گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 12- قىسىم

گۇناھكار قەلىب 

(پوۋىسىت) 12- قىسىم


    ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنلا ئاچچىق تاماكا بۇسى، قاڭسىق  ھاراق پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى. خالنۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ، چىقىپ كەتمەكچى بولدى يۇ - زۆھرەنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئامالسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار ئۇزۇن كارىدوردىن  ئۆتۈپ، بىر ئايرىمخانىغا كىردى. ئىشىكتىن كىرىپلا خالنۇر ئەركىننى كۆردى. ئەركىن ئورنىدىن قىمىرلاپ قويۇپ كارى يوق ئولتۇردى.
زۆھرە ئالدىراپ تېنەپ خالنۇرنى يېنىغا تارتىپ ئولتۇردى .
ئەركىن سۆز باشلىدى .
- خالنۇر مېنى كەچۈرۈڭ ، مەن تاھىر ئىككىڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن ، مەن سىلەرنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ مېنى كەچۈرۈڭ.
- كەچۈرۈڭنى مەندىن سورىماي، تاھىردىن سوراڭ. سىز ئۇنىڭغا كۆپ جاپا سالدىڭىز. ئۇ كۈندە سىزنى توختىماي ئىزدىدى.سىزنىمۇ دوست دېگىلى بولامدۇ. نېمىشقا؟ نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز؟ نېمىشقا ئۇنى بۇنچىۋالا قىينايسىز؟ ئۇ سىزنى دەپ بىرەر كۈن تۈزۈك خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدى. سىزنى دەپ ئىسسىق تاماق يەپ باقمىدى.سىزنى دەپ دەرستىنمۇ چېكىنىپ كەتتى. نېمىشقا؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
- كەچۈرۈڭ، بۇ بىر ئاشىقلىق ، مەن سىزگە ساراڭلارچە ئاشىق.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلار كېلىپ چىقتى. مەن سىزگە دېسەم سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن.
ئەركىن بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا زۆھرەنىڭ ئىچىنى رەشىك ئوتلىرى چىرمىۋالدى ، ئۇ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ قاچاندىن بۇيان ئەركىننى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى بىلمەي قالدى . ئۇنىڭ ئوي خىيالىنى خالنۇرنىڭ مۇنۇ گەپلىرى بۆلىۋەتتى .
- ياخشى كۆرۈش ، يەنە شۇ گەپمۇ ؟ مەن تالاي قېتىم ساڭا دېدىم مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن ، مەن ساڭا ئۆچ ، سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ھەممە ئادەمگە ئاۋارچىلىق كۆپ ، مەن سېنىڭ تاھىرنى يەنە قەسلىشىڭىدىن ، ئۇنى بوزەك قىلىشىڭدىن ئەنسىرەپ كەلدىم . تاھىر بولسا سېنىڭ بىرە كېلىشمەسلىككە ئۇچىراپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ كەلدى .بىزنى نېمىشقا بۇنچە بىسەرەمجان قىلىسەن ؟ بىزدە نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى ؟ مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن  .
خالنۇر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ، زۆھرە بىلەن ئەركىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، ئەركىن ئالدىدىكى پىۋا بوتۇلكىسىنى قولىغا ئېلىپ رومكىغا قۇيدى ، رومكىدىن ئاپپاق كۆپۈك ئۆرلەپ تۇراتتى . ئەركىن پىۋىنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى . ئۇ ئارقا ئارقىدىن ئۈچ رومكا ئىچىپ بولدى ، ئۇ ئاخىرقى رومكىنى قۇيۇپ ئەمدى قولىغا ئالاي  دەپ تۇرۇشىغا ، خالنۇر رومكىنى تېزلىكتە ئېلىۋالدى ۋە ئەركىننىڭ يۈزىگە زەردە بىلەن چاچتى . ۋە جاراڭلىق قىلىپ
- ئەقىلىڭنى تاپ ، مەن سېنىڭ خىلىڭ ئەمەس ، نوچى بولساڭ مەكتەپكە قايتىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ تاھىردىن ئېشىپ كەت ، شۇندىلا مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن .
خالنۇر شۇنداق دەپلا ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى ، زۆھرە ئەركىنگە قانداق قىلىمىز دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى . ئەركىن ئۇنىڭغا ؛
- خالنۇرغا بۈگۈن ئورۇنلاشتۇرغان  بارلىق ئىشلارنى  دەپ بەرگىن . بۇ ئىشنى يالغۇز مەن ئەمەس ، پەرھات ، سەن مەن پىلانلىدۇق ، بۇ گەپنىمۇ دە . بۇ قىز ھەقىقەتەن يامانكەن ئۇ مېنىڭ ۋىجدانىمنى ئويغاتتى . مەن بۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋەرسەم بولمايدۇ . مەن دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە قايتىمەن . بۇنىمۇ خەۋەر قىلىۋەت . مەن بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئوقۇپ چوقۇم تاھىردىن ئېشىپ كېتىمەن .
زۆھرە ماقۇل دەپلا چىقىپ كەتتى . ئەركىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇنىڭ يىغىسنى زۆھرە ئاڭلىدى ، ئۇ ئارقىسىغا يېنىپ كىرىپ ئەركىنگە تەسەللى بەر گۈسى كەلدى يۇ قەدەملىرنى مىدىر لىتالمىدى . ئۇنىڭ ياشلىرىمۇ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشمەكتە ئىدى .

سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ئەركىن مەكتەپكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؟ پەرھات قانداق تەدبىر قوللىنىپ بۇ دوسلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىدۇ ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





317 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 8:05:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ