ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن(1)

ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن
(1)


بىز سىڭلىم بىلەن كىچىكىمىزدىنلا بىربىرىمىزگە بەك ئامراق ئىدۇق ،مەن گەپنى شۇ مەكتەپتىن باشلاي،
مەن مەكتەپكە كىرىپ باللا بىلەن تۇنۇشتۇم ئۇقۇشۇممۇ ياخشى  ئىدى ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ مەنمۇ چوڭ بولدۇم دوسلا كۈپەيدى ،
سىڭلىممۇ ئەنە بۇمەكتەپكە كىردى ،مەن ھازىر مەكتەپتە ياۋايا باللا قاتارىدا خېلىلا نامىم باتتى ،
ئەمما ۋىژدانىممۇ باتى ئەلۋەتتە،سىڭلىم مىنى كۈرۈپ قەۋەتلا خوش بولدى  ئاكا سەن قايسى سىنىپتا ئۇقۇيسەن ؟ ھە سىڭلىم ئاۋۇ كۈرۈنگەن7-يىللىق1-سىنىپتا ،ئەمدى 8يىللىق 1گە چىقىمەن، ھە سىڭلىم  ياخشى ئۇقۇ ھە ؟
ئەلۋەتتە ئاكا ،دەپ شوخ كۈلەتتى سىڭلىم ،
يۈرە سىنىپقا كىرىمىز ،
بولدى ئاكا  مۇئەللىم  تىللىمىسۇن مەن كىرەپ سىنىپىمنى ئۇقىۋالاي، خوش ھىلى  كۈرشىلى ئاكا،دەپ قايرىلىپ چەتتىكى كۈن چىقىش تەرەپتىكى باشلانغۇچ  سىنىپلىرى بارتەرەپكە  ،ھە ماقۇل  خوش سىڭلىم ،دىىم مەنمۇ،
ئۇڭغۇچە ئاغىنىلە ھەي ئابدۇقادىر ماڭا ئاداش توپ ئۇينايمىز دەپ چاقىردى،ھە مانا دەپ مەنمۇ يۈگۈرۈپ كەلدىمدە توپ مەيدانىغا ماڭدۇق،
مەيدان سىمىنۇت مەيدان بۇلۇپ ،باللا ۋالىبول ئويناۋاتاتى ،تۇساتتىن  بىزنى كۈرۈپ ھەممىسى  توختىدى  ،سەۋەبى ،بىز بەك ئۇرۇش خۇمار ئىدۇق ،
بانا تاپساقلا چوڭ كىچىك دىمەي ئۇرشاتتۇق ،ئابدۇسالام ئىسىملىك دۇستۇم،
ھەي ئەكىلە توپاڭنى ئۇينايمىز دىگەنتى بىر كىچىگرەك بالىغا ،ئۇبالا بىزلەنى بىلمىسە كىرەك ،ياق نىمىشقا دەپ ،ۋارقىرىدى ،بۇنى ئاڭغان ئاغىنەم ئابدۇسالام ،ھەكىلە تەڭ ئوينايلا دىىدى ،
بۇگەپنى ئاڭلىغان  باللا ئاستا مەيدانغا كىردىدە،توپنى بىر ئۇرغانتى ئابدۇسالام ئالدىدە ،يانجۇقىدىكى قەلەمنى بىر تىقىپلا توپنى تىشىۋەتتى ،باللا بۇنى كۈرۈپ يۈگۈرۈپ كەلدى ئابدۇسالام توپنى بىر تىپىپ مەيدان سىرتىغا چىقىرۋەتتى،باللا كەلدىدە قول كۈتۈردى ئەپسۇس ياندىن چىققان بىر شاپىلاق بىلەن دۈم چۈشتى ،
شاپىلاق ساغان ھۈسۈپ ئىسىملىك دوستۇم  ھەي گۇينىڭ بالىسى ئۇينىمايدىغان توپنى مامەيدانغا ئەكىرمە دەپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالدىدە ،ماڭا جۇگۇ چىقە مەيداندىن دەپ گەدىنىدىن ئىتتىرۋەتتى،
ياندا  مەكتەپنىڭ توپىسىنى تۇتۇپ تۇرغان بىر بالىنى چاقىردى ئابدۇسالام ،ھەم ئەكىلە توپىنى ،دىدى،
ئۇبالا بىزنىڭ خۇيىمىزنى بىلەتتى ،ھەم سىنىپ مۇدىرىمىز تەنتەربىيە ئامبىرىنى باشقۇراتتى ھەم تەنتەربىيە  مۇئەللىمى ئىدى ،بىز مۇ  مەكتەپ توپىنى كۆرسەك سۇرىماستىنلا ئېلىۋېلىپ ئويناۋىرەتتۇق ،،
ھۈسۈپ دىگەن دوستۇم  قۇپال ئاۋازدا،
ھە باللا كىرىڭلا مەيدانغا مۇسابىقە ئوينايمىز ،دىدى ۋە ئابدۇقادىر  مەخمۇت ئادوش …يۈدۈپ ئەكىرەيما دەپ ئۈزىچە كۈلدى ،
بىزمۇ ھە مانا ئا داش شۇ تىلىڭنى نىممىدىمۇ ئېغىزلاندۇغاندۇ سىنىڭ دەپ ،مەيدانغا كىردۇق ،،
ھە قاندا ئۇينايمىز باللا دىدى ئابدۇسالام ،
مەخمۇت :10دىن ئوينايلى دىدى ،
ھۈسۈپ :ماڭا ناچار گۇيكەنسە ۋە 20دىن  ئۇينايمىز ،بولمىسا چىقە دىدى،
مەن :ھە ھۈسۈپ ئاداش گەپ چوڭغۇ بۈگۈن بىرىسىنى بۇلاپ كەممىگەنسە  ،دەپ چاخچاق قىلدىم،
ئۇنى بۇنى دەپ 15تىن ئوينايدىغان بولدۇق،
5تىن بۇلۇپ ئوينىدۇق ھەي بىز پوچى بوساق كىرەك ئۇتتۇرۇپ قويدۇق چۈشلۈك ئارامدىن دەرىسكە قوڭغۇراق چېلىندى ،بىز بەشەيلەن 15تىن،75يۈەننى بىر ئىگز داگازىغا بەردۇقتە سىنىپقا ئوقتەك ماڭدۇق ،
ئەلۋەتتە ئۇستامنىڭ ئۇستىسى با ،چامغۇنىڭ ئۇرىسى ،دىگەندەك بىز مۇ سىنىپ مۇدىرىمىزدىن بەكلا قوقاتتۇق ،بىزلا ئەمەس مەكتەپتە خېلى مەنمەنچى مۇئاللىملە مۇ قوقاتتى،
شۇ سەۋەبتىن سىنىپقا ئوختەك كىردۇق ،مۇئەللىم  يوق ئىدى ،
كىرشىمىزگىلا پاتىمە ئىسىملىك مىنىڭ نەۋرە مەندىن كۈنلىك كىچىك سىڭلىم  ،ئابدۇقادىر  بايا  ،قەدىىريە ،كىرىپتىكەن ،مىنى بىرى بۇزەك قىلدى دەپ ،بۇگەپنى ئاڭلاپ  ئارقىمغا بۇرۇلدۇمدە ئوختەك باشلانغۇچ  سىنىپ  تەرەپكە ماڭدىم ، دوسلۇرۇم ھەي بولدى  چېچىلما كىچىك بالىنى ئۇرالمايسە يا بولدى ئاداش دەپ قۇلۇمدىن  تاتاتتى ،لىكىن مەن ئاچچىغىمدە  يەنىلا مېڭىۋەردىم ،
ھەمانا   بۈيەگىمۇ كەلدىم ،بىر سىنىپ ئالدىدا 5,6دەك كىچىك باللا سىڭلىم بىلەن  تەڭ دىمەتلىك باللا جۇغۇلۇشۇپ،سىنىپ ئىچىگە قاراپ  تۇراتتى ،
شۇ سىنىپ بوسا  كىرەك ،دەپ ئويلاپ ئوختەك كىردىم ،سىڭلىم قەدىرىيە يىغلاپ ئولتۇراتتى بۇنى كۈرۈپ ،ئاچىغىمدا يىغلاپ سالدىم ،مەنمۇ ئاكا بولدۇممۇ ، بىر سىڭلىمنى قوغدىيالماي دەپ ئويلۇدۇم ،كۆزيېشىمنى سۈرۈتتۈمدە ،ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ، نىمىمۇ دەي ،يىغلىما سىڭلىم ،كەچۈر،مەن سىنىپتا  ،بولماي قاپتىمەن ،كىم سىنى ئۇرغان ،دىدىم غەزەپ بىلەن ،ياندىكى باللا ،بىر ،بودەك كەلگەن بىر ئۇماق  ئۇغۇلبالىنى كۆرسەتتى ،
مىيەگە كىلە دەپ ۋارقىرغانتىم قوقتى بوغاي يغلاپ تۇرۇپ مىنىڭمۇ ئاكام با ھازىر چىقىدۇ ،دىدى،
مىيەگە  كىلە ئاۋال  دىدىم ،كەچۈرۈم سۇرا سىڭلىم  دىدىمدە   سەنمۇ كەچۈرۈم سۇرا دىدىم  بودەك بالىغا ،
بودەك بالا:كەچۈرۈڭ قەدىرىيە دىدى،
سىڭلىم گەپ قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،
سىڭلىم كەچۈرۈم سۇرىغىن سىلە ئەمدىلا تۇنۇشۇپ بۇنداق ئۇرشۇپ يۈرسەڭلا بولمايدۇ ،
يەنە نەچچە يىل بىرسىنىپتا بەلكىم بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ ساۋاقداشلار دىن بۇلۇپ ئۇقۇيسىلە ،
كەچۈرۈڭ دىدىغۇ سىڭلىم  ھە ئۇماق سىڭلىم ،كەچۈرۈڭ دىۋىتە بىر ،
دەپ خۇشخۇي كۈلدۈممەن ،
سىڭلىم  :مەن نىمىشقا كەچۈرۈم سۇرايمەن دەپ سىرىتقا ماڭدى ماڭغاچ يەنە خەپ  سەندەك ئاكىنى دىدى ،مەن نىمۇمۇ دەي بۇ ئاداۋتنىڭ نىملىگىنى بىلمەيدىغان بۇ سەبى بالىنى ئۇرايمۇ ؟
ئۇرغان بىلەن  ئىش پۈتەمدۇ ؟
بۇدەككە بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ  ھە ئۇكام ئۇرۇشماڭلا ،ھە  بۇلامدۇ ؟ دەپ يەنە يۇقرى ئاۋازدا ھە ئۇماق  قىز ئۇغۇللا ئاڭلاڭلا ئۇغۇللا قىزلانى قوغدىشى كىرەك قىزلانى ئۇرغان ئۇغۇل  ئۇ ئۇغۇل ئەمەس  ،قىزلامۇ ئۇغۇللانى تىللاپ  ئۇرغان قىزبالا ئەمەس دىدىم ،
نىمدەي ۋىژدان  غورور  دىگەنلەنى بىلەتتىمۇ ؟  
بودەككە ھە ئۇكام ئۇرۇشماڭلا مەن قەدىرىيەنى ئەكىرەي سەندىن كەچۈرۈم سۇرىسۇن دەپ سىرىتقا  ماڭدىم ،
ئەمما  ئىشىكتىن بىر قەدەم ئېلىشىمغا  دەششەتلىك بىر  قاتتىق مۇش تەگدى ،ئىشىكتىن پۈتۈنلەي چىقىپ بولمىغاچقا يىقىلىپ  چۈشتۈم ،
كۈزۈمنى تەستە ئېچىپ قارىسام مەندىن يۇقرى يىللىقتا ئۇقۇيدىغان بىر قاۋۇل كەگەن بىر بالىكەن ،
قۇپاپ بىر سالاي مانى دەپ تۇرۇشۇمغا ، ھۈسۈپ  نەدىن پەيدا  بولدى ،ياقىسىدىن تۇتۇپ بىر تاتىپلا ،دۈم چۈشۇردىدە ،  ھە نىم گەپ  بالاڭزا دەپ يۈلەپ تۇرغۇزىشى ،ئابدۇسالام  ،قاپىقىغا بىرنى ئۇرۋىدى ئۇ يەنە يىقىلدى ،  ئۇ ئىككىسى يېنىمغا  كەلدىدە ھە ئاداش بىر نىمە بولمىغانسە دىدى ،
 مەخمۇت  ئۇنىڭ يەنە تۇرغىننى نى كۈرۈپ ئۇرۇش  ئۈچۈن ماڭغانتى ھېلىقى بودەك ،
ئاكامنى ئۇرما  دەپ ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تىپەتتى،
مەن: بولدى  ئاداش ئۇرما دىگەن ئىدىم ،
مەخمۇت  :  ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟ بۇنداق  گۇيلانى تازا ياساپ قويمىساق ئادەم بولمايدۇ  دىدى ،
مەن : بولدى ئاداش بولدى  ،دەپ تۇرشىمغا
بىر ى ھە باللا نىم بولدى  دىدى
قارىىساق بىزنىڭ  مۇئەللىم  ئىدى ،
قادىجان دەيتتى ئادەتتە مىنى،
قادىجو…نىم بولدى ئۇكام قاپاقلا قانغۇ نىمىش بۇ ،
دەپ سۈرلۈك قارىدى بىزگە ،
ھېلىقى بودەكنىڭ ئاكىسى :مەلىم ما گۇي ئۇكامنى دەۋاتاتى  ئاغزىغىلا شاپىلاق تەگدى ،
ھەي گۇي ھازىر مۇشۇ سىنىپنىڭ خانىمى كىرىپتۇ يېنىمغا  
مۇئەللىم سىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىڭىز بەك ئەخلاقلىقكەن دەپ
قانداق دەيسىز دىسەم ،
بىر ئۇقۇغۇچۇمنى يەنەبىر ئۇقۇغۇچۇم ئۇرۇپتىكەن قىز ئۇقۇغۇچۇمنىڭ ئاكىسى ئۇلانى ياراشتۇرۇپ كەچۈرۈم  سۇراشتۇرۇپ قالدى ،
دىگەنتى شۇڭا چىقتىم كىمدۇ بۇ دەپ،
داۋامى بار  ئابدۇقادىر ئىزچى
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ،،

      





361 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇقادىر ئىزچى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 17:00:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ