قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 2- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 2-قىسىم

 metro

 

ئۇلار بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشقا بىرلىككە كەلدى ، سەپەرگە لازىملىق نەرسىلەرنى بىكىتىشتى ،ئاخىرىدا ئۇ جايغا بارىدىغان قاتناش مەسىلسى قالدى ، چۈنكى بۇ تۆتىسىدە ماشىنا يوق ئىدى ،تايىر:

- ئۇ يەرگە بارىمىز دىسەك ھېچ بولمىغاندا بىر ماشىنا تاپايلى ، بىرەرىدىن ماشىنا ئارىيەت ئېلىش تەس ،خەققە يالۋۇرۇپ ئۆزىمىزنى خار قىلغاندىن بىر ماشىنىنى كىرا قىلايلى ، بايلىقنى تېپىۋالساق ئۇنچە كىرا ھەققى قانچىلىكتى.

باشقىلارمۇ بۇ پىكىرگە قوشولدى،ھەممىسى كىرا قىلىدىغان ماشىنلارنى بىرەر قۇر مۇلاھىزە قىلىپ باقتى، سەمەت بىردەم ئويلىنىپ:

- ھېلقى بازارغا كىرا قىلىدىغان بىر قىز بارغۇ ،ئوغۇلبالىدەكلا شۇ قانداق؟

تايىر دەرھال رەت قىلدى :

- بىز ئۇ يەرگە ئوينىغىلى بىر كۈنلۈك بارمايمىز ، ئىككى ،ئۈچ كۈن كىتىشى مۇمكىن سەن بىر قىزبالىنى سۆرەشتۈرۈپ يۈرەمسەن ، ئۇمۇ قوشۇلامدۇ؟

ئىسكەندەرمۇ قىزنى كىرا قىلىشنى قۇۋەتلىدى :

- سىلەر داۋاتقان ھېلقى بولكىۋاي ماشىنا ھەيدەۋاتقان ، داشۆسىڭ قىز دىلبەرمۇ ، ئۇ قىزنى كىرا قىلساق بولىدۇ جۇمۇ ، ئۇ خېلى ئوغۇلبالىلاردىن يۆرەكلىك ، مەرتلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان قىزبالا ئۇ ،تېخى ماشىنىمۇ رىمىنۇت قىپ قويىدۇ ، ئۇ قوشۇلۇپلا قالسا ئىشىمىز پۈتكىنى شۇ .

 ئۇلار بىر ھازا تالاش - تارتىش قىلىپ تۇرغۇن دىلبەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ، قوشۇلسىلا شۇنىڭ ماشىنىسىنى كىرا قىلىدىغان ، باشقىلار ھەپتە كۈن يەتكۈدەك يىمەكلىك ، سۇ ۋە باشقا لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلايدىغان بولۇپ كىلىشتى. ئەتىسى چۈشتە ئۇلار تايىرنىڭ ئۈيىگە يەنە توپلاشتى ، تۇرغۇن خوشال ھالدا :

 - دىلبەرگە پۈتۈن ئەھۋاللارنى دەپتىمەن ئۇمۇ قىزىقىپ قالدى، لېكىن ئۈچ شەرت قويۇپ تۇرىۋالدى ، قوشۇلساق ھەقسىز ئاپىرىدىغان بولدى؟

- قانداق شەرتكەن ، - تاقەتسىزلىنىپ سورىدى تايىر.

 تۇرغۇن بىردەم تۇرۋېلىپ گېپىنى داۋام قىلدى:

- ئۇنىڭ دىيىشىچە ، بىرىنجى شەرتى بايلىق ئۇچۇراپ قالسا تەڭ شىرىك بولغۇدەك،ئىككىنجى شەرتى ، بىر ئاغىنىسىنىمۇ ھەمرا قىلىۋالىدىكەن ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈيىگە شەھەردىن كەلگەن نەۋرە سېڭلىسىمىش ، ئۈچىنجى شەرتى ، بارىدىغان جاينى مەخپىي تۇتىدىكەنمىز ، ئۇ ئۈيىدىكىلەرگە يىراقاراق بىر يۇرتقا كىرا قىلىمەن دەپ قويمىسا ئۇنى بارغىلى قويماسمىش ،شۇنىڭ بىلەن… ، -ئۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى دىمەي ھەمىرالىرىغا قاراپ ھېجايدى.

 تايىر ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە دىمەكچى بولغان گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقاردى:

- شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئېغىزىمىزغىمۇ قارىماي قوشۇلدۇم دىگىن.

 تۇرغۇن بېشىنى لېڭشىتىپ ھىجىيىپ تۇردى .

- ھەي مەن ساڭا دىدىمغۇ ، بىز ئوينىغىلى ماڭمىدۇق ، جاڭگالغا كىتىۋاتىمىز ،سەپىرىمىز قانداق بولىدۇ بىلمەيمىز ، ئەمدى ئاشۇ ئىككى قىزبالىنى سۆرەپ يۈرەمدۇق ،- ئۇ سۆزلەۋېتىپ تىرىكتى ، - سەن قاچان ئادەم بولىسەنكىن ، ئالدى - كەينىنى ئويلىمايدىغان ، قىزبالا بولسا ئەس- ھوشۇڭنى يوقىتىسەنغۇ سەن .

 باشقىلار بۇلارنى بېسىقتۇردى ،ئىسكەندەر بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن :

-ئاداشلار ئەمدى تالاش - تارتىش قىلىدىغاننىڭ ئورنى قالمىدى ، تالاش - تارتىش قىلىۋەرسەكمۇ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ ، تۇرغۇن قوشۇلغان بولسا بوپتۇ بىزمۇ قوشۇلايلى ، ھەممە ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا تىزلا قايتىپ كىلىۋالارمىز ، ئەمدىكى مەسىلە بىز خەرىتىنى تەپسىلى كۆرۈپ ماڭىدىغان يوللىرىمىزنى ئېنىق بىلىۋالايلى ، بىكىرىغا جاڭگال چۆگىلەشنىڭ ئورنى يوق.

 بۇ سۆزلەردىن ھەممىسى جىمىلىشتى ،چۈنكى بۇ ئىگىز بويلۇق ، قارا ماتاق ئىسكەندەر ئويلىنىپ، پىششىق ئىش قىلىدىغان ئېغىر -بېسىق ، خېلى كاللىسى ئىشلەيدىغان يىگىت ئىدى. ئۇلار باشلىرىنى بىر يەرگە ئەپكىلىشىپ ،ئاۋال خاتىرىنى يەنە ۋاراقلاپ تەپسىلى كۆرۈشكە باشلىدى،خاتىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىنچىكىلەپ قارىمىسا كۆرەنمەيدىغان يەنە بىر كىچىك خەرىتە شەكلى بولۇپ ، بۇنىڭغا مۇنداقلا قارىسا قۇر سىزىقلىرى دەپ قالغۇدەك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانتى ، ئۇنىڭدا ئۇ يۇرتنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر نىشانغا بەلگە قويۇلۇپ ، بەلگىنىڭ ئورنى ئېنىق كۆرسىتىلگەنتى،ئۇلار خاتىرىدىن خەرىتىگە يۆتكۈلۈپ ئۇنىمۇ يەنە بىر قېتىم تەپسىلى كۆرۈشكە باشلىدى ، ماڭىدىغان يولنىڭ بېشى ئۇلارغا تونۇش بولۇپ يول ئاخىرىنى كىتىۋېتىپ خەرىتە نىشانىدىن تاپماقچى بولۇشتى ، يەنە لازىم بولغۇدەك نەرسىلەرنى بىرەر قۇردىن تولۇقلاشتى ،ئاخىرىدا تۇرغۇن دىلبەر گە تىلفۇن قىلىپ تەييارلىقنى ياخشاراق قىلىشنى ئەتە ئەتتىگەن يولغا چىقىدىغانلىغىنى ئۇختاردى. مەسلىھەت پىشقاندىن كىيىن ھەممىسى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر جايدا ئىشلەيدىغان ئىش تاپتۇق ، بەش كۈنلۈك ئىشكەن ، پۇل تېپىپ كىلىمىز دەپ رۇخسەت ئېلىشقا تارقىلىشتى .

ئەتىسى ئەتتىگەندە سەپەرگە ماس كەلگۈدەك كىيىنگەن قىز دىلبەر بولكىۋاي ماشىنسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ بۇلارنى ئۆيلىرىدىن يۈك - تاقلىرىغا قوشۇپ يىغدى ، ھەممىسى ماشىنىغا چىقىپلا دىلبەرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان زىلۋا ، نازۇككىنە چىرايلىق قىزغا قاراپ قېلىشتى :

- بۇ ياق نەۋرە قېرىندىشىم ، ئىسمى گۈزەلنۇر ، - دەپ تونۇشتۇردى دىلبەر.

يىگىتلەرمۇ كەينى - كەينىدىن ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى.  شۇنداق قىلىپ بۇ تەۋەككۈلچىلەر سەپىرىنى باشلىدى ، ئۇلار ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقىنىدىن بايلىق ماكانىغا بېرىپلا بىر ماشىنا ئالتۇن - كۆمۈش قاچىلاپ كىلىدىغاندەك تۇيغۇدا بولسا يىگىتلەر ھەمىرا بولۇپ ماڭغان بۇ ئىككى قىزنىڭ يېنىدا شوخلۇغى تۇتۇپ گەپچى بولۇپ كىتىۋاتاتتى ، قىزلار بولسا بۇ يىگىتلەرنىڭ شوخ ، ئوچوق مىجەزىدىن ئېچىلىپ كۈلۈشۈپ روھلۇق كىتىۋاتاتتى. ماشىنا مەھەللىدىن چىقىپ ، باغ ، ئېتىزلارنى تاشلاپ نىشان بويىچە جەنۇپ يۆلىنىشكە ئوقتەك كىتىۋاتاتتى . سەمەت قىزلارغا بىر قارىۋېتىپ :

 - تۆت ئەركەك ماشىنىنڭ كەينىدە ئولتۇرساق، ئىككى قىز ماشىنا ھەيدەپ ماڭسا قىززىق تۇيۇلىدىكەن دىسە ،-دىۋىدى بۇ گەپتىن ھەممىسى كۈلىشتى ، دىلبەرمۇ دەرھال ئېغىز ئاچتى :

- ھېچقىسى يوق ، ھازىرىقى زامان نوچىلار سورايدىغان زامان ، مەن ھازىر ماشىنا باشلىغى ، شۇڭا مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدا بولىسىلەر ، سىلەر تۆتىڭلار ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ ئورنۇمغا كۆز قىزارتماي جىم ئولتۇرۇڭلار - ھە!

سەپەرداشلار كۈلۈشتى . كۆپكۆك ئاسمان ، شۇنداق ساپ ھاۋا ،ماشىنا بىر خىل سۈرئەتتە ئىلگىرلىمەكتە ئىدى، ئۇلار ئۈچ سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن ماشىنىنى يول ياقىسىدا توختۇتۇپ ، يەرگە چۈشۈپ ھەركەت قىلغاچ ،خەرىتە بويىچە بارىدىغان يۆلىنىشنى ئۆلچەپ بېكىتىشتى ، بۇ يۆلۈنۈش چوڭ يولدىن چىقىپ سايلىقتا ماڭىدىغان يۆلۈنۈش ئىدى ، سايلىقتا نە بىر يول ، نە بىر ئىز يوق ئىدى ، دىلبەر خەرتىنى بىر قۇر كۆرۋېلىپ ماشىنىنى بۇراپ دېڭىزغا كىرگەن كىمىدەك سايلىقتا سۇز ئىز قالدۇرۇپ يۈرۈشكە باشلىدى،سايلىق يىراقتىن تۈپ - تۈزدەك كۆرەنسىمۇ لېكىن يامغۇر سۈيى ئېقىپ ھاسىل قىلغان كىچىك - كىچىك ئېقىشلار ماشىنىدىكىلەرنى چايقاشقا باشلىدى ، گۈزەلنۇر دىلبەرنىڭ ھەيدەۋاتقان ماشىنا سۈرئىتىدىن قورقۇپ جىددەيلەشكىنىچە تۇتقۇچنى چىڭ سىقىمداپ:

- ئاستاراق ماڭايلىچۇ ، بەك چايقىلىپ كىتىۋاتىمىز ، - دىدى بولالماي.

 دىلبەر ھەمىراسىغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ :

 - خاتىرجەم بولە ، ماشىنا ھەيدەش تېخنىكام يوقىرى ، ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ، سەن نازۇك قىزنى دەپ بولسىمۇ ماشىنىنى ساق ھەيدەيمەن ،- دىدى چاقچاق قىلىپ .

ئۇنىڭ چاقچىغىغا ئۇلاپلا تۇرغۇن گەپ قىستى :

 - بۇ گەپ بولمىدى شوپۇر خېنىم ، گۈزەلنۇر بولمىسا بىزنى ئويلىمامتىڭىز ، بىزدە بىرەر ئۆچىڭىز يوقتۇ - ھە؟

ھەممىسى كۈلۈشتى ، سەمەت بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چاقچاق قىستى :

 - بىزدىغۇ دىلبەر قىزنىڭ ئۆچى يوق ، بار بولسا تايىردا بارمىكىن ؟

 تايىر تۇيۇقسىز چىققان بۇ چاقچاقتىن ھۇدۇقۇپ گەپ قىلاي دىيىشىگە دىلبەر ئېغىز ئاچتى :

- نىمىشقا ، نىمىشقا تايىرغا ئۆچ بولىمەن ؟

 سەمەت بويۇنداپ ھېجىيىپ تۇرۇپ :

- تايىرنى ماڭا گەپ قىلمىدى ، بىر - ئىككى ئېغىز تاتلىق گەپ قىلىشنىمۇ بىلمىدى دەپچۇ؟

 تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ، تايىر بولسا ھۈپپىدە قىزاردى ، ھەمدە سەمەتكە مۇشىنى تۇرتۇپ قويدى ، دىلبەرمۇ قىزارغاندەك بولدى ، چۈنكى ئۇ تايىرنى ياخشى بىلەتتى ، لېكىن تايىرنىڭ تارتىنچاقلىغى سەۋەبىدىن ئۇلار ئانچە پاراڭلىشىپ باقمىغانتى . گۈزەلنۇر چاقچاقتىن بىر ئىشنى پەملىگەندەك دىلبەرگە قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلدى .

ماشىنا يەرنىڭ تۈز يىرىنى تاللاپ سايلىقتا ئىككى سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن بىر يۇلغۇنلۇققا يىتىپ كەلدى ، ئۇلار چۈشلۈك تاماقنى شۇ يەردە يىمەكچى بولۇپ توختاشتى . ماشىنىدا نەچچە سائەت چاقىلىپ ھالى قالمىغانلار يەرگە چۈشۈپ ھەركەت قىلىشقا باشلىدى ، گۈزەلنۇر قىپ - قىزىل چىچەكلەپ بەك چىرايلىق تۈسكە كىرگەن يۇلغۇنلارنى كۆرۈپ تىلفۇنىنى چىقىرىپ رەسىمگە تارتىشقا باشلىدى ، دىلبەرمۇ بۇنداق چىرايلىق يۇلغۇنلارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۇنىڭغا ھەمىرا بولۇپ بۇ مەنزىرىدىن زوق ئېلىشقا باشلىدى ، ئۇلار يۇلغۇن دوۋىلىرىنى ئايلىنىپ يۇلغۇنلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، يىگىتلەر يۈك - تاقلارنى يىشىپ چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز يۇلغۇنلۇقتىن »كوررر« قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىككى قىزنىڭ چىرقىرغان ئاۋازى يىگىتلەرنى چۆچۈتىۋەتتى. … بۇ سەپەرداشلار ئالدىدا قانداق قىسمەتلەرنىڭ ئۆزىنى ساقلاۋاتقىنىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى ، بۇلارنىڭ تەقدىرىگە قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1539 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:41:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-13 11:41:10 قەمەرگۈل
كىنو قىلىپ ئىشلىگەن بولسا،كۆرۈلۈشى يۇقىرى بۇلاتتى
2016-4-7 20:44:14 ئادىلجان
كىنو قلىپ ئ‍ىشلىسە فانتازىيەلىك كىنو چىقاتىكە ھەي ……!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ