بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 5-قسىىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 5-قسىىم

ئاپتۇرى تۇرغۇن سايرامى


ئۇنىڭ تېلفونىنى قۇيۇپ يەنە خىياللارغا چۆكۈپ كىتىپتىمەن خىياللىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ھەتتا توي قىلىپ بالىلىق بۇلۇپ باللىرمىزنى يىتلىلەپ بازار ئايلىنىپ ئىشقىلىپ خىيال دىگەننىڭ ھەممىسىنى يالغۇز مەنلا سۈرگەن ئوخشايمەن خىيالغا چۆكۈپ قايسى ۋاقىتتا ئۇيقۇغا كەتكىنىمنى بىلمەيمەن .
بىر ۋاقىتتا تېلفونۇم سايراپ كەتتى سائەتكە قارىسام كىچە سائەت 12:46 ئۆتۈپتۇ كىم تېلفون قىلغاندۇ دەپ نۇمۇرغا قارىدىم ئۇيقىچىلىقتا خاتا كۆرۋالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ كۆزۈمنى بەك ئۇۋلىۋېتىپ يەنە قارىدىم تېلفون نۇمۇر دائىم مەن ئىنتىزار بۇلۇپ كۈتىۋاتقان پەرىنىڭ ئىدى.
ۋەي دەپ تېلفوننى ئېلىشىمغا تىتىرگەن ئاۋازدا تۇرغۇنجان تېز ئۈيۈمگە كىلەلەمسىز؟
نىمىش بولدى ھەيرانلىقتا سورىدىم .
ئۇ مەس بۇلۇپ ئۈيۈمنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ زادى ئارام بەرمىدى قورقۇپ ئىشىكنى ئېچىشقا پېتىنالمىدىم.
ھە ئادىرسىڭىزنى دەڭ تېز بۇلۇڭ دىيشىمگە ئۇ ئادىرسىنى ئېنىق قىلىپ دەپ بەردى .
ئالدىرغىنىمدا پۇتۇمغا ئاياق كىيىشنىمۇ ئۇچامغا چاپان كىيىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن ھاتتا مايكامنىمۇ تەتۈر كىيۋالغىنىمغا دىققەت قىلماپتىمەن ئالدىراپ تىنەپ ئۆيدىن چىقتىم چوڭ يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپ ئۇ دەپ بەرگەن ئادىرىسنى دەپ تېزراق ئاپىرىشنى دىسەم شوپۇر چۈشەندىمۇ دىگەندەك مەنزىلىمگە تېز يەتكۈزدى ماشىندىن چۈشكەچ يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام پۇل ئېلۋېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن شوپۇر خەنزۇ ئاكاش ئىدى  مەن خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمىگەچكە بىلگىنىمچە چۈشەندۇردۇم ئۇ ئاكاش چۈشەنگەندەك قىلىپ گەپ قىلدى گىپىنى ئازراق چۈشەندىم ھېچقىسى يوق ئىشىڭ ئالدىراش ئىكەن دىگەندەك قىلاتتى مەن تېزدىن تېلفونۇمنى ئېلىپ ئۇ ئاكاشنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى سورىدىم نۇمۇرنى كىرگۈزۋېلىپ ئۇنىڭ ئۆيى بار كۆچىغا قاراپ يۈگۈردۈم ئۇنىڭ ئۆيى 5- قەۋەتتە ئىدى قايسى كۈچنىڭ مىنى بۇنچە تېز پەرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكەپ قويغىنىنى بىلمىدىم بىردەمدىلا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئۈندۈم قارىسام راستىنلا بىر يىگىت ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشىككە يۆلىنىپ ئۇيقىغا كىتىپتۇ مەن تېلفونۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا مەن كەلدىم ئىشىكىڭىز ئالدىدا قوقماي ئىشىكنى ئېچىڭ مەن با دىيشىمگە ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ يۈگرۈپ كىلىپ مىنى قۇچاقلىۋالدى.
ئۇنىڭ مىنى قۇچاقلىشىدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلدىم يۈركۈم شۇنچە كۈچلۈك سوقىۋاتقان ئىدى يۈركۈمنىڭ سوقىشىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاۋاتاتتىم .
ئۇ رەھمەت سىزگە دەپ يىغلاپ كەتتى ئۇ بەكمۇ قورقۇپ كەتكەن ئىكەن ئۇنى بەزلىمەكچى بۇلۇپ قورقىماڭ يىنىڭىزدا مەن با ھېچ ئىش بولمايدۇ دىدىم ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى قانداق بۇلۇپ مىنىڭ قۇچىقىمغا ئاتقىننى بىلمەي قالدىمۇ بۇنىڭدىن خىجىل بۇلۇپ ئىتتىك ئۆزىنى تارتقان ئىدى ھەمدە كەچۈرۈڭ دەپ يەرگە قارىۋالدى.
ھېچقىسى يوق دەپ قويدۇم ئۇنى خىجىل قىلماسلىق ئۈچۈن دەل شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى يىگىت ئورنىدىن تۇردى .
سەن ماڭا ئىشىكنى ئېچىپ بەرمەي بۇ يەردە نىمىش قىلۋاتىسە نىمدەپ ئىشىكنى ئاچمايسە ھازىرغىچە ساڭا قىلمىغانلىرىم قالمىدى قولۇڭنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمىدىڭ ھۇ بۇزۇق دەپ ئۇنىڭ قولىنى تارتى ئۇ چاققانلىق بىلەن ھۇ ھايۋان يوقال دەپ ئۇنىڭ يۈزىگە كەلتۈرۈپ بىر تەستەك سالغاچ تۇتىۋالغان قولىنى كۈچەپ تارتىۋالدى ئۇ يىگىت ئاچچىقى بىلەن ئۇنى ئۇرماقچى بولدى تېزلىك بىلەن كەلگەن قۇلىنى تۇتىۋېلىش ماڭا تەس بىلىنمىدى ئۇنىڭ قۇلىنى بىر تاياق تۇتقاندەك بارماقلىرىم بىلەن تۇتىۋالدىم ئەسلى ئۇنىڭ بىر ئاجىزە قىزغا قول تەككۈزۈشتىن خىجىل بولماي قول ئۇزارتقان ئۇ نامەرتنىڭ قولىنى شۇ تۇتقانچە سۇندۇرۋېتەي دەپ ئويلىدىميۇ ئۈزەمنى تۇتۋېلىپ ئۇ مەس ئىكەن مەسلىكىدە پەسلىكنى قىلىۋاتىدۇ بوپتۇ دەپ قولىنى سىلكىپ تاشلىۋەتتىم ئۇ دەلدەڭشىپ تۇرۇپ ھېي بۇ كىم مەندىن يۇشۇرۇن بىرەرىنى تېپىۋالدىم دە خېلى يامان ئىكەن ھە مىنى توسالىغۇدەك دەپ ماڭا قارىتىپ مۇش ئاتتى مەن ساق بولغاچ تېزلىك بىلەن چەتكە ئۆتىۋالدىم ئۇ يىگىت ئۆزىنى توختىتالماي پالاق قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى يىقىلىپ چۈشۈپ جىممىدە بۇلۇپ قالدى ئاستا يېنىغا بېرىپ قارىسام ئۇ ئۇيقۇغا كىتىپ قاپتۇ .
مەن ئۇ بەك مەس بۇلۇپ كىتىپتۇ دەپ پەرىگە قارىدىم .
ئۇ قانداق قىلامەن ئەمدى دەپ جىم بۇلۇپ قالدى.
بۇنى ماڭا قۇيۇپ بىرىڭ مەن ئەكىتەي سىز كىرىپ ئارام ئېلىڭ دىدىم .
پەرى كەچۈرۈڭ سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم بۇ كىچىدە ، دەپ توختاپ قالدى .
ھېچقىسى يوق دوس دىگەن باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىسا دوسنى چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچكىلى بولمىسا يە بۇ بالىدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ ئەتە ساپساق يولغا سېلىپ قۇيمەن دەپ ئۇ يىگىتنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم ئۇ بالا ئۇرنىدىن تىك تۇرالمىغاچقا يۈدۈپ 5- قەۋەتتىن كۆتۈرۈپ چۈشمەي باشقا ئامال بولمىدى.
يولغا چىقىپ يېنىمدا پۇلنىڭ يوقلىقى ئېسىمگە كەلدى .
تېلفونۇمنى ئېلىپ پەرىگە ئۇچۇر يازدىم ، كەچۈرۈڭ بايا ئالدىرغىنىمدا يېنىمغا پۇل سېلۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن تاكسىدا ئولتۇرغىدەك پۇل بىرىپ تۇرالاسىزمۇ دەپ ئۇچۇر يازسام ئۇ تېلفون قايتۇرۇپتۇ .
مەن ھازىر پۇل ئەچۈشۈپ بىرەي تۇرۇپ تۇرۇڭ دىدى مەن ياق ئاۋارە بولماڭ مەن چىقاي ھازىرلا چىقىمەن دەپ تېلفوننى قۇيۇپ كۆتۈرۋالغان ئۇ بالىنى رىشاتكىغا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ تېزلىكتە ئۇنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا چىقتىم ئۇ بەك چاققان ھە سىز دەپ ماختىۋەتكەندىن كىيىن پۇلنى ماڭا سۇندى پۇلنى ئالغاچ ئۇنىڭغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم ئۇنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدىم .
ئۇ ھاڭۋاقتى مايكقڭقزنىمۇ تەتۈر كىيۋاپسىز دەپ كۈلدى مەن خىجىل بۇلغاچغشۇ ئالدىراشچىلىقتا دىققەت قىلماپتىمەن دەپ بېشىمنى سىلاپ قويدۇم ئۇ رەھمەت سىزگە بۇرۇنقىدەكلا ئۆزگەرمەپسىز بولدى سىز مېڭ تېزراق بېرىپ ئارام ئېلىڭ ئەتە ئىشلەيسىز دىدى . بىز خوشلىشىپ پەسكە قاراپ ماڭدىم پەللەمپەيدىن چۈشكەچ ئۇنىڭ ماڭا قاراپ كۈلگىننى ئويلاپ كىتىپ بېرىپ بىر بالداق پەللەمپەينىڭ يېرىمىنى دەسسىۋالدىممۇ پۇتۇم قايرىلىپ يەرگە يىقىلدىم نەچچە دومۇلاپ پەسكە چۈشۈپتىمەن ھېلىمۇ چۈشۈپ بۇلاي دىگەندە يىقىلىپتىمەن بولمىسا نىم ئىشلار بۇلاتتىكىن .
قاتتىق تىگىپ كەتكەن يەرلىرىم ئاغرىۋاتقان بولسىمۇ تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم يولغا ئاخساپ ئاران چىقسام ئۇ يىگىت خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كىتىپتۇ.
ئۇ بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى كۆتۈرمەكچى بۇلىۋېدىم قۇلۇم بەكلا ئاغرىپ كەتتى ئاغرىققا چىدىيالماي قالدىم شۇنداقتىمۇ بۇ سوغاق ھاۋادا ئۇ بالىنى تاشلاپ قويسام بولمايتى يولغا چىقىپ تاكسى توسۇدۇم بىر تاكسى توختىاپ شوپۇر چۈشۈپ ئۇ بالىنى ماڭا ياردەملىشىپ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ماشىنغا چىقاردى مەن ئۆيۈمنىڭ ئادىرسىنى دەپ بېرىپ جىم ئولتۇردۇم يەنە ئۇنىڭ تەبەسسۇم قىلغاندىكى ھالىتى كۆز ئالدىمدا ئىدى .
داۋامى بار…
     





227 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 9:12:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-12 1:41:51 ئابدۇخالىق
مەن بەكلا ياختۇردۇم رەھمەت سىلەگە جاپا چەكتىڭلا سىلەنىڭ تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەنى يىزىشىڭلاغا تىلەك داشمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ