭ كىسىلى دوختورخانىدا ساقايمايدۇ،ئەكسىچە تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋالىسىلەر،مىنىڭچە سىلەر بالىنى ئۆيگە ئاچىقىپ ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ئۇسۇللىرىدا داۋالاپ بىقىڭلار دېدى،ھاجىممۇ

‏-شۇ ئاكا مەنمۇ باشتا شۇنداق ئويلىغان لىكىن ھەممىسى قارشى چىقتى،مەن بۈگۈنلا بالىنى دوختور خانىدىن ئىپ چىكىتەي -دېدى،ۋە كىرىپلا ئايالىغا نەرسىلەرنى يۈغۈشتۇرۇپ چىقىشقا تەييارلىق قىپ تۇرۇشنى ئىيتتى -دە ئۆزى رەسمىيەت ئۆتىگىلى چىقىپ كەتتى،ئۇ دوختورلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي،بالىنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى ئۇ ئۆيگە كىلىپلا قىزىغا ئايەت ئوقوپ ھۈردىۋە دىمىدىلەرنى قىلىپ ئىچكۈزدى،ئۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولغىلى تۇردى،بۈۋەجەر خىنىم بۇنى كۆرۆپ شۇنچىلىك خوشال بولدى،ۋە ئىرىغا بولغان قايىللىقى تىخىمۇ ئاشتى لىكىن  ھاجىم بولسا بىر خىل ئەنسىزلىك ئىچىدىلا يۈرەتتى ،دۇنيالىقتا مۇشۇ بىر تاللا قىزىدىن ئەنسىرەپكىچىدە كۆزىگە ئۇيقىمۇ كەلمەيتى.

ھاجىمنىڭ ئەنسىرشى ئورونسىز ئەمەس ئېدى،ئارزونىڭ قىزىتمىسى چۈشۈپ خىلى ياخشى بوپ قالغىنى بىلەن بەكمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتكەن ئېدى،باشقا بالىلار بىلەن پەقەتلا ئارلاشمايتى،ئۆزى يالغوز بىر بۇلۇڭغا كىرۋىلىپ بىرنىملەرنى قىلىپ ئولتوراتتى،بىردىنلا چۇشنۇكسىز بىرنىمىلەرنى  دەپ كەتسە،بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتەتتى،بۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ قىشىغا ھىچقانداق ئادەم يىقىن كىلەلمەيلا قالاتتى،توۋا دىگىدەك ئىش بۇ ۋاقىتتا كىچىككىنە قىزدىكى كۈچكە،خىلى زەبەردەس 3-4ئەركىشىمۇ تەڭ كىلەلمەيقالاتتى،بەكرەك ئېتىشىپ قويسا بالىنىڭ كۆز قارچوغى كەينىگە كىتىپ كۆزلىرى پولتويوپ،ئاغزىدىن كۆپۆك يىنىپ،خۇددى بىرى گىلىنى سىقىۋاتقاندەك بوينىنى تۇتۇپ تىپىچەكلەپلا قالاتتى،بالىنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئانىنىڭ باغرى سۇ بوپ كەتتى،«بارى يوقى بىر بالام باش -كۆزلىرى تاز بالام دەپ،شۇنچە ئازلاپ-ئارمانلاپ ئاران بىر،تاپقان بىر تال قىزىنىڭ،يۈرەك باغرىنىڭ،كىچىككىنە تۇرۇپ تارتىۋاتقان دەرتلىرى ،بالا ئۈچۈن پەرۋانە بوپ يۈرگەن بىچارە ئانىنىڭ باغرىنى تىلىپ ،تىلىم -تىلىم قىلىۋەتتى،دادىنىڭ ھالىمۇ ئانىنىڭكىدىن پەرىقلەنمەيتى،بىر كۈنى ھاجىم خوشنا مەھەللىدىكى بارات موللامنى باشلاپ كەلدى،موللام قىزنى كۆرۆپلا كۆز قارچوقلىرى يوغىناپ ،خۇددى دەنزىدەك پىقىراپ،چىرايلىرى تۆمۆردەك قارداپ،بىر خىل قورقونوچلوق بوپ قالدى،ئۇ ئىچىدە بىرنىمىلەرنى دەپ ھەدەپ ئەتراپىغا سۇھكۇچلەپ،تۇكۇرۇپ بىرنىمىلەرنى قىلىۋاتاتتى،بۇ ئادەم بىرنىمىلەرنى ئوقىغانسىرى،ئارزۇ دىرىلدەپ تىترەپ،بەدەنلىرى بىرخىل كۆكىرىشكە باشلىدى،بۇنى كۆرۆپ بۈۋەجەر خىنىم چىدىماي قىزىنى قولىغا ئالماقچى بولوپيۈگرەپ كەلدى،بارات موللام ئۇنى شۇنداق سەت سىلكىۋەتتىكى،ئۇ كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى،ئەگەر ھاجىم تۇتىۋالمىغان بولسا بەلكىم بەك قاتتىق يىقىلىپ كىتەمىتىكىن،موللام بۇ يەردە ئوقوپ بولالمايدىغىنىنى بىلىپ ئايرىم ئۆيگە ئەكىرىپ قويىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى،ھاجىم ئۇلارنى يالغۇز بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويوپ ئۆزلىرى دەرىزىدىن قاراپ تۇردى قىز ناھايىتى ھالسىز بولوپ پۇت قولىدا جان يوقتەكلا تۇراتتى،موللام قىزنى ئۆينىڭ ئوتتورىدا ياتقۇزۇپ قويوپ يەنە ئوقوشقا باشلىدى، ھەر بىر ئوقوپ سۇھكۈشلىگەندە قىز تىترەپ ئورنىدىن قوزغولوپ كىتەتتى،شۇ ئارىدا قىز بارا -بارا يۇقىرى كۆتۆرلۆشكە باشلىدى،موللام ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويوپ ئوقوشىنى داۋاملاشتۇرەۋەردى،قىز بىر كۆتۆرلۆپ يەنە پەسلىدى ،ئاندىن قىزنىڭ پۇتىنىڭ  ئۇچىدىن باشلانغان بىر كۆك بىشىنىڭ چوققىسىغىچە باردى،قىز شۇنچىلىك سەت بىر چىقىردى -دە،لەسسىدە بوپلا جىمىپ قالدى،ئانا چېدىماي شۇ زامان يۈگرەپ بىرىپ ئىشىكنى ئېچىشى ئۆي ئىچىدىن قرپقارا بىر تۇمان لەيلەپ چىقىپ كەتتى،موللام ئاپلا دىدى-دە،بۈۋەجەر خىنىمغا ئاچچىق لىغاندەك قاراپ قويدى،ۋە ئارزۇنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۇنىڭ ئىككى چىكىسىنى ،بۇرنىنىڭ ئاستىنى ئۇۋلىغان ئېدى بالا ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلدى،ئاندىن موللام ساتتار ھاجىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا

‏-ئەسلى بايا ئايالىڭىز ئىشىكنى بالدۇر ئىچىۋەتمىگەن بولسا،قىزىڭىزغا يىپىشىۋالغان جىننى تۇتىۋالغان بولاتتوق،ئۇنى تۇتىۋالغان بولساق ئىشلار خىلىلا ئاسانلاشقان بولاتتى،قىزىڭىزغا يىپىشىۋالغان جىن مۇشۇ ئۆينىڭ كەينىدىكى ئۈژمە دەرىخىگە ئورونلاشقان جىنلار پادىشاھىنىڭ ئوغلى بولىدىكەن،ئۇ قىزىڭىز بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇغۇلغان ئېكەن قىزىڭىز بەك چىرايلىق بولغاچ جىنلار پادىشاھى ئوغلىغا قىزىڭىزنى خوتون قىپ تاللاپتۇ،ئۇ قىزىڭىز تۇغۇلغاندىن بىرى ئۇنىڭ يىنىدىكەن،ھىلىقى كۈنى ئايالىڭىز كۆرگەن بالا نەق شۇ بالا بولىدۇ،سىلەر ئىتىشمىساڭلار ئۇلارنىڭمۇ كارى يوق سىلەر ئۇ ئىككىسى ئويناۋاتقاندا ئىتىشىپ قويوپ ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويوپسىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنى بوغوپ ھەرخىل ھەر ياڭزا سەت چىرايلار بىلەن كۆرۆنۆپ بالىنى قور قوتوپتۇ،مەن ھازىر بىرەر قۇر ئوقوپ ھويلىنىڭ ھەممە يىرىگە ھۈرۈپ قويىمەن ئاللا خالىسا ئۇلار ئالدى ھويلىغا كىرەلمەيدۇ،كەينى ھويلىغا كەلسەك ئۇلارغا بۇ يەردە ياشاۋاتقىلى نەچچە يۈز يىل بوپتو، مەن ئۇلار بىلەن كۈچ ئىلىىشىپ بولالمايمەن ،ئامال بار بالىنى ئارقا ھويلىغا ئۆتكۆزمەڭ،

-‏بولىدو ئەمدى قىزىم ياخشى بوپ كىتەرمۇ موللام،قىزىم ھىلىمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ جىق دەرت تارتىۋالدى،

‏-مەن ئۇنى پۇتۈنلەي ساقىيىپ كېتىدۇ دىيەلمەيمەن،ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدىن ياخشى بوپ كىتىدۇ،

‏-رەھمەت سىلىنى جىق ئاۋارە قىلدوق موللام،

‏-ھىشقىسى يوق ھاجىم سىلىنىڭ باللىرى ئۆزەمنىڭ بالىسىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ،

‏ھاجىم بارات موللىغا مىڭبىر رەھمەتلەرنى ئىيتىپ،بىر مۇنچە سوغا -سالاملار بىلەن يولغا سىپ قويدى دىگەندەك ئارزۇدا كۆرنەرلىك ياخشىلىنىش بولوپ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شوخ -ئوماق ۋاقتىغا قايتىشقا باشلىدى بۇنىڭدىن، ئەر-ئايال ئىككىسى بەكلا خوش بولوپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى،ئارزۇ بۇلارنىڭ خوشاللىقى بەختى ئەمەسمۇ،ئاتا-ئانا دىگەن نىمدىگەن ئۇلۇغ -ھە؟!بالىسى كۈلسە تەڭ كۈلىۋاتقان،يىغلىسا تەڭ يىغلاۋاتقان،مانا قاراڭ بۇ ئائىلىدىمۇ بالىنىڭ كۈلكىسى بىلەن تەڭلا جاراڭلىق كۈلكىلەر ياڭرىغىلى تۇردى،ئاللاھىم بۇلارنىڭ كۈلكىسى مۇشۇ پىتى داۋاملاشقان بولسا بۇ ئوماق،قىزمۇ مۇشۇ پىتى ئەمدى ئازاپ تارتمىغان بولسا نىمدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟!ھەرقانداق بىر كېشى گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ لىكىن بۇ ئائىلىدە بولسا،ئاشۇ گۈزەللىك مۇشۇ كىچىككىنە قىزغا دۈشمەن بولىۋاتىدۇ دىسە،

‏كەچتە بۈۋەجەر خىنىم قىزىنى ئۇخلىتىپ قويوپ ھاجىمغا قاراپ

‏-دادىسى ،ئۈژمە دەرىخىنى كىسىۋەتسەك قانداق دەيسىز؟بۇ ئۈژمە دەرىخى بىشىمىزغا بالا بولدىغان ئوخشايدۇ ،دېدى،

‏بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاجىمنىڭ چېرايى تاتىرىپ كەتتى،ۋە ۋەزمىن ھالدا

‏-،نىم دەۋاتىسىلە ئانىسى؟موللامنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىدىڭلىمۇ؟بۇلار بىز بىلەن خوشنا بولغىلى ئۇزاق زامانلار بولدى،بىز ئېتىشمىساقلا بۇلار بىز بىلەن ئېتىشمايدۇ،

‏-لىكىن ئۇلار بىز بىلەن ئېتىشىۋاتىدىغۇ-مانا،قىزىمىز نەچچە ۋاقىتتىن ئاز جاپا تاتتىمۇ؟شۇ كىچىككىنە نارىسىدىنىڭ نىمە قىلغىنىغا ئۇنىڭ بىلەن ئىتىشىدىكەن-بۈۋەجەر خىنىم شۇنداق دەپلا پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتى،

-‏لېكىن ئا نىسى پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىغىلى بولمايدۇ،ئەگەر بىز بۇ دەرەخنى كەسسەك ئۆمۆرلۆك پۇشايمانغا قالىمىز،بىز ھازىرچە قىزىمىزنى ئارقا ھويلىغا چىقارماي تۇرايلى،ئاندىن بىرەر ئۇستاراق موللىنى تىپىپ بۇلاردىن قۇتۇلدىغان ئىشنى قىلايلى،سىلە ئارتوقچە غەم يەپ كەتمەڭلا ئانىسى،

‏بۈۋەجەر خىنىم جىمىپ قالدى،لىكىن خىلى ۋاققىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى،بىچارە قىز يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرەر،ھىلىقىقىيىن سىڭىللىرىمئۇ تۇغۇلغاندا «بالايىئاپەت بولغىدەك بۇ »دەپ كىچىككىنە بالىنى ھاقارەتلەپ يۈركۈمنى ئەزگەن ئېدى ئەجەبا چىرايلىق بولوش ئۇنىڭ گۇناھىمۇ؟چېرايلىق بولغانلىقى سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ تائىپىسىدىكى كىشىلەر كۆرەلمىسە،يات بىر تائىپىدىن بولغانلار بولسا،ياخشى كۆرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇنى قىينىسا،بىچارە قىزىم ياكى بىرەر بىر تۇققان قىرىندىشى يوق ،ياكى كىچىك ئاپىلىرىنىڭ كۆيىمى يوق بىزدىن كىيىن قالسا قاندامۇ قىلا ئۇلۇغ ئاللا مۇشۇ،سەبى نارسىسىنىڭ بەختىنى بەرگەيسەن،ئۇ شۇنداق ئويلاپ ئېچىدە بىرنىمىلەرنى دەپ پىچىرلاپ قويدى،

‏ھاجىممۇ قىزىنىڭ غىمىنى قىلىپ ئۇ ياق -بۇ ياققا ئۆرىلىپ ھىچ بىر ئۇخلىيالمايۋاتاتتى،

ھاجىم قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى،ئايالى دىگەندەك ئۇ ئۈژمە دەرىخىنى كىسىشكە قەتئى بولمايتى،ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ھىلىقى ئىش ھىلىمۇ ئىسىدىن چىقمايدۇ،ئۈژمە پىشقان ۋاقىتلار ئېدى،ھاجىمنىڭ ھەدىسى ئۈژمىگە بەكلا ئامراق ئىدى لىكىن شاققا چېقىشتىن بەك قورقاتتى،ۋە شاخقا چىقماي قولى يەتكۈدەك يەرلەردىنلا يەيتى ياكى ھاجىمغا ئالغۇزۇپ يەيتى ،ھاجىمنىڭ بۇ ھەدىسى سەل ئېچى يامانراق ئېدى،ھاجىم كېچىكىدىن ياغاچ،تۆمۆر تەسەك دىگەندەك نەرسىلەردىن بىر نەرسىلەرنى ياساپ ئويناشقا ئامراق ئېدى،بىر كۈنى ئۇ ياغاشتىن شۇنداق چىرايلىق قىلىپ بىر ئايروپىلان مودىلى ياسىدى بۇنى كۆرگەن دادىسى ئۇنى بەكلا ماختاپ كەتتى،بۇنى كۆرگەن ھەدىسى چىدىماي،پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپ ھىشكىم كۆرمىگەندە ئۇ ئايروپىلان مودىلىنى پىچاق بىلەن ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتتى،ھاجىم ئۇنى كۆرگەندە ئەلەمدىن يىغلىۋەتكېلى ئاز قالدى،ۋە بۇنى ھەدىسىدىن كۆرۆپ ئۇنىڭدىن ھىساپلىشىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى،ئۇنى چوقوم ئۈژمە يەۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ ئۇدۇللا ئارقا ھويلىغا ئۆتكەن ئېدى دىگەندەك ھەدىسى ئۈژمە يەپ ئولتوراتتى،ئۇ قانداق ئۆچ ئېلىشنى بىلەلمەي دەقىقە تۇرۇپ قالدى تۇيۇقسىزلا كاللىسىغا كەلگەن بىر خىيالدىن بەكلا خوش بوپ كەتتى،ۋە كەينىگە يىنىپ پالتىنى ئېپ كېرىپلا ئۈژمىنىڭ قول يەتكىدەك يەرلىرىنى كىسىشكە باشلىدى،ھەدىسى بۇنى كۆرۆپ نىمە قىلىۋاتىسەن ساراڭ بولمىغانسەن دەپ بىر تەرەپتىن تىللاپ بىر تەرەپتىن ئۇنى توسماقچى بولدى ،لىكىن ئاچچىقتىن يىرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان ھاجىم ھەدىسىنى ئېتتىرۋىتىپ ئېشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى،تۇيۇقسىزلا ھەدىسىنىڭ ۋايجان دەپ ۋاقىرغان ئاۋازىدىن چۆچۆپ كەينىگە قارىدى ھەدىسى كىسىلگەن دەرەخلەرگە قارىغانچە قىتىپقالغاندەك تۇراتتى چېرايى تاتىرىپ خۇددى ئۆلۆككىلا ئوخشاپ قالغان ئېدى،ھاجىم نىمە بولغىننى ئاڭقىرالماي ھەدىسى قارغان يەرگە قارىدى،ھىلقى كىسىلگەن ئۈژمە دەرەخلىردىن بولدوقلاپ قان چىقىۋاتاتتى،ھاجىم قورقوپ كېتىپ قولىدىكى پالتىنى تاشلىۋەتتى،ۋە ئالدى -كەينىگە قارماي بەدەر قاچتى ئۇقىچىپ خىلى يەرگە بىرىپ بولوپ ھەدىسى ئېسىگە كىلىپ كەينىگە قارىدى ھەدىسى يەنىلا جايىدا قاتتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك مىدىرماي تۇراتتى،ئۇ ئۆيگە كىرىپ دادىنى چاقىردى،دادىسى ئۇنىڭ جىددىلىشىپ كەتكىنىنى كۆرۆپ نىمىش بولغىنىنى سوراپ تۇرۋالدى لىكىن ئۇ خۇددى گاچا بوپ قالغاندەك ھەرقانچە قىپمۇ گەپ قىلالمىدى ،ۋە دادىسىنىڭ قولىدىن سۆرەپ ئېپ ماڭدى دادىسىمۇ ئارتوق گەپ قىلماي ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى،ئۇلار ئارقا ھويلىغا كەلگەندە،دادا بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى  كۆرۆپ ھەممىنى چۇشەندى ،ھەدىسى بولسا تىخىلا ھىلىقى جايىدا بىرى يەملەپ قويغاندەك مىدىرماي تۇراتتى،دادىسى ئۇنى ئاستا چاقىردى،ئۇ بىر نەچچە قىتىم چاقىرغاننىڭىزى ئۇ ئاستا-ئاستا ئېسىگە كەلدى، ئۇ دادىسىنىكۆرۆپ ئۇنىڭغا ئىسىلىپ يىغلاپ كەتتى دادىسى ئۇنىڭ دۇمبىسىگە يىنىك ئۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ ئۇنى يۆتلەپ ئۆيگە ئىپ كىردى،ھاجىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئېشىدىن خىجىل بولوپ ۋە بەك پۇشايمان قىلىپ بىر تەرەپتىن قورقوپ بىر بۇلۇڭدا گەپ-سۆز قىلماي بىشىنى ساڭگىلىتىپ تۇراتتى،دادىسى ئۇنىڭغىمۇ تەسەللى بىرىپ ھىشنىمە بولمايدىغانلىقىنى لىكىن بۇنىڭدىن كىيىن ئۈژمە دەرىخى بىلەن ئىيتىشماسلىقنى ئىيتتى ئۇ ماقول بولوپ ئۆزنىڭ ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى،ئۇ بايا بولغان ئىشلارنى ئويلاپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى،بىر چاغدا ئۆيدىكى قالايمىقان،تاراق-تۇرۇق ئاۋازلاردىن ئويغونوپ كەتتى ۋە بەك قورقوپ كەتتى ئۆيگە بىر توپ قورقونوشلوق سىمالار لىق تولغان ئېدى،ئۇلارنىڭ چاچلىرى ھەررەڭ-سەرەڭ يۇزلىرى قاپقاراتىرناقلىرى ئۇزۇن ،چىشلىرى ئارىدەك،كۆزلىرى پولتويوپ چىققان ئىشقىلىپ تەسۋىرلىگۈسىز سەت چېرايلار،بىرىنىڭ پۇتى يوق بىرىنىڭ قولى يوق بەزىلىرى بىشىنى قولىدا تۇتىۋىلىپ،باشسىز بەدىنى بىلەنلا دەلدەڭشىپ مىڭىپ يۈرگەن ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا بىر گەپ يەنى«قاتىل،سەن قاتىل بىزنى ئۆلتۆردۆڭ ئەمدى خۇن تۆلەيسەن»ھاجىم نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قورقوپ تىترەپ تۇراتتى،ئاپىلىرىنى ۋارقىراي دەيتى -يۇ،ئاغزى گەپكە كەلمەيتى،ئۇلار بارا-بارا ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كەلدى ئارىدىن بىرى ئۇنىڭ بوينىنى شۇنداق قاتتىق سىقتىكى ئۇزۇن تىرناقلىرى بوينىغا سانجىلىپ كەتتى،ئۇ تىنىق ئالالماي خارتىلداپ قالدى نەق مۇشۇ ۋاقتىدا ئاپىسى ئېشىكنى ئېچىپ كىردى،ئۇلار ئۇنى قويۋىتىپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولوشتى،ھاجىمنىڭ پۇت -قوللىرى بوشىشىپ كەتتى كۆز قارچۇغى كەينىگە كېتىپ ئۆزى خارتىلداپ ياتاتتى ئانا ئۇنى كۆرۆپ ئاللا -ۋا كۆتۆرۆپ يىغلىغىلى تۇردى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆيدىكى ھەممىسى يۈگرەپ كىردى،دادىسى ھاجىمنى كۆرۆپ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى،چىكىلىرىنى،بۇرنىنىڭ ئاستىنى ئۇۋلىدى ئۇ،خىلى ئەسلىگە كېلىپ قالدى،ئۇنىڭ بوينىدا يوغان قولنىڭ ئىزى ۋە خىلىلا چوڭقور ئىككى يارا ئىغىزى تۇراتتى يارائىغىزىدىن قان ساقىپ ئىقىۋاتاتتى دادىسى ئۇ يەرنى يۇيۇپ داكا بىلەن تىڭىپ قويدى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ،موللىلىقتىن خىلى خەۋىرى بار ئېدى ،ئۇ بىز خوشنىلارنىڭ چېشىغا تىگىپ قويوپتىمىز ئەمدى قان قىلىپ كەچرۆم سورايلى دېدى،ۋە بىرنەچچە توخو بىر قوي، بىركالىنى ئۈژمە دەرىخى ئاستىدا بوغوزلاپ بىرنىمىلەرنى دەپ چۈشنۈكسىز بىر نىملەرنى ئوقوپ،بىرە سائەتتەك ھەپىلەشتى،ئاندىن ئوغلىنىڭ قىشىغا كىلىپ ئوغلوم بىز بۇلار بىلەن خوشنا ئولتورۋاتقىلى بەك ئۇزۇن زامانلار بولدى ،بىز بۇلار بىلەن ئېتىشماي كىچىككىنە يىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بەرسەكلا ئۇلار بىز بىلەن ئېتىشمايدۇ مەن بۇرۇنراق ساڭا دەپ قويسام بوپتىكەن ئەسلى ئەگەر ئاپاڭ سەللا كېچىككەن بولسا،سەنمۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان بولاتتىڭ، ئەمدى ھەرگىز ئۇ ئۈژمە دەرىخى بىلەن ئىتىشما دېدى،ئۇمۇ ماقول بولغان ئېدى،شۇندىن بىرى ئۇ خوشنىلىرىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئىتىشمىغان ئۇمۇ ئۇلارنى ئاۋارە قىلمىغان ئېدى،ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە بولسا ،ئۇنىڭ قىزىنى ئاۋارە قىلۋاتقىنىنى كۆرۆڭ ئۇ بۈۋەجەرخىنىم دىگەندەك ئۇلارنى ئاۋارە قىلمىغان ئېدىغۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ بىر نەچچە كۈن خىلى تىنىچ ئۆتتى،ئارزۇمۇ خىلى ياخشى بوپ قالدى ئۆيدىكىلەرمۇ خىلى خاتىرجەم بولوپ ئۆز ئىشلىرىغا كېرىشىپ كەتتى،ھاجىم ئارقا ھويلىغا ھىچكىم ئۆتەلمەيدىغان قىلىپ قاشالىۋەتكەن ئېدى،ئارزۇغىمۇ مەخسۇس بىرسى ھەمرا بولوپ يىنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتى،شۇنداق قىلىپ بۇلارمۇ ئارقا ھويلىغا ئۆتمىدى بۇلارنىڭ خوشنىلىرىمۇ ھەر ھالدا بۇلار بىلەن ئېتىشمىدى،ئارزۇ بارا-بارا ئاپىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسىدە شۇنداق مۇلايىم ئىشچان ،پاكىز چوڭ بولدى،ئۇ ئاپىسىنىڭ تاپىلىشى بىلەن ھەرگىزمۇ تاھارەتسىز يۈرمەيتى،ھەم بەشۋاق نامازنى قالدۇرماي ئۆتەيتى،چوڭ بولغانسىرى چىرايلىرى تىخىمۇ نۇرلىنىپ قارغانلا ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك چىرايلىقلىشىپ كەتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىللىقلىقى،ئەخلاقلىقلىقى ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۆن قوشاتتى،مەھەللىدىكى مەكتەپتىكى چوڭ-كىچىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق ئېدى،ئۇنىڭ ئاشۇ گۈزەللىكىگە ھەسەت قىلدىغانلارمۇ چىقىپ ئۈلگۈردى ئەلۋەتتە،«يېغى ياندىن كىلور ،بالا كەلسە قىرىنداشتىن »دەپ ھاجىمنىڭ ھەدىسىنىڭ ئارزۇ بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىزى بار ئېدى،ئۇ چېراي جەھەتتە بەئەينى دادىسىنى تاتقان بولوپ،دوقا ماڭلاي،پاناق بۇرۇن،توڭكاي چىش ياپىلاق يۈز ،ئىشقىلىپ خۇدايىم سەت چېراينىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ قىزغىلا بەرگەندەك شۇنداقمۇ بىر كۆرۆمسىز ئېدى،شۇنداق بولىشىغا باقماي تىخى يوغانچىلىقى قوپال،ئەدەپسىزلىكى بىلەن تىخىمۇ سەت كۆرنەتتى،كىشىگە،باشقىلار داۋاملىق ئارزۇ بىلەن ئىككىسىنى سىلىشتۇراتتى مەيلى چېراي جەھەتتە بولسون مەيلى ئەخلاق جەھەتتە بولسون،مەيلى ئۇگىنىش جەھەتتە بولسۇن ئۇ ئارزۇدىن كۆپ تۆۋەن تۇرغاچقا ئىككىسى رۇشەن سىلىشتۇرما بوپ قالاتتى،شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ ئارزۇغا چىش -تىرنىغىغىچە ئۆچ بولوپ كەتكەن ئېدى،داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىپ،ئۇنىڭغا يوقىلاڭ تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا لەت قىلماقچى بولاتتى ،لىكىن«يامانلىق كىشىدىن ئاشماس »دەپ ئۇنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى بىكارغا كېتىپ باراتتى،ئۇ قانداق قىلىپ ئارزۇنى لەت قىلىپ كېشىلەرنىڭ نەزىردىن چۇۇشۇرۇشنىڭ كويىدا يىگىنى ئاش،ئىچكىنى چاي بولمايۋاتقان،كىچىسىمۇ ئۇخلىيالماي ئۇياقتىن -بۇ ياققا ئۆرىلىپ رەزىل پىلانلىرى ئۈچۈن چوت سوقىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە تۇيۇقسىز چوڭلاردىن ئارزۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى جىن چاپلاشقان ئىشىنى ۋە ئارقا ھويلىغا چىقسا بولمايدىغان ئىشىنى تولوقى بىلەن ئاڭلىۋىلىپ،خۇددى ئالتون تىپىۋالغاندەك خوش بوپ كەتتى،ئۇ بىر رەزىل پىلاننى پۇختا تۈزۈپ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بۈگۈن خاتىرجەم ئۇخلىدى،توۋا بۇ ھەسەتخورلوق دىگەن يا ئۆزگىنى خاتىرجەم قويمايدىغان ياكى ئۆزى خاتىرجەم ياشىيالمايدىغان،ھەسەت قىلغۇچىنىمۇ،ھەسەت قىلىنغۇچىنىمۇ كۆيدۇرۇپ كۈل قىلىدىغان ئاجايىپ بىر كىسەلكەنكى،ئاللاھىم ھەر بەندىسىنى بۇ كويدىن ساقلىسۇن،بىر شائىرنىڭ ھەسەتخولار توغرىسىدا يازغان مۇنۇ شىئىرى ماڭا بەك ياققان ئېدى ،ئۇ شائىرىمىز مۇشۇ شېئىرىنىڭ ئاشۇ ھەسەتخورلارغا قامچا بولوپ تىگىپ ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىۋىلىشىنى ئويلىغان ئەلۋەتتە،

ئۇتۇقلىرىڭ ، كۈلكەڭدىن ئۆتەر غەمدە ھەسەتخور،

چېچەكلىسە باغلىرىڭ دەرد-ئەلەمدە ھەسەتخور.

شادلىقىڭنى كۆرگەندە چايان چاپار ئىچىدە،

كەلسە ساڭا غەم-قايغۇ شادلىنىدۇ ھەسەتخور.

ئالغا باسساڭ مەردانە مىخ چاچىدۇ يولۇڭغا،

ئاپەت تىلەر توختىماي ، ئامىتىڭگە ھەسەتخور.

نېسىۋەڭگە چاڭ سېلىپ ، كۆزلىرىنى قىزارتىپ ،

ساز چالىدۇ شادلىقتىن دەردلىرىڭگە ھەسەتخور.

كۆۋرۈكىڭنى بۇزۇدۇ ، يوللۇرۇڭنى ئويۇدۇ،

ئالغا باسساڭ ئارقاڭدىن تاش ئاتىدۇ ھەسەتخور.

‏شۇنداق ھەسەتخور تىشىدا كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن ئىچىدا قان يىغلايدۇ،باشقىلارنىڭ ئۇتۇق-مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن ئىچىلىرى زەرداپقا توشوپ،يۈرەك-باغرى كۆيۆپ كاۋاپ بولىدۇ،ماۋۇ كۆرۆمسىزمۇ ئىچىدىكى ئاشۇ لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوتنى ئۆچۆرۆش ئۇچۇن بىر گۇناھسىز،ئاقكۆڭۆل ناتىۋاننىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشماقچى بولىۋاتىدۇ،بىچارە ئارزۇ سىنى يەنە نىمە كۈنلەر كۈتىۋاتقاندۇ ھە،؟!





1577 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-1 1:58:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-20 16:55:38 مارجانە
ئ‍اخرسى يوقمۇ
2016-8-4 12:46:58 يۈسۈف
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ…
2016-7-27 13:51:30 xamxinur
bak bak yahxi yizliptu bak yahturup ukwatattim ahiri kaqan qika 
2016-7-27 13:51:30 xamxinur
bak bak yahxi yizliptu bak yahturup ukwatattim ahiri kaqan qika 
2016-6-23 10:42:34 كەمپۈت
جىن تەككەن قىزنىڭ ئ‍اخىرى بامۇ بەكلا ياخشى يېزلپتىكەن
2016-3-10 0:10:07 pareda
bu hikayinig aheri yohmu yazguqi apandim bak yahxi qikiptikan
2016-1-17 13:16:16 سەبىر
جىن تەككەن قىزنىڭ ئ‍اخىرى بامۇ يا
2016-1-14 17:55:41 مۇختەر
ئاخىرچۇ
2016-1-1 23:07:33 198287
bak.yahxi.yeziliptu.ahiri.kaqan.qikidu..
2015-10-10 23:06:03 mahira
yokalgan koxunning ahiri kaqan qikar
2015-9-23 14:54:04 xabnam
bak yahxi yiziliftikan ahiri kenidu
2015-9-20 15:35:05 سۆيگۈ
بەك ياخشى يېزلىپتۇ ، ئاخرى قاچان چىقا ..
2015-8-11 0:55:53 arzu
yaHxi yezlpto amMa Dawamini kaqan kurmz?_
2015-8-11 0:23:26 پۇرچىن
شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ . شۇنداقشۇنداق بىرىلىپ ئ‍وقۇۋاتاتتىم . ئاخىرى قاچان چىقا؟؟؟
2015-8-8 18:43:05 قەلبىنۇر
قاچانمۇ چىقارچىقار ئ‍اخىرى،كۈندە قاراپكۆزۈم تۆت بوپ كەتتى مېنىڭ ،ئ‍اخىرىنى تېزراق يوللىساڭلاكەن
2015-8-4 22:55:26 رىشتە
بەك ياخشې چېقىپتۇ لىكىن ئاخىرى تېزراق چېقسا بۇپتېكەن
2015-8-3 0:19:01 ئالىمجان
ئاپتۇر ھەم سالۇن باشقۇرغۇچىلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن ئاخىرنى تىزراق يوللىشىڭلارنى ئۆمۈت قىلمەن
2015-8-2 22:53:16 subhi
way damami qu ?xindak yahxi yzliptkan taza kzikp okwatsam ,,, hay kaqan qika dawami ?
2015-8-2 22:46:42 ئاق گۇل
بەك ياخـشى يىزىلىپتۇ ئاخىرى تىزراق يۇللانسىكەن بەك قىزىقىپ قالغانتىم
2015-8-2 15:09:07 ئ‍اينىگار
قاچان يوللىنا ئاخىرى ،تازا قىززىقسىنىپ ئ‍وقىۋاتقاندا تۈگەپ كەتتى دىسە ،بەك ياخشى يېزىلىپتىكەن بولمىسا
2015-8-2 12:00:42 قەلب نۇرى
ئ‍اخىرى قاچانقاچان چىقىدۇ
2015-8-1 20:54:08
isil ken
2015-8-1 20:53:53 ھاماقەت
ئاخىرى قاچان چىقىدۇ ، ئاخىرىغا قىزىقىپقىزىقىپ قالدىم
2015-8-1 18:59:56 مىستىر
مەن بىر سالۇندا بۇ ئەسەرنى ئوقىغان ئىدىم..لىكىن ئاخىرى چىقمىدى.....بولسا ئاخىرىنى تېزراق يوللىۋەتسىڭىز !
2015-8-1 10:34:23 كەترەن
تازا بېرىلىپ ئوقىغانتىم؟ ئاخىرىنى تىزراق يوللىۋىتىڭە..
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ