بۇ دادا كىمنىڭ (ھىكايە)1 - قىسىم

بۇ دادا كىمنىڭ 

 

(ھىكايە)1 - قىسىم

 

چەشمە

 

 دوختۇرخاندا داۋالىنۋاتقان ھاممامنى تېخچە يوقلاپ بولالمىغنىم ئۈچۈن ،دادامدىن بولۇشغىچە دەككەمنى يەپ ،بۈگۈن ئەتتىگەندىلا دوختۇرخانغا كەلدىم ،مىنى كەلگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولۇپ كەتكىننى كۆرۈپ بالدۇرراق كەلمىگىنىمگە پۇشايمانمۇ قىلدىم ،ھاممام بىلەن ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ،ئۇ كىچكىمدە مىنى باققانلىرى ،مىنىڭ كەپسزلىكلىرىم توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرۋاتقاندا ،چىدىغۇسز دەرىجىدىكى سېسىق پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ بۇ ئۈچ كىشلىك كىسەل ياتىقىنىڭ ئىچىنى بىر ئالدى،ھاياجانلىنىپ سۆزلەۋاتقان ھامماممۇ تىنىقىغا قۇشۇلۇپ سۈمۈرۋاتقان بەتبۇي پۇراقنى سەزدى بولغاي ،ئىككى قوللاپ ئېغىز بۇرۇننى كاپلا قىلىپ ئەتتى، نارازىلىق ئەيپلەش نەزىردىكى جۈپ كۆزلەر بىر -بىرگە (قاملاشمىغان ،كىم ئۇ ،ئادەم شۇنداق جىق تۇرسىمۇ خىجىل بولماي گاز قويۋەتكەن ،)دىگەندەك ئۆزئارا سۇئال قۇيۇشۇپ بىر-بىرگە قارشىپ ،ئاشۇ ئەدەپسز گاز قويغۇچىنى ئىزدەشتى ، پۇراق تېخىمۇ كۈچەيدى،،،،ئىشىك -دېرىزلەر ئېچىۋىتلگەن بولغاچقا ،باشقا ياتاقتىكى بىمارلارنىڭ نىمە پۇراق بۇ ،نىمانداق سېسىق) دىيىشكىنچە ئشىكلىرنى جالاقلىتىپ يېپشلىردىن بۇ پۇراقنىڭ باشقىلارغىمۇ پۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.ھاممام ياتقان كىسەلخاندىكى بىمارلار سۆڭەك ئېغىر زەخمىگە ئۇچۇرغانلا بولغاچقا ،ئورنىدىن قوزغىلالمايتى ،ھاممامنىڭمۇ بەل سۆڭىكى زەخمىلەنگەندى . توساتتىن دىققىتىمنى چەتتىكى كارۋاتتا ئاسمانغا قاراپ ياتقان ئەر بىمار تاتتى ،50كە يېقىنلىشىپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتكەن، كەينى -كەينىدىن ئۈزۈلۈپ چىققان يېشى بوينلىرىنى ھۆل قىلۋەتكەن بۇلۇپ ،ئاستىنقى لېىۋىنى چىڭڭىدەچىشلگەن، مۇشتلىرى تۈرلۈپ تىترەۋاتقان ھالىتىدىن ،ئىنتايىن خىجىللق ۋە بىئاراملىق ھېسقىلىپ،قىينىلۋاتقانىلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.ئۆزەمچە ھەيرانلىق ۋە گۇمانىي نەزىرم بىلەن قاراپ تۇراتتىم،ئارقىدىنلا تېخمۇ ھەيران قالارلىق ئادەمنىڭ غەزىپنى تاشتۇردىغان ئىش يۈز بەردى،،،

ھاممام بۇ ئەر تەرەپكە بىر قارۋەتكەندىن كىيىن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى دە،مىنى ئشارە قىلىپ يېنغا چاقىرىپ قۇلىقىمغا بۇ ئادەمنىڭ ياتاق سرتىدا تۇرغان ئوغۇللىرىنى چاقىرشىمنى ئېيتتى. سىرتتا يامان ئەمەس كىيىنۋالغان ،بىر قاراشتا خېلى ساپالىق مەدەنىي كۆرۈندىغان ئۈچ ياش يىگىت قاتارى تۇراتتى ،ئىچىدىكى بىزارلىق تېشغا تەپكەن بولسا كېرەك ،چىرايدىكى ئالامەتلەر بەكلا ئېنىق ئىدى،ئۇلارنى چاقىردىم ،بىرىنچى بولۇپ ياتاققا كىرگەن ئوغلى (نىمانداق سېسىق )دىگىنچە ئېغىزنى تۇتۇپ چىراينى پۇرلىشىپ كەتكەن ئەسكى لاتىدەك بىر قىسما قىلىپ ،جايدا بىردەم تۇرغاندىن كىيىن دادسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى،قالغان ئىككىسىمۇ جاننى ئالدىغان زەھەرنى سۈمۈرۋالدىغاندەك ئېغىزلىرىنى چاپانلىرى بىلەن توسۇپ كىرشتى، ئەر لىققىدە ياش تولۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن بۇ ئۈچ ئوغلىغا خىجىللق ، يالۋۇرۇش ئۆتۈنۈش ئىلكىدە تىكىلدى.ئەڭ ئالدىدا كىرگەن ئوغلى دادىسنىڭ يوتقىننى سەل كۆتۈرۈپ بەل تەرىپگە بىر قاراپلا ھۆ)دىگىنچە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى،ئەمدى ھەممە ئش ئايان بولدى شۇ ئارىدا ھاممام ماڭا ئۇ ئادەمنڭ پۈتۈن بەدىنى پارالىچ بولۇپ ،كىچىك ئوغلىنى قۇتقۇزمەن دە پ قاتناش ۋەقەسگە ئۇچراپ شۇنداق بولۇپ قالغىننى، گەپ قىلالماس بولۇپ قالغىلى يېرىم ئايغا يېقىن بولغانلقىنى ،شۇنىڭدىن كىيىن ،بەزىدە ۋاقتىدا قاراپ تۇرمىغاچقا تەرىتىنى تۇتالماي قالدىغانلىقىنى ،بىرمۇ قىزى يوقلىقىنى ،ئايالى بالدۇرلا قازا قىلغاچقا ،بۇ ئۈچ ئوغلىنى بىر قوللۇق چوڭ قىلىپ ئوقۇتۇپ ،ئۆيلۈك-ئوچاقلى ق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ،دادا ئۈنسز ياش تۆكمەكتە ،كۆز ئەتراپى قىپقىزىل بولۇپ ياشلىرى توختاي دىمەيتى ،شۇ تاپ بۇ دادىنىڭ مۇرەككەپ ھېسياتىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلۋاتاتىىم،كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمغىنچە ئۆز دۇنياسدا ئىزتىراپ چىكىۋاتقان بۇ دادا نىملەرنى ئويلاۋاتقاندۇ،،تەستە ئاچقان يوتقاننى تۈزلەپ يېپپىپمۇ قويماستىن كۆڭلى ئېلىشىپ چىكەتكەن ئوغلىدىن جاپا سالدىم دەپ كەچۈرۈم سوراۋاتامدىغاندۇ ،،ياكى ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ قىلغان ئوغۇللىرنىڭ ،ئەمدىلىكتە ئۆزى يىقىلىغاندا كۆرسەتكەن ۋاپادارلىقى باغرىنى ئەزدىمۇ،،،ۋەياكى بۇ ئازاپ خورلۇققا چىدىماي ئەزرائىلنى چىللاۋاتامدۇ،،،،،،

دادىنىڭ شۇ ھالەتتەياتقىنغا بىر سائەت بولاي دەپ قالدى،،تۈۋرۈكتەك ئۈچ ئوغۇل بىر قولدا چاپىنى بىلەن ئېغىز بۇرنىنى ئەتكىنچە دادسنى قوغداپ قاراپ تۇراتتى ،ھەممىمزنىڭ بىر قولىدا ئېغىز-بۇرنىمىز ئتىگلىك ،پۈتۈن بەدىنى ئشلىمىگەچكە ،شۇ دادىلا بۇ بىئارامچىلققا چىداشقا مەجبۇر ئىدى،،،،،مەن ئۆز دادىسنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ ئازابىنى شۇ تاپتىكى موھتاجلىقىنى بىلمەسكە سېلۋالغان ئاسي،مۇناپىق ،تۇزكور بۇ ئۈچ ئوغۇلغا قاراپ ،ئۆزەمنى تەستە تۇتۋالدىم ،،ئەگەر ئوغۇل بالا بولۇپ قالغان بولسامچۇ ئاچچىقىمدا تۈرگەن مۇشتلىرىم كىرشىپ كەتكەن ئىدى،شۇ ئارىدا 23 ياشلار ئەتراپىدىكى سىن- سىپاتىدىن توي قىممىغىنى بىلىنپلا تۇردىغان ،غۇنچە بوي سېسترا قىز كىردى ، بەتپۇي پۇراق ئۈنىڭغىمۇ تەسر قىلدى بولغاي،نىمىش بولغىننى سوراپ بىلگەندىن كىيىن ،بىمارنىڭ ئالماشتۇردغان لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاپ ،ئەرنىڭ يېنىغا كەلدى ،يوتقاننى ئاچقاندىن كىيىن ،ھېچنىمىنى كۆرمىگەندەك ،ھېچنىمە تەسر قىلمىغاندەك ئەرنىڭ ئاستىنى تازلاشقاباشلىدى ،،،،مەن بىمارنىڭ ئوغۇللىرىغا قاردىم ،سېسترا قىز تازلىسا ئۇلارنىڭ بىئارام بولۇپ كەتكىننى قانداق قىلاي ،،،قىز ۋەزىپىسنى تۈگەتكەندىن كىيىن ھېچ ئش بولمىغاندەك چىقىپ كەتتى ،،،دادا ئۆزىنى تۇتالماي شۇنچىلىك ئاچچىق ئڭردىكى ،ئاڭلىغان ئادەم قوقاسقا چۈشكەندەك تولغىنىپ كىتەتتى،،،ئۇ ئەمدى چىدىمىدى بېشىنى ئىككى تەرەپكە تاشلاپ قېقىلىپ يىغلاپ كەتتى ، ئاھ دادا !!! مانا كۆر ،بالام بالام دەپ تۈگەتكەن پۈتۈن ئۆمرىڭنىڭ ساڭا بەرگەن شاپائىتمۇ ياكى جازاسىمۇ بۇ ! ،،

ھاممام بىلەن خوشلۇشۇپ مەكتەپكە قايتتىم، چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارملىق ئىچدە پىيادىلەر يولنى بويلاپ كىلىۋاتمەن ،كۆز ئالدىمدا بىر نەچچە سائەت ئالدىدا يۈز بەرگەن ئش پەيدا بولۇپ ،ئاراممنى بۇزاتتى ، تېخى توي قىلمىغان ،يۈزى ئېچىلمىغان بىر قىزنىڭ خىزمەتنىڭ تەلپى ۋەزىپسى ئۈچۈن ،دادىسدەك بىر ئادەمنىڭ ئاستىنى قۇرققداپ ،كىيمنى ئالماشتۇرشى ،،ئۆزلىرى تۇرۇپ يات بىر قىزنىڭ دادسنىڭ ئايقىغا ئۆتۈپ ،كىيمىنى سالدۇرۇپ ئالماشتۇرۇشنى نۇمۇس ھېس قىلىش تۈگۈل ،ئېغىز بۇرنىنى مەھكەم ئىتىپ ،ئاران چىداپ تۇرغان شۇ ئۈچ ئوغۇل بالا ،تىرىك تۇرۇپ نۇمۇستىن ئۈلىۋاتقان ،قان -تەرىنى سڭدۈرۈپ ئۆستۈرگەن ،ئاتىسمۇ،ئانىسمۇ ئۆزى بولغان ، زور ئۈمۈدلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ،كۆزى ياشلىنىپ يۈرىكى قانغان دادا ،،،،بولۇپمۇ دادىسنىڭقىزى دىمەتلىك ياش سېسترا قىزنىڭ يوتقىننى قايرىغىننى كۆرۈپ، ئۆلگۈدەك خىجىلچىلقتا نېرىدا قاراپ تۇرغان باللىرغا كۆرستىپ تۇرۇپ (ياق)دەپ باركۈچى بىلەن بېشنى ئىككى تەرەپكە تاشلىغىننى كۆرمەسكە سالغان شۇ ناكەسلەرنى ئويلىسام،يۈرەك سوقۇشۇم تىزلىشىپ ،ئاچچىقتىن نەپەسلىرىم بۇغۇلۇپ كىتىدۇ،، قايسى بىرىمىز ئاستمىز ھۆل بولماي چوڭ بولغان،،،ھۆلنى قۇرۇق قىلىپ جان -تىنىمىزگە راھەتلىك بەرگەن شۇ جۈپ قوللار كىمنىڭ ئىدى؟ ؟؟ دەيدىغنىم شۇكى ،دادام ھەم دادىلىرىمىز سالامەت بولغاي، بىز پەرزەنتلەر بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىمىزغا قەرىزدارمىز ،ئۆزىڭىزنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكڭىزنى ئېسڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ ھەم يەنە بىر ئۆمۈر قۇربانىڭىز بولغان بۇ دادا كىمنڭ دادىسى ئىكەنلىكىمۇ يادىڭىزدا بولسۇن،،،ئەينەككە قاراپ بېقىڭ چىرايىڭىزدىكى قايسى ئەزالاردىن سز ئۇنىڭ سىماسنى كۆرۋاتسز ،،بۇلارنى سزگە بىر ئۇلۇغ ئىنسان ،يەنى ھەربىر تىنقى ھەربىر قەدىمدە بالام دەپ ،جېنى بىلەن قوغدايدىغان دادا بەرگەن ،زۆرۈر بولسا يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بىرىشكىمۇ رازى بولدىغان دادا بەرگەن ،سز يۈز قېتىملق كۆڭۈل ئاغرىقى بېرىپ بىر قېتىم كۈلدۈرسىڭىز ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان دادا بەرگەن، ھېرىپ ئۆلەر ھالەتكە كەلسىمۇ سزنى كۆرشى بىلەن جېنىغا جان قۇشۇلدىغان دادا بەرگەن، بىر ئۆمۈر قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاپ ،سز ئۈچۈن يەر سۆيگەن دادا بەرگەن،ئىززەت -ھۆرمىتنى جاندىن ئەزىز بىلىپ ،يەنە سز ئۈچۈن ئۆزگىلەرگە ئگىلگەن دادابەرگەن ،پاك ۋە ساپ نىيەتلىك ئادەم بولسۇن دەپ ،جاپا چەكسىمۇ ھالاللىق بىلەن ھاياتىنىڭ قىممىتىنى يارتىپ سز ئۈچۈن يولباشلىغۇچى بولغان دادا بەرگەن، ئۇنداقتا بۇ دادا كىمنىڭ،،،،،،،،،،،

داۋامى بار.....





1311 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 16:40:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-22 16:46:00 Rain
hazirki sestiralar undak kilmaydu xu yere baxkiqirak yezelsa boptikan yaki asardiki man xu exni kelep yezelgan bosa baxka jaylireni manmu xundak yakturdum yahxi asarlarni wujutka qekrixigezga tilakdaxman
2015-9-4 11:44:19 adila
bak tasirlikkan
2015-8-24 10:09:29 خ.چەشمە
بارچە ئ‍ەزىزلىرىمگە رەھمەت ئ‍ېيتىمەن ،دىگىنىڭلار كەلسۇن دوستلۇرۇم. خ.چەشمە
2015-8-21 16:11:16 قاراقاش
ئەسەردىن بەكلا تەسىرلەندىم ،ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. يازغۇچىنىڭ قولىغا دەرت بەرمىگەي!
2015-8-20 22:22:35 تاڭنورەم
بەك ياخشى تەسىرلىك چىقىپتو
2015-8-20 17:04:41 tan ha
bu timining tarbiyiwi kimmiti yukirikan rahmat sinarist
2015-8-20 8:08:03 مۇبارەك
مەن بۇ ئ‍ەسەرنى بەكلا ياختۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ