دۇستۇمنىڭ قاتىلى-كىم؟ (5-قىسىم)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
دۇنيا -رەڭگارەڭ بۇلىدۇ دەيمىز،ئۇنداقتا قىسمەتنىڭ رەڭگى قانداق؟قاپقارا قىسمەت يالماپ كەتىمۇ بۇ ئىككى جاننى، ئۇلارنىڭ ئىچىنشلىق ئۆلىمگە كىملەر سەۋەپچى؟جاھاندا يەنە كىملەر كىملەرنىڭدۇر قىستىشى بىلەن گۇزەل ھاياتىنى ۋاقىتسىز ئاخىرلاشتۇرۋاتىدۇ،؟ رەھىمسىز دۇنيا دەپ جار سالىمىز شۇ رەھىمسىزلىكە يەنىلا ئىنسانلار ئۆزىمىز سەۋەپچى ئەمەسمۇ؟كىم كىمگە چىن قەلبىدىن مىھىرىنى بىرىپ باقتى،كىم كىمنى خۇددى ئۆزنى سۆيگەندەك سۆيۇپ باقتى،؟ئەزىز قىرىنداشلىرىم ئىنسانلار ئەڭ مۇھتاج نەرسە مال دۇنيا،،،،ئەمەس بەلكى مىھىر مۇھەببەت بىر قىرىندشىمىز ئازاپلانسا ھەمىمىز ئۇنىڭغا مىھرىمىزنى بىرەيلى،دۇستۇم ئازاپ چەككەندە كىم ئۇنى ئىللىق باغرىغا باسقاندۇ؟بەلكىم ھىچكىم ئۇنداق قىللالمىدى ھەم قىلمىدى
شۇنداق ئاچچىق ھەسرەتلەردىن تۇلغۇنۇپ ئۆيۇمگە يىتىپ كەلدىم ھەم تۇنجى قىتىم ئاپامغا ئۇنلۇك ئاۋازدا:
ئاپا ماڭا ھەمىنى دە دۇستۇم ئەمەس ئۇنىڭ سەبىي بالسمۇ ئۆلۇپ كىتىپتىغۇ -دىدىم ھەم تۇ ختىماي يىغلىدىم ئاپام ئىشىنى قۇيۇپ مىنى باغرىغا مەھكەم باستى
-بۇلدى ئۆزڭنى تۇتۋال قىزىم مەن دەي ھەمىنى دەپ بىرەي،،،،مەن سەل پەسكۇيغا چۇشتۇم ھەم ئاپامنىڭ باغرىدىن ئۆزمنى تارتىپ جايىمدىلا ئۇلتۇرۇپ قالدىم،ئاپام مەندىن ئەنسىردىمۇ قۇلۇمنى تۇتۇپ يىنىمدا ئۇلتۇردى،
-قىزىم ئەسلى بۇ ئۆلۇمنى ساڭا دىمەيلى دىگەن ئەمما كىيىن مىنى ئەيىپلىشڭدىن ئەنسىرەپ دۇستۇڭ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئادديلا خەۋەر قىلغان،سىنىڭ بۇنداق تىز يىتىپ كىلشڭنى ئۇيلىماپتۇق،سەن بەك ئەركە چۇڭ بۇلغان بۇگۇنگە قەدەر بىرەر ئىغىر زەربىگمۇ ئۇچىراپ باقمىغان،ئەمما دۇستۇڭنىڭ ھا اياتى ئۇنىڭ ئەكىسچە شۇڭا سىنى دۇستۇڭنىڭ ئىچىنشلىق ئۆلىمگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ دەپ ئۇيلىغان،ئەمدى مەن دەي ئەمما سەن ئۆزڭنى قاتتىق تۇتۋال،بۇھايات شۇنداق ھايات قىزىم كۇلگەنلەرگە دائىم خۇشالىق ئۇچىراپ تۇرىدۇ،يىغلىغانلارنىڭ تۇرمۇشىدمۇ خاپىلىق كام ئەمەس،،سەن چۇقۇم بۇ رئىالىقنى تۇغىرا قۇبۇل قىل،مەن ھەمىنى دەپ بىرەي،ئەمما سەن ھاياتىڭدا شۇنداق بىر دۇستۇڭنىڭ بۇلغانلىقنى ئۇنتۇپ كىتشىڭ كىرەك،
مەن ھەيران قالدىم:
-بۇ نىمە دىىگىنىڭ ئاپا،ئۇنتۇش شۇنچە ئاسانمۇ ساۋاقداشلىق مىھرىنى دىمگەندىمۇ ئۇمىنىڭ بىر يۇتقاندا يىتىپ بىر تال نەرسە تاپساق تەڭ يەپ چۇڭ بۇلغان دۇستۇم ئۇنى كىيىن ئىزدىيەلمىگىنىم راس بۇنىڭ ئۇچۇن پۇشايمان قىلىمەن ئەمما بۇندىن كىينكى ھاياتىمدا دۇئالىرىمدا خىيالىرىمدا ئۇنى ياد ئىتىپ ئۆتىمەن-دىىدىم،ئاپام مىنى قايىل قىلالمايدغانلىغنى بىلدمۇ جىم بۇلدى،
-دىگىنە ئاپا زادى نىمە بۇلدى،دىىدىممەن تەققازا بۇلۇپ ئاپام قۇلۇمنى تىخمۇ مەھكەم تۇتۇپ ھىكايىسىنى باشلىدى
مەن باشتىن دەپ بىرەي، بالام
-دۇستۇڭ سەن ئۇقۇشقا كەتكەن يىلى ،نىمىشقىكىن بىر تۇي قىلىپ ئاجىراشقان ئۆزىدىن ئۇن نەچچە ياش چۇڭ بىر باي سۇدىگەر بىلەن تۇي قىلدى،ئۇنىڭ تۇي خەۋىرنى ئاڭلاپ باردىم،ئۇ تۇيىدا شۇنداق ئىچىنشلىق يىغلىدكى تۇي تەنتەنسى دەپ كۇلۇپ بارغانلارنىڭ ھەمىسى يىغلاپ قايتى،ئۇنىڭ يىغىسنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم بىلمىدى،
ئاپامنىڭ سۆزنى ئاڭلاپ دۇستۇمنىڭ ئارزۇسى قۇلاق تۇۋىمدە جاراڭلىدى
-كىيىن-دەپ گەپ باشلىدى ئاپام خىيالىمنى بۆلۇپ-ئۇنىڭ ئۇغۇل پەرزەنىت كۇرگەنلىكىنى ئاڭلاپ يۇخلاپ باردىم ئۇ شۇنچە غەمكىن يالغۇز ياتاتى،مىنى كۆرۇپ سۇلغۇن چىرايىغا كۇلكە يۇگۇردى،مىنى قۇچاقلىۋلىپ خىلى بىر ۋاقىچە يىغلىدى سىنى بەكمۇ سىغىنغانلىقنى دىدى،مەن شۇ كۇنى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆگەيلىكىنى ئاپىسىنىڭ ئۆگەي دادسىدىن قۇرقۇپ ئۇنى ئۆيگە ئەكەتمگەنلىكنى بىلدىم،ئۇ تۇغۇپلام ئۆزز ئۆيىدە ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىۋىتىپتۇ،ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىلىرىم سىيرىلىپ كەتتى ھەم
-قىزىم تۇغۇت بەك نازۇك ئىش ياخشى كۇتۇنمسڭىز بۇلمايدۇ مەن ئىلىپ كىتىپ ئۆيۇمدە باقاي دىدىم،ئۇ گىپىمدىن تەسىرلىنىپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى ھەم خىجىل بۇلدمۇ مەن بىلەن كەتكىلى پەقەتلا ئۇنىمىدى،شۇ چاغلاردا سەن كۆزۇمگە كۆرنۇپ كەتتىڭ،سەن چۇڭ شەھەرلەردە ئۇيناپ ئۇقۇپ يايراپ يۇرۋاتقان كۇنلەردە ئامراق دۇستۇڭ كىچىكىنە تۇرۇپ ئانا بۇلۇپ يەنە تىخى تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۇچىكىنى تىتپمۇ ئۇلگۇرۇپتۇ،مەن ئۆيگە كىلپمۇ نەچچە كۇن يىغلىدىم ھەم كىيىنكى كۇنلەردە بۇ ئىشلارنى ساڭا دىمىدىم پەقەت دۇستۇڭ شۇنداق ياخشى تۇردى دەپلا سىنى خاتىرجەم قىلدىم
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۇپ كەتتى تۇرمۇش ئۆز رىتىمى بىلەن داۋام ئىتىۋەردى دۇستۇڭمۇ كەلمىدى مەنمۇ ئىزدىيەلمىدىم،ئۇ ئەسلىمەمدىن كۆتۇرلۇپ كەتكەن بىر كۇنى خۇددى ۋىرۇستەكلا دۇستۇڭنىڭ ئىشلىرى پۇتۇن مەھەلىگە تارقالدى،شۇ چاغدىلا ئۇ قايتىدىن ئىسمگەكەلدى
تىز دىگىنە ئاپا دۇستۇمغا نىمە بۇپتۇ،،،،
ئۇ،،،ئۇ دىدى ئاپام دۇدۇقلاپ،،،،،،،،،
ھىكايىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سىلىڭ!!!
900 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-1 20:14:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|