قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 14- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

ۋەھىمىلىك ھىكايە 14- قىسىم

ئابدېرېقىپ قەييۇم (metro)

ئىسكەندەر بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقان بولۇشىنى بەك ئارزۇ قىلدى. لېكىن بۇ ئەمىليەت ئىدى ، ئۇ ئاستا كەينىچە مېڭىپ بۇ يەردىن قېچىشقا ئۇرۇندى .

- تاماق پىشتى ،- دىدى موماي تۇيۇقسىزلا ئىسكەندەرنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ .

ئۇنىڭ ئەمدىكى بۇ تۇرقى بايقى تۇرقىغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى ،ئاپپاق چاچلىرى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ كۆزىنىڭ قارچوغىسىمۇ يوق ئاق ھالەتتە قولىدا پىچاق تۇتۇپ ئىسكەندەرگە چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى .

- سېنىڭ گۆشىڭدىن ئازاراق كىسىۋالاي ،- دىدى ئۇ قولىنى ئىسكەندەرنىڭ يۈزىگە ئۇزۇتۇپ ،ئۇنىڭ قوللىرى قۇرۇپ قالغان ئوتۇندەك ئورۇق ھەم قارا ئىدى ،- قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتتى …بالام قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتتى، ماڭا گۆشۈڭدىن ئازاراق بەر… ،-ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە ئىنچىكىرەپ تىتىرگىنىچە كىچىك بالىلارنىڭ ئاۋازىدەك چىقىشقا باشلىدى.

ئىسكەندەر ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمىدى، ئۇنىڭ قورقىنىشتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ شۇنداق ۋاقىراپ قاچماقچى بولىۋېدى، ئاۋازى بوغۇلۇپ، پۇتىنى مىدىرلىتالمىدى، ئۇ پۇتىغا قارىۋېدى پۇتىنى موماينىڭ چېچى بوغۇپ تۇراتتى. ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ كەتكەن ئىسكەندەر يەرگە يىقىلىپ چۈشكەندە، تايىرنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن تەڭ قول چىراقلارنىڭ يورىغى ئۆينى يورۇتتى. تايىر ، تۇرغۇن ، سەمەت ، دىلبەر ، گۈزەلنۇرلار كىرگەندە ئىسكەندەر ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا ياتاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىدا ھېچنىمە كۆرەنمەيتتى. ئۇلار ئىسكەندەرنى يۆلەپ چاقىرىپ بېقىشتى لېكىن ئۇ ھوشىنى يوقاتقانتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى ئۇنى دەرھال كۆتۈرۈپ ياتاقلىرىغا قايتىشتى. ئۇلار ھاسىرشىپ، ھېرىپ دىگۈدەك ياتاققا يىتىپ كىلىشتى -دە ئىسكەندەرنى كارۋاتقا ياتقۇزۇشتى. سەمەت بىلەن تۇرغۇن قوشنا ياتاقتا «تىقىرىق» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى، ئىككىسى ئەجەپلىنىپ كىرىپلا توختاپ قېلىشتى. چۈنكى ئاي يورىغىدا دىلبەرلەرنىڭ كارۋېتى ئۈستىدە بىر نەرسىنىڭ كۆزىنى پارقىرتىپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى جىغغىدە قىلىپ قالدى ، پۈتۈن بەدىنىنى بىر خىل مۈزدەك ۋەھىمە قاپلىدى، كەينىدە ھەمىرالىرى تۇرسىمۇ قىمىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي بىردەم تۇرۇپ قېلىشتى. بۇنى سەزگەن كەينىدىكىلەر ئۇلارغا قاراپ بىر ئىش بولغىنىنى تۇيۇپ بولدى. تايىر ئەجەپلىنىپ ئىككىسىدىن سورىدى:

- نىمە بولدى ، نىمىگە تۇرىسىلەر؟

ئۇلاردىن سادا كەلمىدى. تايىرنىڭ ئاستا ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى.

- نىمە بولدىڭلار ؟- تايىر كارۋاتقا قادالغان ئىككىسىدىن يەنە سورىدى .

- مۈ…شۈك … مۈشۈك تۇرىدۇ،- سەمەت دۇدۇقلاپ گەپ قىلغاچ بىگىز بارمىغى بىلەن كارۋاتنى كۆرسەتتى . مۈشۈك دىگەننى ئاڭلاپ تايىرنىڭ يۈرۈگى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئۇ قول چىراقنى كارۋاتقا سالدى. لېكىن كارۋاتتا ھېچ نىمە كۆرۈنمەيتتى.

- ئوغلاقكەنغۇ ،- دىدى تۇرغۇنمۇ كۆزىنى قىمىر قىلماي ، ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تىتىرەپ چىقتى. ھېچنىمىنى كۆرەلمىگەن تايىر بۇ ئىككىسىنىڭ نىمە داۋاتقىنىنى چۈشەنمىدى.

- نىمىنى داۋاتىسىلەر ؟- دىدى ئۇ ھۇدۇقۇپ ،-مەن ھېچ نەرسە كۆرمىدىمغۇ؟ ،-ئۇ بۇ ئىككىسىنىڭ گەپلىرىدىن چۆچۈپ قالغانتى.

قىزلارمۇ بۇ غەلىتىلىكتىن ھەيران بولۇپ ئۆي ئىچىگە قاراشتى لېكىن ئۇلارمۇ ھېچ نەرسىنى كۆرمىدى .

- مۈشۈكمۇ ، ئوغلاقمۇ ،- دىدى تايىر .

- سېرىق ئوغلاق ،-دىدى تۇرغۇن .

- قارا مۈشۈك ،- دىدى سەمەت.

تۇيۇقسىزلا ئۇ ئىككىسى قۇرقۇپ كەينىگە ئاستا چىكىنگەندەك قىلدى .

-يەنە نىمە بولدى ؟- دىدى تايىر ئىككىسىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن تىتىلداپ .

- ئۇ نەرسە دەرىزىدىن چىقىپ كەتتى ،- دىدى سەمەت تامدەك تاتارغىنىچە.

- سىلەر كۆرگىنىڭلار نىمىكەن ، بىرىڭ مۈشۈك ، بىرىڭ ئوغلاق دەيسەن زادى نىمە ئۇ؟ ،- دىدى دىلبەر چۈشەنمەي.

تايىر بۇ ئىشنى بىلىپ بولغانتى شۇڭا ئۇ بۇ ئەھۋالنى پەرەز قىلدى :

- ئۇلار چوقۇم جىننى كۆردى ، ئۇ ئادەمگە ھەرخىل ئادەم ، ھەرخىل ھايۋانلار سىياقىدا كۆرىنىدۇ ، بۇلارغا ئىككى خىل شەكىلدە كۆرەنگەن گەپ .

تايىرنىڭ ئۇ جىن دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ گۈزەلنۇر بىلەن دىلبەرنىڭ كۆزلىرى يۇغىراپ كەتتى .

- ئەمدى جىن باركەن دىگىنىمگە ئىشەنگەنسىلەر ،- دىدى گۈزەلنۇر سەمەتكە قاراپ ، - مانا بىزنىڭ يېنىمىزدىلا يۈرۈيدۇ ، بۇ قانداق جايدۇ ؟ بىز جىن - ئالۋاستىلار ئۇۋۇسىغا كىرگەن ئوخشايمىز .

باشقىلار گەپ - سۆز قىلىشمىدى ، ئۇلار سۇ تېمىتىپ ئىسكەندەرنى ھوشىغا كەلتۈرۈشتى .لېكىن ئۇ ئىسىنى يوقاتقاندەك ئۈن - تىنسىز ياتاتتى .

- بايا نەگە باردىڭ ؟- سورىدى تايىر مۇلايىملىق بىلەن ،- بىرەيىمىزنىمۇ ھەمىرا قىلماي سىرتقا مېڭىپسەن.

ھەممىسى ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇ ئۆيگە بېرىپ ھوشسىز ياتقىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ئالدىراۋاتاتتى. ئىسكەندەر بىردەم ياتقاندىن كىيىن تۇيۇقسىز چۆچۈپ ۋاقىردى :

- مەن نەدە؟ مەن قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىم ؟-ئۇ بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالغاندەك قىلدى ،- …موماي … جىن … جىن ،جىن باركەن ،- ئۇ شۇنداق ئالاقزادىلىك بىلەن قارايتتىكىن، ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭ تۇرقىدىن چۆچۈپ كىتىشتى.

سەمەت ئۇنى تېچلاندۇرماق بولۇپ :

- خاتىرجەم بول ، بىز بار قورۇقما ،- دەپ يېنىغا بېرىشىغا سەمەتتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇندى.

ئۇنىڭدىكى قۇرقۇنىشتىن تەر شارىلداپ قۇيۇلاتتى، ئۇ سەمەتتىن داجىپ:

- سەن جىن … جىن … بۇ جىن …،- دەپ ۋاقىرايتتى.

تايىر ئۇنى قۇچاقلاپ تۇتىۋالدى:

- ئۇ سەمەت شۇ ، جىن ئەمەس قورۇقما … ئۇ سەمەت .

بۇ چاغدا گۈزەلنۇر بىر قاچا سۇ ئېلىپ كەلدى ، ئىسكەندەر سۇنى تىن ئالمايلا ئىچىۋەتتى. چۈنكى بۈگۈنكى ۋەھىمە ئۇنى ھەقىقەتەن ھالسىرتقان ئىدى ،ئۇ سۇنى ئىچىپ بولۇپ بىر ئاز سەگەكلەشكەندەك بولدى ، ھېچقايسى ئۇنىڭ تېنىچلىنىۋېلىشىنى كۈتۈپ گەپ قىلمىدى .

- سېنىڭ سىرتقا ماڭغىنىڭنى كۆرگەنتىم ؟- دىدى ئۇ پەس ئاۋازدا سەمەتكە،- چاقىرىپمۇ توختىتالمىدىم .

ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەممىسى ھەيرانلا قالدى.

سەمەت: - مەن ھېچ يەرگە بارمىدىمغۇ ، يېنىڭدا ئۇخلىدىم. بىر چاغدا تايىر چاقىرىپ سېنى سەمەت دەپ چاقىرغان پېتى يۈگۈرەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى دىدى بىز ھەيران بولۇپ سېنى ئىزدىدۇق ،- دىدى چۈشەندۈرۈپ .

- مەن سېنى شۇنداق ئېنىق كۆرگەن تۇرسام ، ئەمىسە ئۇ كىم ؟- دەپ سورىدى ئۇ ئىشەنمەي ،- ئۇنداقتا ئۇ … ھېلقى … جىن … موماي … ،- ئۇنىڭ بەدەنلىرى غۇژژىدە قىلىپ قالدى ،ئۇ ئەمدى چۈشەنگەنتى .

- نىمە موماي ، نىمىنى داۋاتىسەن ؟- دەپ سورىدى تۇرغۇن چۈشەنمەي ،- نىمانداق چۈشىنىكسىز گەپ قىلىسەن ؟ ئىسكەندەر بايىلا بىشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنۇچلۇق ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى ، ئۇلار ئاڭلىغانچە جىددىيلىشىشكە باشلىدى . دىلبەر بىلەن گۈزەلنۇر تېخىمۇ قورقۇپ تىتىرەپ كەتتى .

- ئەسلى مۇنداقكەندە ،- دىدى تايىر ،- سېنى جىن سەمەت سىياقىغا كىرۋېلىپ ئازدۇرۇپتۇ .

- بۇ مۇمكىنمۇ ؟ مەن ئىسكەندەر بىلەن بىر يەردە تۇرسام ئۇ قانداقلارچە مېنىڭ سىياقىمدا ئازدۇرغاندۇ ؟- بۇنىڭغا سەمەت ئىشەنمىدى .

- ئۇ كۆزىڭنى باغلايمەن دىسە باغلاپ سېھىرلەۋېردۇ ، سەن نىمىنى بىلەلەيسەن ،-دەپ تۇرغۇنمۇ تايىرنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى .

- بولدى قىلىڭلارچۇ ،-دىدى گۈزەلنۇر يىغلامسىرەپ ، - توختىماي ئۇچۇراۋاتقان جىن ئازدەك يەنە جىننىڭلا پارىڭىنى قىلىدىكەنسىلەر ،ئادەم قورقۇپ ئاران تۇرغاندا .

ئۇلار جىمىلىشتى . ئاي نۇرى كىچىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇراتتى ، شۇنچىلىك يورۇق ئايدىڭ كىچىدىن بىر خىل ۋەھىمە ، بىر خىل سۈر كىلىپ تۇراتتى ، ئىگىز - پەس قۇرۇلۇشلار كۆلەڭگىلىرى بىلەن قوشۇلشۇپ شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە كۆرىنەتتى . تايىرلار شۇ خارابىلىكنىڭ كىچىككىنە بىر تۈشۈكىدە ، ئۈن - تىنسىز ئۇچۇراۋاتقان، بولىۋاتقان ، كۆرىۋاتقان ئىشلارنى خىيال قىلماقتا ئىدى .

- ھەممىمىز بۆلۈنمەي ، بىرىمىز كۈزەتسەك باشقىلار ئۇخلاپ تاڭ ئاتقۇزايلى ،- دىدى تايىر جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .

- ئىككىيلەندىن تۇرايلى ، ئاۋالقى كىچە قانداق ئىشلار بولغىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ - دىدى تۇرغۇن دەرھاللا.

ھەممىسى بۇنىڭغا قوشۇلۇشتى . كىچە شۇنداق قىلىپ تېچ ئۆتتى، ئەتىسى ئەتتىگەندە ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىر ئاز ھەركەت قىلغاندىن كىيىن ناشتا قىلغاچ تېرىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىشتى .

- بۇنىڭغا قانداق سېھىر ئىشلەتكەندۇ ؟- دىدى تۇرغۇن ،- قان سۈمۈرسە ئىچىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلايدىكەن. - مەنمۇ شۇنى دىمەكچىدىم ، ئۇنىڭغا نىمە پۈتۈلگەندۇ ، بەكلا بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ ، شۇنى ئويلاپ كىكىرتىگىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدىغۇ ، - دىدى تايىرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ خەرىتىگە قارىغاچ.

- تۇققان بوپ قالغاچقا مىھىرىڭىزنى ئۈزەلمەيۋاتىسىز ،- دەپ چاقچاق قىلدى گۈزەلنۇر ،- قېنىڭىزدىن ھاياتلىققا ئىرىشتى ئەمەسمۇ ئۇ .

بۈ گەپتىن ھەممىسى كۈلۈشتى .

- بۇ خەتلەر ھەممىسى خەنزوچىكەن ، ئەمدى بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىشىڭلار كىرەكتە- ، دىلبەر تايىرنىڭ تەقەززا بولغىنىغا قاراپ چىدىماي خەتنىڭ قىشىغا باردى . - شۇ خەنزوچە چوڭ خەتلىككەن ، بۇنى قانداقمۇ تولۇق تەرجىمە قىلارمىز ، گۈزەلنۇر ئىككىمىزلا چوڭ خەت تونىمىساق ، - دىدى خەتكە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ.

- ئەمىسە بۇ بىر قۇرۇق نەرسە بولۇپ قالغۇدەكتە ،- دەپ تۇرغۇنمۇ كەلدى .

- نىمە ئامال ، كىم سىلەرنى مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىمىسۇن دەپتۇ ،- دىلبەر چاقچاق قىلدى .

ھەممىسى خەتكە قاراپ ئىچى تىتىلدىدى ، ھەقىقەتەن دىلبەر دىگەندەك ھېچقايسىنىڭ بۇ خەتنى تەرجىمە قىلغۇدەك ئىقتىدارى يوق ئىدى ، بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كىيىن گۈزەلنۇر خوشاللىقتا ۋاقىراپلا سەكرىۋەتتى .

- ئامالى بار ، ئامالى بار بولدى .

- نىمە ئامال ؟- ھەممىسى تەڭ دىگۈدەك سوراپ ئۇنىڭغا قاراشتى

.ئۇ تىلفۇنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : - بۇنىڭدا لوغەت بار ئىدى ، ئۇنتۇپتىمەن . ھەممىسى خوشاللىقتا ۋاقىرشىپ كەتتى .

- كىمنى خىيال قىلىپ ئۇنۇتقانسىز ،- دىدى تۇرغۇن چاقچاق قىلىپ ،- ئەمىسە ئىشنى باشلايلى ، بۇ ئەبلەخنىڭ سىرىنى ئاچايلى . بۇ خەتكە نىمە سىر پۈتۈلگەندۇ ؟ بۇلار نى يەنە قانداق خەتەر ساقلاۋاتىدۇ ؟

قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز داۋامىدا بولسۇن .






1284 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:42:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ